2008年12月22日

سىز چاشقان گۆشى يەپ باققانمۇ؟

سىز چاشقان گۆشى يەپ باققانمۇ؟
ئىككى ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت پىروگىراممىسىدا چاشقان بېقىش توغۇرسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر خەۋەر قۇيۇلدى.

مۇخبىر چاشقان باققۇچىلار بىلەن چاشقان باقىدىغان يەرگە كىردى،ئۇيەردىكى چاشقانلارنىڭ چوڭلىغىدىن ھەيران قالىسىز،بىزنىڭ ئۆيدە باقىدىغان مۈشۈك بىلەن -يەكمۇ-يەك ئېلىشسا بىر مىنۇتقا قالماي مۈشۈكنىڭ ئۇستىخىننى قۇيۇپ قويغۇدەك دەرىجىدە يوغان ئىكەن.لىكىن بەك سىمىز بولغاچقا بەك مىدىرلاپ كەتمەيدىكەن.

ئاندىن ئۇنى نىمە بىلەن باقىدىغىننى كۆرسەتتى،ئۆلۈك ئىت،ئېشەك ،چوشقا ئۆلتۈردىغان گوداڭدا ئاشقان چوشقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ھەم تاماقخانىلاردىن ئاشقان نەرسىلەرنى تاشلاپ بىرىپ باقىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى.تۇرمۇشىمىزدا بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىپ قويايلى!


مۇخبىر ئۇلاردىن چاشقان بېقىپ نىمە قىلدىغىننى سورىدى.چاشقان باققۇچى خېلى ئۇزۇنغىچە جاۋاپ بەرمەي تۇرۋالدى،مۇخبىرنىڭ قايتا-قايتا سورىشى ئارقىلىق ئاخىرى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك خەۋەرنى دىدى.

دەسلەپتە ئۇلار چاشقاننىڭ تېرىسىنى ئېلىش ئۈچۈن باقىدىغانلىغىنى،چاشقان تېرىسى ئەرزان ھەم پارقىراق بولغانلىغى ئۈچۈن بازىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ كىيىم تىكىش ئۈچۈن سېتىۋالدىغانلىقىنى ئاساسى جەھەتتىن كىيىملەرنىڭ ياقىسىغا ئىشلىتىدىغانلىنى دىدى.

ئاندىن مۇخبىر يەنە چاشقاننىڭ گۈشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىغانلىغىنى سورىدى.

چاشقان باققۇچى ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغان ئىشنى دىدى.

ئادەتتە چاشقان گۈشىدە خوتۈيچاڭ ياسايدىغانلىغىنى دىدى.

ئاندىن ئۇلار خوتۈيچاڭ ياسايدىغان يەرگە كىردى، ئۇ يەرنىڭ مەينەتلىگىنى دىمەيلى قويايلى. ئاندىن خوتۈيچاڭ ياساشنىڭ تەپسىلاتىنى چۈشەندۈردى.ئاۋۋال تېرىسىنى شۈلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن گۈشىنى قايناقسۇدا پىشۇردىكەن.ئاندىن پىشقان چاشقان گۆشلىرنى گۆش ئىزىش ماشىنىسىغا سېلىپ ئېزىدىكەن.چاشقانلارنى ئۇستىخانلىرى بىلەن گۆشلىرى ئىزىلىپ يۇمشاق ھالەتكە كېلدىكەن،ئاخىردا ئۇنى ئۇن بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇردىكەن ھەم ئۇنىڭ تۇخۇ گۈشى تەملىگىگە تۇخۇ تەمى چىقىرىش ئۇچۇن ئاز مىقداردا جىروفىن(تۇخۇ تەمى تالقىنى)كالا گۈشى تەملىككە نىيۇرۇفىن(كالا گۈشى تەمى تالقىنى)ئۇنىڭ يەنى چوشقا گۈشى تەملىكلىرمۇ بار ئىكەن.........

ئاخىردا ھەممىسنى ئارلاشتۇردىغان ماشىنىغا سېلىپ خېمىر ھالەتكە ئەكىلىپ،ھوردا خېمىر ئارلاشتۇرۇلغان چاشقان گۆشىنى پىشۇردىكەن.ھوردا پىشقاندىن كىيىن ناھايىتى جىق بۇلۇپ كۆپۈپ پىشىدىكەن.ئاندىن يەنى بىر ماشىنىغا سالىدىكەن،يەنە بىر تەرەپتىن توملىغى باش بارماقچىلىق ئۇزۇن-ئۇزۇن بۇلۇپ چۈشىدىكەن،ئاندىن ئۇنى كەينىدىكى بىر مۇنچە ئاياللار ئۆلچەملىك كىسىپ بېرىدىكەن،يەنە بىر ماشىنا كىسىكلەرنى ئاپتۇماتىك ھالدا خالتىغا قاچىلاپ ئاغزىنى ئىتىپ چىقىردىكەن، شۇنداق قىلىپ بىز ھەم بىزنىڭ بالىلىرىمىز يەيدىغان خوتۈيچاڭ تەييار بولىدىكەن..........










مەن بۇ تېمىنى "قاشتېشى"مۇنبىرىدە كۆرۈپ قېلىپ بارلىق دوستلارغا خەۋەر قىلىش مەقسىتىدە بۇ مۇنبەرگە يۆتكىدىم!چۈنكى
بىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا) 麻辣串,零食(火腿肠)يەيدىغانلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ،قىسقىسى مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،بۇتېمىنى كۆرگەندىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمان دوستلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالىغا قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

تولۇق ئوقۇش

2008年12月10日

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن تارىخشۇناسلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا قاچاندىن بۇيان ماكانلاشقانلىقى ۋە ئەسلى كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئىككى خىل كۆز قاراش بار.

بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ بىرىنچى خىلى: ئۇيغۇرلار مىلادىنىڭ 845 - يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە كۆچۈپ، شىنجاڭدا ماكانلاشقان دەپ قارىسا، ئىككىنچى خىلدىكىلىرى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مۇڭغۇلىيەنىڭ شەرقىدىكى ھىنگاان تاغلىرى (قىدىرقان تاغلىرى) دىن غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ بويىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا (شىنجاڭ بۇنىڭ ئىچىدە) ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى خەلق دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل قاراش بار. بىرىنچى خىلى: ئۇيغۇرلار بىلەن ھۇنلار ۋە تۈركلەر قان قېرىنداش دەپ قارىسا، ئىككىنچى خىلدىكىلىرى ھۇنلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر قان قېرىنداشلىق جەھەتتە بىر - بىرىگە مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ.

مەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكى ئىككى خىل كۆز قاراشلار ھەققىدە ئۆز مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.



1 - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ماكانلىرى ھەققىدە



ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىر تارمىقى بولۇپ، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئەمگەكچانلىقى، كۆرەشچانلىقى بىلەن شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ غەزىنىسىگە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەت.

ئۇيغۇرلار مىلادىدىن خېلى كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى "تۇرالار" دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخىي كىتابلىرىدا پەقەت مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنلا تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ غەربتە ئېرتىش دەرياسى، بالقاش كۆلىنىڭ بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق بىپايان تېررىتورىيىدە ياشاپ بۇ جايلارنىڭ تەبىئى شارائىتىنى ھېسابقا ئېلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھۆنەرۋەنچىلىك، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

ھازىرقى زاماندىكى غەرب بۇرزۇئا تارىخچىلىرىنىڭ بىر قىسمى، شىنجاڭدا قەدىمكى زاماندا ياشىغان خەلقلەر ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان، ئېرقى جەھەتتىن ئارىئان نەسلىگە (ئىرانلىقلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) مەنسۇپ بولغانلار ئىدى، دېيىشىدۇ. مەسىلەن: چاررۇسسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ چوڭ جاسۇسى گ. گارزىمايلو بۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەڭ قەدىمكى دەۋردە پامىردىن تارتىپ ئۇنىڭ شەرقىغە (تارىم ئويمانلىقىنى دېمەكچى - ت) ئىرانلىقلار كېلىپ جايلاشقان. يەنە مەلۇم بىر مەزگىلگە كەلگەندە جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىن خەنزۇلار بۇ يەرگە زورمۇ زو كەلگەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تۇرپاننىڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ئىرانلىقلار ئىدى. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، ئۇلارنى كېلىپ چىقىشى تۈركلەرگە مەنسۇپ بولغان خىلمۇ خىل ئاھالە شەرق تەرەپتىن كېلىپ قىستاپ قويدى. نەتىجىدە تۇرپاندا ئولتۇراقلاشقان ئىرانلىقلارنىڭ بىر قىسمى كېيىن كەلگەنلەر تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىغا كەتتى. بىر قىسمى ئۇلارغا ئاسسىملاتسىيە بولۇپ، مۇشۇ خىلدىكى دەرىجىگە يېتىپ، تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىرقى پەرقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى.»

19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىلەن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ، شىنجاڭ ۋە دونخۇاڭغا كېلىپ، قەدىمكى زاماندىن ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئېسىل يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن لىكوك، سىتەيىن قاتارلىق غەرب بورزۇئا ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشى گ. گارزھىمايلو بىلەن ئوخشاش. قەدىمكى زاماندا تارىم ئويمانلىقىدا بارلىققا كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلار ياراتقان بولماستىن، ئارىئان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر ياراتقان دېمەكچى بولىدۇ.

كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدىكى بەزىبىر تارىخشۇناسلارمۇ يۇقىرىقىلارنىڭ سەپسەتىسىنى قۇۋەتلەپ، تارىخىي پاكىتلارغا خىلاپ ھالدا مۇنداق دىيىشىدۇ: «(تارىم ئويمانلىكى) مىلادىدىن كېيىنكى بىرىنچى مىڭ يىللىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىلى بىلەن ئۇنىڭدىن سەل كېيىن، بۇ يەردە ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان (قەشقەردىن خوتەن ئەتراپلىرىغىچە) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھىندى - ياۋرۇپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان («توخار تىلى» دەپ ئاتىلىدىغان) ئۇرۇق - قەبىلىلەر (ئاقسۇ، كۇچار، قاراشەھەر، تۇرپان ئەتراپلىرىدا ياشىغان، بۇندىن تاشقىرى يەنە ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى زاماندىكى فىشامشان دۆلىتى، نىيەدىن تارتىپ لوپنۇر ئەتراپلىرىغىچە) مىللەتلەر، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىبەت تىلىدا سۆزلىشىدىغان تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ياشىغان. تۈرك مىللىتى (قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئېھتىمال 7- 8- ئەسىردىن كېيىن شىمالدىن بۇ يەرگە كەلگەن. بەلكى قەدەممۇ قەدەملەپ شۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاخىرى باشقا قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يېڭىپ ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگەللىگەن.»

غەرب بورزۇئا ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ماسلىشىدىغان يۇقىرىدىكى ھۆكۈملەر توغرا ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئاساسلىنىدىغىنى كۇچار، قارا شەھەر رايونلىرىدىن تېپىلغان زور مىقداردىكى سانسىكىرىت يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، (بۇ يېزىقلارنى قەدىمكى زاماندا ھىندىلار قوللانغان)بىلەن ھىندى تىلىدا يېزىلغان بۇدا تەلىماتىغا دائىر يازما يادىكارلىقلاردىن ئىبارەت.

سانسىكىرىت يېزىقىدا بۇدا نامىلەرنىڭ قانچە كۆپ بولىشىدىن قەتىينەزەر، ئۇنداق ماتېرياللار بۇ يەردە ياشىغان خەلقلەرنىڭ ھىندى - ياۋرۇپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئارىئان نەسىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. مىلادىنىڭ بىرىنچى ئەسرىدىن باشلاپ ھىندىستان ئارقىلىق بۇددا دىنى تارىم ئويمانلىقىدىكى خوتەن، كۇچار، قەشقەر، كېيىنرەك تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى ئېتىقاتىغا ئايلانغان. شۇ چاغدىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نوملىرى بولمىغانلىكى ئۈچۈن، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدە بۇددا راھىپلىرى سانسىكىرىت يېزىقى بىلەن ھىندى تىلىدا يېزىلغان بۇددا نوملىرىنى ئوقۇغان، بۇنى خەلق چۈشەنمەيتتى، بۇ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دەستۇرى بولغان قۇران ۋە باشقا ئەقىدىلەر يېزىلغان نۇرغۇن كىتابلار ئەرەپ، پارس تىلىدا بولۇپ، بۇنى ئاز ساندىكى دىنىي ئەرباپلار چۈشىنىدىغان بولسىمۇ، ئاددى خەلق بىۋاستە ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ئەھۋال ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي ئۆلىمالارنىڭ مەسچىت، مەدرىسلەردە ئەرەب، پارس تىلىدىكى ئىسلام ئەقىدىلىرىدە ۋەز ئېيتقانلىقى ۋە تالىپلارغا دەرس ئۆتۈپ بەرگەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارنى ئەرەب دېيىشكە بولمىغىنىدەك، قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇر بۇددىستلىرىنى ئىبادەتخانىلاردا سانسىكىرىت يېزىقى بىلەن يېزىلغان ھىندى تىلىدىكى بۇددا نوملاردىن ئەمر - مەرۇپ قىلغانلىقىغا قاراپ، ئۇلارنىمۇ ھىندى دېگىلى بولمايدۇ.

7- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر بۇددىست ۋە تەرجىمان شۇەن زۇاڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ قەشقەر، خوتەن، كۇچار ئەتراپلىرىدا قوللىنىۋاتقان يېزىق ھىندى يېزىقى بولۇپ، تىلى ھىندى تىلى ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ كەلگەنلىكىگە دائىر تارىخىي پاكىتلار ئۈستىدە توختىلىمەن. 1981- يىل 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بېتىدە بىر تارىخىي ماقالە بېسىلغان. ماقالىدا 1979 - يىلى قىشتا شىنجاڭ ئىجمائىي پەنلەر ئاكىدىمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر ئىپتىدائى قەۋرىستانلىقتىن ئىككى جەسەتنى تاپقانلىقى ئېيتىلغان. ماقالىدا بۇ جەسەتلەرنىڭ بىرى ياش ئايال، يەنە بىرى كىچىك بالا بولۇپ، نەنجىڭ داشۈ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىنىڭ كاربون 14 تەجرىبىخانىسى، قەۋرىستانلىقتىن قېزىپ ئېلىنغان ياغاچلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن 6412 يىل (+_117) بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچە تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى جەسەت ئۈلگىسى. شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇنقى جەسەت ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قەدىمكى جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى، شىنجاڭ رايونىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە شۇ زاماندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ فىزىئولۇگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ۋە بۇ رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ھۆنەر ـ سەنئىتى، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بۇ جەسەتلەرنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزرەك قۇرغاق قۇم دوۋىسىدىن قېزىپ ئېلىنغان. گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان، جەسەتلەر گۆردە ئوڭدىسىغا قىلىپ ياتقۇزۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ تاختاي ۋە تاختايلارنىڭ ئۈستىگە قوي تىرىسى بىلەن چىغ توقۇلما يېپىلغان، جەسەت ناھايىتى قوپال توقۇلغان رەختكە ئورالغان بولۇپ، ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ سېرىق ئۇزۇن چاچلىرى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ، كۆزلىرى يوغان، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، قاڭشالىق بۇ قەدىمكى جەسەتلەر بىلەن بىللە قېزىپ ئېلىنغان ئاخىرەتلىكلەر ئىچىدە ناھايىتى نەپس توقۇلغان چىغ سىۋەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان، ئەمما بۇ دانلار چىرىپ ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن. بالا جەسىتى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سىۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلانغان بۇغداي چىقتى.»

يۇقىرىقى ئىككى جەسەت ھەققىدىكى مەلۇمات كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا يۇرتى، ئىرقى كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى قاتارلىق جىددى مەسىلىلەرگە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك جاۋاپ بېرىدۇ. لوپنۇردىن چىققان ئىككى جەسەتنىڭ بۇندىن 6412 يىل ئىلگىرى دەپنە قىلىنغان قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىدا، ئارىئانلار ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

«قەدىمكى دۇنيا تارىخى» دىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇن ھازىرقى ھىندىستاندا، ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان، تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئارىئان(ئارىلار) نەسلىگە مەنسۇپ بولغان ھازىرقى ھىندىلارنىڭ ئەجدادى ئەمەس، بەلكى باشقا ئىرققا مەنسۇپ دىراۋىدىلار ياشىغان ئىدى، 4000 يىل بۇرۇن ئىراندا ئارىئانلار ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ دىراۋىدىلارنى جەنۇبى قىسىمغا سۈرۈۋەتكەن.

ھازىر جەنۇبى ھىندىستاندا ياشايدىغان ئاشۇ دىراۋىدلارنىڭ سانى 50 مىليونغا يېتىدۇ. ئەگەر ئارىئانلارنىڭ ئىراندىن ھىندىستانغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھىندىستانغا چېگرىداش بولغان جەنۇبى شىنجاڭ (تارىم ئويمانلىقى)غا ئارىئانلار ھىندىستان ئارقىلىق ئۆتكەن دېيىلسە، بۇ پاكىتلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى سېرىق چاچ، قاڭشالىق، بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگەن ئايال جەسىتىنىڭ 6412 يىل ئىلگىرى لوپنۇر ئەتراپىدا دەپنە قىلىنىشى، ئارىئانلار ئىراندىن ھىندىستانغا بېسىپ كىرىشتىن 2500 يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

مانا شۇ پاكىت، بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ «ئۇيغۇرلار، 845 - يىلى موڭغۇلىيە دائىرىسىدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوق ئىدى» دېگەن قاراشلىرىنىمۇ رەت قىلىدۇ.

لوپنۇردىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ دەپىن قىلىنغان ۋاقتى، جەسەتنىڭ يۇڭ توقۇلما رەخت بىلەن ئورالغانلىقى، گۆردىن ياغاچ تاختايلار، چىغ سىۋەت، ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان بۇغدايلارنىڭ چىقىشى، تارىم ۋادىسىدا مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمكى چاغدىن باشلىنىپ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، قول - ھۆنەرۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

لوپنۇردىن تېپىلغان جەسەدلەر ۋە باشقا بويۇملار، تارىخچى مورگانىڭ «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئاستىدا كۆمۈگلۈكتۇر. قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ سىرى مەلۇم بولغۇسىدۇر.» دېگەن كارامەتلىك ھۆكۈمنىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلىدى.

تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ سىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېچىش، ئانتروپولوگىيە، ئىتنۇگرافىيە، ئارخىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ جىددى ۋە شەرەپلىك ۋەزىپە.

بۇ يەردە بىرئاز يىراقتىن گەپ ئاچقىنىمىزدا مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

مىلادىنىڭ 2 - ئەسرىدە ياشىغان يۇنان ئالىمى پ. تۇلۇمى ئۆزىنىڭ ئون توملۇق «جۇغراپىيە» ناملىق ئەسىرىدىكى «سىرىسلار دۆلىتى» (يىپەك دۆلىتى) بابىدا ھازىرقى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاساسىي يەرلىك خەلقنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پىلە بېقىپ، يىپەكتىن نەپىس شايى - ئەتلەسلەرنى توقۇيدىغانلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئى شارائىتلىرى (تاغلىرى، دەريالىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.

«ۋىي سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا، ئەسلى كېلىپ چىقىشى تۇنگۇس نەسلىدىن بولسىمۇ، خېلى دەرىجىدە تۈركلەشكەن، ياۋرۇپالىقلار «ئاۋارلار» دەپ ئاتىغان، جۇرجانلار باش كۆتۈردى. مانا شۇ جۇرجان تۈركلىرىنىڭ قاغانى شىرون (مىلادىنىڭ 400 - يىلدىن 411- يىلغىچە قاغان بولغان) مىلادىنىڭ 400 - يىللىرى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار، ئالتايدىكى تۈركلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن خېلى كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار جۇرجان قاغانلىقنىڭ قوشۇنلىرىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىنغان بولسا ئالتايدىكى تۈركلەر جۇرجانلار ئۈچۈن ھەربىي قورال ياساپ بېرىشكە قىلىنغان. چۈنكى، ئالتاي تۈركلىرى مىتال ئېرىتىپ تۈرلۈك قوراللارنى ياساشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى.

جۇرجان قاغانلىقى تېررىتورىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى ھازىرقى قارا شەھەرگىچە، غەربىي ئىلى ۋادىسىغىچە، شەرقىي چاۋشىئەننىڭ غەربىگىچە، شىمالىي تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇبى ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ جەنۇبىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، پايتەختى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى جاڭپى ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا ئىدى.

مىلادىنىڭ 487- يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بۇركلى(تۇماغلىق) قەبىلىسىنىڭ خانى ئاي ئوجرونىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇرجانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي قىسمىغا (ھازىرقى جۇڭغار دالىسىغا) كۆچكەن. شۇ قېتىم ئالتاي ئارقىلىق شىنجاڭغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 600 مىڭ بولۇپ، 120 مىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت ئىدى.

جۇرجان قاغانى تۇلۇن (487- 492 ـ يىللارى) نۇرغۇن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى. جەنۇبىي ئالتايدا بولغان ئۇرۇشتا ئۇيغۇر خانى ئاي ئوجرو جۇرجان قاغانى تۇلۇن قوشۇنلىرىنى تار - مار قىلدى، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېچىپ كەتكەن تۇلۇن قاغاننى جۇرجان ھۆكۈمرانلىرى ئۆلتۈرۈپ ئورنىغا ناغاينى قاغان قىلدى. ئۇيغۇرلار 487 - يىلى جۇرجانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. 60 يىل ھۆكۈم سۈرگەن (مىلادىنىڭ 487 - يىلدىن 546 - يىلغىچە) بۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ماناس ئەتراپلىرىدا بولۇپ، تېررىتورىيىسى شىمالدا ئالتاي، شەرقتە قۇمۇل، غەربتە سايرام كۆلى بويىغىچە، جەنۇپتا قاراشەھەر، لوپنۇر ئەتراپلىرىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، شىمالدا جۇرجانلار بىلەن، قاراشەھەر ئەتراپلىرىدا ئاق ھونلار بىلەن، لوپنۇر ئەتراپلىرىدا تۇيغۇنلار (تىبەت خانلىقى) بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان. «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى ماتېرىياللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 845 - يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە كۆچۈشلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە كېيىنكى تەقدىرى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان.

200 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر قاغانلىقى 646 - يىلىدىن 845 - يىلىغا كەلگەندە ئىچكى ئۇرۇشلار، قىرغىزلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى قاتارلىق ھەرىكەتلەر (ھەربى ۋەزىر تولۇق باغانىڭ قىرغىزلارنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتىشى) قارنىڭ قاتتىق يىغىپ، چارۋا ماللارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشى، ۋابا كېسىلىنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئادەملەرنىڭ نابۇت بولىشى قاتارلىق تەبىئى ئاپەت، سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۆلەت ھالاكەتكە قاراپ يۈزلەندى. مانا مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر نەچچە يۆنىلىشكە تاراپ موڭغۇل دالىسىدىن كۆچۈشكە باشلىدى.

ئوكى تىگىن، ئىنەن تىگىن باشچىلىقىدىكى جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن ئۇيغۇرلار خېبىي، سەنشى، شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىغا يېقىنلاپ كېلىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە شىمالغا قايتىپ ئۆز قاغانلىقىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالماقچى بولدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئۈمىدى يوققا چىققاندىن كېيىن ھالاك بولدى. بۇلار 300 مىڭ كىشى ئۆپچۇرىسىدە ئىدى.

غەربكە قاراپ كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى يەتتە سۇ ۋە ھازىرقى قىرغىزىستان رايۇنلىرىغا بېرىپ ماكانلىشىپ، ئۆز قېرىندىشى بولغان قارلۇقلارغا قوشۇلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى گەنسۇنىڭ خېشى كارىدۇرىغا كېلىپ، خانلىق قۇردى. بۇ خانلىق 870 - يىلدىن1031 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرۈپ، تاڭغۇت خانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. كېيىن ئۇلار (سانى 200 مىڭدىن كۆپرەك ئىدى) تاڭغۇتلار (تىبەت) ۋە خەنزۇلاردىن سان جەھەتتىن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن بارا - بارا ئۇلارغا سىڭىپ كەتتى. غەربكە قاراپ كۆچكەن يەنە بىر تارمىقى15 ياشلىق ئورخۇن شاھزادىسى پان تىگىن يېتەكچىلىكىدە ئالتاي بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئارىسىغا كېلىپ ماكانلىشىپ، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ سىياسى مەركىزىنى بەشبالىق قىلىپ بەلگىلىدى. پان تىگىننىڭ تالانتلىق ھەربىي سەركەدىسى بۇكۇقۇن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇلارنى دەسلەپ شىمالىي شىنجاڭدىن، كېيىن تۇرپان، قارا شەھەر، كۇچار قاتارلىق جايلاردىن قوغلاپ چىقاردى. شاھزادە پان تىگىن شۇ غەلىبە ئاساسىدا، ئۇيغۇر سەركەدىسى بۇكۇقۇننىڭ ساداقەت بىلەن يار - يۆلەكتە بولىشىغا تايىنىپ مىلادىنىڭ 850 - يىلى مەشھۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى (850 - 1250 - يىللار ھۆكۈم سۈرگەن) ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. بۇ خانلىقنىڭ يازلىق پايتەختى بەشبالىق، قىشلىق پايتەختى تۇرپان قاراغۇجىدىكى ئىدىقۇت شەھىرى ئىدى.

شاھزەدە پان تىگىن باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلاردىن كۆپ دېگەندە، 200 مىڭ كىشى تارىم ئويمانلىقىغا كېلىپ ماكانلاشقان. ئىككى خەن يىلنامىسىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دەل شۇ چاغدا تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭغا يانداش بولغان جايلاردىكى ئاھالىنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. موڭغۇلىيە دالىسىدىن كۆچكەن ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قەدەر ئارقىدا بولۇپ، مانى دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى.

ئەگەر غەرب بورزۇئا تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشى بويىچە 845 - يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىشىدىن بۇرۇن ئەسلى شىنجاڭدا ئۇيغۇر يوق دېيىلىدىغان بولسا موڭغۇلىيە دالىسىدىن كۆچكەن ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالىغا قارىغاندا، سان جەھەتتىن بىر نەچچە ھەسسە ئاز، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قەدەر تۆۋەن، دىنىي ئېتىقادى باشقا تۇرۇغلۇق، قانداق قىلىپ ئۇلارنى (شىنجاڭدىكى ئاھالىنى) ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ كېتەلەيدۇ؟

شۇنىسى ئېنىقكى، موڭغۇلىيەدىن كۆچكەن ئۇيغۇرلار شىنجاڭغا كېلىپ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلغانلىقى ئۈچۈنلا قۇدرەتلىنىپ، تېز ئارىدىلا تىبەتلىكلەرنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئىدىقۇت خانلىقىنى قۇرالىغان.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدا كەلتۈرگەن ئىشەنچىلىك پاكىتلار ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەسلى خەلقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك بولسا كېرەك.



2 . ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە



ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن تۇرالارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھۇنلار، تۈركلەر بىلەن قان قېرىنداش ئىدى. ئۇلار تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىسىتېمىسىدىكى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.

قەدىمكى چاغلاردا ھۇن ياكى تۈرك دەپ ئاتالغان خەلقلەر ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدا ياشىغان ئىدى. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار نەتىجىسىدە ئالتاي تاغلىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى چاغلارغا دائىر نۇرغۇن قەۋرىلەر تېپىلغان. بۇ قەۋرىلەردىن چىققان ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ جەسەتلىرى ناھايىتى ئېگىز بويلۇق، قاۋۇل ئۇستىخانلىق ئادەملەردىن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسكىلىتلىرى بىلەن ئوخشاش، ئۇلار قاڭشالىق، يۈزلىرى ئاق سۈزۈك، قاۋۇل ئىدى.

ھۇنلار ئېگىز بوي، قاۋۇللىقى، چىرايى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرنى قەدىمكى جۇڭگو تارىخىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

«خەن يىلنامىسى» دىكى «چىڭمىدې ھەققىدە قىسسە» بابىدا، ھۇن شاھزادىسى چىڭمىدىنىڭ بويى سەككىز چى ئىككى سۇڭ. بۇيى ھازىرقى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدىكى مېتىرغا سۇندۇرغاندا، ئىككى مېتىر سەكسەن سانتىمېتىر بولىدۇ. بۇ پاكىت ئالتاي تاغلىرىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ھۇن جەسەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئېگىز بوي، قاۋۇل ئادەملەر ئىكەنلىكىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن 1955 - 1957- يىللىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ھازىرقى شىئەن شەھىرى ئەتراپىدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت شاڭلىڭفەن دېگەن جايدىن 140 - نۇمۇرلۇق ئالاھىدە بىر قەۋرە تېپىلغان. بۇ قەۋرىگە دەپىن قىلىنغان ئۆلۈك بىلەن بىللە كۆمۈلگەن ئاخىرەتلىك نەرسىلەر ئىچىدىن ئىككى پارچە تۆت چاسا مىس تاختاي چىققان. مىس تاختايغا ئىككى نەپەر ئادەم، ئىككى ئاتنىڭ سۈرەتلىرى نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن. ئىككى ئادەم بىر - بىرىنىڭ بېلى ھەم پاقالچىقىدىن تۇتۇشۇپ، چېلىشىۋاتقان قىياپەتتە تۇرۇشقان. ئۇلار قاڭشالىق، يايما چاچ بولۇپ، پاقالچەكلىرى ئورالغان ئىشتان كېيىشكەن

ئارخىئولوگىيە ئالىملىرى بۇ قەۋرىدىن چىققان كىشىلەرنى ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ياكى ئەلچىنىڭ ھەمرالىرى دەپ بېكىتكەن. بۇ قەۋرىدە تېپىلغان نەرسىلەر ھۇنلارنىڭ چاچ قويۇش شەكلى، كىيىنىشلىرى، چىرايى، چېلىشىش ئادەتلىرى بىلەن قىياپەتلىرىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.

1972 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئارخىئولوگىك خىزمەتچىلىرى تۇرپان ناھىيىسىدىكى ئاستانە قەۋرىستانلىقىدىن بەشىنچى ئەسىردىكى تۇرپان ۋالىسى، ھۇن شاھزادىسى قۇتقۇپانتاينىڭ قەۋرىسىنى تاپقان.

مىلادىنىڭ 445 - يىلى قۇتقۇ پانتاي دەپىن قىلىنغان قەۋرىدىن لايدىن ياسالغان تۆت بۇت تېپىلغان، بۇتلار پىچاق بىلەن قىرىپ ياسالغان بولۇپ، ئاددى، جانلىق. بۇتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، يۈزلىرى سوزۇنچاغراق، قاڭشالىق يايما چاچ. مۇشۇ لاي بۇتلارمۇ ھۇنلارنىڭ قىياپىتىدىكى خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، شىئەن ئەتراپىدىكى شاڭلىڭفەن دېگەن جايدىن تېپىلغان مىس تاختايغا چۈشۈرۈلگەن ھۇنلارنىڭ قىياپەتلىرى بىلەن ئوخشاش. قۇتقۇ پانتاي گەنسۇدا قۇرۇلغان ھۇن خانلىقى (مىلادىنىڭ 397 - يىلىدىن 460 - يىلىقىچە ھۆكۈم سۈرگەن)نىڭ مەشھۇر خانى قۇتقۇمونسۇننىڭ ئوغلى ئىدى. قۇتقۇمونسۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا (مىلادىنىڭ 400 - يىلىدىن 432 - يىلىقىچە) ھۇن خانلىقى تازا كۈچەيگەن بولۇپ، خانلىقنىڭ تېررىتورىيىسى دائىرىسىگە گەنسۇنىڭ خېشى كارىدورى، كۆكنۇرنىڭ (چىڭخەي) بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى (تۇرپانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) مۇ كىرگەن ئىدى.

ۋىي سۇلالىسى (مىلادى 385 - يىلىدىن 534 - يىلىغىچە) نىڭ تارىخى بولغان «ۋىي سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى «ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا، «ئېگىز ھارۋىلىقلار (ئۇيغۇرلار) قەدىكى چاغدىكى قىزىل تۇرالارنىڭ (تۇرا شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ئىدى) نەسلىدىن ئىدى. باشتا ئۇلار تۇرالار دەپ ئاتالغان، شىماللىقلار (شىمالىي سۇلالىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئۇلارنى ئېگىز ھارۋىلىق تۇرالار دەپ ئاتاشقان، ئۇلارنىڭ تىلى ھۇنلارنىڭ تىلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بەزىدە ئازراق پەرقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىسى ھۇنلارنىڭ جىيەنى ئىدى» دېيىلگەن.

قەدىمكى زامانلاردا، ئۇيغۇرلار مۇڭغۇلىيە دالىسىنىڭ ئالاھىدە بولغان جۇغراپىيە شارائىتىنى (يايلاق، دالا، چۆل، قۇملۇق) ھېساپقا ئېلىپ ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تارىخچىلار ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپ ئاتاشقان.

مىلادىنىڭ 90 - يىللىرى ئۆز ئارا داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇشلار، دۈشمەن ئەللەرنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھۇنلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە قاراپ كۆچۈپ، غەربىي ئاسىيا تەرەپكە كەتكەن. شۇ چاغدا ھازىرقى كۇچارنىڭ شىمالىدىكى (توققۇز تارا، تىكەس ئەتراپلىرى) جايلاردا، غەربكە كۆچكەن ھۇنلارنىڭ بىر قىسمى ئولتۇراقلىشىپ قالغان، مانا شۇ ھۇنلار مىلادىنىڭ بەشىنچى، ئالتىنچى ئەسىردە زابىندىرلار دۆلىتى دەپ ئاتالغان بىر كىچىك دۆلەت قۇرغان. شىمالىي سۇلالىلار تارىخىنىڭ «غەرب ئەللىرى ھەققىدە قىسسە» بابىدا «بۇ دۆلەتنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، تىلى ئېگىز ھارۋىلىقلار بىلەن ئوخشاش ئىدى» دېيىلگەن.

سۈي سۇلالىسى (مىلادىنىڭ 581 - 618 - يىللار) نىڭ تارىخى بولغان «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى» دا ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى بولغان تۇرالارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ) 6 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، جايلاشقان ئورۇنلىرى، ناملىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەققىدە خېلى ئېنىق تەپسىلى مەلۇمات بار. «تۇرالارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ھۇنلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - جەمەتلىرى ناھايىتى نۇرغۇن.» تۇرالارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى ناملىرىنى «سۈي يىلنامىسى»غا ئاساسلىنىپ مۇنداق بايان قىلىشقا بولىدۇ.

1. بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا، توبا قەبىلىسى ياشايدۇ؛ 2. مۇڭغۇلىيىدىكى توغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا بوكو، توڭرا، ئۇيغۇر بايىرقۇ، بوركلى، ئەركىن، مۇنچىن، تۆرە، ئىزگۇل، قۇن، خوغۇرسۇر قاتارلىق قەبىلىلەر ياشايدۇ؛ 3. قۇمۇلنىڭ غەربىدىن تارتىپ، قاراشەھەرنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغلىرى ئەتراپىدا، قالپاقلار، يورجىلار، ئازىيلار، سىغىناقلار، ئوغۇزلار، قىرغىزلار، ئونخورلار ياشايدۇ؛ 4. ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، سۇر تاردۇشىلار، جەرۇقلار، زابىندىرلار، تۇرگەشلەر ياشايدۇ؛ 5. قاڭلىنىڭ شىمالىدا، (ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا) ئىدىل (ۋولگا) دەرياسىنىڭ بويلىرىدا، ئادىزلار، ھازارلار، بۇلغارلار، فىچىنەكلەر، قىپچاقلار، سىۋارلار، بورتاسلار ياشايدۇ؛ 6. كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تەرەپلىرىدە، سارىغۇرلار، سانسۇيانلار، مۇكشلار، چىركەسلەر ياشايدۇ. شەرقىي روما ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىدە ئوغۇزلار، ئالانلار، باشقۇردلار ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتىلىشى ھەر خىل بولسىمۇ ئورتاق نامى تۇرالار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار جايلاشقان ئورۇنلىرىغا قاراپ، شەرقتىكىلىرى شەرقىي تۈركلەرگە، غەربتىكىلىرى غەربىي تۈركلەرگە قارايدۇ.

مانا بۇ مەلۇماتقا قارىغاندا، تۇرالارنىڭ تارقىلىپ ياشىغان جايلىرى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، غەربتە كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىدىن تارتىپ شەرقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق مۇڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆللىرىنىڭ بويلىرىغىچە سوزۇلغان.

يۇقىرىدىكى پاكىتلار يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بىلەن ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ قان قېرىنداشلىقىنى ئىسپاتلاشتا ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.

«كونا تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا - بوۋىسى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى ئىدى، كېيىن ۋىي سۇلالىسى زامانىسىدا، تۇرالار دەپ ئاتالدى» دېيىلگەن. مىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىدىن قارىغاندا قان سىسىتېمىسى جەھەتتىن ئۆزئارا يېقىن كېلىدىغان ئۇرۇقلار بىرلىشىپ قەبىلىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بولسا، يەنە قان سىستېمىسى تىلى، ئۆرپ - ئادەتلىرى جەھەتتىن ئۆزئارا بىر - بىرىگە يېقىن كېلىدىغان قەبىلىلەر بىرلىشىپ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. ئەگەر شۇنىڭ ئىچىدە، مەلۇم بىر قەبىلە كۈچلۇك بولسا (سان جەھەتتىن كۆپ، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۇن بولسا) قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. شۇ قەبىلىنىڭ نامى باشقا قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سان جەھەتتىن ئىنتايىن كۆپ، ئىنتايىن جەڭگىۋار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامى، شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالارنىڭ ئورتاق نامى بولغىنى تەسادىپى ئەمەس. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردىن تارتىپ، مىلادىنىڭ 6 - ئەسىرگىچە ھازىرقى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى ۋە موڭغۇلىيەدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ نامى تۇرالار دەپ يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسا، 7 - ئەسىردە موڭغۇلىيەدىكى شەرقىي تۇرالار بىلەن تەڭرىتاغلىرى ئەتراپلىرى ۋە ئۇنىڭ غەربىدە ياشىغان غەربىي تۇرالارنىڭ نامى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.

جۇ سۇلالىسى (مىلادىنىڭ 557 - يىلدىن 587 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) تارىخى بولغان «جۇ سۇلالىسى يىلنامىسى» دا «تۈركلەر ھۇنلارنىڭ ئالاھىدە بىر نەسلى ئىدى» دېيىلگەن.

مىلادىنىڭ 735 - يىلى قۇتلۇق ئىلتىرىش قاغانلىقىنىڭ (مىلادىنىڭ 681- يىلىدىن مىلادىنىڭ 743 - يىلغىچە) قاغانى بىلگە قاغان (مىلادىنىڭ 716 - يىلدىن 735 -يىلغىچە) خاتىرىسىگە ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا مەر مەر تاشتىن قويۇلغان يادىكارلىقىدا «توققۇز ئوغۇزلار مەن بىلەن نەسىلداش ئىدى» دېيىلگەن. يادىكارلىقتا ئېيتىلغان «توققۇز ئۇغۇزلار» دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە (مىلادىنىڭ 646 - يىلدىن 845 - يىلغىچە) شەرقىي ئۇيغۇرلار «توققۇز ئوغۇز»، «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنەتتى.

يۇنان تارىخچىسى ھىرادۇت مىلادىدىن بەش ئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ساياھىتىدە ئۇ يەردە كۆرگەن بىر ئىرقىنى «تۈرك» دەپ يازغان . كېيىنكى تارىخ ئالىملىرى ھىرادۇتنىڭ شۇ سۆزىنى توغرا دەپ ھېساپلىغان. مىلادىنىڭ بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان روما تارىخچىسى ئاتتالاتا «سىفىكلەر بىلەن تۈركلەر بىر ئىرقىدۇر» دېگەن.

مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان يۇنان تارىخچىلىرى غەربتە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن تارتىپ شەرقتە ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان چەكسىز تېررىتورىيەدە ياشىغان خەلقلەرنى «سىفىكلەر» دەپ ئاتىغان.

«تارىخنامە»، «خەن سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى غەرب ئەللىرىگە بېرىلگەن مەلۇماتتىمۇ، ھۇنلار، ئۇلۇغ ياۋچىلار، ئۇيسۇنلار، قاڭلىلار، ئالانلار(كاسپى دېڭىزنىڭ شىمالىدا)نىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ئېيتىلغان.

مانا مۇشۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خەلقلەر قەدىمكى زاماندا، قان قېرىنداشلىقى، تىل، ئۆرپ - ئادەتلىرى جەھەتلىرىدىن بىر - بىرى بىلەن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمۇ ھۇنلار، تۈركلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. تۈركىي خەلقلىرىدە كىشى ئۆلسە چىكىسىنى تىلىپ، قان چىقىرىپ پەريات چېكىش، مەرھۇمنىڭ ئايالىنى، مىنگەن ئېتىنى بىللە قوشۇپ دەپنە قىلىش، مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا، قانچە دۈشمەن ئۆلتۈرگەن بولسا شۇنچە تاش قويۇش ئادەتلىرى بار ئىدى.

مىلادىنىڭ 570 - يىلى، كونستانتىنۇپولدىن ئىلىدىكى تىكەس يايلىقىغا كەلگەن شەرقىي روما ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەلچىلىرى قاغان ئىستىمىي خاننىڭ دەپىن مۇراسىمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بۇ ھەقتە 6 - ئەسىردە ياشىغان شەرقىي روما تارىخچىسى مىناندىرنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، «مەرھۇم ئىستىمىي قاغاننىڭ ئوغلى تاردۇخان بىر نەچچە ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ دادىسى بىلەن بىللە كۆمۈشتىن ئىلگىرى، دادىسىغا يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن ئەسىرلەرنىڭ قۇلىقىغا نزمىدۇ بىرنېمىلەرنى پىچىرلىغان ئىكەن» دېيىلگەن.

757 - يىلى تاڭ پادىشاسى تاڭ شاۋزۇنىڭ كىچىك قىزى مەلىكە نىڭگۇ، ئۇيغۇر قاغانى ئىلخان (مىلادىنىڭ 747 - يىلدىن 759 - يىلغىچە قاغان بولغان)غا ياتلىق قىلىنغان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپلا 759 - يىلى ئىلخان ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇيغۇرلار ئىلخاننى دەپنە قىلىدىغان چاغدا، ئۆز ئۆرپ - ئادىتى بويىچە، مەلىكە نىڭگۇنى ئىلخان بىلەن بىللە كۆمۈشكە ئۇرۇنغان. تاڭ مەلىكىسى نىڭگۇ ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئۇيغۇر قاغانىغا ياتلىق بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خەنزۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ، تىرىكلا كۆمۈلۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغان. لېكىن مەلىكە نىڭگۇ چىكىسىنى تىلىپ، قان ئاققۇزۇپ، ئىسەكەپ يىغلاپ، ئۇيغۇر قاغانى ئىلخانغا ماتەم تۇتقان.

تۈركى خەلقلەردە باتۇرلۇقنى ھۆرمەتلەش ئومۇملاشقان ئادەت بولۇپ، مەسىلەن: ھۇنلار ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان شۇڭقارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلەرنى جەڭچى ھېسابلىغان بولسا، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر بوراندەك ئۇچقۇر ئاتنى چاپتۇرۇپ كېتىۋەتىپ، ئوقيانى نىشانغا تەككۈزەلىگەنلەرنى جەڭچى ھېسابلىغان. ئۇچار قۇشلار ئىچىدە ناھايىتى تېز ئۇچۇدىغان قاناتلىق شۇڭقار بولۇپ، ئۇنى ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا ئېتىش ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، بۇ ئىشلار ھۇنلار ئۈچۈن ئاددەتتىكى ئىش ئىدى. باتۇرلۇقنى ھۆرمەتلەش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، تۈركى خەلقلەر قىزلىرى باتۇر يىگىتلەرنى ئۆزىگە جۇرا قىلىشنى ئىشقى مۇھەببەتنىڭ، بىرەر يىگىتكە ياتلىق بولۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى ھېسابلىغان.

ھۇنلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر دىنىي ئېتىقات جەھەتتىن شامانىزمغا ئېتىقات قىلىشاتتى. شۇنداقلا بۆرىنى مۇقەددەس ھېسابلاپ، ئۇنى بەختنىڭ ئالامىتى دەيدىغان تۇتېمىزمغا ئىشىنەتتى. «ئوغۇز داستانى»، «ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە»، «ئەرگىنە قۇن» داستانى قاتارلىق يىلنامە، داستانلاردىكى بۆرى ھاققىدە ئەپسانىلەر، مانا شۇ بۆرى تۇتېمى ھەققىدىكى ئېتىقادنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدا ھۇن، ئۇيغۇر، تۈركلەرنىڭ نەسلى خۇسىسىيەتلىرى، تىلى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، تۇتېم ۋە دىننىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاشلىقى ھەققىدە كەلتۈرگەن پاكىتلار، ئۇلارنىڭ قان قېرىنداشلىقىنى، ئېرقىي جەھەتتىن سېرىق تەنلىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا بولسا كېرەك.

بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىنى بىر خىل قان سىستزمىسىغا باغلاپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇش تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ رەسمىي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەچكە، شەرقتىكى موڭغۇل، مانجۇ نەسىللىك خەلقلەردىن سىيانپىلار، جۇرجانلار، كىدانلار (مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن كېيىنكى 6 - ئەسىرگىچە) بىلەن گەنسۇ ئەتراپلىرى ۋە تارىم ۋادىسىدا (7 - ئەسىردىن 13 -ئەسىرگىچە) تارىخىي سەۋەبلەرگە بىنائەن تىبەت، خەنزۇلار بىلەن، 13 - ئەسىردىن 17 - ئەسىرگىچە موڭغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ چېتىشىپ كەتكەن. لېكىن كونكىرىت تارىخىي شارائىتتا، مەلۇم رايونلاردا سىيانپىلار، جۇرجانلار، كىدانلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن سان جەھەتتىن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئاسسىملاتسىيە بولۇپ كەتكەن. ئۇيغۇرلار سېرىق تەنلىكلەرگە مەنسۇپ بولغانلار بىلەن قان سىستېمىسى جەھەتتىن چېتىشقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىغا خاس بولغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان.

قان قېرىنداشلىق جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش بولغان ھۇنلار، ئۇلۇغ ياۋچىلار، ئۇيسۇنلار، قاڭلىلار، ئالانلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەرنىڭ شەرقتىكى موڭغۇل نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئارىئان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر بىلەن ئۆزئارا چېتىشىپ سىڭىشىپ كېتىشتىن، تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان، قان قېرىنداشلىقى جەھەتتىن بىر - بىرىگە يېقىن كېلىدىغان نۇرغۇن تۈركى مىللەتلەر كېلىپ چىققان.

مەسىلەن: ئۇلار شەرقىي سىبىرىيىدىكى لىنا دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايدىغان خاكاسلار (قەدىمكى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى) گەنسۇدىكى سالالار، سېرىق ئۇيغۇرلار، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆزبېكلەر، باشقۇردلار، تاتارلار، قازاقلار، قىرغىزلار، تۈركمەنلەر، مورداۋالار، چۇۋاشلار، ئوكرائىنادىكى قالاچلار، كاۋكازدىكى چىركەسلەر، داغان تاتارلىرى، كاۋكاز - ئىران، ئىراقتىكى ئەزەربەيجانلار، ئىراندىكى قالاچلار، ئافغانىستاندىكى ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر، موغۇللار، تۈركىيە تۈركلىرىدىن ئىبارەت.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈركىي خەلقلەر ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ياشىسىمۇ، جۇغراپىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ياشىغان تېررىتورىيىسى، ئاسىيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە ۋە غەربىي جەنۇبىغا قاراپ، بىر تۇتاش ھالدا سوزۇلۇپ كەتكەن.

مەنبە: «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» 1982 ـ يىل 2 ـ سان

تولۇق ئوقۇش

2008年12月8日

ھېيتلىق سوۋغا 52 دانە ئېلكىتاپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! ھېيتلىق سوۋغا سۈپىتىدە 52دانە ئېلكىتاپ يوللاپ قويدۇم ،ۋاقتىدا چۈشۈرۋالغايسىلەر ....
قېنى ئەمسە ھېيتلىق سوۋغىغا مەرھەمەت !!
ئىسلامى كىتاپلار
(ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى)
1-ئائىلە تەربىيسى ئا .ئابدۇراخمان خاقانىي
2-ئائىلدىكى تەربىيە مەنبەسى ئابدۇرەشىد قاراجىم سابىت
3-ئەھل سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسى ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئۈسەيمىن
4-ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئەھمەد بەھجەت

5-ھەرەم خۇتبىلىرى كامىلجان تەرجىمىسى
6-بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ئا.مەجىد تەرجىمىسى
7-دىنىمنى ئۆگۈنىمەن (1-2-قىسىم )
8- ئىماننىڭ ئاساسلىرى ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئۈسەيمىن(تەمكىنى تەرجىمىسى )
9-ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلام مەدەنىيتىگەموھتاجلىقى يۇسۇف قەرۋازى (سەيپۇللا تەرجىمىسى )
10-ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە سۇئال –جاۋاپ شەيخ ھافىز ئىبنى ئەھمەد ئەل ھەكەمىي (ئابدۇلغەنى ئابدۇلئەزىز ،سابىرجان تەرجىمىسى )
11-ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات مۇھاجىرى
12-ئىسلام دىنىنى ئۇمۇمىي تۇنۇشتۇرۇش
13- ئىسلام دىنىنىڭ روھى كومپيۇتېرغا ئالغۇچى :ئا .روزى توختى
14-مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا ( ئا.قارلۇقى تەرجىمىسى )
15-ئىسلام پىرىنسىپى ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدىي
16-ئىسلام تەلىماتى مۇپتى مۇھەممەد كىفايە تۇللاھ (ئەبۇ ئالىيە تەرجىمىسى )
17-ئىسلام تەربىيسى يۇسۇف قەرۋازى
18-ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئوتتۇرسىدا
19-ئىسلامدا ئەۋلاد تەربىيلەش ئۇسۇلى مۇھەممەد نۇربىن ئابدۇلھەفىز سۇۋەيد
20-ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى مۇھەممەد يۇسۇف
21-ئىز باسار تۆت خەلىپە خۇلە پائىر راشىدىن
22- غەيۋەت (ئابدۇلئەھەت ئابدۇلكەرىم تەرجىمىسى )
23-خاتىرجەملىك يولى ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى
24- ئىسلامدىكى ئاياللانىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى (سەيپىدىن تەرجىمىسى )
25- جەننەت يولى شەيخ ئەبۇ مۇھەممەد
26- كەلگۈسىدىكى مۇسۇلمان ئايال يۇسۇف قارداۋى (ئا.ئابدۇراخمان خاقانىي تەرجىمىسى )
27- قۇرئان كەرىمنىڭ ماتىماتىكىلىق ئىلمىي ھەقىقەتلىرى پىغانى
28- مىنىڭ گۈزەل دىنىم (1-2-قىسىم )
29-مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ھاياتى ئەبۇبەكرى ساراجىدىن
30- مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ئەخلاقى شەيخ ئەبۇمۇھەممەد
31- مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ تەرجىمھالى مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى
32- «ياخشىلار باغچىسى»دىكى مۇتتەقىيەلەرنىڭ سەيلىسى
33- مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ مەجبۇرىيتى
34-مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى مۇھەممەد غەزالىي
35-ناخشىچىلىقتىن دەۋەتچىلىككىچە يۇسۇف ئىسلام
36- نىجاتلىق يولى ئابدۇل ئەھەد ھاپىز
37-پەيغەمبەر تىبابىتى ئىمام ئىبىنى قەييۇم جەۋزى
38- پەزىلەتلىك ئەمەللەر (پىغانى تەييارلىمىسى )
39-بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى (تۈزگۈچى :قارچۇغا )
40-قۇرئان كەرىمنىڭ روشەن تەپسىرى ( مۇھەممەد يۇسۇپ تەرجىمىسى )
41-قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى ئۆمەرچىلىك (تۈركىيە )
42-ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانمىلار
43- ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام دەرىسلىرى ھەسسان ئىبىن سابىت

ئونىۋېرسال كىتاپلار
1- بىلىكتىن تەرمىلەر
2- ھاياتىڭىزدا بۆسۈش ھاسىل قىلدىغان 17 لىكسىيە
3- ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش مىڭچىبى ،لولۇلۇ
4- ھەقىقى قۇدىرەت تېپىش دىگەن نىمە ؟ سالام دۇنيا يازمىسى
5- چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش قوللانمىسى
6- ئورخۇندىن جەۋھەر (1-2-قىسىم )
7- چوڭ شاخمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر نەبىجان تۇرسۇن
8- ئۇيغۇرلار تارىخى تۇرغۇن ئالماس
9- تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ ئەسئەت سۇلايمان
چۈشۈرۈش ئادىرسى :
(提取码 a31f2b60)
http://50.dc.ftn.qq.com/ftn_handler/e028b7eea122f1d394f5d01b4a8af1c2c6a58e24eb1212468d42923f4bdda4450d613e75f8832044454a3b9f156542af7ef53cc11386fa07496b88a05ee06ebc/uyghur.rar?k=5f3331665762becd4e8e096e1462041f07050405070653084c005055534f0202020a1c075651551d5652505607540754560554053268364518545913404c44511333

(提取码 494e55e3)
http://51.dc.ftn.qq.com/ftn_handler/f1084deaafb9bba8aaf872129b9774c5844edac9153640df8d41649076de00e6762cd303e9e86da22f68e729fa02a888ff1952e355972ec902756345a35952b1/islam.rar?k=09393465bfdaf2c41b840c6d1335571c555d015001005452190b52510718510a510019040356521e055d555604530055000c045d353c655a475555081b47044134
چۈشۈرەلمىسىڭىز ئالاقىىلشىڭ :چ چ :137936175

تولۇق ئوقۇش

2008年12月6日

قۇربان ھېيتىلىق تىما گوگېل ئۈستەل قۇرالى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بۇلسۇن ! ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىنىڭ مولچىلىق –توقچىلىق ،خۇشال –خوراملىق ئىچىدە ئۈتۈشىنى ئۈمۈد قىلمەن .
تۈۋەندە مەن ھېيتلىق سوۋغا سۈپىتىدە تۈۋەندىكى تىمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى ،لايىقىدا بولمىسىمۇ كۆرۈپ قۇيارسىلەر .
ھەممىمىزگە مەلۇم گوگېل تورى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ۋە ياردەمچى دىتاللار خېلى كۆپ بۇنىڭ ئىچىدە مەن بۈگۈن سىلەرگە گوگېل ئۈستەل يۈزى قۇرالىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي .(بۇلۇپمۇ سىزبىزگە ئەڭ قولايلىق يارتىدىغان قىسمىنى ).
ئاۋال ماۋۇ توربەتكە كىرىپ بۇ قۇرالنى چۈشۈرۈڭ :
http://desktop.google.com/zh/
قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كىيىن ئىكراننىڭ سول تەرپىدە تۈۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك ھاسىل بۇلىدۇ .


بۇ بىز ئىشلەتمەكچى بولغان گوگېل ئۇستەل قۇرالى بولۇپ سىز ئۈستىدىكى قۇشۇش بەلگىسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە قولايلىق كەلتۈردىغان كۆپلىگەن كىچىك قۇراللارنى قېتىۋالالايسىز .بۇيەردە 120گە يېقىن كىچىك قۇراللار تەمىنلەنگەن بۇلۇپ مەن بۈگۈن سىزلەرگە پەقەت 3دانە قۇرالنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .


1- ھاۋارايى قۇرالى
سىز بۇ قۇرالنى قېتىپ قۇيۇپ تۇرۇشلۇق ئورۇننى بىكىتىپ بەرسىڭىز سىز تۇرغان رايوننى تۆت كۈنلۈك ھاۋا رايىنى سىزگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .


2- ئېلخەت قۇرالى
بۇ قۇرالغا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېلخىتىڭىزنى ئۇلاپ قويسىڭىز سىزنىڭ ئېلختىڭىزگە كەلگەن يوللانمىلارنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .تۈۋەندىكىدەك :


3-قۇرال
بۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قۇرال ئاۋال تۈۋەندىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :






قانداقراق ھىس قىلدىڭىز ،سىز ھىچقانداق توربەت كۆرگۈچنى ئاچمايلا سىز ياخشى كۆرىغان توربەتلەرگە يوللانغان ئەڭ يېڭى تىمىلارنى كۆرۈشنى ئويلاپ باققانمۇ ؟بۇ قۇرال ئاشۇ ئارزۇسىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بىرىدۇ.
سىز ياخشى كۆرگەن توربەتلەرنىڭ rssئادىرسىنى قىستۇرۇپ قويسىڭىزلا ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىك رامكىسىدا ئاشۇ بەتنىڭ ئەڭ يېڭى تىمىللىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .كۆرسىتىش شەكلى يېڭىدىن كونىغا بۇلىدۇ .سىز كۆرمەكچى بولغان تىمىنى چەكسىڭىز كىچىك بىر كۆزنەك ئېچىلىپ سىزگە تىما مەزمۇنىدىن قىسقىچە خەۋەر بىردۇ .ئەگەر تەپسىلى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ كىچىك كۆزنەك ئۈستىدىكى كۆك رەڭلىك يولانما تېمىسنى چەكسىڭىزلا ئاشۇ توربەتكە كىرىپ مەزمۇندىن خەۋەردار بۇلالايسىز . بۇ قۇرال ئالدىراش تۇرمۇش ئىچىدىن سىزگە ۋاقىت تىجەپ بىرەلەيدۇ .
ئۇنداقتا مەن ياخشى كۆرگەن توربەتلىرىمنى قانداق قاتىمەن ؟
تۈۋەندىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى داڭلىق توربەتلەرنىڭ ئادىرىسلىرى مۇشۇ ئادىرىسلارنى قېتىش دىگەن ئۇرۇنغا يېزىپ قېتىش دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
http://bbs.bilik.cn/rss.php
http://bbs.xabnam.com/rss.php
http://orkhun.com/bbs/rss.php
http://bbs.diyarim.com/rss.php
http://bbs.salkin.cn/rss.php

ئەگەر سىز ياقتۇردىغان توربەتلەرنىڭ ئادىرسىنى تاپالمىسىڭىز يۇقىردىكى توربەت ئادىرىسلىرىغا تەقلىد قىلىپ سىناپ بېقىڭ ،شۇنداقتىمۇ بولمىسا <كۆرگەن توربەتلەردىن ئاپتوماتىك قېتىش >دىگەن ئۇرۇننى تاللاپ قويسىىز ،بۇ دىتال ئۆزى قېتىۋالدۇ .
بۇنىڭغا يەنە بىلوگلارنىمۇ قېتىۋالغىكلى بۇلىدۇ .قېتىش ئۈچۈن سىز ئاپتوماتىك قېتىش دىگەننى تاللاپ قۇيۇپ سىز ياخشى كۆرىدىغان بىلگلەرنى بىرەر قېتىم زىيارەت قىلىسىڭىزلا بۇلىدۇ.
مەزكۇر دىتال توربەتلەرنىڭ نورمال زىيارەت قېتىم سانىنى ساقلاپ قېلىشقا تەسىر يەتكۈزەمدۇ ؟
مەنچە ئۇنداق بولمايدۇ ،چۈنكى بۇ دىتال پەقەت يېڭى تىما يوللانغان يوللانمىغانلىقىنى ۋە يوللانغان تىمىنىڭ ئازراق مەزمۇنىنىلا كۆرسىتىپ بىرىدۇ .تىمىنى كۆرمەكچى بولسا چۇقۇم تىما باش بىتىگە كىرىشى كىرەك، شۇڭا نورمال زىيارەت سانىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ،بەلكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ۋاقتىنى تىجەيدۇ .
نىمىشقا بۇنى ئىشلىتىمىز ؟
چۈنكى بۇدىتالنىڭ ئۇيغۇرچە خەتنى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىپ بىرەلىگەنلىكى شۇندقلا ۋاقتىمىزنى تىجەپ بىرەلىگەنلىكى بىزنىڭ بۇدىتالنى ئىشلىتىشىمىزگە سەۋەپ بۇلالايدۇ .
قالغان 100گە يېڭىن قۇرالنى قىزىققۇچىلار بولسا سىناپ بېقىپ ئىشىلىتىش قىممىتى بار بولسا ئۆزلىرى قېتىۋېلىپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ .

تولۇق ئوقۇش

ئاق ئادەمگە يېزىلغان خەت

ئامېرىكا قىتئەسىنى ئىشغال قىلغان << بۇلاڭچىلارنىڭ >> گېپىنى ئاڭلىدۇق دائىم. بىز كۆرگەن << مەرگەن كىنولىرى >> بىزگە ھىندىيانلارنى بىر ۋەھشى ھايۋان، ياۋروپالىقلارنى بولسا مەدەنى بىر ئىنسان دەپ ئۆگەتتى. تارىخ كىتاپلىرىمۇ پۇتۇنلەي ئاق تەنلىكلەرنىڭ قەھرىمانلىقلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئەمما كېيىن ئۇگەندۇق، ئەسلىدە ئامېرىكىنى كرىستوف كولۇمبۇدىن، ئامېرىكو ۋېسپۇكى دىن بۇرۇن << كەشىپ >> قىلغان، ئۆزلىرىگە يۇرت قىلغان قېرىنداشلىرىمىز بار ئىكەن. ئۇيغار ۋە قەھرىمان دەپ بىلگەنلىرىمىز، ئەسلىدە ۋىژدانسىز بۇلاڭچىلار، كۆزى تويمىغان ئاچكۆز قاتىللار ئىكەن. ياۋايى ۋە ھايۋان دەپ بىلگەنلىرىمىز ئەسلىدە يۇرتلىرىنى بۇ نۇمۇسسىز بۇلاڭچىلارغا قارشى ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قوغدىغان ۋەتەنسۇيەرلەر ئىكەن.
تۆۋەندە ئوقۇيدىغىنىڭىز مەكتۇپ بولسا، ھىندىيانلارنىڭ باشلىقى SEATTLE تەرىپىدىن << ۋاشىڭتون دىكى ئۇلۇغ رەھبەرگە >> يەنى 1853- 1857 يىللىرىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فرانكىلىن پايرىس قا يېزىلغان. مانا سىلەرگە ، << ئادەم تېرىسى سويغۇچىلار>> دەپ بىلگىنىمىز ۋە بىر نەچچە خىلى چېقىراشتىن باشقا گەپ بىلمەيدۇ دەپ قارىغىنىمىز ھىندىيانلارنىڭ باشلىقىنىڭ خېتى.

ۋاشىڭتوندىكى بۇيۇك رەھبەر بىزنىڭ تۇپراقلىرىمىزنى سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ بىر خەت يېزىپتۇ. دوستلىقىنى ئىزھار قىلىپتۇ بۇ ئۇلۇغ رەھبەر... ئەمما بىز سىزنىڭ دوستلۇقىمىزغا ئىھتىياجلىق ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىمىز.
كۆك يۇزىنى قانداق سېتىۋالالايسىلەر؟
ياكى ساتالايسىلەر؟
ياكى تۇپراقلارنىڭ ئىسسىقلىقىنى؟
ئاغزىمدىن چىققان گەپلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلۇغ رەھبەر، بۇ سۆزلەر ھىچقاچان ئۆچۇپ قالمايدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن سۆلىگەنلىرىمگە ئىشىنىڭ.
ھاۋانىڭ پاكىز پۇراقلىرىغا
سۇلارنىڭ جىلۋىسىگە ئىگە بولمىغان بىرسى ئۇنى قانداق ساتالايدۇ؟
مۇقەددەستۇر بۇ تۇپراقلار مەن ۋە خەلقىم ئۇچۇن...
يامغۇردىن كېيىنكى پارقىراق ھەربىر قارىغاي يۇپۇرمىقى
دېڭىزنى قۇچاقلىغان قۇملۇق ساھىللار
قاراڭغۇ ئورمانلارنىڭ قوينىدىكى تۇمانلار
ناخشا ئېيتىۋاتقان ھاشارەتلەر...
ۋە بىلىڭكى، قىزىل تېرىلىك ھىندىياننىڭ ئەسلىمىلىرى
دەرەخلەرنىڭ ئىچىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن.
تۇپراق بىزنىڭ ئانىمىز
ۋە بىزنىڭ ئۆلۇكلىرىمىز، بۇ تۇپراقلارنى ئۇنۇتمايدۇ
كىيىك، ئات ۋە بۇركۇتلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز
قىيالار، ئوتلاقلار، تايلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىللىق مېھرى ھەممىسى بىر ئائىلە
ۋاشىڭتوندىكى ئۇلۇغ رەھبەر بىزدىن تۇپراقلىرىمىزنى ئالغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىنى بىزدىن ئالىدۇ. ئۇلۇغ رەھبەر بىزنىڭ ئاتىمىز، بىز ئۇنىڭ بالىلىرى بولىدىكەنمىز تېخى
ئۇلۇغ روھ خەلقىمىزنى سۆيىدۇ، ئەمما ھىندىيان بالىلىرىنى تاشلاپ كەتتى. ئەمدى سىلەرگە ھەر خىل ماشىنىلارنى بېرىۋاتىدۇ ۋە ئىنتايىن يېقىندا تۇيۇقسىز ياغقان يامغۇردىن كېيىن تېشىپ، ئۇيىمىزگىچە كىرگەن دەريالاردەك، ئاق ئادەملەر بۇ تۇپراقلارنىڭ ھەر بىر غېرىچ يېرىگىچە توشىدۇ. بىز يىتىم قالدۇق. چۇنكى ئاقساقاللىرىمىز ھەر خىل ھىكايىلەرنى بىزگە سۆزلەپ بېرەتتى.
بىلگەن بولساڭلار...
دەريالارنىڭ ۋە ئۆستەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئاققان سۇلار
پەقەت سۇدىن ئىبارەت ئەمەس
ئاتىلىرىمىزنىڭ قانلىرى ئۇ.
بىلىپ قېلىڭلار، بۇ تۇپراقلارنى سىلەرگە ساتقان چېغىمىزدا
چۆللەرنىڭ پارقىراق سۇلىرىدا
خەلقىمنىڭ كەچۇرمىشلىرىنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى
بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىشىڭلار كېرەك
سۇلاردىن چىققان ئاۋازلار
ئەجداتلىرىمنىڭ ئاۋازىدۇر
دەريالار قېرىنداشلىرىمىزدۇر
بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۇگىتىشىڭلار كېرەك.
ئاق ئادەم بىزنى چۇشەنمەيدۇ
بىلىمىز.
تۇپراق ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەمەس، دۇشمىنى
ئاتىلىرىنىڭ قەۋرىلىرىنى ئارقىسىدا تاشلاپ كېتىدۇ ئاق ئادەم
تۇپراقنى بالىلىرىدىن ئوغۇرلايدۇ
ئاچكۆزلىكىڭ دۇنيانى قاپلايدۇ ئاق ئادەم
ۋە سەندىن چوڭ بىر چۆل مىراس قالىدۇ :
سەھەر تۇمانلىرى تاغلارنىڭ قارنىدىن تۇغقان قۇياشنى كۆرىدۇ
ۋە قاچىدۇ.
ئاتىلىرىمىزنىڭ كۇللىرى مۇقەددەس تۇپراقلارغا يېيىلىدۇ. مەن ھىندىيان ۋە چۇشەنمەيمەن.
شەھەرلىرىڭلارنىمۇ چۇشەنمەيمەن، ئۇ يەرلەردە جىمجىتلىق يوق... ياپراقلارنىڭ ئاۋازلىرىنى، ھاشارەتلەرنىڭ چىرىلداشلىرىنى... قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ۋە پاقىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىيالايدىغان بىر يەر يوق ئۇ يەرلەردە.
مەن بىر ھىندىيان ۋە چۇشەنمەيمەن. مەن كۆللەرنى يالاپ كەلگەن شاماللارنىڭ ئاۋازىنى، چۇش يامغۇرىنىڭ پاكىزلىقىنى، ۋە پاكىز قارىغاي ياپراقلىرىنىڭ پۇرىقىنى سۆيىمەن.
سىزگە بۇ توپراقلارنى ساتساق، بىلىڭلاركى، ھاۋا بىزنىڭ ئۇچۇن قىممەتلىكتۇر ۋە ھاۋا پۇتۇن جانلىقلارنىڭ ئورتاق ياشاش مەنبەسىدۇر. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنى بۇلغىماڭلار. ھاۋا ھايات بەرگەن ھەممە نەرسە بىلەن روھىنى بۆلىشىدۇ.
تۆمۇر ئات ( پويىز )
ئۆلتۇرۇپ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋپچى بولغىنىڭىز
مىڭلارچە ياۋا كالىدىن قىممەتلىكمۇ؟
قانداقسىگە؟ چۇشىنەلمەيۋاتىمەن
ھايۋانلار ئىنسانلارنى تاشلاپ كەتسە
ئىنسانلارنىڭ روھلىرى يالغۇزلۇقتىن ئۆلمەمدۇ؟
ھايۋانلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر ئىنسانلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ.
تۇپراقنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر بالىلىرىنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ
بالىلىرىڭىزغا، ئۇستىگە دەسسەۋاتقان بۇ تۇپراقلارنىڭ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ كۇللىرى بىلەن بىرلەشكەنلىكىنى سوزلىشىڭلار كېرەك. بىز بالىلىرىمىزغا ئۆگەتكەن نەرسىلەرنى، سىلەرمۇ بالىلىرىڭلارغا ئۇگىتىڭلار. تۇپراق بىزنىڭ ئانىمىز. ئۇنىڭغا تۇكۇرمەڭلار. تۇپراق ئىنسانغا ئەمەس، ئىنسان تۇپراققا ئائىت. ئىنسان ھايات زەنجىرىنىڭ پەقەت بىر پارچىسى...
ئاق ئادەم نىمىنى سېتىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ؟
كۆكلەر ۋە يەرنىڭ ئىسسىقلىغىنىمۇ؟
چېپىۋاتقان بۇغىلارنىڭ سۇرئىتىنىمۇ؟
بىز بۇلارنى سىلەرگە قانداق ساتالايمىز؟
ۋە سىلەر قانداق سېتىۋالالايسىلەر؟
بىر قەغەز پارچىسىنى ئىمزالىغانلىقىمىز ۋە ئاق ئادەمگە بەرگەنلىكىمىز ئۇچۇن، ھەممە نەرسىنى قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاۋاتامدۇ ئاق ئادەم.
ھاۋانىڭ پاكىزلىقىغا ۋە سۇلارنىڭ جۇلالىسىغا ساھىپ بۇلالمىساق، بۇنى قانداق ساتىمىز سىلەرگە؟ ئەڭ ئاخىرقى ياۋا كالىمۇ ئۆلگەندە ئۇلارنى قايتىدىن قانداق سېتىۋالالايسىلەر؟
ئاق ئادەم ئۆتكۇنچى بىر ھۇكۇمراندۇر ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىگە كۇچى يېتىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىدۇ.
بىر ئىنسان ئانىسىغا ساھىپ بۇلالامدۇ؟
كۇنلىرىمىزنىڭ قالغىنىنى نەدە ئۆتكۇزىدىغانلىقىمىز مۇھىم ئەمەس. بالىلىرىمىز دادىلىرىنى غورۇرلىرى سۇنغان ھالدا كۆردى. جەڭچىلىرىمىزنىڭ يۇزلىرى يەرگە قاراشقا مەجبۇر بولدى. مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن ئۆزلىرىنى ئىچىملىككە ۋە يەپ ئىچىشكە ئۇردى. بۇ يول بىلەن بەدەنلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. بىر نەچچە قىشلىق ئۆمرىمىز قالغان بۇ تۇپراقلاردا، يېقىندا بىزگە ماتەم تۇتىدىغان ھىچكىم قالمايدۇ. ئەمما يىغلىمايمەن ! ئىنسانلار دېڭىزدىكى دولقۇنلارغا ئوخشاش كېلىپ كېتىدۇ. بىز كېتىمىز ئەمما ئاق ئادەمنىڭ بىر كۇنى چۇشىنىدىغان ھەقىقەتنى بىز بۇگۇندىن تارتىپ بىلىمىز. ھەممىمىز ئوخشاش بىر ئۇلۇغ روھتىن كەلگەن. ئاق ئادەملەرمۇ بىر كۇنى بۇ تۇپراقلاردىن كېتىدۇ. بەلكى پۇتۇن ئېرىقلاردىن تېخىمۇ تېز. ياتىغىڭلارنى زەھەرلەشكە داۋام قىلىڭلار ۋە بىر كۇنى ئۆزەڭلارنىڭ ئەخلىتى ئىچىدە تۇنجۇقۇپ كېتىسىلەر.بۇ تەغدىرنى بىز ھازىر بىلەلمەيمىز. ئەمما گۇمران بولغان چېغىڭلاردا پۇتۇن ئەتراپقا پارلاق بىر نۇر چاچىسىلەر.

پۇتۇن ياۋا كالىلار ئۆلتۇرۇلگەندىن كېيىن، توسۇن ئاتلار كۆندۇرگەندىن كېيىن، ئورمانلارنىڭ ئەڭ مەخپى بۇلۇڭلىرغىچە دۇنيا ئىنسان پۇرىقىغا تولغاندىن كېيىن، سۇيۇملۇك ئىدىرلىقلارنىڭ گۇزەللىكى كىرلىتىلگەندىن كېيىن... كۆزۇڭلارنى ھەقىقى ئېچىپ ئەتراپقا قارىغان چېغىڭلاردا... كۆكتىكى بۇركۇتلەرنىڭ يوق بولغانلىقىنى، شامالدەك چاپقۇر ئاتلارنىڭ يوق بولغانلىقىنى كۆرىسىلەر. بىلەمسىلەر بۇ نىمە دىمەك؟ بۇ ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ھايات قېلىش ئۇچۇن مۇجادىلە قىلىشنىڭ باشلىنىشى دىمەكتۇر. ئۇلۇغ روھ بىزنىڭ ھايۋانلارغا ۋە ھىندىيانلارغا ساھىپ چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بەلكىم بۇنىڭ ئالاھىدە بىر مەنىسى باردۇر. لېكىن ھازىر بۇنى بىلەلمەيمىز.

بىز ( قېرىنداشلىرى ئارىسىدا قانچىلىك پەرق بولسا بولسۇن ) ھەر ئىنساننىڭ ئۆزى خالىغان مۇھىتتا ياشىشىنى ئۇمىد قىلىمىز. ئەگەر بىز تەكلىپىڭلارنى قۇبۇل قىلساق، بۇ پەقەت يېڭى تۇپراقلارنى قوغدىشىمىز ئۇچۇندۇر ۋە ئۇ يەردە ئاخىرقى كۇنلىرىمىزنى راھەت ۋە تېنچلىق ئىچىدە ياشىيالىشىمىز مۇمكىن بەلكىم!.........

ئەڭ ئاخىرقى ھىندىيان بۇ تۇپراقلاردىن كەتكەن كۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىمىسى يالغۇز بىر بۇلۇتنىڭ چەكسىز ئوتلاقلار ئۇستىدىكى سايىسىگە ئۆزگەرگەن ۋاقتىدا، ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىمۇ بۇ قىيالىقلاردا ۋە ئورمانلىقلاردا ياشاشقا داۋام قىلىدۇ.

سىلەرگە بۇ تۇپراقلارنى ساتقان چېغىمىزدا، سىلەرمۇ خۇددى بىز سۆيگەندەك سۆيۇڭلار. ئۇنىڭغا بىز كۆڭۇل بۆلگەندەك كۇڭۇل بۆلۇڭلار. ۋە ئۇنى ئاسراڭلار. بۇ تۇپراقلارنى ۋە ئۇستىدىكى جانلىقلارنى بالىلىرىڭلار ئۇچۇن قوغداڭلار. چۇنكى بۇ دۇنيا مۇقەددەستۇر. ئاق ئادەملەرمۇ بىزنىڭ تەغدىرىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ. بەلكى بىز ھەممىمىز قېرىنداش. روھلىرى بۇ تۇپراقلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئاتىلىرىمىزنى ئەسلەپ قويۇڭلار.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ۋە ئەپسۇس ئاق ئادەم قىزىل تېرىلىك ھىندىيانلارنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمىدى. ئۆزىنى ھەممە نەرسىدىن ئۇستۇن تۇتۇشقا باشلىدى. يەرنى، كۆكنى، دېڭىزنى بۇلغىدى. ھەتتا ھازىر باشقا پىلانىتلارنىمۇ بۇلغىماقچى بولىۋاتىدۇ. يۇز ئەللىك يىل بۇرۇن پۇتۇن ياۋا كالىلارنى ئۆلتۇرگەن ئاق ئادەم. ھىندىيانلارنىمۇ يوق قىلدى ۋە نىھايەت ئاتوم بومبىسى بىلەن يۇزمىڭلىغان ئىنساننى، چوڭ-كىچىك، قېرى- ياش دىمەي قەتىل قىلدى. ھايۋانلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر ئىنسانلارنىڭمۇ بېشىغا كەلدى. ئاق ئادەم، قىزىل ئادەمنىڭ دىگىنىدەك يۇپراققا دۇشمەن بولدى. ئاچكۆزلىكى دۇنياغا بالا بولدى. يىلانغا ئوخشايدىغان قوللىرىنى ئافرىقىغا، ئاسىياغا، ئانتىراكتىكاغا ئۇزاتتى. ئاق ئادەم ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئاخىرىدا نېگىرلارنى ئېلىپ ساتتى، تويمىدى، ئاق ئاياللىرىنى ساتتى، يەنە تويمىدى. ئۆزىنى ساتتى.

ئەمدى ئاق ئادەم ئۆزىنىڭ ئەخلىتى ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قېلىۋاتىدۇ.
توغرا ئاق ئادەممۇ بىر ئۆتكۇنچى ھۇكۇمران. ئەمما بۇنى بىلمەيۋاتىدۇ.
بۇ ئىشلارنىڭ بولىشىنى يۇز ئەللىك يىل بۇرۇن بىلگەن ھىندىيانلارنىڭ باشلىقى بىر غايىپنى بىلگۇچى ئەمەس ئىدى. ئەمما تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلغان ئاق ئادەمنى ئىنتايىن ياخشى تونۇغان ئىدى !!!!

ئىسىت ساڭا ئاق ئادەم ئىسىت !!!!

سەن پۇتۇن دۇنيانى بۇلغۇغانلىقىڭنى ئاز دەپ، بالىلارنىڭ ساپ مىڭىلىرىنىمۇ بۇلغاۋاتىسەن. قەغەزنى بۇلغۇدۇڭ، مېڭىنى بۇلغۇدۇڭ... ئىسىت ! ئاق ئادەم سەن ئەسلىدە نىمىدىگەن قارا !

تولۇق ئوقۇش

ھەر بىرىمىزگە قاتتىق سىگنال

يېڭى بىر ئەسىر مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق. تارىخنىڭ ئاۋازى ئەسلىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى يادىمىزغا سالدى. بىز بۇ يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا تۇرۇپ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز ، كېلەچەك ۋە ئىقبالىمىز ھەققىدە سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلانمىساق بولمايدىغان باسقۇچقا توغرا كەلدۇق. ئەپسۇسكى، كىرزىسلىرىمىز شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ، بىراق بىز ئۆز كىرزىسلىرىمىزدىن يىراق ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ئۆزىمىزگە، تارىخمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە، مەۋجۇتلۇقىمىزغا بولغان مەسئولىيەتچانلىق روھىمىز دېگەندەك تىكلەنمىگەچكە، ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ ھەل قىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەڭ ئەقەللىي جاۋابكارلىق كۈنتەرتىپىمىزگىمۇ ئېلىنمىدى. بىز ئەڭ ئادەتتىكى مەسىلىلىرىمىزنى بىر ياقلىق قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ قوشۇلۇپ ، ئۆزىمىزمۇ ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولغاندەك ئەڭ زۆرۈر بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، سانسىز مەسىلىلەر قاتارى ئۆچرەت ساقلاش مالامىتىگە قالدۇق!...... ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ ئۆچرەت ساقلايمىزمۇ ياكى ............
ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچرەت قاتارىغا نەزەر سالدىم- يۇ ، كۆزلىرىم ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي گاڭگىراشقا پاتقان قىز - ئاياللار نىگاھىدا تېنەپ قالدى. بۇنىڭدىمۇ بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن قىز - ئاياللىرىمىز بىزنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق ئانىلىرىمىز سالاھىيىتىدە ئۆچرەتنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان . مەسىلە زادى كىمدە ؟

چەكسىز ئىزتىراپ ئىچىدە ئويلاندىم . نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ ؟ زادى نېمە ئۈچۈن بىز بۇ ھالغا مۇپتىلا ؟ « رېئاللىقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ تارىخنىڭ نۇرلۇق ئاسمىنىغا نەزەر سالدىم. ئاسمىنىمىزدا قىز - ئاياللارنىڭ يولتۇزى خىرەلىشىپ قاپتۇ . ئەدەپ بوستانىنىڭ زىبا غۇنچىلىرى ، ئائىلە گۈلىستانىنىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارلىرى سولىشىشقا باشلاپتۇ . بېغىمىز خازان بولمىسۇن ، ئاسمىنىمىز يۇلتۇزسىز قالمىسۇن ، بالىلىرىمىز بويۇن قىسىپ يۈرمىسۇن ، دەپ ئويلىدىم .... رېئاللىقىمىزدىكى نازۇك بىر مەسىلە ، يەنى ئاياللار مەسىلىسى مېنى ئويغا سالدى... شۇڭا توپا ئاستىدا ياتقان ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتى ئارقىلىق تىرىك ئانىلارنى ئويغىتاي دىدىم . ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە سۆيگەندە ، توپىدا ئويناۋاتقان مىڭلاپ بالىلارنىمۇ سۆيەي دىدىم...» .
مەقسەت ئۇلۇغمۇ بولىدۇ ، پەسكەشمۇ بولىدۇ ، مەقسەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بىر ئانىغا نىسبەتەن ئېتقاندا ، ئەڭ ئۇلۇغ مەقسەت پەرزەنت تەربىيلەش.
بىراۋ بىر دانىشمەندىن شۇنداق سوراپتۇ :
_ ئاياللارنىڭ قىممىتى قەيەردە ؟
_ ئانىلىق بۇرچى ۋە قۇربان بېرىشتە .
ھالبوكى ، ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلىق بۇرچى ۋە قۇربان بېرىش روھى كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . بۈگۈنكى دۇنيادا سۈپەت دۇنيانىڭ يولخېتى ! پەرزەنت ئىنسانغا خۇدايىتائالانىڭ بەخىش ئەتكەن سانسىز نېمەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل سوۋغات . ئانا پەرزەنتىنىڭ نۇقۇل ئانىسىلا بولماستىن بەلكى، ئەمەلىيەتتە تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى . شۇڭا ، « تەربىيە مەكتەپتە مۇئەللىمدىنلا ئەمەس ، مۇھىمى ئائىلىدە ئانىدىنمۇ باشلىنىشى كېرەك » ( سىتېنا خانىم ) . ئانا ئالىم بولسا پەرزەنتىنىڭ ئېسىل ئادەم ، ئىستېداتلىق ئادەم بولۇشىدىن ئەنسىرەش نەھاجەت ! بىلىش كېرەككى ، ئانا بېشارەتچى بولسا ، بالا قەھرىمان بولىدۇ !
« ئالىملىرىمىز ئۆز ئىملالىرىدا قىلنى قىرىق يېرىشىدۇ . لېكىن ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئاساسىي نەرسىنى بىلىشمەيدۇ » ( جالالىدىن رۇمى ).
بىز كرزىستا تۇرىۋاتىمىز . يەنە كېلىپ ھەر كۈنى يېڭى - يېڭى كرزىسلىرىمىز تۇغۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ . بىز ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك خرىس ۋە ئاساسىي مەسىلە مەۋجۇتلۇق ۋە سالاھىيەت كرزىسى مەسىلىسى بوپقالدى .
شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى ، قوۋمىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە سالاھىيىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە سالاھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . « بىر جەمئىيەتنىڭ ھالاكىتىنىڭ باشلىنىشى _ خوتۇنلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن باشلىنىدۇ . 80- يىللاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەرلەر ئۆلگەن ، 90- يىللاردا بالىلار ئۆلمەكتە » ( ئابدۇقادىر جالالىدىن ) . بىر جەمئىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئۆلۈشى شۇ جەمئىيەت مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئۇلىغا پالتا چېپىلغانلىقتىن بولسا ، بالىلارنىڭ ئۆلۈشى شۇ جەمئىيەت زاۋالىدىن بىر ئۇچۇر . ئۆلگەن ئەرلىرىمىزنى « تىرىلدۈرۈش»، ئەبەدىي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا قايتا ھاياتلىق بېرىش ئانىدىن ئۆزگە ھېچكىمنىڭ قۇلىدىن كەلمەيدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ئەيشى- ئىشرەت كوچىسىدا تىنەپ يۈرگەن، قايمۇققان ، ئۆلگەن ئانىلىرىمىز بولمىش خوتۇن _ قىزلىرىمىزنى «تىرىلدۈرۈش»، ئۇلارغا ھاياتلىق بېرىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىمىزنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كۆمۈلۈپ قالغان ئەقىل بولاقلىرىمىزنى يۈكسەك شىجائەت بىلەن ئېچىشىمىز كېرەك !
« گىرمان مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مائارىپ ئارمىيىدىن بەكرەك مۇھىم » ( كارىل ياسىپېرىس _گىرمانىيە پەيلاسوپى) بولغاچقا ،2- دۇنيا ئۇرۇشى مەغلۇبىيەت خارابىسىدىن ئۆملەپ ھاياتلىققا تەلپۈنگەن گىرمانلار بىلەن ياپۇنلار مائارىپ ئارقىلىق بۇرۇنقى سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى . دېمەك ، مۇنقەرز بولغان بىر مىللەت ئاسارەت، مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلماقچى ، مەۋجۇت بولماقچى بولىدىكەن ، بۇ ئاقىلانە تاللاشنىڭ پىلتىسى ئۆزىگە تايىنىش ۋە مائارىپتا !
ئەلۋەتتە ، بىز مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئوقۇمغا نىسبەتەن ئۇنداق ئاددى نەزەردە قارىماسلىقىمىز كېرەك . پەرزەنت تەربىيىسى نۇقۇل ھالدا مائارىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قاراش ، بۇ ئادىمىيلىكىمىز ۋە مائارىپ قارىشىمىزدىكى بىر يېگىلەش بولسا ، مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا قارىتا يېڭى باشتىن ئېنىقلىما بەرمەي ئامال يوق .
مائارىپ شۇنداق بىر جەريانكى ، ئۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشلا ئەمەس ، بەلكى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش جەريانى، بولۇپمۇ بىلىمنىڭ قېرىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تېز بولىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا تېخىمۇ شۇنداق . بىلىم بەخىت - سائادەتنىڭ ئاچقۇچى. « بىلىم - ھېكمەت بېرىلگەن كىشىگە كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ » (ھەدىس) . شۇڭا بۇ ھاياتىي دۇنيادا « سەن ئالىم ياكى ئوقۇغۇچى ۋە ياكى ئاڭلىغۇچى بولغىن ، ھەرگىزمۇ تۆتىنچىسى ( نادان ) بولۇپ قالما ، بولمىسا تۈگىشىسەن» ( ھەدىس ) . مەۋجۇتلۇق ئەنە شۇنداق تالاي سەۋەبلەرگە باغلىق ئاجايىپ جەريان . مەۋجۇتلۇق ھەر قانداق مىللەتكە ئورتاق تاللاش ھوقوقى، ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان تەبىئىي تاللاش ئەركىنلىكىدۇر . مەۋجۇتلۇقنىڭ شەكىللىرى خلمۇخىل بولىدۇ ، قايسى شەكىلدە مەۋجۇت بولۇشى ھەر كىمنىڭ شىجائىتىگە باغلىق . بىراۋ تۇغما ھالەتتە خار ياكى ئەزىز ، مەھكۇم ياكى ھۆر بولۇپ تۇغۇلمايدۇ . ئىنسان ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇزۇن بىر ھايات مىلودىيىسى . ھېچكىم كىمدىن تۇغۇلۇشى، كىم بولۇشنى، قاچان ئۆلۈشنى بىلىشكە قادىر ئەمەس . ئەمما سەۋەب بىلەن ( تۈۋرۈكسىز ) بىنا بولغان بۇ ئالەمدە سەۋەب قىلسا ، تۆشۈك سېۋەتتىمۇ سۇ توختاتماق تەس ئىش ئەمەس . شۇنىڭدەك ، ئىنسانىيەت ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئالدىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقلىي پەرۋىشكارلىقىدا ئۆز بۇرچىنى ئاڭلىق تەرزدە تونۇشتەك دادىل قۇربان بېرىش روھى بىلەن قەدىم ئەلمىساقتىن بويان زامان -ماكاندىن ئىبارەت بۇ « تۆشۈك سېۋەت»تە « سۇ» تۇختىتىپ كەلگەنلىكى قانداق ماختاشقا لايىق ؟!
دەرۋەقە ، ئانا ئۇلۇغ ، ئانا مۇقەددەس ! ئەمما ئانا ئانىلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلالىغانلىقى ، پەرزەنتىنى ئىنسانىيەت ۋە مىللەت بەختىگە ھەسسە قوشالىغۇدەك جەسۇر ، سورتلۇق پەرزەنت قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىغانلىقى بىلەن تېخىمۇ ئۇلۇغ !
تارىختىن بويان ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئانا ۋەتىنى بىلىپ كەلگەن ئاتا - بوۋىلىرىمىز تۇمارىس، تۈركەن خاتون، بۈۋى رابىيە ، ئاماننىساخان ، يەتتە قىزلىرىم ، ئىپارخان ، نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈل.......گە ئوخشاش شىرمەت ، ئالىپ قىز -ئانىلىرىمىزنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈپ كەلگەن . ئۇلار بۈگۈنگىچە خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ياد ئېتىلىپ تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئانىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇ ھۆرمەتكە تالىق ؟ بۇنىڭ سىرى بەكمۇ ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ئۆلۈم كۆرۈمدە ئەل - ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغانلارلا بولۇپ قالماي ، يەنە ئۆزى باسقان يوللارنى توختاۋسىز باسقۇچى سادىق ئىزباسار پەرزەنت- مەردۇ مەردانىلەرنى تەربىيلەپ چىققانلىقىدا ياكى شۇنىڭغا سەۋەبكارلىق قىلغانلىقىدا !
روشەنكى ، مەدەنىيەتسىز، ئۇنچە نادان ، باشقىلارنىڭ تاپا- تەنىسىگە قالغۇدەك خەلق ئەمەسمىز . بىراق پارلاق سەلتەنەتكە ، مەدەنىيەتكە ئىگە ئاتا- بوۋىلىرىمىز جەڭگىۋار مەدەنىي ھاياتىغا زاھىرلارچە ھەغدابولالمىغانلىقىمىز سەۋەب « ئاتىسىدىن قارغىش ئالغان بالا » نىڭ نەق ئۆزىگە ئايلىنىپ ، ئەھمەد شاھ قاراقاشنىڭ « ئات ھەققىدە قىسسە » ناملىق ئەسىرىدىكى « قاشاڭ ئات » ھالىتىگە كېلىپ قالغانلىقىمىز بىر ئەمەلىيەت. ئاتا- ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئادەم ئىلگىرى باسمايدىغان ئادەم ، ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلالمىغان مىللەت راۋاج تاپمايدىغان مىللەتتۇر
مىڭ يىللاردىن بويانقى تارىخنىڭ دەششەتلىك بوران - چاپقۇنلىرىدا راۋاج تېپىپ ، زورىيىپ ، تارىختا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان بۇ مىللەت قانداقچە « كەنجى مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرى» دىن كىيىنلا جاھالەت ، ئاسارەت ، مەھكۇملۇق پاتقىقىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن ناتىۋان ، نادان مىللەتكە ،« قاشاڭ ئات» ھالىتىگە كىلىپ قالىدۇ ؟ تارىختا مەدەنىيەت تەرەققىيات ، مەرىپەتنىڭ سىموۋلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئەمدى مەدەنىيەتسىزلىك ، قالاقلىق ، نادانلىقنىڭ سىموۋلى بولۇپ قالسا ، بۇنىڭدا يەنە قانداق باھانە- سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ؟ تارىخنىڭ ئۆزى گۇۋاھكى ، ئۇزاق ئەسىر - قەرنەلەردىن بۇيان ئىزچىللىق شەكلىدە ئەۋلادقا ئاتا ئۇدۇمى بولۇپ كەلگەن تالاي ئېسىل ئەنئەنە - ئادەتلىرىمىز ، شانلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرۈتكە بولغان تەۋەررۈك گۆھەر كەبى گۈزەل خىسلەتلىرىمىز ، قەھرىمانلىق دەۋرىمىز كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە جاھالەتنىڭ قارا تۇمانلىرىدا بەقۇۋۋەت جاسارىتىنى يوقاتتى . مەھمۇد قەشقىرىدەك دۇنياغا داڭلىق بىر كاتتا ئالىمنى يېتىشتۈرگەن بۈۋى رابىيە ئانىمىزدەك ئانىلار روھى قاتمۇ قات توپا-تۇمانلار ئاستىدا قالدى . ئۆزىمىزدە ئەسلىدە بار بولغان خىسلەت ، تەۋەررۈك ئادەت ، نۇرانە گۆھەر ،ماياك ، مەشئەل كەبىي ئەڭگۈشتەرلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ، مانا بۈگۈن تاشقى دۇنيادىن « ئەنگۈشتەر قوبۇل قىلىش» قا ،« نوم ئەكىلىش» كە مەجبۇر بولدۇق .
شۇنى سۆزلەش ھاجەتكى، قەدىمدىن بويان مائارىپ ئۇقۇمى مەدەنىي ھاياتىمىزنىڭ سۇنماس قانىتى بولۇپ كەلگەن . پەرزەنت تەربىيىسىگە قارىتا ئەزەلدىن چولتا قاراشتا بولۇپ كەلگەن خەلق ئەمەسمىز . بىزدە « يېقىندىكى موللام جا موللام، يىراقتىكى موللام دا موللام » بولۇشتەك ئادەت مەدەنىيەت پىسخىكىمىزغا ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى «ئەڭگۈشتەر» ئورنىدا قالدۇرۇپ كەتكەچكە ، « يىراقتىن كەلگەن دا موللام » لارنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى ئاۋارە پىچكىسىغا ئايلىنىپ قالدۇق ..... ئۆتكەن كۈنلەر يىللارغا مىڭ ئەپسۇس!.... ھېلىھەم سىرتتىن ئېنىرگىيە تولۇقلاش، باشقىلارغا ئوخشاش بولۇش ، دوراش، تەقلىدچىلىك ھايات دوقمۇشىدا گاڭگىراش ئىچىدە ئاۋارىمىز !
ئاتا- بوۋىلىرىمىز بالىلارنى سۆيگەنلىك _ كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك دېگەن مەنتىقىۋى قاراش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا ،« مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى» ..« قۇتادغۇبىلىك»، « تۈركىي تىللار دىۋانى» ... قاتارلىق مەشھۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ئابىدىلىرىدە بۇ ھەقتە يىتەرلىك تەلقىنلەر ، ئۈگۈت - نەسىھەتلەر بېرىلگەن . ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ پىرانىك بىكوندىن 600يىل بۇرۇن « بىلىم-كۈچ» دېگەن ئىلمىي يەكۈنىدە ئاللىقاچان يۈزلىنىپ بولغان بۇ مۇبارەك تۇپراقتا مەدەنىيەت ، مائارىپ جەھەتتە قانچىلىك يۈكسىلىشلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى جاھان ئەھلىگە سىر ئەمەستۇر!..... پەيغەمبىرىمىزنىڭ « تەربىيىنى زاكىدىن باشلاڭلار» دېگەن مەشھۇر سۆزى بويىچە دۇنيانى ساغلام ئەقلى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئادەتلەنگەن ئالىملار ،« مېنىڭ پىكىرىمچە ، ھەممە مۇتەپەككۇرلار تەربىيەنى زاكىسىدىن باشلاش كېرەك ، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن» ( پىروگوۋ). بىراق بىزنىڭ بۇ ئەڭگۈشتەرلىرىمىز ھازىر قەيەردە؟
ئابدۇقادىر داموللام بىر دىنىي ئالىم بولۇپلا قالماي ، قابىلىيەتلىك تەشكىلاتچى، مائارىپشۇناس ھەم ئىسلاھاتچى ،مۇتەپپەككۇر ئىدى . ئۇ گۈزەل ، يارقىن ، ھېكمەتكە تۇيۇنغان رىسالىلىرىدە پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە توختىلىپ بالىنى ئىككى ياش چېغىدىن باشلاپلا تەربىيلەشنى ئوتتۇرغا قويغان .پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ قانچىلىك زورلۇقى، زۆرۈرلىكى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ باققان ئاتا- ئانىلىرىمىز قانچىلىكتۇر ؟ مېنىڭچە يوقنىڭ ئورنىدا . كىچىك ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ يەسلىگە بېرىلىشى ، مىللىي تىل تۇپرىقىدا ئەمەس ، باشقا بىر تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ،ئۆزگە مىللەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشقا بولغان ئالاھىدە ھېرىسمەنلىك تۈپەيلىدىن قوۋمى ئۇيغۇر بولسىمۇ ، ئەمما ئۆزى «ئۇرغۇي» بولۇپ يېتىلىۋاتقان بالىلار توپىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى ، بالىلارنىڭ قىلچىلىك ئانىلىق مېھرى بېرەلمەيدىغان بالا باققۇچىلار( باۋمۇ لار) تەرىپىدىن بېقىلىشى، ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ بولسا خېرامان « رەڭلىك ئولتۇرۇش» ، قاتارچاي، ئۇ چاي بۇ چايدىن بېرى كېلەلمەي ھاياتلىق سەيناسىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشلىرى ئائىلە ۋە ئائىلە كىرزىسىغا پېتىۋاتقان جەمئىيىتىمىزنىڭ رېئال كۆرۈنۈشلىرى...... بۇ مەسئولىيەتسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلمىشى خەلقىمىزنىڭ ئەتىكى ئىز باسارلىرىغا قىلغان يۈزسىزلىكى ، قەتئىي كەچۈرگىلى بولمايدىغان قەبىھ جىنايەتتۇر !...... ھالبوكى ، رېئاللىقىمىز شۇنداق جىنايەتلەر بىلەن تولغان . مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، پەقەت مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىلا 15مىڭدىن 30 مىڭغىچە تۇل قالغان خوتۇن- قىزلىرىمىز «ياشايدىكەن». دېمەك ، تەڭ يېرىمىدىن ھېسابلىساقمۇ 10مىڭ پەرزەنت يىتىملىك ئىچىدە ياشايدۇ، دېگەن سۆز. شۇ خىل يۈزلىنىش بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى 85ناھىيە -ۋىلايەتتە 10 مىڭنى بىرلىك قىلغان ھالدا سىتاتېستىكا قىلىپ كۆرسەك ، 850 مىڭ پەرزەنت يىتىملىك سىپىگە قوشۇلغان بولىدۇ . دېمەك ، 1 مىليون يۈرەك پارىمىزنىڭ كەلگۈسى خىرە دېگەن سۆز ! بۇمۇ ئائىلە ئەخلاقى قاراشلىرىمىزنىڭ يىمىرلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان « ئىس - تۈتەكسىز ئۇرۇش» قىرغىنچىلىقى ئېلىپ كەلگەن رېئال ئاقىۋەتلىرىمىزنىڭ بىرى .
شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى ، پەرزەنتىنى چۈشىنىش_ كەلگۈسىنى چۈشىنىشتۇر ، كەلگۈسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پەرزەنتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش تېخىمۇ مۇھىم .
جاھان تارىخىدا باشقىلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان دۆلەت،مىللەت ھەم كاتتا ئىمپېرىيىلەرگە قارىغاندا ئۆزى تەرىپىدىن مۇنقەرز بولغان دۆلەت ، مىللەت ھەم ئىمپىرىيلەر ناھايىتى كۆپ .
« ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق ، كۆپ ساندىكى ئانىلار بالىسىنى بالا باققۇچىسىغا تاشلاپ قويىدۇ. مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئانىلارنى ئانا ھېسابلانمايدۇ ، دەپ قارايمەن . ئانىنىڭ مەسئولىيىتى يالغۇز بالىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىشلا ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى ئەتراپلىق تەربىيلەش . ئانا بولغۇچى بالىسىنى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاشلاپ قويماسلىقى ، بەلكى چوقۇم ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيلىشى كېرەك . پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتىنى باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ، ھايۋانلار قەتئىي بۇنداق قىلمايدۇ . رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇكى ، رىملىق ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان » .( سىتېنا خانىم) ئىبرەت بوسۇغىسىدا تۇرۇپ ئىبرەت قۇبۇل قىلمىغانلىقىمىز سەۋەب تەكرار خاتالىقلارغا يول قويۇۋەرسەك بىزنىڭمۇ بىر كۈنلەر ئۈتۈپ بۇ ھالاكەت بوسۇغىسىغا كېلىپ قىلىشىمىز مۇقەررەر ، ئەلۋەتتە!
ئاياللار مەسىلىسى بىزنىڭلا مەسىلىمىز بولماي ، نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق بىر مەسىلىسىگە ئايلانماقتا . دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن بۇ ئومۇمىيۈزلۈك مەسىلە بىزنىڭ بېشىمىزدىمۇ ياڭاق چېقىپ ھەم قارا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ.
روشەنكى ، خوتۇن_ قىزلىرىمىز بىزنىڭ ۋەتىنىمىز. بىز بۇ ۋەتەننىڭ پەرۋىشىدىكى سەغرە بالىلارمىز . بىراق بۇ ۋەتەننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ، ئۇ بىتاپ بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان ،رەنجىگە شىپا بولۇش، كىسىلىگە دىئاگنوز قويدۇرۇپ «داۋالىتىش» بىزنىڭ بالىلىق قەرزىمىز ۋە بالىلىق بۇرچىمىز ! ئەمدىكى مەسئولىيەت _ شۇ قەرزىمىز ۋە بۇرچىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ئادا قىلىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مۇسۇلمانلىق لەۋزىمىزدە « ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا- چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان ، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار» دېگەن ھۆكۈمدە تۇرۇپ قارىغاندىمۇ ئۆزىمىزنى ۋە بالا- چاقىمىزنى نادانلىق گۆرلىرىگە تىرىك كۆمۈپ تاشلاپ ، ئۇنى يورۇق دۇنيانىڭ نۇرىدىن بەھرە ئالدۇرماسلىق ئۆز يولىمىزغا ئورەك كولاپ ، پۇتىمىزغا كىشەن سالغانلىقتۇر. تۇپراق پاكىز ، مۇنبەت بولسا ، ئۇرۇق ھەم سورتلۇق ئېسىل بولسا ، ھوسۇلنىڭ قانداق بولۇشى ئىككىنچى مەسىلە. « شۇڭا پەرزەنت تەربىيلەشتە، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىدىن باشلاش كېرەك » ( داۋېنىچ). چۈنكى ، «مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا » ( بالزاك) . «نىيەت دۇرۇسلۇقى، ئەقىدە ساغلاملىقىدا ئۈمىدۋار بولۇپ تەلپۈنگەن جەننەت _ ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا»( ھەدىس). ئەمما نەپسىدە شەيتان قۇترايدىغان ، نىيىتى ، ئەقىدىسى ساغلام بولمىغان ئانىنىڭ تاپىنى ئاستىدا جەننەت ئەمەس، دوزاخنىڭ بارلىقىمۇ يادىمىزدا بولسۇن!


مەنبە : ئويغۇر ئىسلام تورى : ھەربىرىمىزگە قاتتىق سىگىنال ! ! !

تولۇق ئوقۇش

ئوبامانىڭ تولۇق نۇتۇقى


28-ئاۋغۇسىت،دىموكراتلار پارتىيسىنڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتيدا، قارا تەنلىكلەردىن بولغان كاندىدات باراك ئوباما دىموكراتلار پارتىيسنڭ رەسمى پىرىزىدىنت نامزاتى قىلىپ كۆرستىلدى.بۇ ئامرىكا دىموكراتىيە مۇساپىسىدىكى تارىخى خاراكتىرلىك ئش بولۇپ،ئوبامانىڭ شەخسى ئىقتىدارى ، تىرىشچان روھى كىشلەرگە ئۇمىت ۋە ئىلھام بىغىشلايدىغان نۇتۇقلىرى نۇرغۇن كىشلەرنى سايلامغا دىققەت قىلىشقا مايىل قىلغان بولسا،ئامرىكا سىياسى تۇزۇلمىسدىكى بۇ خىل باراۋەرلىك پاكىتى ۋە ئامرىكا خەلقىنڭ ئاڭ ئىلغارلىقنى ئىپادىلەش تىرىشچانلىقى كىشلەرنىڭ كۆپ قۇتۇپلاشقان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۇنۇشىگە ئىگە بۇ دۆلەتكە يەنە بىر رەت ئىتىبار ئاغدۇرۇشىغا تۇرتكە بولدى.ئوبامانىڭ بۇ نۇتۇقى مەزمۇنى ۋە ئۇنۇمدارلىقى جەھەتلەردە ھەر ساھە كۇزەتكۇچىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە ئىرشتى.گەرچە مەزكۇر سايلام بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.مۇشۇ سەۋەبتىن ئارىمىزدا ،بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئارىسدا سايلامغا دىققەتمەنلەر كۇنسايىن كۆپەيمەكتە.قوش تىللىق سىلىشتۇرۇپ پايدىلانغۇچىلار ۋە سايلامغا دىققەتمەن دوسىتلارنىڭ نەزىرىگە مەزكۇر نۇتۇقنڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى سۇندۇم.ئنگىلىز تىلىدىكى تەرتىپ ۋە نۇتۇق ئۇسلۇبى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قىلىندى.

نۇتۇقنڭ ئنگىلىزچە تىكىست ئادىرسى:http://www.nytimes.com/2008/08/28/us/politics/28text-obama.html

نۇتۇقنىڭ سىنئالغۇ لىنتىسى ئادىرسى: :http://www.youtube.com/watch?v=ato7BtisXzE


2008-يىلى 28-ئاۋغۇسىت ،دەنۋىر
دىموكراتلار پارتىيسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى زوڭتۇڭ نامزاتىنى كۆرستىش يىغىلىشى
(‹‹نيويۇرك ۋاقتى››تورىدىن ئىلىندى.1-سىنتەبىر كىچىسى تەرجىمە قىلىندى)





سىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت!
(چاۋاك)
ھەممىڭلارغا رەھمەت.
رەئىس دىئېنغا،ئەزىز دوستۇم دىك دۇربىن ۋە بۇيۇك دۆلىتىمىزنىڭ ھەر بىر پۇقراسىغا كۆپلەپ تەشەككۇر !مەن بۇگۇن چەكسز خۇشاللىق ۋە ئنتايىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ پىرىزدىنت نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدىم.
(ئالقش )
مەن بۇ سەپەردە ماڭا ھەمراھ بولۇشقان تارىخى خاراكتىرلىك كاندىدات ئابىدىلىرىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۇرىمەن.بولۇپمۇ بۇ سەپەرنى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان ،ئامرىكا ئشچىلىرى مەنپەئىتىڭ ۋەكىلى ،مىنڭ ۋە سىلەرنىڭ قىزلىرىمزغا ئىلھام بەخش ئەتكۇچى ھىلارى رودخام كىلىنتۇن خانىمغا رەھمتىمنى بىلدۇرىمەن.
(ئالقىش)
پىرىزدىنت كىلىنتۇنغا،تۇنۇگۇن كەچ ئۇنىڭدىن باشقا بىرى قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئۆزگىرىشنى روياپقا چىقارغان پىرىزدىنت بىل كىلىنتۇنغا رەھمەت!
(ئالقىش)
(ئامرىكا ئۇچۇن) خىزمەت قىلىش روھىغا ۋارسلىق قىلىپ كەلگەن تىد كنىنېدىغا رەھمەت.
(ئالقىش)
شۇنداقلا ،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ كىلەر نۆۋەتلىك ئورۇنباسار پىرىزدىنتى جوۋ بايدىنغا رەھمتىمنى بىلدۇرىمەن.
(ئالقىش)
مەن بۇ سەپەرنى زامانىمىزدىكى ئەڭ كاتتا سىياسئونلارنىڭ بىرى –ھەرقايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن باشلاپ ھەر كۇنى كەچتە ئۆيگە قايتشتا ئولتۇرىدىغان ئامرىكا تۆمۇر يول شىركىتى پويىزىدىكى خادىملارغىچە ئىجىل ئۆتۇپ كەلگەن بىر سياسىئون بىلەن بىرگە تۇگىتىدىغانلىقىمدىن ئنتايىن خۇرسەنمەن.
ھاياتىمىغا مىھرى-مۇھەببەت بىغىشلىغان ،دۆلىتىمىزنىڭ كىلەر قىتىملىق بىرىنچى خانىمى مايكىل ئوباماغا رەھمەت ئىيتىمەن.
(ئالقىش)
قىزلىرىم مالىيا ۋە ساشاغا رەھمەت!مەن سىلەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.ھەم سىلەردىن ئنتايىن پەخىرلىنىمەن.
(چاۋاك)
تۆت يىل ئىلگىرى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپ ئۆز ھىكايەمنى ئىيتىپ بەرگەن ،تۇرمۇشى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمىگەن ياكى باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان،ئەمما ئۆز ئوغلىنڭ كەلگۇسىدە ئامرىكىدا ئىرادە قىلغان نىشانىغا يىتەلەيدىغانلىقىغا ئشىندىغان كىنىيەلىك بىر ياش ئەر بىلەن كانزاسلىق بىر ئايالنىڭ قوشۇلۇش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم.
شۇنداق بىر ئەھدە بۇ دۆلەتنى ھەمىشە باشقىلاردىن پەرقلەندۇرۇپ تۇرىدۇكى ،جاپالىق تىرىشش ۋە ئۆزىنى بىغىشلاش بىلەن ھەربىرىمىز ئۆزىنڭ ئارزۇلىرىنى ئشقا ئاشۇرالايدۇ،ئەمما كەلگۇسى ئەۋلاتلارنىڭ ئۆز ئارزۇسى يولىدا ئىزلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن،مەزكۇر ئەھدە ھەمىشە مەلۇم بىر ئامرىكا ئائىلىسىگە مەركەزلىشدۇ.مەن دەل مۇشۇ مەقسەتتە ،بۇگۇن ئالدىڭلاردە تۇرۇپتىمەن.چۇنكى 232يىلدىن بىرى ئاشۇ ئەھدە خەتەرگە يولۇققان ھەر بىر مىنۇتتا ئادەتتىكى ئەر ۋە ئاياللار-ئوقۇغۇچى ۋە ئەسكەرلەر،دىھقانلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ،سستىرالار ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ئۇنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن غەيرەتلىك ياشاپ كەلگەن.
بىز ئەنە شۇنداق دەقىقىلەردە ئۇچراشتۇق، ،دۆلىتىمىز ئۇرۇش گىردابىغا پاتقان،ئىقتىسادىمىز چىكىنگەن،ئامرىكا ئەھدىسى قايتىدىن تەھدىتكە دۇچ كەلگەن چاغدا ئۇچراشتۇق.
مانا ھازىر تىخىمۇ كۆپ ئامرىكىلىقلار ئشسىز قالماقتا، تىخىمۇ كۆپ كىشلەر ئازغىنە ئش ھەققى ئۇچۇن تىخىمۇ جاپالىق ئشلىمەكتە. ئاراڭلاردىن نۇرغۇن كىشلەر ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشتى.ھەتتا بەزىڭلار ئۆز كۆزۇڭلار بىلەن ئۆيلىرىڭلارنىڭ پۇلغا يارىماس ھالىتىگە شاھىت بولۇشتىڭلار. نۇرغۇنلىرىمىز ماشنىسى تۇرۇقلۇق ھەيدەشكە چىقىش قىلالمىدى.ئامانەت قەرزلىرى، چىقىم ھىساباتىنى تۆلىيەلمىدى.مائارىپ راسخوتىنى ئۇستىگە ئالالمىدى.
بۇ مەسىللەرنىڭ ھەممىسنى ھۆكۇمەت كەلتۇرۇپ چىقارغانمۇ ئەمەس.ئەمما مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنالماسلىق-ۋاشىنگىتوندىكى ئاقماس سىياسەتنىڭ نەتىجىسى،جورجى بۇشنىڭ مەغلۇبىيەتلىك سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى.
ئامرىكا،بىز ئۆتۇپ كەتكەن سەككىز يىلدىن كۆپ ياخشىمىز،بىز ئۇنىڭدىن كۆپ ئەۋزەل دۆلەتمىز.
(ئالقىش)
بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز –ئوخىئو شىتاتىدىكى پىيىنسيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئايالنىڭ بىر ئۆمۇر جاپالىق ئەمگەكتىن كىين بالايى ئاپەتتىن قىلىپ قالغان كىسەلگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلگەن ھالىتىدىن كۆپ ياخشى.
بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز –ئندىئانا شىتاتىدىكى ئۆزى 20 يىل ئشلەتكەن ئۇسكۇننى يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ ،ئۇنى جوڭگۇغا يوللاپ بىرىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر كىشنڭ ئۆيىگە قايتقاندا ،كۆڭلنىڭ نەقەدەر بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى چۇشەندۇرگەندىكى ئۇمۇتسىز روھى ھالىتىدىن كۆپ ياخشى.
پشىقەدەم ئەسكەرلەرنى كوچىدا ئۇخلاشقا ،نۇرغۇن ئائىللەرنى نامراتلىق پاتقىغا ئتترىپ چىقارغان ھۆكۇمەتكە قارىغاندا ،ئۇلار ئۇچۇن بىز تىخىمۇ كۆپ ھىسداشلىق قىلغۇچىلارمىز!.
(ئالقىش سادالار)
شۇ ھۆكۇمەت،
شۇ ھۆكۇمەت ئامرىكنىڭ بىر چوڭ شەھىرى كۆزئالدىمىزدا گۆمۇرۇلۇشكە يۇزلەنگەندە قول قوشتۇرۇپ تۇردى.
(ئالقىش)
بۇگۇن كەچ ،بۇگۇن كەچ مەن ئامرىكا خەلقىگە،دىموكراتلارغا،جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ۋە بۇ بۇيۇك تۇپرىقىمىزدىكى بارلىق مۇستەقىل زاتلارغا شۇنى دىمەكچىمەنكى،بولدى ئەمدى يىتەر!
مۇشۇ دەقىقىلەر.،
(چاۋاك)،
..مۇشۇ دەقىقىلەر،مۇشۇ دەقىقىلەر دە،مەزكۇر سايلام بىزنىڭ-21-ئەسىردە ئامرىكا ئەھدىسنى تىرىك ساقلاپ قالالىشمىزدىكى پۇرسەتتۇر.
چۇنكى،كىلەر ھەپتە،مىننىسۇتا شىتاتىدا دا جورچى بۇش بىلەن دىك چىينىنى سىلەرگە ئىككى نۆۋەت چىقىرىپ بەرگەن ئاشۇ پارتىيە يەنە سىلەردىن بۇ دۆلەتنى ئۇچىنچى قىتىم سورايدۇ.
(ئەپسۇسلۇق ئاۋاز)
بىز بۇگۇن بۇ يەرگە جەم بولدۇق،بىز جەم بولۇشتۇق،چۇنكى بىز بۇ دۆلەتنى ئنتايىن ياخشى كۆرىمىزكى،بىز ئۇنىڭ كەلگۇسى تۆت يىلدا ئاخىرقى سەككىز يىللىق ھالىتىگە قايتسۇن ئۇچۇن جەم بولۇشتۇق..
(چاۋاك)
4-نو يابىر ،4-نو يابىردا بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ شۇنداق دىيەلىشىمىز كىرەك:يىتەر سەككىز يىل .
(ئالقىش)
ھازىر ،ھازىر،.مەن بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىتەي، جۇمھۇرىيەتچىلەر پىرىزدىنت نامزاتى بولمىش جون ماككايىن دۆلەت فورمىسنى باتۇرلۇق ۋە ئۆز ئىقتىدارلىرىغا تايىنىپ كىيگەن ،شۇڭا بىز ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۇرۇشكە ،ئىھتىرام بىلدۇرۇشكە قەرزدار.
(ئالقىش)
كىلەر ھەپتە،بىز ئۇنىڭ ئۆز پارتىيسى بىلەن يىغىلغاندا، ئۇ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بىز ئىھتىياجلىق ئۆزگىرىشلەردىن پاكىت سۇپىتىدە خەۋەر تاپىمىز. بىراق ئۇنىڭ شەخسى ئارخىۋى ئنتايىن ئىنق:جون ماككايىن جورجى بۇشقا 90پىرسەنت ۋاقىتتا ئاۋاز بىرىپ كەلگەن.
پارلامىنت ئەزاسى جون ماككايىن ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى ھەققىدە سۆز قىلىشقا بەك ئامراق ئادەم،لىكىن،شۇنداق بولسا ،جانابىڭىز ئىيتىپ باقسىا ،جورجى بۇشنى‹‹ 90پىرسەنتتىن كۆپ ۋاقىتتا توغرا ››دەپ ئويلىغان چىغىڭىزدىكى ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارىڭىزغا نىمە دىگۇلۇك؟
(ئالقىش)
مەن سىزنىڭ بۇ تەرىپڭىزنى بىلمىدىم ،ئەمما منىڭ پەقەت ئون پىرسەنتلا مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۆزگىرىشكە قوشۇلۇشقا تەييارلىقىم يوق!
(ئالقىش)
پاكىت ئنتايىن روشەنكى،سىلەرنىڭ تۇرمۇشڭلاردا ئۆزگىرىش ياسايدىغان سالامەتلىك پاراۋنلىقى،مائارىپ ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ھەممە مۇھىم ئشلاردا پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىن بىر چەتكە چىقىۋىلىشتىن باشقا ھىچ ئش قىلمىغان.
ئۇ:‹‹ بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز مەزكۇر پىرىزدىنت دەۋرىدە ئنتايىن روناق تاپتى›› دىدى.ئۇ يەنە ‹‹ئىقتىسادى ئاساسىمىز ئنتايىن پۇختا›› دىدى.ئۇنىڭ ئىقتىسادى پىلانىنى يازغان ،مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بولغان بىر كىشى ئامرىكا خەلقى ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ،ئۇ‹‹ بىز پەقەت روھى بىسىمغا دۇچ كەلدۇق›› دىدى.مەن ئۇنىڭ ئۆز گىپىنى دەپ بىرەي؛‹‹بىز ھازىر ۋايسىغۇچى دۆلەت بولۇپقالدۇق››
(ئەپسۇس ئاۋازلىرى)
ۋايسىغۇچى دۆلەت؟سىز مۇشۇ گەپنى- مىچىگاندىكى ئاپتومۇبىل ئشچىلىرىغا دەپ بىقىڭ ! ھەركۇنى جاپالىق ئشلەپ، ئشتىن چۇشكەندىن كىين ،خۇشال ھالدا كوچىلارغا چىقىپ ئۆزىنى كۆرستىپ قويىدىغان ئشچىلارغا دەپ بىقىڭ!.ئۇلار مەغرۇر ،چۇنكى ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان تورمۇزلارنىڭ سۇپىتىگە ئشنىدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.
سىز بۇ گەپنى- ياخشى كۆرىدىغان كىشلىرى ئۇچىنچى،تۆتىنچى ياكى بەشىنچى قىتىملىق ھەربى يۇرۇشكە ئاتلانسىمۇ، ئۆز مەسئۇلىيتنى ئۇن-تۇنسىز ئۇستىگە ئىلىپ كىلىۋاتقان ھەربىيلەرنڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا دەپ بىقىڭ!
ئۇلار –ۋايسىغۇچىلار ئەمەس،ئۇلار جاپالىق ئشلەيدۇ،ئۇلار بەھرىلەنگەننى قايتۇرىدۇ.ئۇلار قاخشىماستىن ئۆز ئشىغا مىڭىشدۇ.ئەنە شۇلار مەن بىلىدىغان ئامرىكا خەلقىدۇر.
(ئالقىش ساداسى)
مەن پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىننى ئامرىكا خەلقىنڭ تۇرمۇشدىكى مۇشكۇللەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ قارىمايمەن،بىراق منىڭچە ئۇ ،ئامرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە بىر نىمە بىلمەيدىكەن
(كۇلكە ئاۋازى)
نىمە ئۇچۇن ئۇ‹‹ ئوتتۇراھال تەبىقە››گە يىلىغا 5 مىلىيون دوللارغىچە پۇل تاپقان كىشى دەپ ئىنىقلىما بىرىدۇ؟ئۇ نىمىشقا چوڭ شىركەتلەر ۋە نىفىت گۇرۇھلىرىغا يۇز مىلىيارتلىغان ئىتىۋار باج سىياستى بەرمەكچى بولىدۇيۇ ،ئەمما 100 مىلىيوندىن كۆپ ئامرىكا خەلقىگە بىر پۇڭلۇق باجمۇ ئىتىۋار قىلمايدىغان بوپقالىدۇ؟
ئۇ نىمە ئۇچۇن يەنە خەلقنىڭ پايدىسدىن كەلگەن باجغا سالامەتلىك پاراۋانلىقى يولغا قويماقچى ياكى ئائىللەرگە مائارىپ راسخوتىنى تۆلەشكە ھىچقانداق ياردىمى بولمايدىغان مائارىپ پىلانىنى يۇرگۇزمەكچى ياكى جەمىئەت بىخەتەرلىكىنى خۇسۇسىيلاشتۇردىغان ۋە سىلەرنىڭ پىينسىيە پۇلۇڭلارنى دوغا تىكىدىغان پىلاننى يولغا قويماقچى بولۇپ قالىدۇ؟
(ئەپسۇس)
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،جون ماككايىننڭ بۇ ئشلار بىلەن كارى يوق.بۇ شۇنىڭ ئۇچۇنكى،جون ماككايىن بۇلارنى چۇشەنمەيدۇ.(ئالقىش)
ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىن بىرى ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاشۇ كونا ،ئىزىزەت-كۇچىنى يوقاتقان پەلسەپسى بويىچە يول تۇتۇپ كەلدى:ئۇ بولسىمۇ كاتتا بايلارغا كۆپ، تىخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىرىش ،باشقىلارغا بولسا پەقەت ئۇمىت ئۇچقۇنلىرىدىن بىشارەت بىرىپ قويۇش !
ۋاشىنگىتوندا ،ئۇلار بۇنى ‹‹ئىگىدارچىلىق جەمئىيتى››نىڭ ئىپادىسى دەپ ئاتايدۇ.بىراق ئۇنىڭ مەنىسى ‹‹سنڭ نىمەڭ بولسا-سەن شۇنىڭغا تەڭ››.خىزمەتتىن قالدىڭمۇ ؟تەلەيلىك كىشى،‹‹سنڭ نىمەڭ بولسا،سەن شۇنىڭغا تەڭ››.سالامەتلىك پاراۋانلىقى يوقمۇ؟ئۇنى بازار ئوڭشايدۇ.‹‹سىنڭ نىمەڭ بولسا،سەن شۇنىڭغا تەڭ››. نامرات ئائىلىدەتۇغۇلدۇڭ؟ئۇنداقتا يەنىلا كەشڭنڭ چەمى تىشلغۇچە چىڭ دەسسە!گەرچە كەشىڭ بولمىسمۇ.چۇنكى ‹‹سەن نىمەڭ بولسا-شۇ نىڭغا تەڭ››.
شۇڭلاشقا دەيمىزكى،ئۇلارنىڭ ئۆز مەغلۇبىيتگە ‹‹ئىگىدارچىلىق››قىلىدىغان ۋاقتى كەلگەن بولسا بىزنىڭ ئامرىكىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.مەن دەل مۇشۇ مەقسەتتە ،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ پىرىزىدىنتلىق رىقابىتىگە قاتنىشۋاتىمەن.
(ئالقىش)
سىلەر بىلىسلەر،سىلەر بىلىسلەركى،بىز دىموكراتلارنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ روناق تىپىش جەريانىغا باھا بىرىدىغان ئنتايىن ئالاھىدە بىر ئۆلچىمىمىز بار.
بىز دۆلەتنىڭ روناق تىپشنى قانچە كىشنڭ ئاي ئاخىرىدا،- كۇنلەرنىڭ بىرىدە بالىسنڭ ئالى مەكتەپ دىپلومى ئالغاندا ئشلىتىشى ئۇچۇن مەلۇم مىقداردىكى ئىشنچا پۇل ساقلىيالىسۇن ياكى ساقلىيالمسۇن ،-ئۆزىنڭ تۆۋەن تۇرمۇش چىقىملىرىنى قامدىغۇدەك خىزمەت تاپقان-تاپمىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيمىز.
بىز روناق تىپشنى بىل كىلىنتۇن پىرىزدىنىت بولغان چىغىدا يارىتىلغان 23 مىلىيون كىشىلىك يىڭى خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆلچەيمىز.
جورجى بۇش دەۋرىدىكىگە ئوخشاش نورمال تۇرمۇش سەۋىيسدىكى ئائىللەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 دوللارغا چۇشۇپ قالغانلىقى بىلەن ئەمەس،7500دوللارغا چىققان پاكىت بىلەن ئۆلچەيمىز!
(ئالقىش)
بىز ئىقتىسادىمىزنىڭ كۇچىنى مىلىياردىرلىمىزنىڭ سانى بىلەن ياكى 500كۇچلۇك بايلىرىمىزنىڭ تاپقان پايدىسى بىلەن ئۆلچىمەيمىز.ئەكسىچە،ياخشى نىيەتلىك بىر كىشنڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بىر يىڭى سودىنى باشلىيالايدىغان ياكى باشلىيالمايدىغانلىقى بىلەن ، ئازغىنا ئش ھەققىگە تايىنپ تۇرمۇش كەچۇرىۋاتقان بىر كۇتكۇچى قىزنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقمايلا بىرەر كۇن ۋاقىت چىقىرىپ كىسەلچان بىر بالىنى يوقلاش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالايدىغان –بولالمايدىغانلىقى بىلەن،مانا مۇشۇنداق خىزمەتچىنڭ غورۇرىنى قوغدايدىغان ئىقتىسادى تۇزۇلمە بىلەن ئۆلچەيمىز.
بىز ئىقتىسادى قۇدىرىتىمىزنى ئۆلچەشتە قوللىندىغان ئاساسى پىرىنسىپلاربولسا دۆلىتىمىزنى بۇيۇك ئورۇنغا ئىگە قىلغان،شۇنداقلا مەن بۇگۇن كۆرىشىۋاتقان ئاشۇ ئاساسى ئەھدىگە رىئايە قىلالىغان-قىلالمىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر.
ئىراق ۋە ئافغانستاندىن قايتىپ كەلگەن ئاشۇ ياش ئۇرۇش پىداكارلىرىنڭ يۇزىدە ،مەن ئەينى چاغدا پىيورل خاربور ۋەقەسىدىن كىين ئىرادىگە كىلىپ گىنرال پاتتوننىڭ ئارمىيسگە قوشۇلۇپ ،كيىن مىننەتدار دۆلىتىمىز تەرىپىدىن‹‹ گ ئاي بىل›› مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇش پۇرستىگە ئىرىشكەن چوڭ دادامنىڭ سىماسنى كۆرگەندەك بولدۇم.
كىچىلىك سمىنىدىن كىين پەقەت ئۇچ سائەتلا ئۇخلىيالايدىغان ئاشۇ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىدىن بىر چاغلاردا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ،بىر تەرەپتىن ئشلەپ مىنى ۋە ھەمشىرەمنى مىڭ بىر جاپادا بىقىپ چوڭ قىلغان ،تاشلاندۇق تاماق يەشىكلىرىنىمۇ ئاختۇرۇپ يۇرۇپ باققان،بىراق يەنىلا بىزنى ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە ئەۋەتەلىگەن ئاپامنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرىمەن.
(ئالقىش)
زاۋۇتى تاقىلىپ قالغان بىر ئشچىنڭ دەرد-ئازابىنى ئاڭلىغان چىغىمدا مەن يىگىرمە يىل ئىلگىرى ئۆزۇم قوللىغان ۋە ھىمايە قىلغان چىكاگونىڭ جەنۇبىدىكى پولات-تۆمۇر زاۋۇتىنڭ ئەر-ئايال ئشچىلىرىنى ئەسلەيمەن.
تىجارىتىنى باشلاشتا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ياكى تۇرمۇش كەچۇرۇشكە نائىلاج قالغان بىر ئايالنىڭ ھىكايسنى ئاڭلىغان چىغىمدا ،ئايال بولغانلىقى ئۇچۇن نەچچە قىتملىق ئۆستۇرۇلۇشلەردىن قالدۇرۇلۇپ ،ئاران تەسلىكتە كاتىپلار قاتارىدىن ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىككە ئۆسكەنگە قەدەر نەھايەت مۇشكۇلات بىلەن ئشلەپ چىققان چوڭ ئاپامنى ئەسلەيمەن.
ئۇ ماڭا جاپالىق ئشلەشنى ئۆگەتتى ،ئۇ مىنڭ ياخشراق تۇرمۇش كەچۇرۇشۇم ئۇچۇن يىڭى ماشنا ياكى يىڭى كىيم سىتىۋىلىش ئارزۇسىدىن كەچتى.ئۇ ئۆزىدە بار ھەممە نەرسسنى ماڭا بىغىشلىدى.ئۇ ھازىر بىر يەرلەرگە بارالمايدۇ.بىلىمەن،ئۇ مۇشۇ كەچدىكى مەنزىرىنى كۆرۇپ تۇرۇپتۇ.بۇگۇن كەچدىكى تەنتەنە –ئوخشاشلا ئۇنىڭغمۇ مەنسۇپ.
(ئالقىش)
مەن جون ماككايىن نىڭ قايسى خىل تۇرمۇش يولىنى تەبرىكلەپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.بىراق مىنڭكىسى دەل مۇشۇنداق.
(ئالقىش)
شۇلار –مىنڭ قەھرىمانلىرىم،دەل ئۇلارنىڭ ھىكايسى مىنڭ ھاياتىمغا سايە تاشلىغان.مەن شۇلار ئۇچۇن بولسىمۇ بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقشنى،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى سالاھىيتى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەھدىمىزنى قوغداپ قىلىشنى نىيەت قىلدىم.
(ئالقىش)
ئەھدە،ئامرىكا ئەھدىسى دىگەن نىمە؟ئۇ ئەھدە:،ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىز خالىغان ئۇسۇل بويىچە ياشاش ئەركىنلىكىمىز بار،شۇنداقلا بىر-بىرىمىزگە ئىززەت-ھۇرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيتىمىز بار دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
ئۇشۇنداق بىر ئەھدىكى،‹‹بازار –يىڭى تەشەببۇس ۋە ئسلاھاتلارنى تەقدىرلىيەلەيدىغان ،ئالغا بىسشقا مەدەت بىرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك،سودىگەرلەر ئامرىكا خەلقى ئۇچۇن خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىن ئىتش مەسئۇلىيتنى ئادا قىلالايدىغان ،ئامرىكا ئشچىلىرىنڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىيالايدىغان ،تۇزۇمنىڭ ئىچىدە ئىش ئىلىپ كىتەلەيدىغان بولۇشى كىرەك››دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
بىزئەنە شۇنداق ئەھدىگە ئەقىدە قىلىمىزكى:ھۆكۇمەت بىزنىڭ ھەممە مەسللىرىمىزنى ھەل قىلالمايدۇ،بىراق ھۆكۇمەت –بىز ئۆزىمىزلا قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئشلارنى قىلىپ بىرشى كىرك،بىزنىڭ مەنپەئىتىمىزنى قوغدىشى،ھەر بىر ئۆسمۇرگە ساغلام بولغان مائارىپتىن بەھرلىنش پۇرسىتى بىرەلىشى،ئىچىدىغان سۇيىمىزنى پاكىزە،ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمىزنى زەخمەتسز ساقلاپ بىرەلىشى،يىڭى مەكتەپ،يىڭى يول،يىڭى ئىلىم ۋە تىخنىكىلارغا مەبلەغ سالالايدىغان بولۇشى كىرەك››دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
بىزنىڭ ھۆكۇمىتمىز-بىزنىڭ زىيىنىمىز ئۇچۇن ئەمەس،بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى كىرەك،ئۇ بىزگە ئازا بەرمەستىن،بىزگە ياردەم بىرىشى كىرەك،بىزنىڭ ھۆكۇمىتىمىز پەقەت ناھايتى كۆپ پۇلى ۋە تەسىرى بار كىشلەر ئۇچۇنلار شارائىت ھازىرلاپ بەرمەستىن ،بەلكى ئەمگەك قىلىشنى خالايدىغان ھەر بىر ئامرىكا پۇقراسىغا باراۋەر پۇرسەتنى ئشقا ئاشۇرۇپ بىرىشى كىرەك.
مانا بۇ ئامرىكا ئەھدىسى :بىز ئۆز-ئارا مەسئۇل بولۇشىمىز كىرەك،بىز بىر دۆلەت سۇپىتىدە ئۆرلەيمىز ياكى چۆكىمىز،شۇڭا بىز شۇنداق بىر ئورتاق ئەقىدىگە كىلىشمىز كىرەككى،مەن بىر تۇققان قىرىندىشىم ياكى ھەمشرەمگە مەسئۇلمەن !
مانا بۇ بىز داۋاملاشتۇرۇشقا مۇھتاج بولىۋاتقان ئەھدىدۇر،مانا بۇ بىز مۇھتاج بولىۋاتقان ئۆزگىرىشتۇر!.
(ئالقىش)
شۇڭا،شۇ ڭا ئەگەر پىرىزىدىنت بولۇپ قالسام بارلىققا كەلتۇرمەكچى بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تەپسلى توختىلىشىمغا ئىجازەت قىلغايسلەر!
(ئالقىش)
ئۆزگىرىش شۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇكى،باج قانۇنى- ئۇنى يازغان پارلامىنىتتىكى سۆزمەنلەرگە ئەمەس،بەلكى تىگىشلىك ھەققى بار بولغان ئامرىكا ئشچىلىرى ۋە كىچىك كارخانىچىلارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
(ئالقىش)
بىلگەيسلەركى، جون ماككايىننڭ ئەكسىچە،مەن باج ئىتىۋار قىلشنى ئامرىكىلىقلارنىڭ خىزمەت پۇرستىنى چەتئەللىكلەرگە توشۇپ بىرىدىغان شىركەتلەرگە بىرىشنى توختىتىپ،دەل دۆلىتىمىز ئىچىدە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدىغان شىركەتلەرگە بىرىمەن.
(ئالقىش)
مەن كاپىتال كىرىم بىجىنى بىكار قىلىپ،كەلگۇسىدە يۇقىرى مۇئاشلىق ،يۇقىرى تىخنىكىلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولالايدىغان كىچىك كارخانىلار ۋە يىڭى تىجارەتلەرگە يول ئاچىمەن.
(ئالقىش)
مەن،-ئاڭلاپ قىلىڭلاركى-95%ئشچىلارئائىلىسنڭ بىجىنى قسقارتىمەن، چۇنكى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى شارائىتتا بىز قىلىشقا تىگىشلىك ئاخىرقى ئش-ئوتتۇرا تەبىقە ئاھالىنڭ بىجىنى ئۆستۇرۇشتۇر.
(ئالقىش)

ئىقتىسادىمىز ئۇچۇن،بىخەتەرلىكىمىز ئۇچۇن،شۇنداقلا پىلانتىمىزنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن،مەن پىرىزىدنىتلىق سالاھىيتىدە ئنتايىن روشەن بىر نىشان تۇرغۇزىمەنكى:كەلگۇسى ئون يىل ئىچىدە بىز ئوتتۇرا شەرقنىڭ نىفىتىغا بولغان بىقىنىشقا خاتىمە بىرىمىز.
(ئالقىش)
بىز چوقۇم شۇنداق قىلىمىز، ،ۋاشىنگىنتون 30يىلدىن بىرى بىزنىڭ نىفىتىقا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئىغىزدىن چۇشەرمەي كەلدى. قوشۇمچە قىلىپ دسەم،جون ماككايىن 26 يىلدىن بىرى دەل شۇلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ كەلدى.
(كۇلكە)
ئۇ ئەينى چاغدا ماشىنىلارغا يۇقىرى ئۇنۇملۇك يىقىلغۇ ئۆلچىمى بىكىتىشكە قارشى تۇرغان،يىڭىلاشقا بولىدىغان ئنىرگىيەگەمەبلەغ سىلىشقا،يىڭىلاشقا بولىدىغان يىقىلغۇغا مەبلەغ سىلىشقا قارىشى چىققان ،مانا بۇگۇن بىز نىڭ نىفىت ئستىمالىمىز پارلامىنت ئەزاسى جون ماككايىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شۇ چاغدىكىدىن 3 ھەسسە ئاشتى.
ھازىر بۇنداق خۇمارلىقنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى،نىفىت قىزشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنۇملۇك تەدبىر ئەمەس،بەلكى پەقەت ئارلىقنى قىسقارتىدىغان چارە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدىغان چاغ كەلدى.
پىرىزدىنت بولسام،پىرىزدىنت بولسام،دۆلىتىمىزنىڭ تەبئى گاز زاپىسدىن پايدىلىنىپ،ساپ كۆمۇر ئشلەپچىقىرىش تىخنىكىسغا ،يادرو ئنىرگىيەسنى بىخەتەر قوللىنىش ھەققىدە ئىزلىنىشكە مەبلەغ سالىمەن.ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ زاپچاس يىڭىلىشىغا ياردەم بىرىپ،كەلگۇسىدىكى يىقىلغۇ تىجەيدىغان ماشنىلارنى دەل مۇشۇ يەردە ،ئامرىكىدا بارلىققا كەلتۇرىمەن.
(ئالقىش)
ئامرىكا خەلقى ئۇچۇن يىڭى ماشنىلارنى سىتىۋىلىشنى تىخىمۇ ئاسانلاشتۇرىمەن.
كەلگۇسى ئون يىل ئىچىدە قايتا يىڭىلاشقا بولىدىغان ئنىرگيە مەنبەلىرى –شامال ئىنرگىيەسى،قۇياش ئىنىرگىيەسى ۋە يىڭى ئەۋلات بىئو يىقىلغۇلارغا 150مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىمەن.بۇ مەبلەغنى نۇرغۇن يىڭى كەسپ ئىچىشقا ،ياخشى مۇئاشلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇلۇپ قالمايدىغان 5 مىلىيون كىشلىك خىزمەت ئورنى يارىتىشقا ئشلىتىمەن.
(ئالقىش)
ھازىر ئامرىكىغا نىسبەتەن ئۇششاق پىلان تۇزىدىغان چاغ ئەمەس،ھازىر بىزنىڭ ھەر بىر پەرزەنتىمىزنى دۇنياۋى سەۋىيەدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت ئەخلاقى مەجبۇرىيتىمىزنى ئادا قىلىدىغان چاغ.چۇنكى بۇ كەلگۇسىدىكى يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادى رىقابەتكە يۇزلىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
(ئالقىش)
مەن بالىلىق مەزگىلىدىكى ئائىلە مائارىپغا مەبلەغ سالىمەن،مەن بىر يىڭى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەشىكىللەپ،ئۇلارغا يۇقىرى مۇئاش بەلگىلەپ ،ئۇلارنى ھەرجەھەتتىن قوللايمەن.بۇنىڭ بەدىلىگەئۇلاردىن تىخىمۇ يۇقىرى مائارىپ ئۆلچىمى ۋە تىخىمۇ كۆپ ئشەنچىلىك سۇپەتنى تەلەپ قىلىمەن.
بىز ھەر بىر ئامرىكىلىق ياش ئۇچۇن ئامرىكا ئەھدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز: ئەگەر سىز مۇشۇ جەمئىيەتكە ،ياكى مۇشۇ دۆلىتىمىزگە خىزمەت قىلىشنى ئويلىسىڭىز ،بىز سىزگە كىسپ ئىيتىمىزكى،سىز ئالى مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايسىز!
(ئالقىش)
ھازىر ،مانا ھازىر ھەر بىر ئامرىكا پۇقراسى ئۇچۇن زۆرۈر ۋە مۇمكىن بولغان ساغلاملىق پاراۋانلىقى ئەھدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چاغ.
ئەگەر سىز نىڭ سالامەتلىك پارۋانلىقىڭىز بولسا،مىنڭ پىلانىم سىزنىڭ ئاتچوت چىقىمىڭىزنى ئازايتىدۇ.ئەگەر بولمىسا،خاتىرجەم بولۇڭكى،سىز دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ئوخشاشلا داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز!
(ئالقىش)
بەزىلەر راك كىسلى سەۋەبىدىن ئۆلۇم گىرداۋىغا بىرىپ قالغان ئاپامنىڭ ئستىراخۇۋانىيە شىركەت خادىملىرى بىلەن جىدەللەشكەنلىكىنى كۆرگەندەك،مەن ئاشۇ شىركەتلەردىن شۇنى كەسكىن تەلەپ قىلىمەنكى،كىسەل ئازابى تارتىۋاتقان ،داۋالاشقا ئەڭ مۇھتاج ئاشۇ كىشلەرنى كەمستىدىغان قىلمىشڭلارنى توختىتىڭلار!
ھازىر ئائىلىسدە ساقىيالمايۋاتقان كىسەل بار،تۇرمۇشى ياخشى بولۇپ كىتەلمىگەن ئائىللەرگە ياردەم بىرىدىغان چاغ.چۇنكى،ئامرىكىدا ھىچقانداق بىر ئادەم ئالدىراش خىزمىتى بىلەن كىسەلچان بالىسى ياكى ياشىنپ قالغان ئاتا-ئانىسدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلانمايدۇ.
ھازىر بىزنىڭ -شىركەت ۋەيران بولۇش قانۇنىنى ئۆزگەرتىدىغان چاغ ،چۇنكى سىلەرنىڭ مۇئاشىڭلار باش ئىجرائىيە دىرىكتورلارنىڭ مۇكاپانى ئالدىدا قوغدىلىشى كىرەك،ھازىر كەلگۇسى ئەۋلاتلار ئۇچۇن ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغدايدىغان چاغ.
ھازىر ئوخشاش خىزمەت ۋاقتى ئۇچۇن ئوخشاش ئش ھەققى بىرىش ۋەدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چاغ.چۇنكى مەن قىزلىرىمنىڭ سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش پۇرسەتلەرگە ئىرشەلىشنى ئۇمىت قىلىمەن.
(ئالقىش)
ھازىر بۇ پىلانلارنىڭ ھەممسىگە نۇرغۇن پۇل كىتىدۇ، ھەر بىر پۇڭ پۇلنى جايىغا ئشلىتىش ئۇچۇن مەن ئىجتىمائى گۇرۇھلارنىڭ ئسراپخور تۇرخۇنلىرىنى ،ئامرىكا ئىقتىسادىغا ياردەم بىرەلمەيدىغان باج خەزىنىسنى تاقاشنى قارار قىلدىم.
بىراق مەن فىدراتسىيە مالىيەسىگە قۇرمۇ-قۇر تەپسىلى قاراپ چىقىپ ،ئۇزۇنغا قالماي رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان پىروگراممىلارنى بىكار قىلىپ،ئورنىغا ئۇنۇ ملۇك ۋە چىقىمى ئاز بولغان پىروگراممىلارنى بارلىققا كەلتۇرىمەن.چۇنكى بىز 21-ئەسىرگە 20-ئەسىردىكى بىيۇكراتلىق بىلەن قەدەم باسالمايمىز.
(ئالقىش)
دىموكراتلار،دىموكراتلار،ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن پۇلدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر لازىم .ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن،جون كنىندى‹‹ ئەقلى ۋە ئەخلاقى كۇچ ››دەپ ئاتىغان ئاشۇ ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەر بىر بىرىمىز ئۆزگىچە مەسئولىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىمىز لازىم.
شۇنداق،ھۆكۇمەت بىزنى ئنىرگىيە مۇستەقىللىقىغا يىتەكلىشى زۆرۈر بولغان بولسا،بىز ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆي ۋە خىزمەت-سودىلىرىمىزنى تىخىمۇ ئۇنۇمدارلىققا ئىگە قىلىشىمىز لازىمدۇر.
(ئالقىش)
شۇنداق ،بىز ئۇمۇتسىزلىك ۋە جىنايەت پاتقىقىغا پاتقان ياشلىرىمىزغا تىخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت پەلەمپىينى ھازىرلىشىمىز كىرەك.بىراق شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەككى،بۇ پىروگراممىلارنىڭ ئۆزىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ رولىنى ئالالمايدۇ،ھۆكۇمەت بىرىپ تىلىۋىزۇرنى ئۆچۇرۋىتىپ ،بالىڭىزغا تاپشۇرۇق ئشلەتكۇزەلمەيدۇ.شۇڭا ئاتىلار پەرزەنىتلىرىگە مىھرى-مۇھەببەت ۋە توغرا يول كۆرستىش ئۇچۇن تىخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك.
ئۆزىگە ۋە بىر-بىرىگە مەسئۇلىيەتچان بولۇش-ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇشنىڭ يادروسى.بىز خۇددى ۋەتىنىمىز ئىچىدە ئامرىكا ئەھدسنى ئشقا ئاشۇرۇشمىز كىرەك بولغاندەك،چەتئەللەردىمۇ كاپالەتكە قىلىشمىز كىرەك.
ئەگەر جون ماككايىن كىمنىڭ كىلەر نۆۋەتلىك باش قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالالىغۇدەك خاسلىقى ۋە ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلىش ئۇچۇن مۇنازىرە قىلماقچى بولسا،بۇ نداق مۇنازىرىگە مەن ھەر قاچان تەييار.
(ئالقىش)
11-سنتەبىر ۋەقەسى بولۇپ بىر نەچچە كۇندىن كىين،جون ماككايىن دىققىتىنى دەرھال ئىراققا قاراتتى. مەن بۇ ئۇرۇشقا قارشى چىقتىم.چۇنكى مەن بۇ ئۇرۇشنىڭ بىزنىڭ دىققەت ئىتىبارىمىزنى بىز دۇچ كىلىۋاتقان ھەقىقى تەھدىتتىن باشقا ياققا بۇراپ كىتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
ئەينى چاغدا جون ماككايىن ئافغانستان ئۇرۇشدا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۇپ كىتەلەيمىز دىگەندە ،مەن 11-سنتەبىر كۇنى بىزگە ئەمەلى ھۇجۇم قىلغان تىرورچىلارغا قارشى بولغان بۇ ئۇرۇشنى ئۇزۇل-كىسل غەلبىلىك تاماملاش ئۇچۇن تىخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە ئەسكەر تەلەپ قىلدىم.ئىمكانىيەت يار بەرسە ،ئوساما بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچى كۇچلىرىنى قولغا چۇشۇرۇش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
خەۋىرىڭلاردا باركى،جون ماككايىن ئۆزىنڭ بىن لادىننى دەۋزەخنىڭ ئشكىگە قەدەر قوغلاپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىشقا ئامراق،بىراق ئۇ بىن لادىن يوشۇرنىۋالغان ئۆڭكۇرگىچە بولسىمۇ قوغلاپ بىقىشنى خالىمىدى.
بۇگۇن،بۇگۇنكى كۇنلۇكتە،مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىراقتىن قوشۇن چىكىندۇرۇش ۋاقىت جەدىۋىلى ئىراق ھۆكۇمىتى ،ھەتتا بۇش ھۆكۇمىتى ئاۋاز قوشقان بىر پىلانغا ئايلاندى،لىكىن،ھەتتا ئىراقنىڭ 79 مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى ئشىنچىسى بارلىقى،ئەمما بىزنىڭ قەرزىمىز بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ جون ماككايىن مەزكۇر خاتا ئىلىپ بىرىلغان ئۇرۇشنى جاھىللارچە قوللاشنى توختاتمىدى.
بۇ بىز مۇھتاج بولىۋاتقان ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى ئەمەس،ئۇ ئامرىكىنى بىخەتەر قىلالمايدۇ.بىز ئۆتمۇشتىكى خىياللارغا ئسلىۋالىدىغان ئەمەس،بەلكى كەلگۇسى تەھدىتلەرگە يۇزلىنەلەيدىغان پىرىزدىنىتقا مۇھتاج.
(ئالقىش)
سىز 80 دۆلەتكە تارقالغان تىرورچىلار گۇرۇپپىسنى ئىراقنى ئشغال قىلىش بىلەن يوقىتالمايسىز!سىز ۋاشىنگىتوندا يوغان گەپ قىلىش بىلەن ئىراننى چەكلەپ،ئسرائىيلىنى قوغداپ كىتەلمەيسىز !سىز بىزنىڭ كونا ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ ،گىرۇزىيەنى قوللاپ كىتەلمەيسىز!
ئەگەر جون ماككايىن جورجى بۇشنىڭ يوغان گەپ قىلىش،ناچار سىتراتىگىيە بەلگىلەش سىياسىتىغا ئەگەشسە،بوپتۇ،بۇمۇ ئۇنىڭ مەيلى.ئەمما بۇ ئامرىكا مۇھتاج بولىۋاتقان ئۆزگىرىش ئەمەس .
بىز-دىموكراتچىلار روزىلىۋىتنڭ پارتىيسىدىن بولىمىز،بىز –جون كىنندىنىڭ پارتىيسىدىن بولىمىز.شۇڭا ماڭا ‹‹دىموكراتچىلار بۇ دۆلەتنى قوغدىيالمايدۇ >>دىمەڭ ! ماڭا <<دىموكراتچىلار بىزنى بىخەتەر قىلالمايدۇ >>دىگۇچى بولماڭ!
بۇش-ماككايىنلارنىڭ دىپلوماتىيە سىياستى دىموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئورناتقان نەچچە ئەۋلاتنىڭ قانۇنچىلىق ئەنئەنىسنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدى.بىز مانا شۇ قانۇن-تۇزۇمنى ئەسلىگە كەلتۇرمەكچىمىز.
(ئالقىش)
باش قوماندان بولۇش سۇپىتىم بىلەن،مەن بۇ دۆلەتنى قوغداشتا ھەر گىز ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايمەن.ئەمما مەن ئەسكەرلىرىمىزنى ئىنىق ھەرىكەت نىشانى،مۇقەددەس پىداركارلىق بىلەن سەپەرۋەر قىلىمەنكى،ئۇلار ئۇرۇشتا ئىھتىاجلىق زۆرۈر ئەسلىھەلەر بىلەن،ئۇرۇشتىن كىين ئۇلارغا تىگىشلىك بولغان كۆڭۈل بۆلۇش ۋە پاراۋانلىق بىلەن تەمىن ئىتىمەن.
مەن ئىراقتا بولۇۋاتقان بۇ ئۇرۇشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاياقلاشتۇرۇپ،ئافغانستاندىكى بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبان كۇچلىرىگە قارشى ئۇرۇشنى تاماملايمەن.مەن كەلگۇسىدىكى تۇرلۇك توقۇنۇشلارغا ئۇنۇملۇك يۇزلىنەلەيدىغان بولۇش ئۇچۇن، ئارمىيمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.بىراق مەن يەنە ئىراننى ياردو قوراللىرىغا ئىرىششتىن توسۇيدىغان ،رۇسيەنى تاجاۋۇزچىلىقتىن چەكلەيدىغان قاتتىق ۋە بىۋاستە دىپلوماتىيە سىياستىنى يىڭىلاپ چىقىمەن.
مەن 21-ئەسىردىكى تەھدىت ھىسابلانغان تىرورزىم،يادرو قوراللىرىنى كىڭەيتىش،نامراتلىق ،ئىرقى قىرغىنچىلىق ،كىلىمات ئۆزگىرىش ۋە يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر گە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن يىڭى ھەمكارلىق ئورنىتىمەن.
مەن يەنە بىزنىڭ ئەخلاقى مەيدانىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كىلىمەنكى ،ئامرىكا -ئەركىنلىككە تەشنا،تىنچ ياشاشقا تەقەززا ،تىخىمۇ گۇزەل كەلگۇسىگە تەلپۇنگەن كىشلەر ئۇچۇن يەنە بىر قىتىم ،ئاخىرقى شۇنداقلا ئەڭ ياخشى ئۇمىت بولالايدۇ.(ئالقىش)
مانا بۇلار مەن ئىزلىمەكچى بولغان سىياسەتلەردۇر،ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە مۇشۇلار ئۇستىدە مەن جون ماككايىن بىلەن مۇنازىرىلەشسەم دىگەن ئۇمىدتىمەن.
بىراق مەن قىلمايدىغان بىر ئش –پارلامىنىت ئەزاسىنىڭ مەيدانىنى سىياسى مەقسەتلەر ئۇچۇن ئۆزگەرتىۋىلىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشتۇر.چۇنكى،بىزنىڭ سىياسىتىمىزدىكى ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئشلارنىڭ بىرى –كىشلەر ئۆز-ئارا خاراكتىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە جەڭ ئىلان قىلماي تۇرۇپ ،يەنە ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ كىتىشتىن ئىبارەت.
(ئالقىش)
ۋاقىت ئنتايىن ئەستايىدىل كىلىدۇ.ئوخشاش پارتىيە ئىچىدىكى ئويۇن قائىدىسىمۇ ناھايتى كەسكىن.ئۇنداقتا بىز مۇنداق بىر ئورتاق تونۇشقا كىلىۋالايلى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ پارتىيەسى يوق،بۇ دۆلەتنى مەنمۇ سۆيىمەن،سىزمۇ سۆيىسىز،شۇنداقلا جون ماككايىنمۇ سۆيىدۇ.
جەڭگاھلاردا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەر-ئاياللىرىمىز بەلكىم دىموكراتچى بولۇشىمۇ مۇمكىن،جۇمھۇرىيەتچى بولۇشىمۇ مۇمكىن،مۇستەقىل زات بولۇشىمۇ مۇمكىن،بىراق ئۇلار بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشتى.بىر-بىرىنى يۆلەشتى.ھەتتا بەزىلىرى ئاشۇ ئىپتىخارلىق بايراق ئاستىدا بىرگە قۇربان بولۇشتى.ئۇلار بىر قىزىل ياكى كۆك ئامرىكا ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى ئوخشاش بىر ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۇچۇن خىزمەت قىلدى.
شۇڭا مەن سىزگە ،جون ماككايىنغا شۇنداق بىر ئۇچۇر بىرىمەنكى،بىز دۆلىتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز.
(ئالقىش)
ئامرىكا،بىزنىڭ ئىششمىز ئۇنچە ئاسان ئەمەس،بىز دۇچ كەلگەن خىرسىت بىزدىن ئنتايىن كەسكىن تاللاش تەلەپ قىلىدۇ.دىموكراتلار،شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر ،بىز پەقەت ئالالمىغان مۇئاش ياكى زور سوممىلىق سودا قەرزلىرى بىلەنلا ئەمەس ،بەلكى بىزنى ئورتاق نىشانىمىزدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرغان سەككىز يىللىق مەغلۇبىيەتنىڭ بىر قىسمى بولمىش ئاشۇ ئەتكەس ئىدىيە ۋە كونا سىياسىيەتلەرنى پۇتۇنلەي چۆرۈپ تاشلىشىمىز كىرەك.
بىز بەلكىم ،ھامىلە چۇشۇرۇش مەسلىسىدە بىرلىككە كىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن،ئەمما بىز دۆلىتىمىزدىكى زۆرۈر بولمىغان ھامىلەنىڭ سانىنى ئازلىتالايمىز.
(ئالقىش)
بەلكىم قورال ساقلاش ئوخئو شىتاتىدىكى ئوۋچىلارغا نسبەتەن كىلېلاند دىكى گۇرۇھۋازلىق زوراۋانلىقى پەيدا قىلغان پاتپاراقچىلىقتىن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.سىز ماڭا جىنايەتچىلەرنىڭ ئەي كى 47 (روسىيە قورالى)گە ئىرىشش يولىنى ئۇزىۋىتىدىغان ئىككىنچى قىتىملىق ئاساسى قانۇن تۇزتىش ھەرىكىتىنى ئىلىپ بارالمايسەن دەپ قالماڭ!
(ئالقىش)
چۇشىنىپ تۇرۇپتىمەن،بىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىش مەسلىسىدە كۆز قارىشمىز ئوخشىمايدۇ.ئەمما شۇنىڭغا ئىنىق جاۋاب بىرىمەنكى،بىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىق بۇرادەر-ھەمشىرىلىمىز دوختۇرخانىلاردىكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشنى يوقلاپ كەلسە بولىدۇ.ئۇلار دۆلىتىمىزدە ھىچكمنىڭ كەمستىشىكە ئۇچرىماي ياشاش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
سىلەرگە مەلۇم،كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە نۇرغۇنلىرىمىز ھاياجانلىنىپ قالىمىز.بىراق مەن ،بىر ئانا ئىمىتىۋاتقان بالىسىدىن ئايرىلسا ياكى بىر ئادەم ئشلەتكۇچى ئامرىكىلىقلارنىڭ ئش ھەققىنى تۆۋەنلىۋىتىدىغان قانۇنسىز ئشچىلارنى ياللىسا بۇنىڭ زادى كىمگە پايدا ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.
بىراق ،بۇ مۇ ئامرىكا ئەھدسنىڭ بىر قىسمى،دىموكراتىيە ئەھدسىنڭ بىر قىسمى ،بىز بۇ ئەھدە ئارقىلىق كۇچ-قۇۋۋەت تاپىمىز،ئوخشىماسلىقلارغا كەڭرى قۇچاق ئاچىمىز.شۇنداقلا ئورتاق تىرىشچانلىقمىز بىلەن بىرلىشمىز.
بەزى كىشلەرنىڭ بۇ ئەقىدىمىزگە خۇددى كۆڭۈل خۇش قىلىدىغان ۋەدە سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ماڭا ئايان.ئۇلار بىزنىڭ جامائەت ئشلىرىدىكى كۆلىمى تىخىمۇ چوڭ،تىخىمۇ كەسكىن،تىخىمۇ سەمىيمى بولغان قەتئىيلىكىمىزنى خۇددى يۇقىرى باج ۋە ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلاردىن ياتلىششقا قاراپ سۆرەپ ماڭغان ياغاچ ئاتقا ئوخشتىدۇ.
بۇنى بىز چۇشىنەلەيمىز،چۇنكى سىزنىڭ يىڭى ئىدىيەلىرىڭىز بولمىسا سىز بىلەت تاشلىغۇچىلارنى كونا قاراشلار بىلەن قورقۇتىسز.
(ئالقىش)
ئەگەر سىزنىڭ كۆرسەتكۇدەك شەخسى ئارخىۋىڭىز بولمىسا ،ئۇ چاغدا رەقىبىڭىزنى كىشلەر قاچىدىغان ئادەم قىلىپ سىزىپ چىقىسز.كىچىك ئشلارنى دەپ كاتتا سايلام ئىلىپ بارىسىز!
سىز نىمىنى بىلىسز؟ئۇ ئىلگىرى كارغا كەلگەن،چۇنكى ئۇ چاغدا ھەممىمىزنىڭ ھۆكۇمەت پەيدا قىلغان جاھاندىن تويۇش ھالىتىمىزگە بەرھەم بەرگەن.ۋاشىنگىتون خىزمەتتىن توختسا ،بۇ ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق سۆزگە ئايلىنىپ قالغان .ئەگەر ئۇمىدىڭىز قايتا-قايتا زەربىگە ئۇچرىسا،سىز ئاستا ئولتۇرۇپ،يەنە ئۇمىت باغلاشنى توختىتىپ ،بىلگىنىڭىز بويىچە ئش قىلغىنىڭىز ياخشىراق.
مەن چۇشەندىم.مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،مەن مەزكۇر ئشخانىغا كىرىشكە تەييارلانغان كاندىداتلار ئىچىدىكى ئەڭ يالغانچى كاندىداتلارغا ئوخشىمايمەن.مەن ئاشۇ كونا مۇقامغا توۋلاۋىرىشنى ياقتۇرمايمەن.مەن ۋاقتىمنى ۋاشىنگىتوننىڭ ھەشەمەتلىك زاللىرى ئىچىدە ئۆتكۇزمەيمەن.
مەن بۇگۇن كەچ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇشۇم شۇنىڭ ئۇچۇنكى،پۇتۇن ئامرىكا بويلاپ بىر ئش جانلىنىپ بارماقتا.ئنكارچىلارنىڭ چۇشىنەلمەي كلىۋاتقان بىر نۇقتا شۇكى-بۇ سايلام ئەزەلدىن مەن بىر ئادەم ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى سىلەر ئۇچۇندۇر.
(ئالقىش)
مەزكۇر سايلام –سلەر ئۇچۇندۇر.
(ئالقىش)
ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان 18 ئايدىن بىرى،سىلەر بىر-بىرلەپ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ ،‹‹ئۆتمۇشتىكى سىياسەتلەرگە بولدى بەس››دىدىڭلار،سىلەر چۇشەندىڭلاركى،بىز بۇ سايلامدا دۇچ كىلىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەرنىڭ دەل ئاشۇ ئوخشاش ،كونا سىياسەتلەرگە ،ئوخشاش ،كونا ئۇستاتلار بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ئۆزگىچە نەتىجە كۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.
سىلەر تارىخ بىزگە ئۆگەتكەن شۇنداق بىر تەجرىبنى نامايىن قىلدىڭلاركى،ھازىرقىغا ئوخشاش مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئۆزگىرىش ۋاشىنگىتوندىن ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.
ئەكسىچە بىز ۋاشنگىتونغا ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىمىز.
(ئالقىش)
ئۆزگىرىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ،ھامان ۋۇجۇتقا چىقىدۇ،چۇنكى ئامرىكا خەلقى ئۇنىڭغا مۇھتاج.چۇنكى ئامرىكا خەلقى دەس تۇرۇپ،يىڭى دەۋىر ئۇچۇن يىڭى ئىدىيە ،يىڭى رەھبەرلىك ،يىڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان يىڭى رەھبەر تەلەپ قىلماقتا.
ئامرىكا،مانا بۇ دەل ئاشۇنداق دەقىقىلەردىن ئىبارەت.
قانچىلىك مۇشەققەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،شۇنىڭغا قەتئى ئشىنىمەنكى،بىز مۇھتاج بولغان ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر رىئاللىققا ئايلىندۇ.چۇنكى مەن ئۇنى كۆردۇم.چۇنكى مەن ئۇنى ئۆز تۇرمۇشۇمدا باشتىن كەچۇردۇم.
چۇنكى،مەن ئۇنى ئىللىنويىس شىتاتىدا كۆردۇم،بىز تىخىمۇ كۆپ بالىلارنى سالامەتلىك پاراۋانلىقى بىلەن تەمىنلەپ،تىخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى تۇرمۇش كاپالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ،خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق.
مەن ئۇ ئۆزگىرشنى ۋاشنگىتوندا كۆردۇم،بىز پۇتۇن پارتىيە سىپى بويىچە ھۆكۇمەتنى تىخىمۇ ئىچىۋتىشكە ،پارلامىنىتتكى قانۇن تۇزگۇچىلەرنى تىخىمۇ ئشەنچىلىك بولۇشقا ،بىزنىڭ پىشقەدەم ئەسكەرلىرىمىز گە تىخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۇشكە ،يادرو قوراللىرىنى تىرورچىلارنىڭ قوللىرىدىن تارتىۋىلىشقا كۇچ چىقارغان خىزمىتىمىزنىڭ ئۇنۇمىدىن كۆردۇم.
مەن ئۆزگىرىشنى مەزكۇر سايلام پائالىيەتلىرىدە كۆردۇم.تۇنجى قىتىم سايلامغا قاتىنىشۋاتقان ياشلاردىن ،يۇرىكى ياش كىشلەردىن ،ئۇزۇن مۇددەت سايلامغا قاتناشماي ،بۇ قىتىم بىلەت تاشلاشقا نىيەت قىلغان كىشلەردىن ،ئەزەلدىن دىموكراتلارغا بىلەت تاشلىمايدۇ دەپ قارالغان ،ئەمما بۇ قىتىم راسىتلا بىزگە مايىل بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كۆردۇم
(ئالقىش).
مەن ئۆزگىرىشنى دوسىتلىرىنىڭ ئشسىز قىلىشغا كۆڭلى ئۇنىماي، ئۆزىنڭ خىزمەت ۋاقتىنى قسقارتىپ ،تەڭ ئشلىگەن ئشچىلارنىڭ يۇرىكىدىن كۆردۇم.مىيپناك بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ قايتا ئۇرۇشقا تىزىملاتقان ئەسكەرلەرنىڭ روھىدىن كۆردۇم.ئاپەتلىك قۇيۇن ۋە كەلكۇن كۆرۇلگەندە يات كىشلەرگە پاناھ بولغان ئاقكۆڭۈل ئۆي ئىگىلىرىنڭ ئاقكۆڭۈللۇكىدىن كۆردۇم.
سىلەرگە مەلۇملۇقكى،دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن باي،لىكىن بىزنى باي قىلىدىغان نەرسە ئۇ بايلىق ئەمەس،بىزنىڭ ئارمىيمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ كۇچلۇك،بىراق بىزنى كۇچلۇك قىلىدىغنى ئارمىيە ئەمەس،بىزنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتلىرىمىز ،بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز دۇنيانى ھەسەتتە قويىدۇ.بىراق جاھاننى بىزنىڭ ساھىللىرىمىزغا جەلىپ قىلىدىغىنى بۇ لار ئەمەس.
ئەكسىچە،ئامرىكا روھى ،ئامرىكا ئەھدسى بىزنى يولىمىز غۇۋا بولسىمۇ ئالغا يىتەكلەپ ماڭالايدۇ.بىزنىڭ نۇرغۇن ئوخشماسلىقىمىز بولسىمۇ ،ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ.دەل ئامرىكا روھى بىزنىڭ كۆزىمىزنى كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئەمەس،بەلكى كۆرۇنمەس ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا يوشۇرۇنغان نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۇرەلەيدۇ.

دەل ئاشۇ روھ–بىزنىڭ ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەت مىراسىمىزدۇر.دەل ئاشۇ ئەھدە ئۇچۇن مەن قىزلىرىمنى كىچىسى ئاۋايلاپ ئۇخلىتىمەن.
دەل مۇشۇ ئەھدىنى سىلەر ئۆز-ئارا تۇتقا قىلىسلەر.دەل مۇشۇ ئەھدە كۆچمەنلەرنى ئوكيان كىچىپ ،يول ئاچقۇچىلارنى داۋانلار ئىشپ غەربكە سەير قىلشكە تۇرتكە بولىدۇ.دەل مۇشۇ ئەھدە ئشچىلارنىڭ سىخلارغا قستىلىپ ئشلەشكە،ئاياللارنىڭ سايلامغا بىلەت تاشلىشىغا ئىلھام بولىدۇ.
(ئالقىش)
دەل مۇشۇ ئەھدە بۇندىن 45 يىل بۇرۇن ئامرىكىلىقلارنى مۇشۇ زىمننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدىن ۋاشىنگىتوندىكى بىر سارايغا ،لىنكولىن خاتىرە سارىيغا توپلىشپ،جورجىيە شىتاتىدىن كەلگەن بىر ياش دىن تارقاتقۇچىنڭ ئارزۇسنى ئاڭلاشقا تۇرتكە بولغان.
(ئالقىش)
بۇ يەرگە توپلاشقان ئەر ۋە ئاياللار ئىلگىرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاچچىقلايدىغان،سىلكشلەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.ئۇلار بەلكىم ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان نۇرغۇن ئارزۇلىرىغا يانداش ئۇمۇتسىزلىك ۋە قورقۇنچقا مۇپتىلا قىلمىش پاسسپ سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.
بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە،بىزنىڭ ئامرىكىدا-،قايسى ئىتىقادى گۇرۇپپا ،قايسى ئرق،قايسى ساھەدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر –بىزنىڭ تەقدىرىمىز چەمبەرچەس باغلانغان ،ئورتاقلىشالايدىغان ئارزۇلارنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.
‹‹بىز يالغۇز مىڭىپ بولالمايمىز،يولغا چىققاندا شۇنىڭغا ئشەنچىمىز بولسۇنكى،بىز ھەمىشە ئالدىمىزغا مىڭىشمىز،كەينىمىزگە يانماسلىقىمىز كىرەك.››-دىن تارقاتقۇچى شۇنداق خىتاب قىلغان ئىدى.
ئامرىكا،ئەمدى بىز كەينىمىزگە يانساق بولمايدۇ.
(ئالقىش)
بىز قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئشىمىز تۇرۇپ ،ئوقۇتۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن بالىلىرىمىز تۇرۇپ،ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن پشقەدەم جەڭچىلەر تۇرۇپ،ھەل قىلشقا تىگىشلىك ئىقتىسادى مەسىلىمىز تۇرۇپ،قايتا قۇرۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن شەھەر تۇرۇپ،ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن دىھقانچىلىق مەيدانى تۇرۇپ،قوغداشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئائىلىللەر تۇرۇپ،داۋالاشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ھايات ئىگىلىرى تۇرۇپ،بىز كەينىمىزگە قايتالمايمىز.
ئامرىكا ،بىز كەينىمىزگە قايتالمايمىز،بىز يالغۇز مىڭىپ بولالمايمىز.
مۇشۇ دەقىقىدە،بىز كەلگۇسىگە يۇرۇش قىلىشقا يەنە بىر قىتىم ئەھدە قىلىشمىز كىرەك.بىز ئەنە شۇ ئەھدىنى ،ئامرىكا ئەھدىسنى كۇچكە ئىگە قىلىشىمىز،ئۆزىمىزگە يۇز تۇتقان ئۇمۇتلۇك يولدىن قىلچە تەۋرەنمەي ،ئنجىلدىكى ھەر بىر سۆز-جۇملىگە مەھكەم ئسىلىپ كەلگۇسىگە قەدەم بىسىشىمىز كىرەك.
رەھمەت سىلەرگە.تەڭرى سىلەرگە بەخىت –سائادەت يار قىلغاي،تەڭرى ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئامەت يار قىلغاي.

(تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن )

تولۇق ئوقۇش