2008年12月6日

سۈكۈتتىكى ئۇيغۇرلار

كۇنمىڭدا يۈزبەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ بولغىنىغىمۇ بىر ھەپتە بولدى. گەرچە بۇ دېلو تېخى پاش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشى گۇمانىنى ئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى»غا قاراتتى. بۇ ئەسلىدىمۇ قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر «چەمبىرەك ئەپسۇنى» بولۇپ بېشىغا تاقالدى. ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق گۇمان قىلىشنىڭ رېئال سەۋەبى بار. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىك ئۇچۇرلىرىدا ئۇيغۇر "شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى" جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورچى ئۇنسۇرلار، بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن بولۇپ قالدى، ھەتتا "دېموكراتىيە، ئەركىنلىك"نىڭ ئۈلگىسى بولمىش ئامېرىكىمۇ "شەرقىي تۈركىستانچى" (توغرىسى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى --- تەرجىماندىن) لارنى تېررورىستلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئەمما، "شەرقىي تۈركىستانچى"لار پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، "شەرقىي تۈركىستانچى"لار پەيدا قىلغان تېررورلۇقمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى قىلغان تېررورلۇق ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، "شەرقىي تۈركىستانچى"لارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىك خەۋەرلىرىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى تامامەن ئالۋاستىلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى. ئومۇمەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر كىشىسى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقسا، مېھمانسارايلارغا چۈشسە، "ئالاھىدە ئېتىبار"دىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى.


مەن ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمگە، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپى بويىچە، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى لازىم، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولماسلىقى كېرەك، دېگەنىدىم. ئەمما ئۇ ماڭا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مۇستەقىل بولۇشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ھازىرقى ھالەتتىن بىرقەدەر رازى، مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلار ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، دېدى. مەن ھەيران بولدۇم، چۈنكى مەن جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇيغۇر "بۆلگۈنچى كۈچلىرى" دەپ ئەيىبلەشلىرىگە كۆنۈپ قالغانىدىم. ئېھتىمال نۇرغۇن كىشى دائىرىلەر پەيدا قىلغان ساختا ئەھۋالدىن ماڭا ئوخشاش قايمۇقۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەممىلا ئاشكارا ئۇچۇرلاردا كۆپچىلىككە: ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا تېررورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن بۇ مەقسىتىگە يەتمەكچى، دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەمما، ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇر مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتامدۇ ياكى بارلىق ئۇيغۇرمۇ، دېگەننى ئويلايدىغانلار ئىنتايىن ئازچىلىق.

جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىگە ۋە شىنجاڭ سىياسىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەر ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كونىراپ كەتكەن ئىجابىي خەۋەرلىرىدىن زېرىكىپ قالغان بولسا، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدىغان "شەرقىي تۈركىستان" قاتارلىقلارنىڭ تېررورلۇقىغا دائىر خەۋەرلەرگە قىزىقىپ قالىدۇ. ئەمما كەچۈرۈڭ، بۇ خىل خەۋەرلەر مەڭگۈ جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىدۇ، مەسئۇلىيەت مەڭگۈ ئۇيغۇرلارغا يۈكلىنىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا دائىر گەپلىرىنى ئاڭلىمىقىمىز، يازمىلىرىنى كۆرمىكىمىز بەكمۇ تەس.

ئۇيغۇر مىللىتى ئاسانلا بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولىدىغان، ئەمما ئۆزى سادا چىقارمايدىغان مىللەت. ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ مىللىي مەسىلە مۇنبىرىدە تۇرغان تىبەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنى گاس-گاچىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەكلا دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە سىرتتا تەنقىدلەش سادالىرى ئۈزۈلمىسىمۇ، بۇ مىللەت ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، خۇددى ئاشۇ تەنقىدلەردىن بىخەۋەردەك.

خەلقئارادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتى خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئاساسەن ئېرىشەلمەيدۇ، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسى» ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خرىستىئان (كاتولىك دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى دىنلار) غا ئېتىقاد قىلىدىغان غەرب جەمئىيىتى بارلىق مۇسۇلمانلارنى چەتكە قاقتى. شۇڭا، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئاساسەن ئېرىشەلمەيدۇ. تىبەتلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلار غەربتىكى بىرقىسىم ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. چەت ئەلدىكى تىبەتلەرمۇ غەرب جەمئىيىتىگە سىڭىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنى كىم قوللايدۇ؟ ياۋروپادىكى بىرقىسىم دۆلەتلەر ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ئومۇمەن ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىشتىن بولغان بولۇپ، بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. چەت ئەللەردە يۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ غەرب جەمئىيىتىگە سىڭىشمىقى ئىنتايىن تەس، غەربلىكلەرمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن ناھايىتى ئاز گەپ قىلىدۇ.

چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىشى توغرا كەلگەندە، تىبەتكە كىرىش ئۈچۈن ئىجازەتنەمە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، شىنجاڭغا بولسا ناھايىتى ئاسانچىلىق. بىراق، بىز چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە بېرىشقا شۇنچە قىزىقىدىغانلىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ناھايىتى ئاز بارىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ناھايىتى ئاز يازىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. كىشىلەر "جۇڭگوغا قارشى باشلامچى مەتبۇئات" دەپ ئاتايدىغان ببچ ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىقلارمۇ، بۇ تېررورلۇقلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا ئىزدەنمەيدۇ، ئۇيغۇرلارغا داىر مۇلاھىزە ۋە باھالىرىدا پەقەتلا جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەجەبا، شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىتى غەربنىڭ ئاساسلىق مەتبۇاتلىرىدا كۆرۈنسە بولمامدىكەن؟ "سۆز ئەركىنلىكى"نى مۇقەددەس بىلىدىغان غەرب دۆلەتلىرى، نېمىشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقمايدۇ؟

خەلقئارا مەتبۇاتنىڭ ئېتىبارسىز قارىشىدىنمۇ قورقۇنچلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئاشكارا ئىپادە قىلىدىغانلارنىڭ كەمچىللىكىدۇر، جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تىبەتنى قانداق تەشۋىق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، تىبەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاۋام ئارىسىدىكى بىرقىسىم كىشىلەر (ۋېيسې خانىمغا ئوخشاش) تىبەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ، تىبەت كۆچمە ھۆكۈمىتىمۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تىبەتنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى سىرتقى دۇنياغا تارقىتىپ تۇرىدۇ. لاسادا “14-مارت” ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن تىبەتلەر جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بولغان گۇمانىنى ئىپادىلىدى، باشقا كىشىلەر بولسا تۈرلۈك تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ياردىمىدە بۇ گۇمانلارغا داىر ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپتى. ئۇيغۇرلارچۇ؟ تېخنىكا قانچىلىك ئىلغار بولسۇن، ھازىرغىچە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تارقاتقان ئۇيغۇرنى كۆرمىدۇق، سىرتتا پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئانا تۇپرىقىدا نېمە ۋەقەلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىكى تولىمۇ قىيىن. گەرچە رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى سىرتقا ئاڭلىتىشقا بارلىق كۈچىنى چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تىبەتلەردىكى ۋېيسې خانىمغا ئوخشاش سىرتقى دۇنيانى تېخىمۇ ئەمەلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.

پۇقرالارنىڭ سۈكۈتى سىياسىي بېسىمدىن دېيىلسە، ئۇنداقتا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى بولمىش زىيالىيلار بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالماسلىقى كېرەك. خەنزۇلاردىكى بىرقىسىم ۋىجدانىي بۇرچقا تولغان زىيالىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنى ئاشكارا ياكى يېرىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقتا، تىبەتلەردىمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زىيالىيلار بار، بىراق، ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيلىرى نەگە كەتتى؟ بىز شىنجاڭ ئالىي ماارىپىنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىرمۇ زىيالىينى يېتىشتۈرۈپ بەرمىگەنلىكىگە ئىشىنەلمەيمىز. بۇنىڭ بىردىنبىر ئىزاھاتى زىيالىيلارنىڭ ۋىجدانىنى يوقاتقانلىقى، سىياسىي بېسىم ئاستىدا مىللەت مەنپەەتىنىڭ شەخسىي مەنپەەتتىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى دېمەي بولمايدۇ.

غەربلىكلەرنىڭ: «كۆزقارىشىڭغا قوشۇلمايمەن، ئەمما سۆز قىلىش ھوقۇقىڭنى جان تىكىپ قوغدايمەن» دەيدىغان ماقالى بار. بىر قانۇن-تۈزۈملۈك جەمئىيەتتە، ھەرقانداق ئادەم سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەر، تېخىمۇ ئاقلىنىشقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىراق جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتلاردا “شەرقىي تۈركىستان” تېررورلۇق دېلولىرىدا، بىز جىنايەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەشكىل قىلىنغان ۋە ئاقلاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان سوتقا ئەمەس، ئاقلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان سىياسىي سوت مۇنبىرىگە ئاپىرىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. جىنايەت گۇماندارىنى ئۆز مىللىتىنىڭ كىشىلىرى ئاشكارا ئاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.

ياخشى باشقۇرۇلغان بىر دۆلەتتە سۈكۈت ئىچىدە ئۆتىدىغان بىر توپ بولماسلىقى كېرەك. بىز جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بىراق، شىنجاڭ جۇڭگو سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدە بىر تۇپرىقى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۇدا تۆت قارار ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، بۇنى زامانىمىز جۇڭگوسىدىكى ئەپسانە دېمەي بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىشنىڭ ئەكسىچە، سىياسىي ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان نىشانى. 20-30 يىلنىڭ ئالدىدىكىگە ئوخشاش، “مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ” دېگەن سۆز بۇ يەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پرىنسىپى. سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ قولىدا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار خۇددى ئاشتاختا ئۈستىگە قويۇلغان بېلىققا ئوخشايدۇ، كىملا كېلىپ گۆشىنى شىلسا ۋايسىمايدۇ.

ئۇيغۇرلاردىن بىرقىسىم ئادەم تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقىدىغان ئادەم يوق. «ئىتمۇ غەزىپى تۇتقاندا تامدىن سەكرەيدۇ» دېگەن گەپ بار، تېررورچىلارغىمۇ باشقا تاللاش قالمىغان. «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، غەرب جەمئىيىتىمۇ تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى سىياسىي تەدبىرلىرى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. ئەمما جۇڭگو داىرىلىرى مەسىلىنى ئاددىي ھالدا “بۆلگۈنچى ئۇنسۇر”لارنىڭ رادىكاللىقىغا ئارتىشتەك سىياسىي ئۇقۇملار داىرىسىدىلا چۆرگىلىدى، ھەرگىزمۇ مەسىلىنى ئىجتىمائىي سىياسىي، ئىقتىسادىي سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئويلاشمىدى.

ئاجىزلارنىڭ كۈچى كۈچلۈكلەرگە بەس كېلەلمىگەندە، سۆز ئەركىنلىكى بولمىغاندا تېررورلۇق كېلىپ چىقىدۇ. تارىختا “شەرقىي تۈركىستان” دېگەن دۆلەت بولغانمۇ بولسۇن، ھازىرقى شىنجاڭدا تېررورچىلىق ۋەقەلىرى يۈزبېرىۋاتقانمۇ بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەسىلىنىڭ نېگىزى ئەمەس. مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، “شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى” دېيىلىۋاتقان بۇ توپنىڭ يېتەرلىك سۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقى، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئەركىن ھالدا ئاشكارا ئىپادە قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاۋامنىڭ چۈشىنىدىغان-چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇلار داۋاملىق سۈكۈت قىلىۋېرىشتىن ئۆزىنى تارتسا، تېخىمۇ كۆپ ئاۋام ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىدۇ، تېررورلۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەگەر شىنجاڭدىكى تېررورلۇق مەسىلىسىگە گۇمانىتار پوزىتسىيىدە تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزسە، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيىدە تۇرۇپ “بۆلگۈنچى كۈچلەر”بىلەن سۆھبەتلەشسە، شىنجاڭ مەسىلىسى ئاندىن ئاخىرقى ھېسابتا ھەل بولىدۇ، جۇڭگو دۇچ كەلگەن تېررورلۇق تەھدىتى ئاندىن بوشايدۇ.


لۇشۈن ئەپەندى: “سۈكۈت ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقمىساڭ، سۈكۈت ئىچىدە يوقىلىسەن” دېگەنىكەن. ساداسىز ئۇيغۇر مىللىتىگە ئەڭ ئاخىرىدا مانا مۇشۇ ئىككىلا تاللاش قالغان بولۇشى مۇمكىن

0 ئىنكاس:

发表评论