2008年12月6日

مەن ھەقىقى ئۇيغۇر تۈرك

مەن مەغرۇر قىياپەتتە تۇرۇپ، دۇنياغا شۇنداق جاكالايمەنكى: مەن ھەقىقى تۈرك ! تۈرك بولغاندىمۇ پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئىپتىداسىدىكى ئۇيغۇر تۈركمەن !
ئىپتىدائى ئىنسان تۇركۈملىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا : مەن << تۇران زىنۇلىرى>> - تۇران تىل سېستىمىسى، تۇران ئېرقىغا تەۋە تۇران تىپىدىكى ئىنسان تۈركىمىمەن . مېنىڭ ئېرقى ۋە تىل لەۋھەسىمگە تارىم ۋە چوڭئار(جۇڭغار)نىڭ ئالتۇن تامغىسى بېسىلغان. بۇ ئالتۇن تامغا دەل مورگان ئېيىتقان: << ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى تارىم ئاستىغا كۆمىلگەن >> بىلەن تامامەن بىردەك. بۇ ئالتۇن ئاچقۇچنىڭ گۆھەرقۇلۇبى دەل تۇران يىلتىزى ئاساسىدىكى تۈركىي مىللەتلىرى مەدەنىيىتىدۇر . شۇ مۇناسىۋەتتە << تۇر>>، << تۇران>>،<< تۈركىي>>، << ئۇيغۇر>>، << ساك>>، << ھون>> مېنىڭ چەكسىز ئىپتىخارىمدا...... مەن << تۇر>> سالاھىتىدە: ئۆز ئانا تۇپرىقىمنىڭ مەڭگۈلىك خوجايىنىمەن... << تۇران>> يەنى << تۇرئانت>> سالاھىتىدە: ئۆز پۇشتۇمنىڭ شەرىق، غەرپ ۋە شىمالغا يۆتكىلىشىگە قارشى تۇرۇپ، تۇتىيا تۇپرىقىمدا مەڭگۈلىك تۇرۇشقا ئانت ئىچكەنمەن
..<< تۈرك>>سالاھىتىدە: تۇركىن – ئوتتۇرا يەرنىڭ خوجىسىمەن. <<ئۇيغۇر >> سالاھىتىدە، پەقەت 4000چەۋاداز بىلەن لاچىندەك ياۋغا پەنجە ئۇرغۇنۇمدا ئىسكەندەرنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغانمەن...<< ئۈغۇز>> سالاھىتىدە: بارلىق تۇران قەبىلە _ قەۋىملىرىنى ئانىلىق ئۇرۇق ھۆكۈمرانلىقىدىكى خان ئانامنىڭ كۆكسىدىن سىرغىپ چىققان تۇنجى ئوغۇز سۈتىگە يۈزكېلەلىشىگە ۋە ئەسلى زاتىنى ئۇنتىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغانمەن... << ساك >> سالاھىتىم بىلەن ئوغۇزخان يۈرۈشلىرىدە(ماڭا كۆپ ئالتۇن تەقدىم قىپسەن، شەھەرنى ياخشى ساقلاپسەن دېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا <<ساقلاپ>> دەپ ئات قويدى) بايانى بىلەن ئوخشاش ئۆزتۇپرىقىمنى جەڭگىۋار ھالەتتە قوغدىغانمەن... <<ھون>>سالاھىتىدە: مىلادىدىن4000يىللار بۇرۇن شەرىققە بىرىنچى قېتىم كۆچكەن << تۇر>>لارنىڭ غەربى خان ئانا سىياقىدىكى قاپلان قۇيرۇقلۇق،يولۋاس چىشلىق، ھوشقۇيتىدىغان(ئۇيغۇرچە تارىخى خاتىرىلەر 522-بەت) رەقىپلىرىگە ھوجۇم قىلغاندا ھۇشقۇيتۇپ، ھۇيت... ھۇيت چۇقانلىرى بىلەن( كىنولاردىكى ئامرىكا ھىندىيانلىرىنىڭ ئات ئۈستىدە ھۇجۇمغا ئۆتكەندىكى ھۇيت...ھۇيت غەزىپى بىلەن ئوخشاش) ھۇيت ...ھۇيت ئاۋازىغا تەققاس ھون... مۇبارەك نامىم بىلەن ئات ئۇستىدە قىلىچ ئويناتقانمەن... << تۇخارلار>>(تۇخرى، تۇقسى)سالاھىتىم بىلەن << تۈركىي تىللار دىۋانىي>> دىكى ئىسپىجاپتىن بالاساغۇنغىچە بولغان پۈتكۈل ئارغۇ شەھەرلىرى ئىككى تاغ ئارىسىدا بولغاچقا ئارغۇ شەھەرلىرى دېيىلىدۇ... ئىزاھاتى بىلەن تامامەن بىردەك بولغان << تۇران>>لارنىڭ تاغ ئارىسىدا ئولتۇرغان قىسمى << تۇرئار>>لار تەكرارى << تۇخار>>- مېنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا مەڭگۈلىك ھېرىسمەنلىكىم بىلەن ئات ئۆستى مەدەنىيىتىمنى يىپەك يولى ئارقىلىق جاھانغا تونتقانمەن... << خورلار>>سالاھىتىدە مىلادىدىن 2000يىللار بۇرۇن ئىككىنچى قېتىم شەرىققە سۈرۈلۈپ سەددىچىن(تاۋغاچ- تاۋغىچ- ئوتتا، تاۋدا پۇشۇرۇلغان خىچ) ۋە ئوردۇس يايلىقى ئەتراپىدا خەن سۇلالىسى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە قۇچاقلاشقىنىمدا ئات ئۈستىدىكى ئوقياسىم ھەيۋىتىدە، باشقا قەبىلە ۋارىيانتىمنىڭ ئوتتۇر تۈزلەڭلىككە تالاپەت يەتكۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغانمەن... ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى سالاھىتىم بىلەن ئۈچىنچى قېتىم شەرىققە سۈرۈلگىنىمدە گۈللەنگەن تاڭ دەۋرى بىلەن ھوزۇر – ھالاۋەتتە بىللە بولغانمەن...
<< تۈركىي تىللار دىۋانىي>>نىڭ ياغمىلار سەلتەنەتى بالاساغۇن بىلەن ئوردا كەنىتتە يېزىلىپ تاماملىنىشى، مېنىڭ ھەقىقى تۈركلىكىمنىڭ يىمىرىلمەس ۋە ئىنكارسىز تارىخى ئاساسى.
مەن ھەقىقى تۈرك بولغاندىمۇ - تۈركلەرنىڭ بارلىق قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى<< ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى>>( مىلادى 605-847)، << ئىدىقۇت خانلىقى>> ۋە << قاراخانىلار خانلىقى>>(مىلادى 840-1212)سەلتەنەتىدە ھەمجەھەت قىلغان، ئىتتىپاقلاشتۇرغان ۋە يېمىرىلمەس بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان ئۇيغۇر تۈركمەن!!!
تېخىمۇ كونكىرت ئېيتسام : مەن ئاتا تۈرك ھەم ئاناتۈركمەن.!!!!
مىنىڭ ئانا تۈرك سالاھىتىم: تۇران ۋە تۈركنىڭ ئاپىرىدىگاھى تەكتى ماكان ۋە جۇڭئار تۇتىيا تۇپرىقىمنىڭ ئىللىق ئۆچەكلىك خاسىيىتىدىن.
مىنىڭ ئاتا تۈرك سالاھىتم: << تۈركىي تىللار دىۋانىي>>(1-قىسىم 126-102-بەت)دىكى-
ئايدىم ئاڭار سەۋۈك،
بىزنى تابا نە ئەلۈك.
كەچتىڭ يازى كەرىك،
قىرلار ئەزىز بەزۈك.
ئەي سۆيۈملىكىم، شۇنچە كەڭ دالىلارنى كېزىپ، ئىگىز تاغلاردىن ئېشىپ بىز تەرەپكە قانداق كەلدىڭ ؟ مەناسىدىكى پۈتكۈل تۈركىي قەۋمىگە ھامىلىقىم بىلەن ئاتا تۈرۈكمەن...
قانچا باردىڭ ئەي ئوغۇل،
ئەردىڭ مۇندا ئىنچ ئامۇل.
ئەي ئوغۇل! نەگە كەتتىڭ، بۇ يەردە تىنىچ خاتىرجەم ئىدىڭ...مەزمۇنىدىكى كۆيىنىش، خەيرىخاھلىق ۋە بارلىق تۈرك قەبىلىلىرىگە تىنچلىق، ئاسايىشلىق تىلەش ۋەزنىم بىلەن ئاتا تۈركمەن...
مىنىڭ ساپلىقىم: ئىرسىيەت ۋە گىن خىرەلىكىم بەدىلىگە پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تارىخى كەچمىشلىرىنى قەغەز يۈزىدىكى يېزىق بىلەن ئەمەس، بەجايىكى تۈركىي قەۋىملىرىدىنمۇ كۆپ بولغان ھەر خىل چىرايلار ۋە ئىرسىيەت رەڭدارلىقىم ئارقىلىق خاتىرە قالدۇردۇرغانمەن... مىنىڭ ساپلىقىمنىڭ تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچى، ئوتتۇر ئەسىر مەدەنىيەت مۆجىزسىنىڭ تەۋەيىمىزدىكى يىتۈك ئالىملىرى مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپخاس ھاجىپ ۋە ئەل فارابىدۇر.

ئۇيغۇردىن باشقا تۈركىي مىللەتلىرى پەقەت بىر قەبىلە ۋە بىرنەچچە قەۋم ئارقىلىقلا ھازىرقى مۇبارەك مىللەت سالاھىتىگە ئىگە بولالىدى. ھازىرقى ئاتالمىش: پاكىز نەسەپ لەۋھەسىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى زىننەتلەپ پەخرى سالاپەت بىلەن خورىكىنى ئىگىز قىلىۋاتقانلار، قەبىلىنىڭ مىللەت دەرىجىسىگە كۆتىرىلىش پەشتاقسىمان چوقىسىغا چىقالىغانمۇ ؟....... ياق!!! ئۇيغۇرچۇ ؟ ئۇ تۈركىي مىللەتلىرى ئىچىدىكى بارلىق قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تارىختىن بۇيان ئۆز تېرىتورىيىسى دائىرىسىگە بىرلىك، ھەمدەملىك مۇناسىۋىتىدە جۈر قىلىپ، ئۇيۇشقان، ئىتتىپاقلاشقان(ئۇيغۇر) تۈركنى ھاسىل قىلدى. مەن تۈركىي نامىم بىلەن تارىختا كۆپ تالاپەت ۋە كۆپ رىيازەت چەكتىم . ئاتا ۋە ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھامىسى بولغىنىدەك- ئاتا تۈرك ۋە ئانا تۈرك ھامىلىقىم بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى يىمىرىلگەندە ئۆز قەۋمىمنى رەقىپ ۋە رەپىق دەپ ئايرىماي قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ساھىپخانى سۈپۈتىدە ئۇلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتىمغۇ !!! ؟ چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىنكى تۆتىنچى قېتىم شەرىققە سۈرۈلگەن قەۋمىمگە ئىرسىيەت ۋە گىن خىرەلىكىگە قارىماي غەرىپكە تەلپۈنگىنىدە ئىللىق قوينۇمنى ئاچتىمغۇ!!!؟ ...... ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ماڭا قېرىلىق يەتتى...... ئەمما مەن نەۋرە- چەۋرىلەردىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم......................................
ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا ئەۋلات تەقەززاسىدا بىر قوساق قېرىداشلارنى گېزەك ھالىتىدە ئەمەس، ياش پەرقىدە بىر ئائىلە قىلدى. ئۇ ئىنسانلار تۇركىمىنىڭ ئىپتىدائى(ئەقلى ئىختىدارى تۆۋەن)ئۆڭكۈر، ئورمان،سازلىق ساناتورىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاستا - ئاستا ھازىرقى تىببى ئىلىم تەكىتلەۋاتقان تۇققانلار ئارا نىكاھلىنىشتىن ساقلىنىش تەجىربىسىنى شەكىللەندۈرىپ ئۈلگۈردى. مانا بۇ تارىخى ئىلغارلىق.
بۇ ئىلغارلىقنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتكەن << تۇر>>لار، يات قەۋىملەرنى ئىلغار نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئويۇشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەقىللىق ئىنسان ئۆلگىللىرىدىن بولغان ساك، تۈركىي، ھون، ئوغۇز ۋارىيانتلىرىنى ئات ئۈستىگە چىقاردى. ئات ئۈستىگە چىقارغاندىمۇ قۇرۇقتىن – قۇرۇق ئەمەس، خۇددى << ئوغۇزمە>>دە تەسۋىرلەنگىنىدەك : << بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ كۆكسىدىن ئوغۇزنىلا ئەمدى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەممىدى>>دىگەن – ئانىلىق ئۇرۇق ھۆكۈمرانلىقىغا ئىسيانكارلىق ئەركەكلىكىدە ئات ئۈستىگە چىقاردى... << قىئات بۇغىنى يىدى، ئېيىقنى يىدى، نەيزەم ئۇنى ئۆلتۈردى...قىئاتنى شۇڭقار يىدى، يا-ئوقۇم ئۇنى ئۆلتۈردى>>دىگەن –قۇرال-جابدۇق ئىختىراسى، ئەقىل دانالىقى ۋە ھۈنەرسازلىق ماھىرلىقى بىلەن ئات ئۈستىگە چىقاردى...
ئىپتىخار جاكاسىمىز شۇكى: بىز تۇركىي مىللەتلىرى ئات ئۈستىدە جەۋلان قىلىۋاتقان، ئوقياسىمىزنى ئالدى- ئارقىمىزغا دەل تەككۈزۈپ ياۋغا زەربە بىرىۋاتقان، يىپەك يولىمىزدا ئىگىز ھارۋىلارنى<< قانقا-قانقا>>ئاۋازى بىلەن خۇددى دەۋىر چاقىدەك ئىلگىرلىتىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، باشقا ئىنسان تۈركۈملىرى ئۆڭكۈر، ئىپىتىدائى ئورمانلىقلاردا پاناھلىنىش ۋە جان ساقلاش ھەلەكچىلىگىدە ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدى مىللىتىنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك، تالانتلىق مىللەت بولالىشى، ئۇنىڭ يەرشارىغا كەڭ تارقىلىپ، ئېچىۋىتىلگەن دۇنيانىڭ تارىخى قىممىتىنى پۈتكۈل مىللەت ئومۇمى ئەزالىرى قوبۇل قىلغانلىقىدىنلا ئەمەس، تېخىمۇ موھىمى ئۆزىنىڭ يىراق تۇققان قەبىلە ئاۋۇندىللىرى ۋە دىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان چاڭلىشىشتەك دۇنياۋى مۇناسىۋەت ماھىرلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىدا. بىزنىڭ تەرەققىيات پەللىمىزنى كۆرۈڭ : ئاتۇشلىقلار ئەنجۈرىنى، قەشقەرلىكلەر ئانىرىنى، خوتەنلىكلەر ياڭىقىنى، غۇلجىلىقلار ئالمىسىنى، تۇرپانلىقلار ئۈزىمىنى، قۇمۇللىقلار قوغىنىنى 30يىل داڭلاشتۇق، ناخشا – ئۇسۇل، مەشرىپىمىزمۇ شۇ تەرىقىدە... زىيالىلىرىمىز چىراي، ئىرسىيەت ۋە گىن پەرقىمىز ھەتتا تۈركنىڭ قەبىلە ۋە قەۋم پەرقى نامايىشى بىلەن ئاۋارە...
تۈرك مىڭ يىل ئىلگىرىلا قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن خوشلاشقان تۇرۇقلۇق. بۈگۈنكى پەخرى زىيالىلىرىمىز ئورتاقلىقىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىشتە يوق ئاتالمىش ئىرقى ئايرىمىچىلىق ۋە ئىنسانىيەت بىرلىك مۇناسىۋىتىدە ئاللابۇرۇن ئىرغىتىپ تاشلىغان قەبىلە (مىللەتنىڭ يۇرتۋازلىق ۋە گوروھۋازلىق ئالامىتى )ماھىيەتلىرى پۈچەكلىكىدە: << رەھىمسىز تارىخ>>نىڭ ئىلمى ھەقىقەتلىرى ئارقىلىق ئەۋلاتلاردا ئپتىخار تۇيغۇسى ئاساسىدا ئىشەنچ، نۇمۇس تۇيغىسىدا جاسارەت پەيدا قىلىش مۇددائالىرىنى ئېغىر كىرزىسكە دۇچار قىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن60ياشتا كامالەت ماقامىغا يىتىپمۇ سەمىمىيەت دادىللىقى بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇر سەمەرىللىرىگە مەسخىرىلىك كۈلگەن. ئەقىدە، ئىزىملىرىنى ئىرغىتىپ تاشلىغان.

بىز رەھىمسىز رىياللىق ئالدىدا ئىرسىيەت ۋە گىن ئۇدۇمىمىزدىكى ئاتالمىش خىرەلىكنى تازىلامدۇق ؟ ياكى ئۇنىڭ تارىخى ئىلغارلىقىنى، بولۇپمۇ سىرىتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنى دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر قوللۇنۇپ، يىپەك يولى ئارقىلىق غەرپ بىلەن شەرىقنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى كۆۋرىكى(ۋاستىچىلىك) ئەۋزەللىكىدە يارىتىلغان مەدەنىيەت مۆجىزلىرىمىز ئارقىلىق ئەۋلاتلارنى تۈكىمەس روھىيەت ۋە ئىرسىيەت ئىمونت كۈچىگە ئىگە قىلامدۇق ؟
پارتىيىمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بىلەن بۇقېتىمقى يەرتەۋرەش ئاپىتىدە پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاپەتكە قارشى ئىرادىسىدىن سېپىل قۇرۇلغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى ۋە بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئەسلى يىلتىزىنى ئىزدەش ھېرىسمەنلىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقىنى ۋە ئەۋلاتلىرىنى پەرىقسىز قۇچاقلىشىشقا سازاۋەر قىلىدۇ. پەرىقسىز قۇچاقلىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى، ئۆزىمىزگە ئۇيغۇر تۈرك تامغىسى بېسىش بىلەن بىرگە، پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرىنى ھەقىقى تۈرك ئىپتىخارىدا ھەمجەھەتلىككە تۇتۇنماق يولىدۇر خالاس.

0 ئىنكاس:

发表评论