2010年11月18日

تور مەشغۇلات سىستېمىسى ، بۇلۇت ۋە بىز

تور مەشغۇلات سىستېمىسى ، بۇلۇت ۋە بىز




































تور مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە بۇلۇت ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ بېقىش نىيتىم بار ئىدى، لىكىن سۆزنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي بۈگۈنگە قالدى. بۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا پايدىلانغان ماترىياللار ئۆزۈمنىڭ توردىن كۆرىۋالغان قىسقىچە مەزمۇنلار بىلەن بىر قانچە يىللىق ئۆگۈنۈش جەريانىدىكى ھىس قىلغانلىرىم، شۇڭا خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.






بىر قىسىم ئەقىللىق كىشىلەر شۇنداق بىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياساپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا تور مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ ئىسىم قويدى، ئۇلار بۇ سىستېمىنى تورغا قاچىلاپ قويۇپ كىشىلەرگە "ئەي كىشىلەر سىلەر ئەمدى كومپيۇتېر ئىشلەتمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ(مەشغۇلات سىستېمىسىنى كۆزدە تۇتماقچى)، بىز ياسىغان بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى سىلەرنى كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلايمەن، ۋىروس تازلايمەن، ھەقىقىي نۇسخدىكى دىتال سېتۋالىمەن، ئۇيغۇرچە تونىتىمەن، قاتتىق دېسكا ئالىمەن، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئاشۇرمەن دىگەندەك ئاۋارچىلىقلاردىن خالى قىلىدۇ" دەپ جار سالدى، بىز ۋاي توۋا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ دەپ ياقا تۇتۇشتۇق، ئاللا توۋا دېيىشتۇق، ئىشەنگىمىز كەلمىدى، لىكىن ئۇزاققا بارماي بۇ ئەقىللىق كىشىلەر بۇ سىستېمىسىنى خەقلەرنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشى ئۈچۈن سىرىتقا ئېچىۋەتتى، دەل مۇشۇ چاغدا بىز ئاندىن بۇنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىز بۇندىن ئىلگىرى ئاتاپ كەلگەن "تور" نىڭ خەقنىڭ ئۆيىدىكى بىر كومپيۇتېر ئىكەنلىكنى ھەقىقىي ھىس قىلىشتۇق.









شۇنداق "تور" ئۇ بىر خەقنىڭ كومپيۇتېرىدىكى قاتتىق دېسكا، تورغا ساقلانغان ھەممە نەرسە شۇ قاتتىق دېسكغا قاچىلانغان بولۇپ بۇ ئەمدى بىزدىن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، ئەگەر ھەممىمىز ئاشۇ "تور"غا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىگە بولساق بىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بوپ كىتىدۇ؟





















1- بىزدە سىستېمىغا كىرىدىغان بىرتال ئابونىت نۇمۇرى ۋە پارول بار بولىدۇ.









2-بىز تور كۆرگۈچكە تورىدىكى كومپيۇتېرىمىزنىڭ ئادىرىسنى كىرگۈزسەك ئابونىت نۇمىرى ۋە پارول تەلەپ قىلىدۇ، بىز تىزىملىتىپ كىرىمىز.









3- بىز بۇيەردە تورغا چىقىمىز، پاراڭلىشىمىز، خەۋەر كۆرىمىز، سىنلارنى كۆرىمىز، ناخشىلارنى ئاڭلايمىز، خالىساق ساقلىۋالىمىز، خالىساق ئۆچۈرىمىز.









بىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىمىز، مەشغۇلاتلىرىمىز، ئاشۇ تورىدىكى كومپيۇتېرىمىزدا ساقلىنىدۇ.(سىز ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر، ناخشىلار، رەسىملەر، ماقالىلەر ھەتتا ئويۇنلار ھەممىسى مۇشۇ يەردە)









3-بىزگە لازىملىق بارلىق دىتاللار ئاشۇ مەشغۇلات سىستېمىسىدا بار بولۇپ ئىشلىتىدىغانلىرىمىزنى "ئۈستەل" گە چىقىرىۋالىمىز، ئىشلەتمىسەك ئۆچۈرۋىتىمىز. دىتاللارنى دىتال مەركىزىدىن خالىغاندا قاچىلاپ خالىغاندا ئۈچىرەلەيمىز، بۇ شۇنداق بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ بەك پاكىز، بۇيەردە ۋىروس ئاساسەن بولمايدۇ، بوپ قالسا بۇ توردىكى كومپيۇتېرنىڭ ئىگىسى سىزگە تازىلاپ پاكىزلاپ بىرىدۇ.









4-ئەگەر جىددىي ئىشىمىز چىقىپ قېلىپ تور كۆرگۈچنى تاقاپلا چىكەتسەك، كىيىن قايتا كىرگەندە بىز كۆرىۋاتقان كىنو ۋە بارلىق مەشغۇلاتلار ئاشۇ قالغان پېتى ساقلانغانلىقىنى كۆرىمىز،بىز خىزمەتنى ئاشۇ توختىغان پەيىتتىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىمىز.









5- بىز خىزمەت بىلەن باش شىركەتكە دوكلاتقا باردۇق، لىكىن ھىچقانداق ماترىيال كۆتۈۋېلىشنىڭ ئورنى يوق، نىمىشقا چۈنكى تور بار ھەرقانداق ئورۇندا سىز بۇ تورىدىكى كومپيۇتېرىڭىزنى ئاچالايسىز، بارلىق ماترىياللىرىڭىزنى ئېچىپ كۆرەلەيسز، دوكلات بىرەلەيسىز، يىغىپ قويغان ئۇچۇرلارنى خەقكە يۆتكەپ بىرەلەيسىز.





















دىمەكچى بىز بۇ سىستېمىغا ئىگە بولساق تور بولغانلىكى ھەرقانداق ئورۇندا، ھەرقانداق ۋاقىتتا، تورغا كىرگىلى بولىدىغان ھەراقانداق ئۈسكىنىدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنى بىمالال قىلالايمىز.









مەسىلەن: ئۆيدىكى كومپيۇتېردا، تېلېفۇندا، تېلېۋىزوردا، لەپتوپتلاردا...









سىزنىڭ تېلېفۇنغا ساقلىغان بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىز تېلېفۇن كارتىڭىزغا ئەمەس مۇشۇ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ساقلىنىدۇ، تېلېفۇن خاتىرىسى، قىسقا ئۇچۇر،سۈرەت،سىن، ماترىياللار...









سىز ئۆيىڭىزدە تېلېۋىزوردا كۆرىۋاتقان كىنونىڭ ئاخىرىنى تېلېفۇنىڭىزدا كۆرگەچ ئىشقا بارىسىز، كەچلىك خەۋەرنى ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردا بېشىنى كۆرۈپ تېلېفۇندا ئوتتۇرسىنى كۆرۈپ ئۆيدىكى تېلېۋىزوردا ئاخىرىنى كۆرىسز...









يۇقىرىدا تور مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ نىمە ئىكەنلىكى قوللىنىش جەھەتتىن چۈشىنىپ ئۆتتۇق، ئەمدى ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.









بۇ سىستېمىنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشى Web operating system بولۇپ قىسقارتىلىپ Web OS دىيىلىدۇ، خەنزۇچە 网络操作系统 دىيىلىدۇ.









ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنگەن قىسىمى بولۇپ توردا بولىدىغان ھىسابلاش ۋە سىز ئىشلەتكەن تورغا چىقىش ئۈسكىنىسىدە بولغان ھىسابلاشدىن ئىبارەت.









توردا بولغان ھىسابلاش سىزنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىسىدا قىلغان مەشغۇلاتىڭىز سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان ھىسابلاشلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ھىسابلاشلار توردىكى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغان بېسىم چۈشۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ سىز ئىشلەتكەن تورغا چىققۇچى ئۈسكىنىگە بېسىم چۈشۈرمەيدۇ.





















تورغا چىقىش ئۈسكىنىسىدىكى ھىسابلاش بولسا تور مەشغۇلات سىستېمىسىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئىكراندا كۆرسىتىشكە كەتكەن ۋە تور ئۇزىتىشقا كەتكەن ھىسابلاشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا تور مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ سىزگە بولغان تەلىپى يۇقىرىراق بولغان كۆرسىتىش كارتىسى ۋە ئۇزىتىش سۈرئىتى تىز بولغان تور كارتىسى ھەم يۇقىرى تور سۈرئەت بولىدۇ.(بېسىم UCP غا ئەمەس GPU غا بەكرەك چۈشىدۇ)









دىمەكچى بىزنىڭ ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى قاتتىق دىتال ۋە تور سۈرئىتىگە بولغان تەلەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ، بىر قىسمىنى تور مەشغۇلات سىستېمىسى تەمىنلىگەن ئورۇننىڭ كومپيۇتېرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىر قىسمىنى بىزنىڭ تورغا چىقىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئۈسكىنىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ.









تور مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى دىتاللارغا كەلسەك ئۇلار بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان دىتاللارنىڭ تور نۇسخسى بولۇپ بۇنىڭغا "تور QQ "، "تور Photoshp"... دىگەندەك دىتاللارنى ئوخشىتىش مومكىن.









تور مەشغۇلات سىستېمىسىنڭ ئىجرا ۋاستىسى نىمە بولىدۇ؟









ئۇ بىر تور كۆرگۈ بولىدۇ، تور كۆرگۈ بولسىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىڭىزغا كىرەلەيسىز.









ئۇنداقتا بىز بۇيەردە ئاتاپ كىلۋاتقان تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ توربەتلەر بىلەن نىمە پەرقى بار ئۇ بىر تور قوللىنىلىشچان پىروگراممىسمۇ ياكى راستىنلا بىر مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ؟









بۇ ناھايىتى ۋەزىنى بار سۇئال، بۇنى مەشغۇلات سىستېمىسى دىمەيلى دىسەك بۇنىڭ ئۈستىدە ئىجرا بولىدىغان ئۆزىگە خاس پىروگرامملىرى بار، ئەمەسمىكى دىسەك توربەت زىيارەت قىلغانغا ئوخشاش زىيارەت قىلىپ كۆرىدىكەنمىز، شۇ كۆرۈنمە يۈزى بەلكىم بىز ھازىر كۆرۈپ كۆنگەن تور بەتلەردىن پەرىق قىلىشى مومكىن، ئەمسە بۇنى زادى نىمە دەيمىز؟ بۇنى تورداشلار ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزى تەبى ھالدا خۇلاسىلىۋالىدۇ.









بەزى ماترىياللاردا Web OS نى 3.0 Web بىلەن تەڭ ئورۇندا ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىسىز، بۇنداق بولغاندا سىز Web OS نى 2.0 Web نىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى دەپ چۈشىنىسىز، شۇنداق بىز 2.0 Web دەۋرىدە تۇرىۋاتىمىز، بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات 3.0 Webقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ، Web OS قا قاراپ ماڭىدۇ دىگەن گەپ.









بىزنىڭ ھازىرقى ئۇچۇر ساقلاش شەكلىمىز ھۆججەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاش شەكلى بولۇپ ئەگەر بۇ ھۆججەت، بوشلۇقتىكى بىر ئورۇندا بولسا مەڭگۈ ئۆچمىسە، سۈرئەت تىز بولسا بىز ئۇنىڭ ئادىرىسىنى كۆچۈرۋالساقلا كۇپايە بولىدۇ، بىكاردىن بىكار بوشلۇق ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق.(مەسىلەن يۇتۇبېدىكى سىن سۆججەتلەر)





















بۇ ھازىرقى دەۋىردىكى "ھەمبەھىرلەش"كە ئوخشايدۇ، دوستىڭىزغا بىر كىنونى ئېۋەتىپ بەرگندىن كۆرە ئاشۇ كىنونىڭ ئادىرىسىنى ئېۋەتىپ بەرگىنىڭىز ياخشىراق بولغىنىغا ئوخشاش.









شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ Web OS نىڭ نورمال يۈرشىنىڭ ئاڭ ئالدىنقى شەرتى يىتەرلىك تور سۈرئىتىنىڭ بولىشى، مۇشۇ شەرتنىڭ بۇلىشى بىزنىڭ ھۆججەت يوللىشىمىزنىڭ ئەمەس ئادىرىس يوللىشىمىزنىڭ كۇپايە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.









ھازىر تور مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەپ چىقارغان ئورۇنلاردىن بىزنىڭ بىلدىغىنىمىز بەلكىم تېڭشۇن شىركىتىلا بولىشى مومكىن، لىكىن خەلىقئارادا بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان ۋە مەھسۇلات يارتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس مەسىلەن: گوگېلنىڭ chrome os ، HP نىڭ Palm قاتارلىقلار، يەنە تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىكى بىر قاتار سىستېمىلارمۇ بار.









http://www.blueidea.com/news/soft/2008/5545_3.asp





















بۇ تورمەشغۇلات سىستېمىسى كىيىنكى بىر دەۋىردىكى تور تېخنىكىسنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر بىزنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىمىز ئاشۇ دەۋىرگە قەدەم قويسا بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ تورىدىكى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىغا بولغان قوللاشلىرى، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىشلىرى قانداق بولىدۇ؟ مەيلى بىز قايسى تور مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىلى ئۇنىڭغا كۆزقۇلاق بولۇپ تۇرمىساق بولمايدۇ. تېڭشۇن ياسىغان تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىزگە قانچىلىك نەپ ئېلىپ كىلدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لىكىن گوگېل ۋە HPقاتارلىق چوڭ شىركەتلەر ياسىغان تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كومپيۇتېر ئىشلىرىمىزغا قانچىلىك تەسىر بىردىغانلىقىنى ھس قىلالايمەن.





















چۈنكى گوگېل ئوتتۇرغا چىقارغان مۇلازىمەتلەر ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن :ئېلخەت، ھۆججەت، خەۋەر، سىن ... قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى.









ئەگەر بۇ مۇلازىمەتلەر تور مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلىتىلسە ۋە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تېلېفۇن نۇسخسىدا قوللىنىلسا كىشلەرنىڭ گوگېلنىڭ مۇلازىمىتىگە بولغان بېقىنىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.









يازمىنىڭ بېشىدا قاتتىق دېسكىنىڭ تورغا تەڭداش ئىكەنلىكىنى تىلغان ئالغان ئەمدى ئۇنى تۈۋەندىكىدەك ئۆزگەرتەي.









"تور"="قاتتىق دېسكا"="بۇلۇت"









بىز ئۇچۇرىمىزنىڭ قايسى كومپيۇتېردا ساقلانغانلىقىنى قانداق ساقلانغانلىقىنى بىلمەيمىز پەقەت ئاشۇ تور مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىقلا بىز ئۆزىمزنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئىگە بولالايمىز.









ئەگەر باشقا بىر ئورۇندا ئۇچۇرلىرىمىزغا ئىگە بولماقچى بولساق مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى ئورۇن تەمىنلىگەن "ئېچىش ئېغىزى" دىن پايدىنىلىپ ئىرىشەلەيمىز.









ئەگەر بىز بۇ "تور"دىكى"قاتتىق دېسكا" نىڭ ھەقىقى "بۇلۇت" ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماقچى بولساق گوگېلنىڭ ئاندرويىد تېلېفۇنىنى ئىشلىتىپ باقساق بولىدۇ.









تېلېفۇننىڭ تېلېفۇن خاتىرىسى، تېلېفۇن دەپتەر ئۇچۇرى، Gtalkتىكى پاراڭ خاتىرىسى، ھۆججەت يوللاش خاتىرىسى، يوللانغان ھۆججەتلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توردىكى ئاشۇ قاتتىق دېسكىدا ساقلىنىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى مەن كۆرەلمەيمەن، قايسى ئورۇندا ساقلانغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن، پەقەت تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىجرا ۋاستىسى بولغان تېلېفۇندا ۋە تور كۆرگۈچتە كۆرەلەيمەن،(ماقالىنىڭ بېشىدا تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىجرا ۋاسىسى تور كۆرگۈ دىيىلگەن، ئەمدى تېلېفۇنمۇ قېتىلىپ قالدىغۇ دىيىشىڭىز مومكىن، چۈنكى تېلېفۇن سىستېمىسى تورمەشغۇلات سىستېما مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى بولغان گوگېلنىڭ قالدۇرغان ئېچىش ئېغىزىنى ئىشلىتىپ ياسالغان، دىمەكچى ئاندرويىد بولسا chrome osنىڭ بىر ۋارىيانتى) ئۆزگەرتەلەيمەن ۋە ئۆچۈرەلەيمەن.









ماقالىدە مانا ئەمدى "ئېچىش ئېغىزى" نىڭ گەپلىرى چىققىلى تۇردى، بۇ نىمە گەپ؟





















دىتال ئاچقۇچى شىركەتلەر ئۆز مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ۋە كىشىلەرگە قولايلىق يارتىش ئۈچۈن ئۈچۈنچى تەرەپكە ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىگەن، ئۈچۈنچى بىر تەرەپ بۇ ئېغىزلاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسان قىلالايدۇ، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز پىروگراممىسىدا ئىشلىتەلەيدۇ، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ مەلۇم بىر قوللىنىلىشچان دىتالىنىڭ باشقا بىر سەھنىدىكى قوللانما دىتالىنى ياساپ چىقالايدۇ.









مەسىلەن: ئەگەر بىلىك تورى بىزگە بىز لازىملىق بولغان ئېچىش ئېغىزلىرىنى تەمىنلەپ بەرسە بىز بىلىك تورىنىڭ ئاندرويىد نۇسخسىنى(مەن بىلوگىمدە ئېلان قىلغان ۋوردپرېسنىڭ ئاندرويىد نۇسخسىغا ئوخشاپ كىتىدۇ) ۋە كومپيۇتېردىكى ۋىندوۋس نۇسخىسىنى ئۇبۇنتۇ نۇسخىسىنى ...دىگەندەك يەنە تورمەشغۇلات سىستېمىسى نۇسخىسىنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ. بىز بىلىكنىڭ ماقالىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن چۇقۇم بىلىك تورىغا كىرىشىمىز بىھاجەت بوپ قالىدۇ، بۇنداقتا ئىنتايىن قۇلايلىق ئەمەسمۇ؟









تور بەت پىروگراممىسىنى تۈزۈش كىشىلەرگە ھەمكارلىشىدىغان ئېغىز قويۇپ مېڭىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، web2.0تەرەققى قىلىپ web3.0 گە مېڭىۋاتىدۇ، web3.0تېخنىكىسىنى قوللىنىلىۋاتقان بۇ web os نىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغانسىرى "ئېچىش ئېغىزى" دىگەن بۇ نەرسىنىڭ قانچلىق ئىشلىتىلىشچانلىقى بارلىقىنى ۋە مۇھىملىقىنى ھىس قىلىمىز.





















بىز تور مەشغۇلات سىستېمىسى دىگەن بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ "بۇلۇت" دىگەن بىر يەرنى ساقلاش ئورنى قىلدىغانلىقىنى ئابونىتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە "ئېچىش ئېغىزى" دىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر يوللايدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.









ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىزنىڭ ئۈچۈنجى تەرەپ ئېچىشقا بولغان چۈشەنچىمىز ۋە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قىلغان ئىشلىرىمىز يوق دىيەرلىك، ئەگەر ئاشۇ ئۇچۇرلارنى "بۇلۇت" تا ساقلاپ مەشغۇلاتنى " chrome os"تا ياكى "ئاندرويىد"تا قىلدىغان پەيىت يىتىپ كەلسە بىز نىمە ئىشمۇ قىلالايمىز؟









بىزدە يۇمشاق دىتال ئېچىش جەھەتتە تېخى بالا، تور مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇياقتا تۇرسۇن بىرەر چوڭ تىپتىكى دىتالنىمۇ ئېچىپ باقمىدۇق، كىرگۈزگۈچ بىلەن لۇغەتتىن ئاتلاپ باقمىدۇق، ئۇيغۇرچە ئۆزىمىزنىڭ تور مەدەنىيىتىگە ماس بولغان، بىر تور مەشغۇلات سىستېمىسى ياساپ بولالىشىمىز ناتايىن، لىكىن بىز خەقنىڭ ياسىغىنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ تور مەدەنىيتىگە خاس قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقساق بولىدۇ، بىزدە تېڭشۈندەك دوراپ بولسىمۇ بىرەر نەرسە ياسىيالايدىغان شىركەتلەر، ياسىغان نەرسىگە چۇشلۇق قوللاپ بىردىغان بازار يوق بولىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتلەردە يېڭىدىن مەيدانغا كىلىۋاتقان تور مەشغۇلات سىستېمىسىدەك مەھسۇلاتلارغا كۆز قۇلاق بولۇپ تۇرۇپ ئۆزىمىزگە بىر كىشىلىك ئورۇن تەييارلاشمۇ ناھايىتى مۇھىم.









بىز يېزىقىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى كۆچمە ئۈسكىنلەردە نورمال كۆرىنىدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغانلىقىغا قاراپ تۇرۋالماي(بۇلار چۇقۇم ھەل بولىدۇ، بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىڭ)، ئاشۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان خەلقىمىز ئىھتىياجلىق بولىدىغان مۇلازىمەتلەرنى قانداق بەرپا قىلىشنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ قايسى "ئېچىش ئېغىزى" لىرىدىن پايدىلىنىشنى تەتقىق قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن، كونىلار سۇ كەلگۈچە تۇغان سال دەپ بىكارغا ئېيتمىغان، مەن ئالدىنقى يازمىللىرىمدا "بۇلۇت ئىنقىلابى" دەپ بىر نەرسىنى ئوتتۇرغا قويغان، بۇلۇت ئىنقىلابىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بۇ يازما ئارقىلىق ئازراق ھىس قىلالىشىڭىز مومكىن.









بۇ ئىنقىلاپ "بۇلۇت" تا ئۇچۇر ساقلاپ كۆچمە ئۈسكىنىلەردىن (شۇلاردىكى web osدىن)پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئالماشتۇردىغان جەرياندىكى بارلىق تېخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېخنىكىلار بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ھۇشيار تۇرمىساق بىزنىڭ نەچچە يىلنىڭ ياغى ياراتقان تور مەدەنىيتىمىزنى بىر تىيىنغا يارغۇسىز قىلىۋىتىدۇ.









(ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان تور مەشغۇلات سىستېمىسى، بۇلۇت ئۇقۇمى، ئېچىش ئېغىزى دىگەندەك ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى، دائىرىسى، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلىرى مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن خېلى كەڭ دائىرىدىكى بىلىملەر بولۇپ، مەن پەقەت ئۆزۈم ھىس قىلغان تەرەپلەرنىلا سۆزلىدىم، سۆزلىگەنلىرىمگە ئاددىي ھالدىكى بىلىم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش كۇپايە، رەسمىي ماترىيال قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ).




تولۇق ئوقۇش

2010年10月13日

قۇتبىلىك - يۈرەك سۆزلىرىم

بىلىشىمچە بىزنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىللىرىنى بىلىشىمىز DOS مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشلانغانغۇ دەيمەن،ئاندىن Windows نىڭ كۆزنەكلىك مەشغۇلات سىتېمىسى بىىلەن ئۇچراشتۇق، يېقىنقى ئۈچ -تۆت يىل مابەينىدە XP,Vista,Win7 دىگەندەك مەشغۇلات سىستېمىللىرىنى ئىشلىتىپ ئۆتتۇق،ئارلىقتا غەيرەتلىك ياشلىرىمىز ئۆزلىكىدىن ئۇيۇشۇپ Xpنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى، ئەمدىلا كومپيۇتېر چۈشەنچىسى شەكىللىنىۋاتقان، ئۇيغۇرتىلىدىن باشقا تىللارنى دىگەندەك بىلىپ كىتەلمىگەن نۇرغۇن كىشىللىرىمىز بۇلارنىڭ تارقاتقان سىستېمىسىدىن ئۆزىگە لايىق مەنپەئەتكە ئىرىشتى، يەنە ئوچۇق كودلۇق بولۇۋاتقان Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ بىر قىسىملىرىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئىشلىتىپ باققانلار تەۋىسيە قىلىشتى، يەنە بىر قىسىم ئوت يۈرەكلەر بۇنى تەرجىمە قىلىشقا ئاتلاندى، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغانلار ئارىمىزدا ئاستا-ئاستا كۆپەيمەكتە، كومپيۇتېر بىلىملىرىگە بولغان بىلىش دەرىجىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بەزىللىرىمىز Xp نى تاللىدۇق، بەزىللىرىمىز Ubuntu نى تاللاۋاتىمىز، بۇنى مىنىڭچە ئۇيغۇرلار ئارسىدا مودا بولىۋاتقان بىلوگ ئويناشقا ئوخشىتىشقا بولىشى مومكىن، دەسلەپ بىلوگ بىلەن تۇنۇشقانلار بىلوگسىپوت، بىلوگبۇس قاتارلىق بىلوگلارنى ئىشلەتتى، كىيىن PJ بىلوگقا كۆچتى، ئاندىن ۋوردپرېسكە كۆچۈشكە باشلىدى، دىمەكچى ئۇيغۇر بىلوگگىرلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئۇلارنى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغان بىلوگ سىستېمىسىنىڭ بىرى بولغان ۋوردپرېس سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىمۇ كومپيۇتېر بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى شەرت قىلىدۇ، كومپيۇتېردا ئەمدى تىلى چىقىۋاتقان ئاجىزلىرىمىزغا Ubuntu ئىشلەت دىسەك قىينىلىپ قېلىشى مومكىن، تەرەققىيات ئاستا-ئاستا بولىدۇ، كومپيۇتېر بىلىمى ئېشىپ XP ھاجىتىدىن چىقالمىغانلارغا Xp نى زورلىغىلىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق كىشىللىرىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزدا مېڭىپ بىزلەرگە يول ئاچىدۇ، بىز بۇيەردە Xpنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانلارغا، Ubuntuنى تەرجىمە قىلىۋاتقان ۋە تەۋىسيە قىلۋاتقانلارغا، ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلارغا كۆپ رەخمەت ۋە تەشەككۈلەرنى ئېيتمىز.
بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى تېڭشۇننىڭ تورمەشغۇلات سىستېمىسى توردا ئېچىۋىتىلدى، تورداشلار بۇنى كۆرۈپ بۇ سىستېمىدا تورمەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەندىزى شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتىشىتى. يەنە 10-ئاينىڭ 10- كۈنى يېڭىلاپ تارقىتىلغان Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىدا تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قىسمەن ئالاھىدىلىكىرىنىڭ قېتىلغانلىقى بايقالدى، يەنە گوگېل Chrome OS ناملىق تور مەشغۇلات سىستېمىسىنى توختىماستىن يېڭىلاپ تارقىتىۋاتىدۇ، گوگېلنىڭ ئاندرويىد مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Chrome OS نى ئىشلەپ تارقىتىشى ھەم تىز سۈرئەتتە يېڭىلىشى، يەنە IPV6 نىڭ قوللىنىشقا باشلانغانلىقى ئالدىمىزدا بىر ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىزنىڭ كومپيۇتېر تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنىڭ باشقا چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئۆزگىرىپ كىتىدىغانلىقىنى،تەكلىماكاندا چوڭ بولىۋاتقان بىزلەرنىڭ تېخىمۇ تېرىشمىساق بولمايدىغان جاپالىق كۈنلەرگە قەدەم قويۇۋاتقانلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ.
يىراق بولمىغان كەلگۈسىدىكى بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئىسمىنى «بۇلۇت» ئىنقىلاۋى دەپ ئاتىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، چۈنكى ئاندرويىد قاتارلىق كۆچمە ئۈسكىنە مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Web OS نىڭ تەرەققى قىلىشى «بۇلۇت» ئۇقۇمىنى مەركەز  قىلىۋاتىدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسى بۇرۇنقى قاتتىق دېسكىغا ئۇچۇر ساقلاشتىن تور مۇلازىمىتىرىغا ئۇچۇر ساقلاشقا، بارلىق شەخسى ئۇچۇر، ماترىياللارنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە بولىشىغا يۈزلەنمەكتە، بۇنىڭ بىزگە بەرگەن مەنىسى شۇكى بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى كومپيۇتېر تەرەققىياتىمىزمۇ مۇشۇ «بۇلۇت» ۋە Web OS لارنى مەركەز قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.
بىزدە كېمىنىڭ رولىنى تۇتقىدەك قۇدىرەت يوق، لىكىن بىزدە تىرىشىپ كىمىگە چىققۇدەك جاسارەت بار ، كومپيۇتېر دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمىي تەرەققىيات ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ تەسىر كۆرسىتىش بىزنىڭ مۇشۇ كىمىگە يىتىشىپ مېڭىش ماڭالماسلىقىمىزدا بوپ قالىدۇ. بۇخىل يېڭى تېخنىكىلارنىڭ يارتىلىشى بىزدىن مۇشۇ ساھەگە تىزدىن كىرىشىپ تۇرشىمىزنى، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشىمىزنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادتا، تېخنىكىدا بىرلىشىپ يېڭىلىق يارتىشى بىزدىن «خەقتىن ئىككى سائەت ئاز ئوخلاش» لازىملىقىمىزنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ.
ئەمدى ئايىغى چىقىپ مېڭىشقا تەمشەلگەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىمىز بىزنىڭ قەۋىمدىكى چوڭ-كىچىك ، كەسپىي ۋە پارتىزان ئەزالىرىمىزنىڭ تېرىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىمىزمۇ ھەم مۇشۇ سۆيۈملۈك كىشىللىرىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ،«بۇلۇت ئىنقىلاۋى» بىزدىن ئىلگىركى ھەرقانداق بىر ۋاقىتا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تىز سۈرئەتتە ئۆگەنمىسەك ۋە ئۆگەتمىسەك بولمايدىغانلىقىمىزنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ، لىكىن مۇشۇنداق بىر پەيىتتە بىزدىكى، بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى «تەرەقىيات روھى» سۇسلاپ قالغاندەك بىلىنىۋاتىدۇ، بەلكىم كىشىللىرىمىزنىڭ كۆڭلى سۇنۇق بولىشى مومكىن،بۇنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز، بۇ «مەۋھۇم دۇنيا» بىزنى رىيازەت چەكتۈردى، بىزلەرگە ئازاپلارنى ئېلىپ كەلدى، لىكىن بۇ سەۋەبلىك بىز  بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىش، تەتقىقاتلىرىمىزنى توختاتساق قەتئىي بولمايدۇ، توردا يۈرگەن ھەربىرىمىزگە ئايان، بىزدە شەكىللەنگەن قېيداش پىسخىكىسى بىزنى چۈشكۈنلەشتۈرسە چۈشكۈنلەشتۈردىكى ھەرگىز ئويغىتىپ ئۆگەن دىمەيدۇ، شۇڭا «كۆڭلى سۇنغان» تورداشلارنىڭ مائۇسنى قولىغا قايتا ئېلىشىنى كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىرىنى بىلمىگەنلەرگە ئۆگتىشىنى، كەسپىي ساھە ۋە ئۆزلىگىدىن تېرشىپ ئۇستازلىرىمىز قاتارىغا ئۆتكەن ئەزىزلىرىمىزنىڭ بىزگە باش بولۇپ بۇ ساھەدە قايتىدىن بىر ھاياتى ئۇرغۇش دەۋرىنىڭ كىلىشى ئۈچۈن مۇنازىرىلەرنى باش بوپ باشلىشىنى ئۆزىنىڭ دەۋىر ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى ئالدىدىكى يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۆتىنىمەن.
(مەزكۇر تېمىنى تورداشلارنىڭ توربەتلىرىدە ۋە بىلوگلىرىدا ئېلان قىلىپ قويىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن)

تولۇق ئوقۇش

ئېچىش ئېغزى ھەققىدە

بايرامدىن پايدىلىنىپ «تام ئاتلاپ» بىرقانچە ئىش قىلدىم،
 1- [url=http://qutbilik.wordpress.com/]ۋوردپرېسس بىلوگىمغا[/url] يوللانغان ماقالىنى بىۋاستە تىۋىتىر ۋە فېيسبوكقا يوللىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم.
 2-بىلوگسىپوتتىكى بىلوگىمغا بەلگىلەنگەن ئېلخەت ئادىرىسىغا ماقالە يوللاش ئارقىلىق تېما يوللىغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىۋالدىم.
 3-يۇتۇبېدىكى فىلىم يوللاش بىتىمگە فىلىم چىقىرىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئېلخەت ئادىرىسىغا فىلىمنى يوللاش ئارقىلىقلا يۇتۇبېغا فىلىم يوللاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان قىلدىم.
 4-يۇتۇبېغا يوللانغان ھەرقانداق فىلىمنى ئاپتوماتىك ھالدا تىۋىتېر ، فېيسبوك،بىلوگسىپوت ۋە گوگېل بۇز لارغا ھەمبەھىر بولىدىغان قىلىپ قويدۇم.
 5-Flickr دىكى رەسىملىرىمنى گوگېل بۇزغا باغلاپ قويدۇم.
 6-ئاندرويىد سەھنىسىدىكى ۋوردپرېسنىڭ ماقالە يوللايدىغان ئابونىت نۇسخىسىنى ئۆزلەشتۈردۈم.
 قىلغان مۇشۇ ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى بەت ئاچقۇچىلار قالدۇرۇپ قويغان ئېچىش ئېغىزى ئارقىلىق بولدى دەپ ئويلايمەن. چوڭ توربەتلەرنىڭ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىشى جەھەتتە بىر بىرىنى قوللىشى بەك ياخشى ئىكەن. 
---------------------------------------------------------
 [url=http://www.bilik.biz/bbs/thread-22729-1-1.html]ئۇيغۇر بىكەتلىرى ۋە API ئېغىزى [/url]دىگەن تىمىدا ئەزالار مەركىزى قۇرۇشنىڭ گىپى بولۇپ ئۆتتى، مۇشۇ گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرىنى ئۆزىمىزنىڭ بەتلىرىدە ئىشلەيدىغان قىلىپ قويساق قانداق بولار؟ 
مەسىلەن : گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرى ئارقىلىق كىرىمىز، ئاندىن گوگېلنىڭ تەمىنلىگەن مۇلازىمەت دائىرسىدىكى لازىملىق مۇلازىمەتلەرنى تور بىتىمىزگە ئىشلىتىمىز، يوللىغان تېمىللىرىمىزدارەسىم ئىشلەتمەچى بولساق گوگېلنىڭ رەسىم مۇلازىمىتىدىكى رەسىمنى ئىشلىتىمىز، فىلىم ئىشلەتمەكچى بولساق گوگېلنىڭ فىلىم مۇلازىمىتىرى بولغان يۇتۇبېدىن ئادىرىسنى يۆتكەپ ئىشلىتىمىز،ھۆججەت ئىشلەتمەكچى بولساق گوگېل تەمىنلىگەن ھۆججەت مۇلازىمىتىرنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئىشلىتىمىز، توربەتلىرىمىزدە تۇرۇپلا گوگېلنىڭ ئېلخەت مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلەيمىز، يېڭى تىما يوللانغان ھامان ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىغا ھەمدە Gtalk قۇرالىغا ئۇچۇر بولۇپ ماڭىدىغان قىلىمىز، ئاشۇ ئەزانىڭ بىلوگسىپوتىغا تىما بولۇپ ماڭىدىغان قىلىمىز، ئەزالار «توردا بار» بوپ قالسا بىر كۇنۇپكىنى بېسىپلا گوگېلنىڭ Gtalk قۇرالىنى قوزغىتىپ ئانا تىلدا بەھۇزۇر پاراڭلىشالايمىز، Gtalk تىكى مەلۇم بىر ئابونىتقا( مەسىلەن [email]bilik@gmail.com[/email] دىگەندەك ) ماقالە ئېۋەتىش ئارقىلىق بىلىككە ماقالە يوللىغىنى بولىدىغان قىلىمىز، يەنە شۇ ئابونىتقا ئېلخەت ئېۋەتىش ئارقىلىق ماقالە يوللىغىنى بولىدىغان قىلىمىز، يوللىغان تېمىللىرىمىز گوگېل بۇز غا،فېيسبوكقا، تىۋىتېرگە ئاپتوماتىك ھەمبەھىر بولىدىغان قىلىمىز،(دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ماڭىمىز ;P ) بۇنداقتا نۇرغۇن كىشىلەرگە تەۋىسيە قىلىپ قويغىلى بولدۇ دە كۆرۈش مىقدارىنى ئاشۇرغىلى مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
 ماۋۇ ئېچىش ئېغىزى ھەققىدە قىلغان خىياللىرىم بەك فانتازىيە بوپ كەتمىگەندۇ ھە;P ؟ يېقىندىن بېرى خام خىيالنى كۆپ قىلدىغان بوپ قالدىم، ئەيىپكە بۇيرىماڭلار، بۇلارقىلغىنى بولمايدىغان ئىشلار ئەمەس دەپ ئويلايمەن، شۇڭا مۇشۇ ھەقتە بىر تېخنىكىلىق پاراڭلارنى قىلىشساق قانداق ؟ 


تولۇق ئوقۇش

2010年10月2日

تەتىلدىكى پاراڭ



شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇپۇزلۇق ئالدىنقى قاتاردىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ بىرسى،ھەريىلى تەتىل مەزگىلىدە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن ھەرقايسى تۇلۇقسىز-تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرنىڭ ئايغى ئۆزۈلمەيدۇ،بىزدەك ھەر تەتىل قېلىپ تىل ئۆگىنىدىغان، كومپيۇتېر ئۈگنىدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇشۇلارنىڭ باھانىسىدە مەكتەپ ئاشخانسىدىن تاماق يىيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىمىز ،بۇلار كەلمىسە مەكتەپ ئاشخانىسى ئېچىلمايدۇ ،بۇلار كەلسە مەكتەپ بۇلارغا تاماق مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاشخانىنى نورمال ماڭغۇزىدۇ، تەتىلدىن ئاۋال ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بار يوقلىقىغا ئاساسەن قېلىش قالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ(ئەلۋەتتە ھەممىسى ئەمەس).

ھەر تەتىلدە قېلىپ ئۈگۈنۈش، خىزمەتلەر بىلەن بولغىلى بىر قانچە يىل بوپ قاپتۇ ،(ئۆت يىلدىكى تەتىلنى ھىسابقا ئالمىغاندا).

ھەربىر تەتىل بىرخىل ھوزۇر، بەلكىم نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ ئويناشنى ھوزۇر بىلىشى مومكىن ،لىكىن مەكتەپكە كۆنۈپ قالغان مەندەك كىشىلەر ئۈچۈن ئائىلە تۇرمۇشى سەل مەنىسز بىلىنىدۇ ،بۇنداق دىسەم ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش، ئاتا ئانالىلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش مەنىسز ئىشمۇ ؟ بۇ قەيەرچە پاراڭ بوپ كەتتى دىيىشىڭىز مومكىن...

توغرا ئەسلى ئاتا –ئانىمىز بىلەن ھال-مۇڭ بىر داستىخان بولۇپ تاماق يىسەك ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىپ بالىلىق مېھىرىمىز بىلەن ئۇلارنى خوش ئەتسەك بۇلاتتى،لىكىن ھەركاللىدا ھەرخىيال دىگەندەك، بىزدەك ئاتا ئانىسنى يىل بويى يوقلىمايۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كۆز قارشى بار .

ئوقۇ بالام ،كۆكلە بالام دەپ يولغا سالغان ئاشۇ ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ قايتىپ بېرىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئائىلە بەختىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى ئۈمۈد قىلىدۇ، لىكىن ئۇلار بۇ ئۈمۈدنى قىلشتىن ئاۋال بىزنىڭ ھەقىقى بەخىتلىك بولۇشىمىزنى ياراملىق ئادام بولۇشىمىزنى بەكرەك ئۈمۈد قىلىدۇ .

ھېلىمۇ يادىمدا بىر قېتىم دادام-ئاناملار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئانا ئالدىمىزدىكى تەتىلدە كەلمەي ئاشۇ يەردە ئۈگنىشىمنى قىلايمىكىن دىسەم ئانام "بالام بىزنىڭ قولىمىزدىن ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاشلا كىلىدۇ ، بىزنىڭ ھايات ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ پۇلىمىزغا ياخشى ئوقۇۋېلىڭلار، بىز ئۆلەپ كەتسەك ھۆكىمەت قويىدۇ، سىلەر بىزدىن خاتىرجەم بولۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ياخشى ئوقۇساڭلارلا بولدى، قالغىنىغا خۇدا بار ،كۈچۈڭلار يەتكەنچە ،نەگىچە بارالىساڭلار شۇ يەرگىچە ئوقۇڭلار، ئوقۇيمەنلا دىسەڭلار بالام  پۈتۈن مال دۇنياسىمىزنى سېتىپ بولسىمۇ سىلەر يىتەلىگەن يەرگىچە ئوقۇتىمەن، ئوقۇساڭ ئۆزۈڭگە ئوقۇيسەن، بىز كىتىمىز، قالدىغىنى سەن، مەن سىنى يېنىپ كىلىپ مايەردە ئىشلە، يۇرتىمىزغا مانداق تۆھپىلەرنى قوش دىمەيمەن، نەدە كۆكلىسەك،نەدە ئەزىز بولساڭ شۇ يەردە قېلىپ بەخىتلىك ياشىساڭ بولىدۇ.گەپ شۇ بالام قالغىنىنى ئەمدى ئۆزەڭلا بىلسەڭلا بولدى سىلەرمۇ چوڭ بوپ قالدىڭلار، بىزمۇ شۇ سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئولتۇرىمىز،خۇدايىم بەختىڭلارنى بەرسۇن " –دەپ گەپنى يىغىشتۇردى .

كەتمىكىز كەلمەيدۇ ئەمەس، ئاتا-ئانىمىزنى سېغىنمايمىز ئەمەس، مەندەك ئاتا ئانىسى دۇئا قىلىپ يولغا سېلىپ قويغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ مەكتەپتە شۇنداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بۇيەردە قېلىپ ئۇقۇيدۇ .

ياتاق تۇرمۇشى ھەقىقەتەن گۈزەل بۇنى ھاراق ئىچىپ، سورۇن تۈزۈپلا ئۈتۈپ كەتكەن ساۋاقداشلىرىمىز ھەرگىز ھىس قىلالمايدۇ.

مانا بۇيىل نىسىپ قىلىپ تەتىلدە بىزدىن چوڭ بىرقانچە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە بىزگە ئوخشاش ئاتا-ئانسى دۇئا قىلىپ، يولغا سېلىپ قويغان بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مائارىپىمىز ھەققىدە پاراڭلىشىشقا نىسىپ قىپتۇ، بۇ پاراڭلار شۇنداق "ئېسىل" پاراڭلار ئىدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز تىرشىۋاتقان بۇ ئۇستازلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ تەجىربىللىرنى سۆزلىمەكتە ئىدى .

بىزمۇ پات ئارىدا مەكتەپ پۈتتۈردىغان ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا شۇنداقلا مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان كاللا بار، كۈيىدىغانغا يۈرىكى بار ياشلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ئاڭلىماڭتا ئىدۇق،بىر قاتار ئىسىل پارڭلاردىن كىيىن پاراڭنىڭ يامان "ئېىسىل "لىرى چىقتى.

-مەن مەكتەپكە بارغاندا ماڭا بىر كەسپىي سىنىپنى تۇتقۇزۇپ قويدى،دەپ گەپ باشلىدى،يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى بولغان بىرى .

-تۇلۇقسىزدا كەسپىي سىنىپ بارمۇ؟

-ۋاي نىمە دەيدىغانسىز،باشلانغۇچتا ئاپئاق قالغان بىر توپ بالىلارنى يىغىپ ئۇلارنى كەسپىي سىنىپ دەپ ئايرىپ قويىدىكەن، بۇبالىلار شۇنداق كەپسىز، بەشكە نۆلنى قوشسا قانچە دىسەم نۆل دەيدۇ، چاخچاق قىلۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، كىيىن قارىسام راست بىلمەيدىكەن، ۋاي توۋا دەپ قاپتىمەن، بار ياخشى بالىلار "قوش تىل سىنىپى" دا ئۇلارغىمۇ دەرىسكە كىردىم، ئۇلار دىگەن دەرىستە شۇنداق ياخشى سوراپ بولغىچە ۋاش-ۋاش جاۋاپ بىرىدۇ، تاپشۇرۇقنىمۇ شۇنداق ئەستايىدىل شۇنداق ياخشى ئىشلەيدۇ، لىكىن ئاۋۇ كەسپىي سىنىپنىڭ باللىرى تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدۇ، ئىشلىيەلمەيدۇ، مىنىڭ ھەپتىدە ئۈچ قېتىم تاپشۇرۇق بىرىپ يىغىدىغان ۋەزىپەم بار، ئەگەر ۋاقتىدا قىلمىسام شوجاڭدىن داۋاڭ ئاڭلايدىغان گەپ .

-ئەمسە قانداق قىلىسىز ؟

-ھەممە تاپشۇرۇقنى دوسكىدا ئىشلەپ بىرىمەن، مانى كۆچۈرۈپ يېزىڭلار دەپ يازغۇزىمەن. ھەي ئىشقىلىپ بارسىڭىز بىلىسىز، تۈۋەندە ئالدامچىلىق دىگەن تولا بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ گۆشىنى يىگۈدەك بوپ كىتىسىز ،شوجاڭ دىگەننىڭ ھوقۇقى بەكلا مەركەزلىشىپ قالغان،سىزنى چىچە دىسە چىچىسىز ، سىز چىچمىسىڭىز ئەتراپتىكىلەر چىچىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن سىز يەككە يالغۇز قالىسىز ، شۇجاڭ نىمە دىسە شۇ ...ھەي 

-مۇنداق ئىش بار دەڭە تېخى.

-بىركۈنى ،دەپ سۆز باشلىدى يەنە بىرىسى – مەن دىققەت قىلماپتىمەن، ما مەكتەپنىڭ لامزەللە ھەزىلەك تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مىنىڭ سىنىپىمدىكى ئىككى ئۈچ قىز ئوقۇغۇچىنى ياساپ ئويناپتۇ .

- ۋاي مېڭىڭە نىمە دەيدىغاندۇ.

- ۋاي راست ،شۇنداق ئاچچىغىم تۇتتى كىيىن شوجاڭغا ئېيتتىم ،شوجاڭ قانداق قىلسام بولار دەپ ئولتۇرۋىدى ،بىر پىلان تۈزۈپ قويۇپ ئولتۇردۇم ،كىيىن شوجاڭنى ئۇ گۇينىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردىم،قارىسا كىچىك قىزلارنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىنى چىمداپ ئوينىغىلى تۇرۇپتىكەن، شوجاڭ شۇنداق تىللاپ كەتتى كىيىن نەچچە مىڭنى پاكەن قويۇپ يىراق بىر يىزىغا ئوقۇتقۇچىلىقا پالىۋەتتى .

- پالىۋەتتى دەڭ ،خا خا.....

-ۋاي تۈۋەندىكى بۇزۇقچىلىق، چېقىمچىلىك،پوداقچىلىق ھەيران قالىسىز ،ئەرئوقۇتقۇچىلار ئەردەك ئەمەس شوجاڭنىڭكىنى كۆتۈرۈپ يالاپ بولالماي ئاۋارە .....

ئىش باركەندە بىز بارساق .ۋاي ئاللا ...ھەممە يەرنىڭ مائارىپى ئاشۇنداقمىدۇ ،بىزنىڭ يۇرۇتتا يوقتۇر بەلكىم ،ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم .
-       ۋاي ھەممە يەردە بار ،شوجاڭ بىلەن شۇجىگە ئەڭ دۆت كالىسى ئىشلىمەيدىغان، ئوقۇپ كەلگەن يىرىنىڭ تايىنى يوق بىرسىنى قىلىپ قويىدۇ ،ئاندىن شۇنىڭ دىگىنى راست.

-       ئەسلىدە بىزدەك تۈۋەنگە چېنىقىشقا كەلگەن بالىلارنىڭ ھەممە نەرسىنى كۈتۈرەتتى (ھەقسىز تەمىنلەيتتى)، لىكىن بىزدىن توك پۇلى،سۇ پۇلى دەپ پۇل يىققىلى تۇردى،بىز دىمۇ ئامال يوق بىرىلى دەپ ئولتۇردۇق ، كىيىن ئۈرۈمچىدىن بىز بىلەن بىرگە كەلگەن قىزلار ئەرز قىلىمىز دەپ تۇرۋالدى ،قاداق بۇلار دەپ ئولتۇرساق قىزلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە تېلېفۇن قىلىۋىدى ،ئىككى كۈندىن كىيىن ناھىيەدىن تەكشۈرۈش كىلىپ مەكتەپتىكىلەرنى راسا تەنقىدلىدى، ھە ئەسلى ئىشنىڭ يولى ماۋۇكەن دەپ ھازىر بىر ئىش دەپ بولغۇچە تېلېفۇننى قولىمىزغائالىدىغان بولدۇق.

-       يىللىق باھالىغاندا ئاشۇ مەكتەپ ئاشۇ رايوندىن چىققان ئەرىز سانىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بەلگىلەيدۇ .ئەرىز جىق چىقتىما بولدى ،ياخشى باھالىنالمايدۇ ،شۇڭا چىڭ تۇتىدىغىنى خەقنى ئەرىز قىلدۇرماسلىق ،ئەرىز قىلغىنىڭىزنى بىلىپ قالدىمۇ بولدى، مەكتەپتە سىزگە كۈن يوق .

-       يائاللا خۇدايىم كۈرىدىغان كۈنىمىز بارمۇ نىمە؟

-       ئىشقىلىپ ھەي تەس ،شوجاڭ بىلەن قارشىلىشىپ قالماڭ .

-ۋاي نىمىش بوپكەتتىكىن بۇ مائارىپ، بىز نىمە كۈنلەرنى كۈرەرمىز ھە .

ياق قورقۇشقا بولمايدۇ ، ياخشى ئوقۇپ نۆلدىن باشلاش كىرەك، ئاۋال باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئاق قېلىۋاتقانلارنى تۈگىتىش كىرەك. ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرۇپلا نەچچە يىللىق ئەقىدىمىزدىن كەچسەك بولمايدۇ .سىناپ بېقىش كىرەك يامان بولمىسا چىكەڭگە تاڭ دەپ تاشلاپ چىكىتەرمىز ،قىلاي دىسەك ئىش ئازمىدى.

-ھازىر شۇنداق دىيىلىدۇ ،ئەمما بېشىڭىزغا كەلگەندە تەس .

- قېنى قاراپ باقايلى، ئەمما شۇ بالىلاردا نىمە گۇناھ ، تۇغۇلغانغا پۇشايمان قىلىپ كىتەرمۇ بۇ دۇنيادىن.

ھەي بولدى ئوخلايلى، بۇ ئىشلارنى بىز بۇيەردە ئولتۇرۇپ بىر ئىش قىلىپ بولالمايمىز .ھۆكىمەتتىن توغرا چۈشكەن بىر سىياسەت شوجاڭنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تەتۈر بوپ كىتىدۇ .

بۇنىڭغا ئامال يوق،بولدى ئوخلىدۇق.

شۇندق بىز ئۇخلايمىز، بۇلىدۇ ئۇخلايلى 

تولۇق ئوقۇش

Twitter & facebook & Google Buzz

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ساق سالامەتمۇ سىلەر؟ بۈگۈن ھازىرقى تور دۇنياسىدىكى ئەڭ مودا ئېقىم بولۇۋاتقان  بىر قانچە توربەت ھەققىدە بىر مۇنازىرە باشلاپ باقاي دەپ مەزكۇر تىمىنى يوللىشىم.

facebook نى كۆرگەن جوڭگۇلۇقلار دەرھال «مەكتەپ ئىچى تورى(خەنزۇچە ئىسمى校内网 كىيىن 人人网 غا ئۆزگەرتىلگەن)» نى ياساپ تەييار قىلدى، بۇ خىل پىروگرامما ئالاقىگە ۋە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەشكە ئىنتايىن قۇلايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشتى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئارسىدا ئىنتايىن مودا بولدى، ئىسىمى 人人网 غا ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ئابونىت قۇبۇل قىلىش دائىرىسىنى پۈتۈن جەمئىيەتكە كىڭەيتتى. تەرەققىياتىمۇ خلى يامان ئەمەس بولىۋتىدۇ.
facebook تىن كىيىنلا پەيدا بولغان   Twitter مۇ جوڭگۇدا مودا بولغىلى تۇردى، تېڭشۇندىن تارتىپ ۋاڭيى تورىغىچە سىنادىن بەيدۇغىچە ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ Twitter تۈرىدىكى مىكرو بىلوگ سىستېمىسىنى ئوتتۇرغا چىقاردى،ھەم بۇلارنىڭ تېلېفۇن نۇسخسىنى چىقاردى .بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق تىز سۈرەتتە مىكرو بىلوگ سىستېمىسىنى چىقارغىنغا قارىغاندا Twitter تۈردىكى توربەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنگەندەك تۇرىدۇ.
گوگېل تورىنىڭ قاچان Buzz  نى يولغا قويغانلىقىنى بىلمىدىم، لىكىن بۇمۇ Twitter  تۈردىكى مىكرو بىلوگنىڭ بىرسى ئىكەن، Twitter  قارىغاندا يوللىغان ئۇچۇرغا نىسپەتەن خەت سانى چەكلىمىى يوقتەك ھىس قىلدىم.
ئۇيغۇرچىنى قوللاش نوقتىسىدىن خەلىقئاردىكى شىركەتلەرنىڭ كاللىسدا ئەركىن تەرەققى قىلىش ئۇقۇمى جوڭگۇدىكى بەزى شىركەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولغاچقا مەن خەلىقئارالىق توربەتلەرنى جىق ياخشى كۆردۈم، مەسىلەن گوگېلنىڭ Buzzنى مىسالغا ئالسام ئۇيغۇرچە ھەرىپنى كىرگۈزۈپ بولغىچە كىرگۈزۈش ئورنىنىڭ يېزىق كىرگۈزۈش شەكلى ئوڭدىن سولغا ئاپتوماتىك ئۆزگىرىپ بولدى، بۇنىداق ئىشلارنى ئويلاشقا تېڭشۇن قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كاللىسى مەڭگۈ يەتمەيدىغاندەك...
ئىشىكنى يېرىم تاقاپ تەرەققى قىلۋاتقان جوڭگۇ تورچىلىقىغا نىسپەتەن، مۇشۇ جوڭگۇ تورچىلىقىنىڭ بىرقىسمى بولغان ئويغۇر تورچىلىقىنىڭ بۇ خىل Twitter تۈرىدىكى توربەتلەرگە ئىھتىياجىنىڭ  بار يوقلىقىنى، ئۇيغۇرچە جەمئىيەت خاراكتىرلىك مۇشۇنداق توربەتلەرنى قۇرۇش ئىمكانىيىتىمىز بار يوقلىقىنى مۇنازىرىلەشكەچ ، جوڭگۇ تەۋەسىدە نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان گوگېلنىڭ Buzzمۇلازىمىتى ئارقىلىق Twitter ،facebook  قاتارلىق توربەتلەرگە ماس قەدەمدە ئۇچۇر يوللاش ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ باقساق.   
ئۇيغۇر توربەتلىرىنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى بىزدە تۇنجى بولۇپ Twitter تۈردىكى ئۇيغۇرچە مىكرو بىلوگ ئىشلىتىۋاتقان كىشى تەدبىركار ئەپەندىدەك تۇرىدۇ، بەلكىم  باشقىلارمۇ باردۇ، مۇشۇنداق مىكرو بىلوگ ئىشلىتىپ باققان ياكى تەرجىمە قىلىش،تەتقىق قىلىش جەريانىدا مىكرو بىلوگنىڭ بىزگە كىرەكلىك ئارتۇقچىلىقىنى بايقىغان تورداشلارنىڭ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
تەدبىركار ئەپەندىنىڭ مىكرو بىلوگى

تولۇق ئوقۇش

پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل ۋە بىز






پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل 

مۇلازىمەت قىلىپ  پۇل تېپىش، مەھسۇلات سېتىپ پۇل تېپىش، يۇقىرى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش  .

تۆۋەندە مەن بۇ ئۈچ خىل شەكىلنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرىمەن .

1- مۇلازىمەت سېتىپ پۇل تېپىش 

زاغرا تىل بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل پۇل تېپىش مەدىكار ئىشلەش دىيىلىدۇ، سىلىق قىلىپ ئېيتقاندا ئىشلەمچى بولىدۇ، تېخىمۇ سىلغايتساق خىزمەتچى بولىدۇ.

سىز خەققە قانداقلا مۇلازىمەت قىلماڭ، سىز بىر ئۆزىنىڭ ئىشىنى(جىسمانى، ئەقلى كۈچىنى) سېتىپ پۇل تاپقۇچى بولىسىز، ئۇزۇن ئۆتمۈشتىكى بايلارغا يىللىقچى بولۇپ ئىشلىگەن ئاتا بوۋىللىرىمىزدىن تارتىپ ھازىر ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ سەمىرىپ جاھانغا پاتماي كەتكەن ئەمەلدارلىغىچە ھەممىسى مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تاپىدىغانلاردۇر .

مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى: مەبلەغ ناھايىتى ئاز كىتىدۇ.تۈۋەن بولغاندا ئىككى قولىڭىزنى قوغۇشتۇرۇپ مەدىكار بازىرىدا ئولتۇرسىڭىزلا بولىدۇ،  ئەمما پۇلنى كۆپ تاپالمايسىز. (بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى).

2- مال سېتىپ پۇل تېپىش 

مال ساتسىڭىز ئاسانلا پۇل تاپالايسىز، بۇ يەردىكى مال ئۇقۇمى قەدىمدىكى نەرسىگە نەرسىنى تىگىشىش ئوقۇمىدىن ھازىرقى  بەزى جايلاردىكى ئەمەل سودىسىغىچە،  بولغان بارلىق سېتىلما بولۇۋاتقان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ .سىزدە مۇقۇم مال مەنبەسى،  ياخشى مال،  ياخشى بازار بولسىلا سىز پۇلنى ناھايىتى ئاسان تاپىسىز،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇل ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە بولىدۇ. مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىشقا سېلىشتۇرغاندا سىز ئۆزىڭىز بېرىپ پۇل تاپمايسىز، سىزنىڭ ماللىرىڭىز سىزگە پۇل تېپپىپ بىرىدۇ . بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە ياخشى مال، ياخشى بازار بولىشى كىرەك.

3- يۇقىرى مەبلەغ بىلەن پۇل تېپىش 

بىرىنچى خىل تۈردە سىز ئۆزىڭىز بېرىپ پۇل تاپقانتىڭىز، ئىككىنچى تۈردە سىزنىڭ ماللىرىڭىز بېرىپ پۇل تاپقان، ئەمدى بۇ تۈردە سىزنىڭ پۇللىرىڭىز بېرىپ پۇل تاپىدۇ .

سىز مەلۇم ئورۇنغا مەبلەغ سالىسىز، مەبلىغىڭىز ئايلىنىپ يۈرۈپ پايدىنى سىزگە يىغىپ كېلىدۇ، ئاز مەبلەغ سالسىڭىز ئازراق قىلىشى مۇمكىن .كۆپ سالسىڭىز جىقراق كىلىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇنى سىز مەبلەغ سالغان تۈرنىڭ بازار ئەھۋالى بەلگىلەيدۇ .

قانداق كىشىلەر مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپقۇچى بولالايدۇ ؟

پۇلى بار كىشلەر . 

ئادەتتە پۇلنىڭ ئاز كۆپلىكى مەبلەغ سېلىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ،  پەقەت مەبلەغ سېلىنمىسىغىلا تەسىر قىلىدۇ .دىمكەكچى پۇلنىڭ ئاز كۆپلىكى ئالدىنقى شەرىت ئەمەس. ئىشنەمسىزكىن بىلمىدىم لىكىن ھازىر توردا سالغان سېلىمىنىڭ ئۈچ ھەسىسىچىلىك پايدا ئالدىغان پۇرسەتلەر بار .(تور ئۇچۇرى)

بۇخىل پۇرسەتلەر ئەتراپىڭىزدا ئەگەپ يۈرۈيدۇ، لىكىن سىز بۇندىن ئىلگىرى مەبلەغ سېلىش ئۈستىدە ھەقىقىي ئويلىشىپ باقمىغان بولغاچقا،  بۇ پۇرسەتلەرنى ھىس قىلالمايسىز، ھەقىقىي تېگىگە يەتكەندە بولسا مەبلەغ يىتىشتۈرۈپ بولالماي قالىسز . 

سىز مەبلەغ سېلىشنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ مەبلەغنى ياخشى بىر تۈرگە سالغاندىن كىيىن سىزنىڭ چۈشكىچە ئۇخلايدىغان كۈنلىرىڭىز كىلىدۇ، سىزنىڭ پۇلىڭىز توختىماستىن ئايلىنىدۇ، ئايلىنىپ-ئاينىپ دىگەندەك خېلى بوپ قالىدۇ، سىزدە خېلى كۆپ  مۇقۇم مەبلەغ،  مۇقۇم كىرىم ئېقىمى بولىدۇ.

ئەگەر يۇقىرىدىكى پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىنى،  سىز ئارىڭىزدىكى بىرەر قېرىندىشىڭىزغا دېسىڭىز،  ئۇ سىزنى ئۇخلىماي چۈش كۆرىۋېتىپسەن،  دېيىشى مومكىن، لىكىن سىز توختىماي تىرىشسىڭىزلا قىلىپ كىتەلەيسىز،  ھىچ بولمىغاندا مۇشۇ قائىدە قانۇنيەتلەنى بىلمەكمۇ بىر ياخشى ئىش .مۇقۇم كېرىم ئېقىمى بولغاندىلا سىز ئۆزىڭىز خالىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز يارىشىدۇ،  ماددىي ئىھتىياجنى قاندۇراماي تۇرۇپ مەنىۋىي ئىھتىياجدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. قورساق توق، كىيىپ پۈتۈن، يانچۇقتا پۇل بولسا قالغان ئىشلارنى ئويلاشساق ئۇ قاملىشىدۇ،  بولمىسا ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

ئەمدى گەپ بىزگە كەلدى،  بىزلەر بۇلارنىڭ قايسىللىرىغا تەۋە بۇنى ئايدىڭلاشتۇۋايلى.

بىرىنجى :ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى 

بۇلار بۇ ئۈچ تۈرنىڭ ھىچقايسىسىغا تەۋە ئەمەس(ھازىرچە شۇنداق دەپ تۇرايلى)،  لىكىن قايسىغا تەۋە بولۇشنى كىچە-كۈندۈز ئويلاۋاتقان ئەڭ تەلەيلىك بىلىم مەدىكارلىرىدۇر.

بۇ بىلىم مەدىكارلىرى قۇرۇق كاللا بىلەن كىرىپ بىلىم تاپىدۇ، بىلىم بىلەن كاللا تاپىدۇ، كاللا بىلەن بىلىم يارتىدۇ.

جەمئىيەتكە چىققاندا قۇرۇق يانچۇق بېرىپ خەققە ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ، پۇل تېپىپ يول تاپىدۇ، يول تېپىپ پۇل تاپىدۇ .بۇلار كىينكى ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ ئىزباسارلىرى.

ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز جەمئىيەتكە چىقىش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىڭ.قۇرۇق كىرىپ قۇرۇق چىكىتىشتىن ھەزەر قىلىڭ. سىزنىڭ بىلىم ئېلىشتىن ئارتۇق ۋەزىپىڭىز يوق، ۋاقىتنى قەدىرلەڭ .

ئىككنچى: ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، دۆلەت كادىرى، تەتقىقاتچىلار...

ئۇلار  بىرىنچى خىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ جان بېقىۋاتقانلار، بۇلار ھۆكىمەت بەرسە يەيدۇ، بولمىسا قاراپ ئولتۇرىدۇ (ئامال يوق،  شارائىت شۇنداق).

  ئەگەر سىز بىرىنچى تۈردىكى كشىلەرگە تەۋە بولسىڭىز سىز گە تەۋىسيە بولسۇنكى سىز ئىككنجى تۈرنى ئويلىشىپ بېقىڭ (كۆزىڭىز يەتسە كەسىپ ئالماشتۇرۇڭ، يەتمىسە قۇشۇمچە قىلىڭ)ئۆيدىن چىقماي پۇل تاپقىلى بولىدىغان دەۋىردە ياشاۋاتىسز، توردىن پايدىلىنىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.

ئۈچۈنچى :سودىگەرلەر 

ئەگەر سىز سودىگەرلەر تۈردىكى كىشىلەرگە مەنسۇپ بولسىىڭىز مەن سىزگە مەبلەغ سالغۇچىلار تۈرنى تەۋىسيە قىلىمەن،  سودىڭىزنى نورمال ماڭغۇزۋاتىسىز،  تۇرمىشىڭىزمۇ قېلىپقا چۈشۈپ قالدى،  ئەمدى سىز دەرھال پۇلىڭىزنى جەملەپ مۇقۇم كىرىمىڭىز،  ئايلانما مەبلىغىڭىزنى بىر سىتاستىكىلاپ كۆرۈڭ، سىزنىڭ مۇقۇم ئايلانماي تۇرۋاتقان مەبلىغىڭىز خېلى بار .سىز بۇ پۇللاردىن پايدىلىپ يېڭى ساھەلەرنى ئېچىڭ.

ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق،  سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق دىگەندەك نۇرغۇن باي سودىگەرلىرىمىز بار،  پۇل خەجلەيدىغان يەر تاپالماي،  يەنە نۇرغۇن ياشلىرىمىز بار ئىگلىك تىلەش يولىدا قىينىلىپ جاپا تارتىپ يۈرىۋاتقان، بولسا مۇشۇنداق كاللسىى ئۇچۇق ياشلىرىمىز بىلەن پاراڭلىشىڭ،  چۈنكى بۇ ياشلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئەڭ يېڭى، سىز ئۆتمۈشتە سودا قىلىپ باققان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تەجىرىبە ئىگەللىگەن بولسىڭىز ئەمدى،  ماۋۇ بىلىم قۇرۇلمىسى خېلى مۇكەممەل بولغان ياشلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ يېڭىچە ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ يېڭىچە پۇل تېپىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ .

تۆتىنجى: مەبلەغ سالغۇچىلار 

بۇنداقلار ئارىمىزدا كۆپ ئەمەس ئەلۋەتتە،  لىكىن ئەگەر سىز مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىۋاتقان،  خېلى بىر مال دۇنيانىڭ ئېگىسى بوپ قالغان بولسىڭىز سىزگە تەكلىۋىم، سىز تاپىدىغاننى تاپتىڭىز،   كۆرىدىغاننى كۆردىڭىز سىز ئىگلىك تىكلەش جەريانىدا شۇنداق كۆپ جاپالانى تارتقان ئىدىڭىز، ئاشۇ چاغلاردا ھەي مۇشۇنچىلىك پۇلۇم بولسا مانداق ئىشلارنى قىلىپ ئىگلىك تىكلىسەم دەيدىغان خىياللىرىڭىز بار ئىدى، ئۇنتۇپ قالماڭ سىزگە ئوخشاش ئويلىغان، سىزدەك پۇل تېپىپ يۇرتىنى باي قىلىشنى ئويلاۋاتقان،  ئۇچۇق پىكىرلىك كاللىسى ئۆتكۈر ياشلار ئاز ئەمەس.

سىزنىڭ پۇلىڭىز بار غېمىڭىز يوق،  بۇنداق غەمىسز ياشاشمۇ مەنچە تازا ياخشى ئەمەس،  شۇڭا پۇل تاپقان،  يۈز تاپقان بۇ چېغىڭىزدا،  ئەمدى ئەلنىڭ غېمىنى قىلىڭ.

نۇرغۇن ياشلار ئىشسىز،  ئىش قىلاي دىسە مەبلەغ يوق،  يول يوق،  يۈرۈپ كىتۋاتىدۇ،  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر ئىككى يىلغىچە خىزمەت تاپالماي چۈشكۈنىشىپ كېتۋاتقان ياشلارمۇ ئاز ئەمەس،  ئاشۇلار بىرەر ئۇستازنىڭ كىلىپ يول كۆرسىتىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.

ھەرقېتىملىق ئوقۇش پۈتتۈرش ئاياغلاشقاندا ئوقۇغۇچىلار بەس بەستە ئىنتاھانلارنى بىرىپ ئوقۇتقۇچىلىق،  دۆلەت مەمۇرى بولۇش دىگەنلەرنى تالىشىدۇ .ناھايىتى ئاز بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارلا بۇ خىل ياشاشنى راۋا كۆرمەيدۇ.

ئاتا-ئانىلار بولسا ئوقۇپ كاللىسىنى ئېچىلىپ كەلگەن بۇ بالىسىنىڭ ئانا-دادا مەن پۇل تاپاي، ئىگىلىك تىكلەي دىگىنىگە ئۇنىماي ئۇنى دۆلەت كادىرى قىلىدۇ،  ئوقۇتقۇچى قىلىدۇ .

ئەشۇ –ئاتىلارغا، ئەشۇ ئانىلارغا سۆزۈم :ئەي قەدىردانلار سىلەر كىتىسىلەر بىز قالىمىز،  سىلەر مەڭگۈ بىزگە يول كۆرسىتىپ بىرەلمەيسىلەر، بالىڭىزنى ئۇچسۇن دېسىڭىز ئۇنىڭ ئەركىن پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭ، زادى كاللىڭىزدىن ئۆتمىسە ئالى مەكتەپ تەربىيسى كۆرگەن بىرەر قېرىندىشىڭىزغا مەسلىھەت سېلىپ بېقىڭ.

ھەر يېلى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ، لىكىن مىللىي كارخانىلار، سودىگەرلەر بۇيەرلەردە ئاساسەن يوق،  باريوقى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بىرقىسىم ئۇيغۇر ياشلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ئاز بولغان  شىركەتلەر.

بىر يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى قانچىلىك ؟ ئۇلارنىڭ قانچىسى كاللىسى ئۇچۇق ئىدىيىسى ئىلغار ئەڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇغانلار؟ ئۇلار نىمە خىزمەت قىلماقچى ئىدى ؟ ھازىر نىمە  خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؟ نىمىشقا ئاشۇ خىزمەتنى قىلماقچى بوپ قالدى ؟

گەپنىڭ قىسقىسى سىز مەبلەغنى مۇشۇ ياشلارنىڭ كاللىسىغا سېلىڭ، بۇلار سىز پۇل تاپقاندا ئەقىل تاپقان،  ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن پايدىلىنىپ،  پۇل تېپىڭ، ئۇلارغا ئۆزىنى راۋاجلاندۇرالايدىغان ماكان بىرىڭ. ۋاقتى كەلگەندە سىز ئاشۇ لاردىن پەخىرلىنىسز، ئۇلار سىزنى تېخىمۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ.

يۇقىرىدا ئۈچ خىل پۇل تېپىش شەكلى ۋە بىزدىكى تۆت خىل  كىشىلەر ئاددىيغىنە مۇلاھىزىمىزدە بولدى،  بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇل تۆت خىل كىشىدىن ئۆزىڭىزنى كۆرەلىسىڭىز قەلەم خوش،  قەۋىم خوش.

گەپنى يىغىنچاقلىغاندا مەبلەغنى بىلىمگە سېلىپ پۇل تېپىڭ، ياشلارنىڭ ئىدىيىسىدىن يول ئېچىڭ، شىنجاڭ يىغىنى ئېچىلدى، سىياسەت كەڭرى،  پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇپ يەنە خەقتىن ئاغرىنىپ يۈرسىڭىز بولمايدۇ،  بۇنداق پۇرسەت ئەمدى كەلمەسلىكى مومكىن شۇڭا تىرىشىپ ئۆزىڭىزنى، دىيارىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇڭ .

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا باتۇرلۇققا تاينىپ پۇل تاپقىلى بولاتتى، 90-يىللاردا مۇناسىۋەتكە تاينىپ پۇل تاپقىلى بولاتتى ،لىكىن ھازىر چۇقۇم بىلىمگە تاينىشىمىز كىرەك .

                                     ئالى بابا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى : مايۈن

تولۇق ئوقۇش

سىمسىز تورغا چىقىش ئۇسۇللىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەممىڭلار ساق سالامەت تۇردىڭلارمۇ ؟ ھەممىڭلارغا سالامەتچىلىك تىنىچ ئاسايىشلىق بولغاي...

ھازىر سىمسىز تورغا چىقىش ھىچقانچە يېڭىلىق ھىسابلانمايدۇ، دوستلارنىڭ كۆپىنچىسى تېلېفۇندا تورغا چىقىپ چ چ ئويناشنى بىلىدۇ، سىمسىز  تورغا چىقىشنىڭ مەن بىلىدىغان بىرقانچە ئۇسۇلى ۋە بىلەلمەيۋاتقان بىر ئۇسۇلى بار بولۇپ ھازىر  تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى مەن .
1- بىۋاستە تورغا چىقىش 
بۇنىڭ تور مەنبەسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى(بىرلەشمە،كۆچمە،تېلگىراف)
تور مۇلازىمەت ۋاستىسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى تارقاتقان سىمسىز تېلېفۇن سىگنالى.
بۇ خىل تورغا چىقىشتا سىز تور مۇلازىمەت شىركەتلىرىگە ئېقىم ھەققى تۈلەيسىز، تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا تىزلىقىنى تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى تەمىنلىگەن تېخنىكا ۋە مۇشۇ تېخنىكىنى قوللايدىغان تېلېفۇن ۋە كومپيۇتېرلار  بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مىسال ئالساق تېخنىكا جەھەتتىن ئىلگىرىكى قول تېلېفۇنلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان كارتىسى  G2 كارتا بولۇپ سۈرئىتى ھازىرقى چىققان G3 كارتىلارغا  قارىغاندا ئاستا ، تېلېفۇن جەھەتتىن G3 تېلېفۇنغا G2 كارتا سالسىڭىز سۈرئەت ئاستا بولىدۇ،G3 كارتا سالسىڭىز سۈرئەت تىز بولىدۇ.(سۈرئەت ئەلۋەتتە نىسپى بولىدۇ).
2-قول تېلېفۇننى ۋاستە قىلىپ چىقىش
بۇخىل ئۇسۇل قول تېلېفۇن تارقاتقان سىمسىز سىگنال، ياكى يوللىغان سىملىق سىگنال ئۇچۇرى ئارقىلىق ياندىكى باشقا ئۈسكىنىلەرنى تورغا ئۇلاش ئۇسۇلىدۇر.
بۇنىڭ بىرقانچە خىل شەكلى بار،
مەسىلەن :
A تېلېفۇن تارقاتقان "كۆكچىش سىگنالى" نى كۆك چىش سىگنالىنى قۇبۇل قىلىپ پايدىلىنالايدىغان خاتىرە كومپيۇتېرغا يوللاش ئارقىلىق خاتىرە كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلاش.
B  تېلېفۇن تارقاتقان WIFI سىگنالى ئارقىلىق WIFI كارتىسى بار كومپيۇتېرلاردا ۋە ئۈسكىنىلەردە تورغا چىقىش
C  تېلېفۇن تەمىنلىگەن تور سىگنالىنى يوللىغۇچى ئۇچۇر سىمى ئارقىلىق كومپيۇتېر ۋە باشقا ئۈسكىنىلەردە تورغا چىقىش 
D
E...
دىگەندەك بىرقانچە خىل ئۇسۇلى بار، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى قول تېلېفۇننى ئىككىلەمچى مۇلازىمەت مەنبەسى قىلغان.
بۇنىڭ تور مەنبەسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى(بىرلەشمە،كۆچمە،تېلگىراف)
تور مۇلازىمەت ۋاستىسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى تەمىنلىگەن سىمسىز سىگنال
بۇخىل تورغا چىقىشتا تېلېفۇننىڭ تور ئېقىمىغا ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن پۇل تاپشۇرىلىدۇ.
3- روتېرنى ۋاستە قىلىپ چىقىش  
ھازىر يېڭىدىن چىقىۋاتقان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىدە WIFIدەيدىغان سىمىز تورغا ئۇلاش كارتىسى بار بولۇپ، بۇ كارتا ئىككى ئۈچ يىللار مابەينىدە بازارغا چىقىۋاتقان خاتىرە كومپيۇتېرلاردىمۇ بار، بۇكارتا بار بولغان ئۈسكىنىلەردە سىز سىمسىز سىگنال بار ئورۇنغا بېرىپ تورغا كىرەلەيسىز.
بۇنىڭغا چۇقۇم بىر سىگنال مەنبەسى بولىشى كىرەك، ئۇمەنبەنى ئۆزىڭىز قۇرسىڭىزمۇ ياكى باشقىلار قۇرۇپ قويغان مەنبەنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ناۋادا ئۆزىڭىز قۇرماقچى بولسىڭىز سىز دە بىر سىمسىز روتېر بولىشى كىرەك.
سىمسىز روتېردىن بىرنى ئېلىپ تەڭشەپ سىمىسز سىگنال تارقىتىدىغان قىلىپ قول تېلېفۇن ياكى خاتىرە كومپيۇتېرلاردا بىمالال سىمسىز تورغا چىقىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ تور مەنبەسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى(بىرلەشمە،كۆچمە،تېلگىراف)
تور مۇلازىمەت ۋاستىسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى تەمىنلىگەن سىم
بۇ خىل تورغا چىقىشتا روتېر ئىككىلەمچى سىگنال تەمىنلىگۈچى مەنبەگە ئايلىنىدۇ.
بىرىنجى،ئىككىنجى ئۇسۇلدا ئالاقە شىركەتلىرى تارقاتقان سىگنالنى بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق قۇبۇل قىلىپ چىقىسىز، بۇخىل ئۇسۇلدا سىملىق مۇلازىمەتنى سىمسىز مۇلازىمەتكە ئايلاندۇرۇپ تورغا چىقىسىز .
4- خاتىرە كومپيۇتېرنى ۋاستە قىلىپ تورغا چىقىش
بۇخىل ئۇسۇل ئۆيدە بىرتال تورسىمى بار  ھەمدە روتېر يوق ، لىكىن ئىككىدىن ئارتۇق خاتىرە كومپيۇتېر بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئەسقاتىدۇ.
يەنى سىز ئاۋال بىرىنجى خاتىرە كومپيۇتېرنى تورغا نورمال ئۇلايسىز ئاندىن ئۇنىڭ تور كارتىسىنى ھەمبەھىرلەيسزى، ئۇندىن كىيىن سىمسىز كارتىسىغا نىسپەتەن Ad_Hocمەشغۇلاتى ئېلىپ بارىسىز، شۇنى بىلەن سىزنىڭ بىرىنجى كومپيۇتېرىڭىز سىمسىز روتېرغا ئايلىنىدۇ، ئەتراپقا سىمسىز سىگنال تارقىتىدۇ. مۇشۇ سىگنالنى ئىككنجى كومپيۇتېر قۇبۇللاپ تورغا چىقىدۇ، ئىككىنچى كومپيۇتېرنىڭ IPسىنى ئاپتوماتىك تاپىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىلا بولىدۇ.(سىمسىز كارتىدا IPبولسا ئۆچۈرۋىتىڭ).
بۇخىل ئۇسۇلنىڭ شەرتى بىرىنجى كومپيۇتېر چۇقۇپ تورغا ئۇلاقلىق ھالەتتە بۇلىشى كىرەك.
يۇقارقى تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سىز تېلېفۇن ۋە خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق سىمسىز سىگنال قۇبۇللاش ئۈسكىنىسى بار ئۈسكىنىلەردە سىمسىز تورغا كىرىش مەقسىتىگە يىتەلەيسز.

تولۇق ئوقۇش

ئۇيغۇر بىكەتلىرى ۋە ئېچىش ئېغىزى

ئۇيغۇر بىكەتلىرى ۋە API ئېغىزى


(تۈۋەندە ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى دىگەن ئۇقۇمغا بىلىك تورى دىگەن سۆزنى تەڭداش قىلىپ ئىشلىتىپ تۇردۇم)
بىز ھازىر يىراق بولمىغان كەلگۈسى ئۈچۈن مۇنداق پەرەزلەرنى قىلىپ تۇرايلى .
بىز بىلىدىغان بارلىق ئەقىلى ئىقتىدارلىق تېلفۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي قوللىدى دەپ تۇرايلى، دەل ئاشۇ ۋاقىتتا بىلىك تورىنىڭ تېلېفۇن نۇسخسىنى تۈزمەكچى، (سەۋەبى نۇرغۇن مەسىلەن :ئېقىم تىجەش، ۋاقىت تىجەش...) بۇنىڭدا ئاشۇ دىتالغا تىزىملىتىپ كىرىش ئارقىلىق بىلىك تورىغا ماقالە يوللىغىلى، تىمىلارنى كۆرۈپ ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان قىلماقچى بولدۇق دەپ تۇرايلى .
خوش ئەمدى گەپ بۇ دىتالنىڭ قايسى تېلفۇنغا تۈزىلىشى ۋە ياكى قانداق تۈزىلىشىدە ئەمەس بىلىك تورىنىڭ قانداق بىكەت سېستىمىسى ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلەنگەنمۇ يوق دىگەن يەرگە بىرىپ تاقىلىدۇ. ئەگەر بار دىيىلسە ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزىنىڭ تەمىنلىنىش ئەھۋالى يېڭى نەشىرلىرىدە قانداق تەرەققىي قىلىدۇ، بىلىك تورىنىڭ بىكەت سېستىمىسىنىڭ يېڭىلىنىش يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ ...
تورداشلار بىلىدىغان گوگېل تورى، تاۋباۋ تورى، رېن رېن تورى قاتارلىق بىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىگەن بولۇپ، سىز مۇشۇ ئېغىزلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ قوللىنىلىشچان دىتاللىرىنى تۈزەلەيسىز. مەسىلەن : گوگېلنىڭ تىزىملىتىپ كىرىدىغان بىر ئۈچۈنجى تەرەپ ئېغىزى بار بولۇپ سىز دىتالىڭىزدا (تور بىكىتىڭىزدە) ئابونىتقا گوگېل نۇمۇرىنى ۋە پارولىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىسىز، توغرا كىرگۈزسە سىز ئۇنى سېستىمىغا كىرگىلى قويىسىز، ئۇنداق بولمىسا كىرگىلى قويمايسىز.
پروگرامما نۇقتىسىدىن سىز ئابونىت ۋە پارولنى ئاشۇ ئېغىزغا يوللاپ بىرىسىز، بۇ ئېغىز سىزگە راست ياكى يالغان دىگەن ئىككى قىممەتنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ، ئەگەر راست بولسا كىرگۈزگەن ئابونىت نۇمۇرى ۋە پارول توغرا دىگەن گەپ، ئۇنداق بولمىسا خاتالىق ئۇچۇرى قايتىشى كىرەك. بۇنىڭ تىپىك مىسالى :
http://www.oschina.net/  تور بىكىتى 
يەنە مىسال ئالساق تاۋباۋ تورىنىڭ مال يوللاش دىتالى، سىز بۇ دىتالغان تاۋباۋ ئابونىت نۇمىرى ئارقىلىق كىرىسىز، شۇنداقلا نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تور بىكەتنى ئاچماي تۇرۇپ قىلالايسىز، مەسىلەن يۈز نەچچە خىل مالنى تورغا يېرىم سائەتكە قالماي يوللاپ بۇلۇش، توپ ئۈچۈرۈش، توپ باھا ئۆزگەرتىش، توپ رەسىم يوللاش ...
دىمەكچى ھەممىسى كىشىلەرگە قولايلىق يارتىش ئۈچۈن ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن.
يەنە بىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان BlogSpot،BlogBus،Z-blog،PjBlog، WordPressقاتارلىق بىلوگلارغا Windows Live Writer  دىتالى ئارقىلىق تىما يوللىغىنى بولىدۇ . بۇلارمۇ ئاشۇنداق ئېغىزدىن پايدىلانغان.
ئەمدى گىپىمىزگە كەلسەك ناۋادا بىلىك تورىغىمۇ ئاشۇنداق بىر دىتال بىلەن ماقالە يوللىغىنى بولسا، تور بىكەتنى ئاچماي تۇرۇپ يوللانغان يېڭى ماقالىلەرنى، يېڭى ئىنكاسلارنى كۆرگىلى بولسا، ئىنكاس يوللىغىنى بولسا، ھەمدە مۇشۇ ئىقتىدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇشبۇ دىتالنىڭ ھەرقايسى سەھنىلەر(Windows،Ubuntu،Mac،Androihd،WinMobile،symbian،Blackberry)  لاردىكى نەشرىنى تۈزۈپ چىقساق قانداق بولار؟(ئەلۋەتتە كۈچىمىز يەتكەن دائىرە ئىچىدە)
ھەممىز بىلىمىز بىلىك تورىنىڭ سېستىمىسى (Discuz!6.0) نى "باشقىلار" تۈزگەن، بىز تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان تور بىكەت  سېستىمىسىدۇر. ئۈچۈنچى تەرەپ ئېغىزىنىڭ تەمىنلىنىشى "باشقىلار" تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، شۇڭا بىر قاتار قىيىنچىلىقلار بار بولىشى تەبىئىي لىكىن بۇنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغاندەك تورىدۇ. بولسا تورداشلار بىلەن  بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتىنىڭ بارلىقىنى تېخنىكىلىق ئامىللىرىنى بىرلىكتە مۇنازىرە قىلىشىپ باقساق.

تولۇق ئوقۇش

ماۋۇ تېخنىكا كارامەت

بىر چاغلاردا مىكرو سوفىتنىڭ سۈرۋەيىس تېخنىكىسى تۇنۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ ھا  دەپ قالغان ئىدىم، بۈگۈن ماۋۇ قىسقا فىلمنى كۆرۈپ چىدىماي ئاچچىق كۈلىۋەتتىم، ھەممىمىز ئادەم، ھەممىمىز خۇدانىڭ بەندىسى، بۇخەق نىمانچە ئەقىللىق بوپ كىتىۋاتىدىغاندۇ دەيمەن .  ماۋۇ قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ بىر ئۆزىڭىزگە بىر باشقىلارغا قاراپ ئاستا كىرىپ ئىنكاس يېزىڭ .  


«ئايرىم بەتتە چوڭايتىپ كۆرۈش»


ئەگەر بىۋاستە قويۇلمىسا ماۋۇ ئادىرىستىن كىرىپ كۆرۈڭ .

تولۇق ئوقۇش

2010年8月25日

Android نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى

Android نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى
Android بولسا Google شىركىتى تۈزۈپ تارقاتقان ئوچۇق كودلۇق تېلېفۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمى، Android نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى يېزىلىشىنى قانداق بېكىتىش مەسىلىسىدە ئازراق تالاش-تارتىش بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇنى تور يۈزىدە مۇنازىرىلىشىپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق، ھازىرچە ئوتتۇرىغا چىققان كۆز قاراشلار ئۈچ خىل .
1- ئاندرويىد
2- ئانجىرويىد
3- ئانجويىد
تورداشلارنىڭ مۇشۇ ئۈچ خىل ئىسىمغا بولغان كۆز قاراش ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى سورايمىز .
مۇنازىرە بولۇۋاتقان بەت
http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=22665

تولۇق ئوقۇش

ئاندرويىد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە

ئاندرويىد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە
بۇ ماقالە بىلىك تورى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى تور بىكىتىگە يوللانغان ئىدى، بىلىك ئېچىلغانلىق سەۋەبىدىن بۇ تىمىنى مۇشۇ يەرگە يۆتكەپ كىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان Androidنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى تېخى بىرلىككە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاندرويىد دەپ ئېلىنىپ تۇرۇلدى، ئىسىم بىكىتىلگەندىن كىيىن ئالماشتۇرۋېتىلىدۇ.

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى تور بېكىتىدىكى "ئايفونغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشساق بولاتتى"،" Windows Mobileئۇيغۇرچە تونۇتساق بولاتتى" دېگەن تېمىلارنى كۆرۈپ ، "ئاندرويىدقا ئۇيغۇرچە تونۇتساق بولاتتى" دېگەن تېمىدا بىر ماقالە يېزىش خىيالىغا كەلگەن ئىدىم،لېكىن ئاندرويىدقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ بولۇنغانلىقتىن ئۈچۈن ئاندرويىد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە دەپ يېزىش قارارىغا كەلدىم .
ئاندرويىد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە

(قۇتبىلىك)




(تۆۋەندە ئاندرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفونلار ئاندرويىد تېلېفۇن دەپ ئېلىنىدۇ،ئاندرويىد سىستېمىسى ھەققىدە بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كىرىپ كۆرۈڭ، تۇنجى ئاندرويىد تېلېفۇننى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ).
ئايفون بولسا ئالما شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئالما MAC سىستېمىسىنى يادرو قىلغان،يېپىق كودلۇق ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن.
موبايىل تېلېفونى بولسا مىكروسوفت شىركىتى بازارغا سالغان Windows سىستېمىسىنى يادرو قىلغان يېپىق كودلۇق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن .
بۇ ئىككى خىل تېلېفۇن كۆپچىلىككە ئاساسەن تۇنۇش ،بۇھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق .
بۈگۈن باش تىما بولىدىغان "ئاندرويىد تېلېفۇن" گوگېل شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئاندرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفۇنلارنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان ماركىدا ،ئوخشاش بولمىغان باھادا نۇرغۇنلىغان تىپلىرى بازارغا سېلىندى.
مەسىلەن: HTC ، Motrolla،联想، LG ،Samsung قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەرخىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلېفۇنلىرى.
يۇقىرىدىكى ئاندرويىد سىستېمىسى ھەققىدە دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك بۇ سىستېما ئوچۇق كودلۇق سىستېما بولۇپ شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ گوگېلنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېلشىملىرىگە بويسۇنغان ئاساستا ئۆزگەرتسە تەرەققى قىلدۇرسا بولىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردا مۇنبەر قۇرۇش مودا بوپ كەتكەندەك ھازىر ھەرقايسى تېلېفۇن شېركەتلىرىدە ئاندرويىد تېلېفۇن ئىشلەپچىقىرىش مودا بوپ كەتتى .
ئۇچۇق كودلۇق بولغانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن شىركەتلەر سىستېما ئەسلى كودىنى گوگېلنىڭ تور بىكىتىدىن چۈشۈپ مۇناسىۋەتلىك قىسىملارنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ،ئۆزىنىڭ تېلېفۇنلىرىغا قاچىلاپ بازارلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا باشلىدى ،(توردا كۆرسىتىلىشىچە مۇنداق قىلغاندا 15پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكىچە بولغان سېلىنمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن).
مەيلى قايسى شىركەتنىڭ قايسى خىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلېفۇنى بولىدىكەن ئۇ گوگېل شىركىتى تەمىنلىگەن كود ئاساسىدا ئۆزگەرتېلگەن بولغاچقا (يادروسى،مەنبەسى بىر بولغاچقا)بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرچە ئاندرويىد تېلېفۇن دەپ ئاتاپ تۇردۇق.
ئاندرويىد تېلېفۇن قولۇمغا چۈشكەن ھامان تۇنجى قىلغان ئىشىم ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان تېكىست ھۆججىتىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش بولدى ،نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك بىر نەرسىلەر كۆرۈندى،ئىككىنچى بولۇپ تېلېفۇننىڭ تور كەسپىنى ئېچىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆرۈش بولدى ،نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك ...
توردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم،يەنە ئەڭ ئالى ھوقۇق لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدىم ،كۆرگەن بىلگەنلىرىم بويىچە سىناش ئارقىلىق توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇر يانفۇن خەت نۇسخىسىنى تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىغا قاپلاپ كۆچۈرۈپ ،ئاندىن قايتا قوزغىتىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆردۈم ،خۇداغا شۈكرى ھەر ھالدا ھەرپلەر بولسىمۇ نورمال كۆرۈندى ،لېكىن ھەرپلەر ئۈزۈك –ئۈزۈك ھالەتتە ئىدى ،خەت يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا بولۇپ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى سولدىن ئوڭغا قوشۇپ ئوقۇسا ئاندىن بىلگىلى بولاتتى ،قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئەلۋەتتە داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك .
توردىن ماتېرىيال كۆرۈش ،ئىزدىنىش ئارقىلىق ئوڭدىن سولغا ئۇلاپ يېزىلىدىغان خەت بىلەن سولدىن ئوڭغا ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەرنىڭ سىستېمىدىكى ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتىم ،ئىنگلىزلار بولامدۇ،خەنزۇلار بولامدۇ ئۇلار پروگرامما تۈزگەندە ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان شەكىلنى ئىشلىتىدىكەن ،بىزدەك ئەرەبچە يېزىق تۈرىدىكى ئۇلانما يېزىق ئىشلىتىدىغانلار بىلەن بولغان پەرقى بىرتال كىچىك بوشلۇق ئىكەن ،يەنى ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەر يېزىلغاندا ھەربىر ھەرپتىن كىيىن بىر كىچىك بوشلۇق ئاپتوماتىك قۇيۇلۇپ ماڭىدىكەن .
ئەگەر مۇشۇ قويۇلىدىغان بوشلۇققا شەرت بېرىپ ئەرەبچە يېزىقلار ئائىلىسىدىكى ھەرپلەر بېسىلغاندا ئاپتوماتىك قويۇلمايدىغان قىلىپ قويسا بىزنىڭ يېزىقىمىزمۇ ئۇلىنىدىغان بولىدىكەندە ... مۇشۇ خىياللار بىلەن سىستېما ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بىردىن بىردىن تەكشۈرۈشكە باشلىدىم ،لېكىن ھەممىسى بىرخىل بولاق شەكلىدە ئىدى،بۇ سىستېمىنىڭ ھۆججەت قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر پرېسلانغان ھۆججەت شەكلى ئىكەنلىكىنى ۋىنرار قاتارلىق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ يەشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم .
ئىلگىرىلەش بەك ئاستا بولۇۋاتاتتى ،بارلىق ھۆججەتلەرنى دېگۈدەك يېشىپ كۆردۈم ،كۆپىنچىسىنىڭ ئىچىدە پاروللانغان XMLھۆججىتى بار بولۇپ بۇنى ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ئېچىپ كۆرگىلى بولمايدىكەن ،يەنە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ نىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا كۆرەلەيدىغان بولدۇم ،لېكىن بۇ يېتەرلىك بولمىدى،مەن كۆرگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى قوللېنىلىشچان دىتاللار قىسمى بولۇپ چىقتى ،يەنە بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا باشقا ئىچكى قىسىم ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدىم ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى يېزىق شەكلىنى كونترول قىلىدىغان ھۆججەتنى تېپىپ چىقتىم ،ئىچكى قىسمىدىكى ساپ پروگرامما كودى بولۇپ بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك ئىدى،قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ نېمىدە ئۆزگەرتىش كېرەك ؟
قىزىقىش بولغان ئىكەن داۋاملىق ئىزدىنىش بولىدۇ ،توختىماي ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇمۇ ھەل بولدى .(خۇداغا شۈكرى)
ھۆججەتنى يېشىش ،ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش ...ئۇنى ئۆزگەرتىش ،ئاندىن قايتا بولاقلاش ،بۇنى يەنە بولاقلاش ...ئاندىن بولاقنى قاپلاپ كۆچۈرۈش ،سىستېمىنى قايتا قاچىلاش ...دىگەندەك نۇرغۇن جەريانلاردىن كىيىن تېلېفۇننى قوزغىتىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى كۆردۈم ،يائاللا ئاخىرى ئۇلىشىپ چىققان ساپ ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم .
بولدى ،بىرىنجى قىلدىغان ئىش تاماملاندى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،ئىككىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش يەرلىكلەشتۈرۈش .
دىتالدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كۆردۈم ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ،ئاندرويىد تېلېفۇندا ئۇيغۇرچە دىتال ئىشلىتىش ھەقىقەتەن ھۇزۇر بىلىندى.
خوپ بۇمۇ ھەل بولدى ئەمدىچۇ ؟ ئەلۋەتتە پروگرامما تۈزۈش كېرەك .
پروگرامما تۈزۈش خىيالىمغا كەلگەن ئاشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا تاۋباۋ تورىغا چىقتىم ،ئاندرويىد تېلېفۇندا پروگرامما تۈزۈشكە دائىر تورداشلار تەۋىسيە قىلغان كىتابتىن ئالتىنى ئۈچ يۈز سومغا سېتىۋېلىپ ئەكەلدىم ،كىچە-كېچىلەپ كۆرۈش ئارقىلىق ناھايىتى تىزلا بۇ ئالتە كىتابنى چالا پۇچۇق تۈگەتتىم ،شۇنىڭ بىلەن پروگرامما تۈزۈشنى باشلىدىم ، تېرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ خېلى بىرنەرسە بىلىپ قالغاندا تېكىست ئوقۇغۇچنىڭ ئەسلى كودى ئۇچراپ قالدى،بۇ كودنى ئىجرا قىلىپ ھاسىللانغان دىتالنى تېلېفۇنغا قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى كۆرسەم، قالايمىقان خەنزۇچە خەتلەرگە ئوخشاش بىر نەرسىلەر كۆرۈندى، ھە قارىغاندا تېكىستنىڭ فورمات شەكلىدە مەسىلە باركەندە دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ يۇنىكودلۇق فورمات شەكلىنى قاتتىم شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە تېكىسىت ئوقۇغۇچ پۈتكەن بولدى .ھازىر پروگرامما تۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈۋاتىمەن .
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ،يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش ،ساپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى پروگرامما تۈزۈش قاتارلىق جەريانلار ئاساسەن تاماملانغان بولدى.
مەن ئەمدى ئېسىل دىتالدىن بىرنى تۈزۈشۈم كېرەك دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە .
ئاۋال بازارنى كۆرۈش ،ئېھتىياجغا قاراپ تۈزۈش كېرەكتە ،شۇنداق قىلىپ ئىنگلىزلار ،خەنزۇلار تۈزگەن دىتاللانى ،خەنزۇلار خەنزۇچىلاشتۇرغان دىتاللارنى كۆزەتتىم ،قارىسام كېرەكلىك دىتاللارنىڭ ھەممىسى باركەن ،ئۇلارنى يەنە قايتا تۈزۈشنىڭ ئورنى يوق ،پەقەت ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەكلا بولدى دەپ ئويلىدىم، خەقلەر ياسىغان نۇرغۇنلىغان دىتاللار كومپيۇتېردا بار دىتاللانىڭ مۇھىت ئاتلىغان نۇسخىسى ئىكەن .
مەسىلەن : QQ،تېكىست ئوقۇغۇچ،يۇمشاق دىتال چۈشۈرگۈچ ،PDFئوقۇغۇچ،Photoshop,...
تۈزدىغاننى خەقلەر تۈزۈپ بوپتۇ ،مەن نېمە تۈزىمەن ،بىزگە (ئۇيغۇرلارغا) بۇتېلېفۇنغا قاچىلۋالغۇدەك نېمە لازىم ؟ كومپيۇتېردىن يۆتكەيدىغان قانداق دىتاللىرىمىز بار ؟
ئويلاپ –ئويلاپ Windows xp گە يېڭىلا ئۇيغۇرچە پروگرامما تۈزۈش باشلانغان ۋاقىت ئىسىمگە كەلدى، ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسالغان ،ياسالغاندىمۇ بەس-بەستە ياسالغان ئىدى ،كىيىن لۇغەت ياساش مودا بولدى ،ئاندىن ئۆگۈتۈش دىتاللىرى،ئاندىن قالسا مەخسۇس شىركەت،ئاشخانا ئورۇنلار ئۈچۈن باشقۇرۇش سىستېمسى ...دىگەندەك .
شۇنداق تەرەققىيات ئاستا –ئاستا بولىدۇ،كومپيۇتېردىكى يۇمشاق دېتال ساھەسىمىز خېلى يامان ئەمەس كېتىپ بارىدۇ،ھازىر قارايدىغان بولساق3Gدەۋرىنىڭ يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنىللىرى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ ،مۇشۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆتكەلمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرى بولغان ئاندرويىد تېلېفۇنى بىزنىڭ قانداق دىتاللارنى ئېچىپ خەلقىمىزگە سۇنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ؟
بىز كىرگۈزگۈچ ،لۇغەتتىن(بۇ ئىككى دىتال ياساپ بولۇندى) باشقا يەنە قانداق تېلېفۇن يۇمشاق دىتاللىرىغا موھتاج؟
بۇنى ئەزىز قېرىنداشلارغا قالدۇردۇم.

بىلىك كۇلۇبىدىكى ئورنى
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=22666

تولۇق ئوقۇش

2009年2月9日

كومپيۇتېرنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشى

كومپيۇتېرنى كۇنۇپكا ناختىسى ،مائۇس قاتارلىق ئەسۋابلار بىلەن باشقۇرۇش يەنە قانچە يىل داۋام قىلار ؟ ماۋۇ سۈرەتنى كۆرگندىن كىيىن سىز چۇقۇم ئۇزۇن قالمىغانلىقىنى ھىس قىلالايسىز ...

تولۇق ئوقۇش

2009年2月6日

BOLT ئۇماق كارتون

دېسنىي شىركىتىنىڭ بالىلارغا سۇنغان ئەڭ يېڭى سوۋغىسى :بۇ كارتون فىلىم بەك ئوبدان ئىشلىنىپتۇ ،مەزمۇنى خېلى بۇلىدىكەن ،ئاۋۇ ئۇماق ئىتنىڭ ۋاپادارلىقى شۇنداقلا ئۇماق ھەركەتلىرى چۈقۇم بالىلارنىڭ ياخشى كۆرشىگە ئىرىشىدۇ .قېنى ئەمسە چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ ؛






بۇ فىلىمنى شۈلېي دىتالىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىدە چۈشۈرۈڭ !

[闪电狗].Bolt.DVDSCR.XViD-mVs.avi 详情
701.1MB

中文名: 闪电狗
英文名: Bolt
别名: 霹雳战狗/明星狗
IMDb: 7.6/10 (9,708 votes)
资源格式: DVDScr
发行日期: 2008年
导演: 克里斯·威廉姆斯 Chris Williams
Byron Howard演员: 约翰·特拉沃塔 John Travolta
麦莉·赛勒斯 Miley Cyrus
马尔科姆·麦克道威尔 Malcolm McDowell
Nick Swardson ....(voice)
戴德里克·巴德 Diedrich Bader
科洛·莫瑞兹 Chloe Moretz地区: 美国
语言: 英语
简介:

◎译  名 闪电狗/明星狗/霹雳战狗
◎片  名 Bolt
◎年  代 2008
◎国  家 美国
◎类  别 动画/喜剧/家庭/幻想
◎语  言 英语
◎字  幕 N/A
◎IMDB评分 7.7/10 5,879 votes
◎IMDB链接 http://www.imdb.com/title/tt0397892
◎文件格式 XviD + MP3
◎视频尺寸 640 x 336
◎文件大小 1CD 51 x 15MB
◎片  长 103min
◎导  演 克里斯·威廉姆斯 Chris Williams
      Byron Howard
◎主  演 约翰·特拉沃塔 John Travolta
      麦莉·赛勒斯 Miley Cyrus
      马尔科姆·麦克道威尔 Malcolm McDowell
      Nick Swardson ....(voice)
      戴德里克·巴德 Diedrich Bader
      科洛·莫瑞兹 Chloe Moretz
      Greg Germann ....(voice)
      J.P. Manoux ....(voice)
      Susie Essman ....Mittens (voice)
      Ronn Moss ....(voice)
      James Lipton ....(voice)
      Randy Savage ....(voice)
      Mark Walton ....Rhino (voice)
      Sean Donnellan ....Penny's Dad

◎简  介 
مەزكۇر ئۇچۇر مەنبەسى


تولۇق ئوقۇش

ئۇيغۇرچە: جانباز مۈشۈكئېيىق

مەز كۇر تىما ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى كەڭ تۈردە
تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىدىن
كۆرۈچۈپ كىلىندى .ئەسلى مەنبە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىدىكى ئادىرسى : كىرىڭ

بۇ فىلىم نامى پەن بوشلۇقىغا يوللاندى ،چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بىۋاستە رەسىمنى چىكىڭ






فىلىم ئىسمى: Kung Fu Panda
ئۇيغۇرچە: جانباز مۈشۈكئېيىق
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2005 - يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا-DreamWorks Animation كارتون فىلىم شىركىتى
ژانىرى: كومىديە
تىلى: ئىنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
رازمېرى: 642x272
ئۇلىنىش: http://www.imdb.com/title/tt0441773
نەتىجىسى: 7.9/10 (28842 ئاۋاز)
ئۇزۇنلۇقى: 1:19:45
سىغىمى: 576.54مېگابايت
رېژىسسور:
Jonathan Aibel
John Stevenson
سېنارىست:
Jonathan Aibel
Glenn Berger
ھەرىكەت يېتەكچىسى:
Rodolphe Guenoden
سېلىنما مەبلەخ:
130مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ بولغان(مۇشۇ خەتلىك فىلىمنى سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتسىڭىز ھەرقانداق ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل!!)
مەخسۇس توې لىنىيىسى:
http://www.kungfupanda.com
ئاساسلىق روللاردا:
Jack Black ..........Po
Jackie Chan ........Monkey
Dustin Hoffman .....shifu
Lucy Liu .....Master Viper
Ian McShane .....Tai Lung
Angelina Jolie .....Master Tigress
Seth Rogen .....Master Mantis
كەسمىسى:


قىسقىچە مەزمۇنى:
جۇڭگونىڭ مەلۇم بىر تاغلىق رايونىدىكى تىنچلىق جىلغىسىدا خەلق ناھايىتى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەتتى،شۇ يەرنڭ ئاتامانى قېرى تاشپاقا ئۇزۇندىن بېرى خەلقنى يامان كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىيالايدىغان،تىنچلىق جىلغىسىغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلەلەيدىغان باش پاناھ ‹‹ناگا پالۋان››نى(ناگا:قەدىمىي ئۇييغۇر تىلىدا ئەجدىھا دېگەن مەنىدە) بېكىتمەكچى بولىدۇ-يۇ ،كۆڭۈلىدىكى مۇۋاپىق كىشىنى تاپالمايدۇ؛مەلۇم بىر كۈنى تاشپاقا پالۋان تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ،بۇ خەۋەنى شۇ جىلغىدا تۇرۇشلۇق پو ئىسىملىك مۈشۈكئېيىق ئاڭلاپ ناھايىتى كۈچلۈك ئىشتىھاقى بىلەن مۇسابىقە كۆرگىلى بېرىپ ئويلىمىغان يەردىن تاشپاقىنىڭ ئاخىرقى تاللاش ئوبيېكىتى بولىدۇ.كىچىك ئۇستاشىنىڭ ياردىمىدە گۇمپا ئۆگىنىپ كامالەتكە يېتىدۇ....ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆتمۈشتە نىيىتىنى يامان قىلىپ تۈرمىگە سۇلانغان(تاشپاقىدىن سېھرلىك قۇتىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇستازىغا مۇشت تەڭلىگەن يولۋاس)تەيلاڭ تۇرمىدىن قېچىپ چىقىپ تاشپاقىنىڭ پوغا بەرگەن سېھرلىك قۇتۇسىنى ئېلىۋېلىپ جاھانغا غۇجا بولۇش قارا نىيىتىدە بولىدۇ،بىراق ئۇنىڭ يامان غەرزىنى باتور ، ئوماق بودەك مۈشۈكئېيىق ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ ھەم تەيلاڭنى قاتتىق دۇمبالايدۇ.....

تولۇق ئوقۇش

جەڭگىۋارنىڭ يېڭى سوۋغىسى(سەرخىل يۇمشاق دېتاللار توپلىمى)

جەڭگىۋارنىڭ يېڭى سوۋغىسى(سەرخىل يۇمشاق دېتاللار توپلىمى)

جەڭگىۋارنىڭ يېڭى سوۋغىسى ناملىق بۇ دېسكىنى بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ياساپ تارقاتقان ئىدىم ،لىكىن ئۇ چاغلاردا مۇقۇم بوشلۇق يوق بۇلۇش سەۋەبلىك ،تارقىتىش تازا ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغان ئىدى ، يېقىندا نامى پەن بوشلىقىنىڭ جۇڭگۇ دىكى ئىككىنجى چوڭ ھەقسىز ،مۇقۇم تۇراقلىق بوشلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ مۇشۇ بوشلۇققا ياوللاپ قويدۇم ، چۈشۈرۈش ئىستىكى بارلار مۇشۇ ئورۇندىن چۈشۈرۈۋېلىڭلار :
چۈشۈرۈش ئادىرسى : رەسىمنى بىۋاستە چىكىڭ




Dawami

تولۇق ئوقۇش

2009年2月5日

ياساش دەرىسلىكلىرى ghost xp

ياساشقا قىزقىدىغان دوستلارنى ئىھتىياجى ئۈچۈن بۇندىن بۇرۇن تۈزگەن 5قىسىملىق قۇتبىلىك گوسىت سىستىما ياساش دەىسلىكى ھەمدە قۇراللىرى تورغا قايتا يوللاندى .
ئۇندىن باشقا پايدىلىنىش يەنە.......
:قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان گوسىت قۇراللىرى ۋە باشقا گوسىت دەرىسلىكى يوللاندى قىزىققۇچىلارنىڭ چۈشۈرۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلمەن ،چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
چۈشۈرۈش 1
چۈشۈرۈش 2

تولۇق ئوقۇش

مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى

مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى

2009- يىللىق كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش
تۆۋەندە مەن تورداشلارغا دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قانچە پايدىلنىش ماتېرىيالىنى تەۋسىيە قىلماقچى شۇنداقلا ئۇنى سىلەرگە تەمىنلەپ بەرمەكچى ...
يېقىندا كىتاپ ئېلىش مەقسىتىدە شىنخۇا كىتاپخانىسغا بارغان ئىدىم ،يېڭى چىققان كىتابلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم ،شۇنداقلا كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە يېڭى چىققان بىر يۈرۈش كىتابلار ئىچىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ قايتىپ كەلدىم ،ئۆيگە كېلىپ مەزكۇر كىتابىنىڭ ئوپتىك دېسكىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ كومپيۇتېرغا سالدىم ،كۆرۈپلا بەك خوش بوپ كەتتىم ،چۈنكى بۇ ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئوپتىك دىسكا ئىكەن ،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

خوش بولۇپ، ۋاھ 30 سومغا خېلى جىق بىر نەرسە سېتۋاپتىمەندە دەپ ئويلىدىم ،كۆرۈنگەن بۇ ئۆگىتىش دىتالىنىڭ ھەممىسىنى قاچىلىۋېلىش ئىستىگىدە بىر دىن قوزغىتىپ قاچىلىماقچى بولدۇم ،ئەمدى قاچىلاشقا قوشۇلىمەن دەپ كېيىنكىسى دېسەم پارول دېمەسمۇ ،شۇنىڭ بىلەن چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇسام كىتابنىڭ كەينى بىتىدە تەرتىپ نومۇرى بار ئىكەن ،شۇنى كىرگۈزسەم قاچىلىنىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئوتتەك كۆڭلۈم لەسسىدە سۇۋىدى ،ئۆزۈم ئالغان كىتابنىڭ دىتالىدىن باشقا دېتاللارنىڭ ھىچقايسىنى قاچىليالمىدىم ، ياق ياق ئىشلار مۇنداق ئاسان ئاخىرلاشسا بو مايتتو ! ،شۇنىڭ بىلەن تۆنۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ كىتابخانىغا قايتا بېرىپ مەن ئالغان كىتابلار تۈردىكى باشقا ھەممە كىتاپلارنىڭ كەينىنى ئۆرۈپ پارولىنى كۆچۈردۈم ،ساندان تېخنىكىسى دېگەن كىتابنى تاپالمىدىم قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نومۇرىنى يېزىۋالدىم .
شۇنداق قىلىپ ئۇشبۇ ئوپتىك دېسكىدىكى 10 غا يېقىن ئۆگىتىش دېتالى كومپيۇتېردىن ئورۇن ئالدى ،مەن ھەربىر ئۆگىتىش دىتالىنى ئايرىپ –ئايرىم قوزغۇتۇپ كۆردۇم ،سۇئاللار خېلى مول ئىكەن ،سۇئال ئىشلەش شەكلى خۇددى مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىنتاھانىنىڭ سۇئال شەكلىگە ئوخشايدىكەن ، بۇ مەندەك بىر ئۆگەنگۈچىگە يارىغان ئىكەن ئەلۋەتتە ماڭا ئوخشاش باشقا ئۆگەنگۈچىلەرگىمۇ يارايدۇ ،دەپ قاراپ بۇ ماتېرىياللاردىن ئورتاق پايدىلىنىشنى كۆزلەپ ئۇشبۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن ، كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ ماتىريالنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،بىر كۈنلەرگە كەلگەندە چوقۇم سىزگە ئەس قاتىدۇ ،بەك ئىشلەتمىگەن تەقدىردىمۇ بىرەر ھاجەتمەن دوستىڭىزغا بەرسىڭىز خوش بوپ قالىدۇ ،(خوشلۇقىدا چوڭ تەخسىلىك توخۇ قۇرۇلمىسىدا مېھمان قىلامدۇ تېخى !!!)،شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ئەلدىن –ئەلگە نەپ ...
قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىپ كەتتىم ،تۈۋەنداق مەزكۇر ئوپتىك دىسكا ۋە تەقلىدى سۇئال دىتالى ھەققىدىكى بىر قانچە رەسىمنى كۆرۈپ ئۆتەيلى .
1- ئوپتىك دىسكا باش تىزىملىكى :
يۇقىرىدا كۆرسىتىلەندەك .
2- ئۆگىتىش دېتالى باش كۆزنىكى


3- كۈچەيتىش مەشىق سوئالى رايونى


4- سىز ئىشلىگەن سوئالنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرمىسى (ۋىدىئو ھالەتتە)


5- سىزنىڭ نەتىجىڭىز .ئوڭ تەرەپتىكىسى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن سوئالنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى ۋە چۈشەندۈرمىسى


6- ئۆلچەملىك جاۋاپ مۇندەرىجىسى


7- تەقلىدى ئىمتىھانغا كىرىش


8- ئىمتىھانىنى باشلاش (ئىمتىھان ۋاقتى 90 مىنۇت،ئۇمۇمىي نومۇر 100،تاللاش سوئالى 10نومۇر ،ئاساسىي مەشغۇلات 10نومۇر ،خەت كىرگۈزۈش 10 نومۇر ،يېزىق بىر تەرەپ قىلىش 25 نومۇر ،ئېلېكترونلۇق جەدۋەل لاھىيلەش 15 نومۇر ،پىروكسىيە ئورىگىنالى ياساش 10 نومۇر ،تور بىلىملىرى 10 نومۇر )


9- ئىمتىھان باشلاندى !



10- ئىمتىھان بېرىش دىتالىنى ئىشلتىش ھەققىدە ئىزھات .

11- تەۋسىيە قىلىنغان كىتابلار


12- ياخشى تىلەك ۋە تەرتىپ نومۇرلىرى .



راسىت يەنە بىر مۇھىم نۇقتىنى دېيىشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن ،مەزكۇر ئۆگىتىش دىتالىنىڭ سۇئال ئامبىرىنىڭ نەشتىرىنى يۇقىرىلىتىش بولىقى بار بۇلۇپ ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا تۆۋەندىكى(ئەسكەرتمىگە قاراڭ) تور بەتتە تارقىتىلىدىكەن ،ئالدىنقى قېتىملىق يېڭىلاش 9-ئاينىڭ 2- كۈنى بوپتىكەن ،بەلكىم بۇقېتتىمۇ بىرەر ئىككى ھەپتە قالغاندا يېڭىلايدىغان ئوخشايدۇ ،قارىسام ھەقىقى نەپ تېگىدىغان يەرلىرى بار سوئاللار چىقىدىغان ئوخشايدۇ ،شۇڭا ئىمتىھان بېرىشنى كۆڭلىگە پۈككەن دوستلار بولسا ئۇنتۇپ قالماي شۇ ۋاقىتتا بىر يوقلاپ قۇيۇڭلار .
مەن تورغا يوللىغان بۇ ISOھۆججىتىنىڭ ئىچىدە پارول ھۆججىتى يوق شۇڭا تۆۋەندىكى پارول ھۆججەتنى ئايرىپ بىر تېكىست ھۆججىتى قۇرۇپ ساقلاپ قۇيۇڭ ،بىكار ئىشلىتەلمەي قالىسىز ،
三级数据库技术:
三级网络技术: 859-495-796
三级信息管理: 567-259-956
二级 java : 353-959-861
二级 visual foxpro6.0 : 137-851-863
二级 Accsee : 527-334-657
二级 visual basic6.0 : 989-599-838
二级visual c++  : 331-766-423
二级 c : 663-754-353
一级 MS offce : 612-129-818
一级 B : 633-122-336
ئوپتىك دېسكىنىڭ سايىلەنگەن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى : (تورغا تېخى 60 پىرسەنتى چىقىپ بوپتۇ،رەسمىي يوللىنىپ بولغاندا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قۇياي ھە ،سەت بولدىغان بولدى :victory: :loveliness: )
قۇشۇمچە :
1- مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھاننىڭ ئېنگلىزچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى : (NCRE).
خەنزۇچە ئاتىلىشى :全国计算机等级考试
2- مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى تۆت دەرىجە بويىچە ئېلىنىدۇ ،يىلدا ئىككى قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدىغان بولۇپ ،يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمى پەسلىدە بىرىنچى ،ئىككىنچى ،ئۈچىنچى دەرىجە ئىمتىھانلىرى ئېلىنىدۇ ،كىيىنكى يېرىم پەسلىدە بىرىنچى ،ئىككىنچى ،ئۈچىنچى،تۆتىنچى،دەرىجە ئىمتاھانلىرى ئېلىنىدۇ .
3-ئىمتىھان ھەر يىلى 4-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلىنىدۇ ،نورمال ئەھۋال ئاستىدا چۈشتىن بۇرۇن نەزەرىيە ئىمتىھانى،چۈشتىن كىيىن مەشغۇلات ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ . بەزىدە ئەمەلىي شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى ئىمتىھان ئالغان يەرلىك ئورۇن ۋاقىتنى ئۆزى بەلگىلىسە بولىدۇ ،تەرتىپ بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچى بىر قېتىم ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ ،ئىمتىھان ئالدى –كەينى بولۇپ بەش كۈن داۋاملىشىدۇ .ھەر يىلى ،كىيىنكى يېرىم پەسلىدە ئېلىنىدىغان ئىمتىھان 9-ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ ،ئىمتىھان شەكلى ۋە ئىمتىھاننىڭ ئېنىق ۋاقتى ئالدىنقى يېرىم يىل پەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ .
4- 2009يىللىق مەملىكەتلىك كومپيۇتېر ئىمتىھاننىڭ ۋاقتى بولسا : 3-ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولىدۇ ،كىيىنكى يېرىم يىللىق ئىمتىھاننىڭ بولسا 9-ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
5-ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى : نەزەرىيە بىرىنچى دەرىجىدە يوق ،ئىككىنچى ،ئۈچىنچى دەرىجە ئىمتىھانى 120 مىنۇت ،تۆتىنچى دەرىجە ئىمتىھانى 180 مىنۇت .مەشغۇلات ئىمتىھانىدا بىرىنچى دەرىجە ئىمتىھانى پۈتۈنلەي ئېلىنىپ بولىنىدۇ ،ھەرقايسى ئىمتىھانلارنىڭ مەشغۇلات ئىمتىھانى تەخمىنەن 90 مىنۇت ئەتراپىدا.
6-ئىمتىھان نەتىجە كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتسە تولۇقلاپ بېرىلەمدۇ ؟ بۇ كىنىشكىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى قانچىلىك ؟
جاۋاپ : كېنىشكە يۈتۈپ كەتسە تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ ،ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ئۆتكەن ئىسپاتنامە بولسا پۈتۈن مەملىكەتتە ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولىدۇ ،
ھازىرغا قەدەر مەملىكەتلىك مائارىپ ئورگىنى ئىمتىھان مەركىزى ئۇشبۇ كىنىشكىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتىنى بىكىتمىدى ،(ئالاھىدە سىياسەت چىقمىسىلا بۇ كىنىشكە ئۆمۈرلۈك بولىدۇ .)
7-مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار : مەملىكەتلىك كومپيۇتېر ئىمتىھانى باش تور بېكىتى : كىرىش
سۇئال ئامبىرىنى يۇقىرىلىتىش بېكىتى : كىرىش
8- مەزكۇر ماتېرىيالنى تەۋسىيە قىلغان ئورۇنلار : تېڭشۈن مائارىپ بېكىتى ،سوخۇ مائارىپ بېكىتى ،سىنا مائارىپ بېكىتى ...قاتارلىق ئورۇنلار
9- ئىمتىھان بېرىپ ئۆتسىڭىز ئالدىغان كىنىشكە :
بىرىنچى دەرىجە :






ئىككىنچى دەرىجە :


ئۈچىنچى دەرىجە :


تۆتىنچى دەرىجە :



ئەمسە سىزگە ئامەت تىلەيمەن !!!

تولۇق ئوقۇش