2008年12月6日

قۇربان ھېيتىلىق تىما گوگېل ئۈستەل قۇرالى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بۇلسۇن ! ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىنىڭ مولچىلىق –توقچىلىق ،خۇشال –خوراملىق ئىچىدە ئۈتۈشىنى ئۈمۈد قىلمەن .
تۈۋەندە مەن ھېيتلىق سوۋغا سۈپىتىدە تۈۋەندىكى تىمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى ،لايىقىدا بولمىسىمۇ كۆرۈپ قۇيارسىلەر .
ھەممىمىزگە مەلۇم گوگېل تورى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ۋە ياردەمچى دىتاللار خېلى كۆپ بۇنىڭ ئىچىدە مەن بۈگۈن سىلەرگە گوگېل ئۈستەل يۈزى قۇرالىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي .(بۇلۇپمۇ سىزبىزگە ئەڭ قولايلىق يارتىدىغان قىسمىنى ).
ئاۋال ماۋۇ توربەتكە كىرىپ بۇ قۇرالنى چۈشۈرۈڭ :
http://desktop.google.com/zh/
قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كىيىن ئىكراننىڭ سول تەرپىدە تۈۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك ھاسىل بۇلىدۇ .


بۇ بىز ئىشلەتمەكچى بولغان گوگېل ئۇستەل قۇرالى بولۇپ سىز ئۈستىدىكى قۇشۇش بەلگىسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە قولايلىق كەلتۈردىغان كۆپلىگەن كىچىك قۇراللارنى قېتىۋالالايسىز .بۇيەردە 120گە يېقىن كىچىك قۇراللار تەمىنلەنگەن بۇلۇپ مەن بۈگۈن سىزلەرگە پەقەت 3دانە قۇرالنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .


1- ھاۋارايى قۇرالى
سىز بۇ قۇرالنى قېتىپ قۇيۇپ تۇرۇشلۇق ئورۇننى بىكىتىپ بەرسىڭىز سىز تۇرغان رايوننى تۆت كۈنلۈك ھاۋا رايىنى سىزگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .


2- ئېلخەت قۇرالى
بۇ قۇرالغا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېلخىتىڭىزنى ئۇلاپ قويسىڭىز سىزنىڭ ئېلختىڭىزگە كەلگەن يوللانمىلارنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .تۈۋەندىكىدەك :


3-قۇرال
بۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قۇرال ئاۋال تۈۋەندىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :






قانداقراق ھىس قىلدىڭىز ،سىز ھىچقانداق توربەت كۆرگۈچنى ئاچمايلا سىز ياخشى كۆرىغان توربەتلەرگە يوللانغان ئەڭ يېڭى تىمىلارنى كۆرۈشنى ئويلاپ باققانمۇ ؟بۇ قۇرال ئاشۇ ئارزۇسىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بىرىدۇ.
سىز ياخشى كۆرگەن توربەتلەرنىڭ rssئادىرسىنى قىستۇرۇپ قويسىڭىزلا ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىك رامكىسىدا ئاشۇ بەتنىڭ ئەڭ يېڭى تىمىللىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .كۆرسىتىش شەكلى يېڭىدىن كونىغا بۇلىدۇ .سىز كۆرمەكچى بولغان تىمىنى چەكسىڭىز كىچىك بىر كۆزنەك ئېچىلىپ سىزگە تىما مەزمۇنىدىن قىسقىچە خەۋەر بىردۇ .ئەگەر تەپسىلى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ كىچىك كۆزنەك ئۈستىدىكى كۆك رەڭلىك يولانما تېمىسنى چەكسىڭىزلا ئاشۇ توربەتكە كىرىپ مەزمۇندىن خەۋەردار بۇلالايسىز . بۇ قۇرال ئالدىراش تۇرمۇش ئىچىدىن سىزگە ۋاقىت تىجەپ بىرەلەيدۇ .
ئۇنداقتا مەن ياخشى كۆرگەن توربەتلىرىمنى قانداق قاتىمەن ؟
تۈۋەندىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى داڭلىق توربەتلەرنىڭ ئادىرىسلىرى مۇشۇ ئادىرىسلارنى قېتىش دىگەن ئۇرۇنغا يېزىپ قېتىش دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
http://bbs.bilik.cn/rss.php
http://bbs.xabnam.com/rss.php
http://orkhun.com/bbs/rss.php
http://bbs.diyarim.com/rss.php
http://bbs.salkin.cn/rss.php

ئەگەر سىز ياقتۇردىغان توربەتلەرنىڭ ئادىرسىنى تاپالمىسىڭىز يۇقىردىكى توربەت ئادىرىسلىرىغا تەقلىد قىلىپ سىناپ بېقىڭ ،شۇنداقتىمۇ بولمىسا <كۆرگەن توربەتلەردىن ئاپتوماتىك قېتىش >دىگەن ئۇرۇننى تاللاپ قويسىىز ،بۇ دىتال ئۆزى قېتىۋالدۇ .
بۇنىڭغا يەنە بىلوگلارنىمۇ قېتىۋالغىكلى بۇلىدۇ .قېتىش ئۈچۈن سىز ئاپتوماتىك قېتىش دىگەننى تاللاپ قۇيۇپ سىز ياخشى كۆرىدىغان بىلگلەرنى بىرەر قېتىم زىيارەت قىلىسىڭىزلا بۇلىدۇ.
مەزكۇر دىتال توربەتلەرنىڭ نورمال زىيارەت قېتىم سانىنى ساقلاپ قېلىشقا تەسىر يەتكۈزەمدۇ ؟
مەنچە ئۇنداق بولمايدۇ ،چۈنكى بۇ دىتال پەقەت يېڭى تىما يوللانغان يوللانمىغانلىقىنى ۋە يوللانغان تىمىنىڭ ئازراق مەزمۇنىنىلا كۆرسىتىپ بىرىدۇ .تىمىنى كۆرمەكچى بولسا چۇقۇم تىما باش بىتىگە كىرىشى كىرەك، شۇڭا نورمال زىيارەت سانىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ،بەلكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ۋاقتىنى تىجەيدۇ .
نىمىشقا بۇنى ئىشلىتىمىز ؟
چۈنكى بۇدىتالنىڭ ئۇيغۇرچە خەتنى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىپ بىرەلىگەنلىكى شۇندقلا ۋاقتىمىزنى تىجەپ بىرەلىگەنلىكى بىزنىڭ بۇدىتالنى ئىشلىتىشىمىزگە سەۋەپ بۇلالايدۇ .
قالغان 100گە يېڭىن قۇرالنى قىزىققۇچىلار بولسا سىناپ بېقىپ ئىشىلىتىش قىممىتى بار بولسا ئۆزلىرى قېتىۋېلىپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ .

تولۇق ئوقۇش

ئاق ئادەمگە يېزىلغان خەت

ئامېرىكا قىتئەسىنى ئىشغال قىلغان << بۇلاڭچىلارنىڭ >> گېپىنى ئاڭلىدۇق دائىم. بىز كۆرگەن << مەرگەن كىنولىرى >> بىزگە ھىندىيانلارنى بىر ۋەھشى ھايۋان، ياۋروپالىقلارنى بولسا مەدەنى بىر ئىنسان دەپ ئۆگەتتى. تارىخ كىتاپلىرىمۇ پۇتۇنلەي ئاق تەنلىكلەرنىڭ قەھرىمانلىقلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئەمما كېيىن ئۇگەندۇق، ئەسلىدە ئامېرىكىنى كرىستوف كولۇمبۇدىن، ئامېرىكو ۋېسپۇكى دىن بۇرۇن << كەشىپ >> قىلغان، ئۆزلىرىگە يۇرت قىلغان قېرىنداشلىرىمىز بار ئىكەن. ئۇيغار ۋە قەھرىمان دەپ بىلگەنلىرىمىز، ئەسلىدە ۋىژدانسىز بۇلاڭچىلار، كۆزى تويمىغان ئاچكۆز قاتىللار ئىكەن. ياۋايى ۋە ھايۋان دەپ بىلگەنلىرىمىز ئەسلىدە يۇرتلىرىنى بۇ نۇمۇسسىز بۇلاڭچىلارغا قارشى ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قوغدىغان ۋەتەنسۇيەرلەر ئىكەن.
تۆۋەندە ئوقۇيدىغىنىڭىز مەكتۇپ بولسا، ھىندىيانلارنىڭ باشلىقى SEATTLE تەرىپىدىن << ۋاشىڭتون دىكى ئۇلۇغ رەھبەرگە >> يەنى 1853- 1857 يىللىرىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فرانكىلىن پايرىس قا يېزىلغان. مانا سىلەرگە ، << ئادەم تېرىسى سويغۇچىلار>> دەپ بىلگىنىمىز ۋە بىر نەچچە خىلى چېقىراشتىن باشقا گەپ بىلمەيدۇ دەپ قارىغىنىمىز ھىندىيانلارنىڭ باشلىقىنىڭ خېتى.

ۋاشىڭتوندىكى بۇيۇك رەھبەر بىزنىڭ تۇپراقلىرىمىزنى سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ بىر خەت يېزىپتۇ. دوستلىقىنى ئىزھار قىلىپتۇ بۇ ئۇلۇغ رەھبەر... ئەمما بىز سىزنىڭ دوستلۇقىمىزغا ئىھتىياجلىق ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىمىز.
كۆك يۇزىنى قانداق سېتىۋالالايسىلەر؟
ياكى ساتالايسىلەر؟
ياكى تۇپراقلارنىڭ ئىسسىقلىقىنى؟
ئاغزىمدىن چىققان گەپلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلۇغ رەھبەر، بۇ سۆزلەر ھىچقاچان ئۆچۇپ قالمايدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن سۆلىگەنلىرىمگە ئىشىنىڭ.
ھاۋانىڭ پاكىز پۇراقلىرىغا
سۇلارنىڭ جىلۋىسىگە ئىگە بولمىغان بىرسى ئۇنى قانداق ساتالايدۇ؟
مۇقەددەستۇر بۇ تۇپراقلار مەن ۋە خەلقىم ئۇچۇن...
يامغۇردىن كېيىنكى پارقىراق ھەربىر قارىغاي يۇپۇرمىقى
دېڭىزنى قۇچاقلىغان قۇملۇق ساھىللار
قاراڭغۇ ئورمانلارنىڭ قوينىدىكى تۇمانلار
ناخشا ئېيتىۋاتقان ھاشارەتلەر...
ۋە بىلىڭكى، قىزىل تېرىلىك ھىندىياننىڭ ئەسلىمىلىرى
دەرەخلەرنىڭ ئىچىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن.
تۇپراق بىزنىڭ ئانىمىز
ۋە بىزنىڭ ئۆلۇكلىرىمىز، بۇ تۇپراقلارنى ئۇنۇتمايدۇ
كىيىك، ئات ۋە بۇركۇتلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز
قىيالار، ئوتلاقلار، تايلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىللىق مېھرى ھەممىسى بىر ئائىلە
ۋاشىڭتوندىكى ئۇلۇغ رەھبەر بىزدىن تۇپراقلىرىمىزنى ئالغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىنى بىزدىن ئالىدۇ. ئۇلۇغ رەھبەر بىزنىڭ ئاتىمىز، بىز ئۇنىڭ بالىلىرى بولىدىكەنمىز تېخى
ئۇلۇغ روھ خەلقىمىزنى سۆيىدۇ، ئەمما ھىندىيان بالىلىرىنى تاشلاپ كەتتى. ئەمدى سىلەرگە ھەر خىل ماشىنىلارنى بېرىۋاتىدۇ ۋە ئىنتايىن يېقىندا تۇيۇقسىز ياغقان يامغۇردىن كېيىن تېشىپ، ئۇيىمىزگىچە كىرگەن دەريالاردەك، ئاق ئادەملەر بۇ تۇپراقلارنىڭ ھەر بىر غېرىچ يېرىگىچە توشىدۇ. بىز يىتىم قالدۇق. چۇنكى ئاقساقاللىرىمىز ھەر خىل ھىكايىلەرنى بىزگە سۆزلەپ بېرەتتى.
بىلگەن بولساڭلار...
دەريالارنىڭ ۋە ئۆستەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئاققان سۇلار
پەقەت سۇدىن ئىبارەت ئەمەس
ئاتىلىرىمىزنىڭ قانلىرى ئۇ.
بىلىپ قېلىڭلار، بۇ تۇپراقلارنى سىلەرگە ساتقان چېغىمىزدا
چۆللەرنىڭ پارقىراق سۇلىرىدا
خەلقىمنىڭ كەچۇرمىشلىرىنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى
بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىشىڭلار كېرەك
سۇلاردىن چىققان ئاۋازلار
ئەجداتلىرىمنىڭ ئاۋازىدۇر
دەريالار قېرىنداشلىرىمىزدۇر
بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۇگىتىشىڭلار كېرەك.
ئاق ئادەم بىزنى چۇشەنمەيدۇ
بىلىمىز.
تۇپراق ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەمەس، دۇشمىنى
ئاتىلىرىنىڭ قەۋرىلىرىنى ئارقىسىدا تاشلاپ كېتىدۇ ئاق ئادەم
تۇپراقنى بالىلىرىدىن ئوغۇرلايدۇ
ئاچكۆزلىكىڭ دۇنيانى قاپلايدۇ ئاق ئادەم
ۋە سەندىن چوڭ بىر چۆل مىراس قالىدۇ :
سەھەر تۇمانلىرى تاغلارنىڭ قارنىدىن تۇغقان قۇياشنى كۆرىدۇ
ۋە قاچىدۇ.
ئاتىلىرىمىزنىڭ كۇللىرى مۇقەددەس تۇپراقلارغا يېيىلىدۇ. مەن ھىندىيان ۋە چۇشەنمەيمەن.
شەھەرلىرىڭلارنىمۇ چۇشەنمەيمەن، ئۇ يەرلەردە جىمجىتلىق يوق... ياپراقلارنىڭ ئاۋازلىرىنى، ھاشارەتلەرنىڭ چىرىلداشلىرىنى... قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ۋە پاقىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىيالايدىغان بىر يەر يوق ئۇ يەرلەردە.
مەن بىر ھىندىيان ۋە چۇشەنمەيمەن. مەن كۆللەرنى يالاپ كەلگەن شاماللارنىڭ ئاۋازىنى، چۇش يامغۇرىنىڭ پاكىزلىقىنى، ۋە پاكىز قارىغاي ياپراقلىرىنىڭ پۇرىقىنى سۆيىمەن.
سىزگە بۇ توپراقلارنى ساتساق، بىلىڭلاركى، ھاۋا بىزنىڭ ئۇچۇن قىممەتلىكتۇر ۋە ھاۋا پۇتۇن جانلىقلارنىڭ ئورتاق ياشاش مەنبەسىدۇر. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنى بۇلغىماڭلار. ھاۋا ھايات بەرگەن ھەممە نەرسە بىلەن روھىنى بۆلىشىدۇ.
تۆمۇر ئات ( پويىز )
ئۆلتۇرۇپ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋپچى بولغىنىڭىز
مىڭلارچە ياۋا كالىدىن قىممەتلىكمۇ؟
قانداقسىگە؟ چۇشىنەلمەيۋاتىمەن
ھايۋانلار ئىنسانلارنى تاشلاپ كەتسە
ئىنسانلارنىڭ روھلىرى يالغۇزلۇقتىن ئۆلمەمدۇ؟
ھايۋانلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر ئىنسانلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ.
تۇپراقنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر بالىلىرىنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ
بالىلىرىڭىزغا، ئۇستىگە دەسسەۋاتقان بۇ تۇپراقلارنىڭ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ كۇللىرى بىلەن بىرلەشكەنلىكىنى سوزلىشىڭلار كېرەك. بىز بالىلىرىمىزغا ئۆگەتكەن نەرسىلەرنى، سىلەرمۇ بالىلىرىڭلارغا ئۇگىتىڭلار. تۇپراق بىزنىڭ ئانىمىز. ئۇنىڭغا تۇكۇرمەڭلار. تۇپراق ئىنسانغا ئەمەس، ئىنسان تۇپراققا ئائىت. ئىنسان ھايات زەنجىرىنىڭ پەقەت بىر پارچىسى...
ئاق ئادەم نىمىنى سېتىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ؟
كۆكلەر ۋە يەرنىڭ ئىسسىقلىغىنىمۇ؟
چېپىۋاتقان بۇغىلارنىڭ سۇرئىتىنىمۇ؟
بىز بۇلارنى سىلەرگە قانداق ساتالايمىز؟
ۋە سىلەر قانداق سېتىۋالالايسىلەر؟
بىر قەغەز پارچىسىنى ئىمزالىغانلىقىمىز ۋە ئاق ئادەمگە بەرگەنلىكىمىز ئۇچۇن، ھەممە نەرسىنى قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاۋاتامدۇ ئاق ئادەم.
ھاۋانىڭ پاكىزلىقىغا ۋە سۇلارنىڭ جۇلالىسىغا ساھىپ بۇلالمىساق، بۇنى قانداق ساتىمىز سىلەرگە؟ ئەڭ ئاخىرقى ياۋا كالىمۇ ئۆلگەندە ئۇلارنى قايتىدىن قانداق سېتىۋالالايسىلەر؟
ئاق ئادەم ئۆتكۇنچى بىر ھۇكۇمراندۇر ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىگە كۇچى يېتىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىدۇ.
بىر ئىنسان ئانىسىغا ساھىپ بۇلالامدۇ؟
كۇنلىرىمىزنىڭ قالغىنىنى نەدە ئۆتكۇزىدىغانلىقىمىز مۇھىم ئەمەس. بالىلىرىمىز دادىلىرىنى غورۇرلىرى سۇنغان ھالدا كۆردى. جەڭچىلىرىمىزنىڭ يۇزلىرى يەرگە قاراشقا مەجبۇر بولدى. مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن ئۆزلىرىنى ئىچىملىككە ۋە يەپ ئىچىشكە ئۇردى. بۇ يول بىلەن بەدەنلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. بىر نەچچە قىشلىق ئۆمرىمىز قالغان بۇ تۇپراقلاردا، يېقىندا بىزگە ماتەم تۇتىدىغان ھىچكىم قالمايدۇ. ئەمما يىغلىمايمەن ! ئىنسانلار دېڭىزدىكى دولقۇنلارغا ئوخشاش كېلىپ كېتىدۇ. بىز كېتىمىز ئەمما ئاق ئادەمنىڭ بىر كۇنى چۇشىنىدىغان ھەقىقەتنى بىز بۇگۇندىن تارتىپ بىلىمىز. ھەممىمىز ئوخشاش بىر ئۇلۇغ روھتىن كەلگەن. ئاق ئادەملەرمۇ بىر كۇنى بۇ تۇپراقلاردىن كېتىدۇ. بەلكى پۇتۇن ئېرىقلاردىن تېخىمۇ تېز. ياتىغىڭلارنى زەھەرلەشكە داۋام قىلىڭلار ۋە بىر كۇنى ئۆزەڭلارنىڭ ئەخلىتى ئىچىدە تۇنجۇقۇپ كېتىسىلەر.بۇ تەغدىرنى بىز ھازىر بىلەلمەيمىز. ئەمما گۇمران بولغان چېغىڭلاردا پۇتۇن ئەتراپقا پارلاق بىر نۇر چاچىسىلەر.

پۇتۇن ياۋا كالىلار ئۆلتۇرۇلگەندىن كېيىن، توسۇن ئاتلار كۆندۇرگەندىن كېيىن، ئورمانلارنىڭ ئەڭ مەخپى بۇلۇڭلىرغىچە دۇنيا ئىنسان پۇرىقىغا تولغاندىن كېيىن، سۇيۇملۇك ئىدىرلىقلارنىڭ گۇزەللىكى كىرلىتىلگەندىن كېيىن... كۆزۇڭلارنى ھەقىقى ئېچىپ ئەتراپقا قارىغان چېغىڭلاردا... كۆكتىكى بۇركۇتلەرنىڭ يوق بولغانلىقىنى، شامالدەك چاپقۇر ئاتلارنىڭ يوق بولغانلىقىنى كۆرىسىلەر. بىلەمسىلەر بۇ نىمە دىمەك؟ بۇ ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ھايات قېلىش ئۇچۇن مۇجادىلە قىلىشنىڭ باشلىنىشى دىمەكتۇر. ئۇلۇغ روھ بىزنىڭ ھايۋانلارغا ۋە ھىندىيانلارغا ساھىپ چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بەلكىم بۇنىڭ ئالاھىدە بىر مەنىسى باردۇر. لېكىن ھازىر بۇنى بىلەلمەيمىز.

بىز ( قېرىنداشلىرى ئارىسىدا قانچىلىك پەرق بولسا بولسۇن ) ھەر ئىنساننىڭ ئۆزى خالىغان مۇھىتتا ياشىشىنى ئۇمىد قىلىمىز. ئەگەر بىز تەكلىپىڭلارنى قۇبۇل قىلساق، بۇ پەقەت يېڭى تۇپراقلارنى قوغدىشىمىز ئۇچۇندۇر ۋە ئۇ يەردە ئاخىرقى كۇنلىرىمىزنى راھەت ۋە تېنچلىق ئىچىدە ياشىيالىشىمىز مۇمكىن بەلكىم!.........

ئەڭ ئاخىرقى ھىندىيان بۇ تۇپراقلاردىن كەتكەن كۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىمىسى يالغۇز بىر بۇلۇتنىڭ چەكسىز ئوتلاقلار ئۇستىدىكى سايىسىگە ئۆزگەرگەن ۋاقتىدا، ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىمۇ بۇ قىيالىقلاردا ۋە ئورمانلىقلاردا ياشاشقا داۋام قىلىدۇ.

سىلەرگە بۇ تۇپراقلارنى ساتقان چېغىمىزدا، سىلەرمۇ خۇددى بىز سۆيگەندەك سۆيۇڭلار. ئۇنىڭغا بىز كۆڭۇل بۆلگەندەك كۇڭۇل بۆلۇڭلار. ۋە ئۇنى ئاسراڭلار. بۇ تۇپراقلارنى ۋە ئۇستىدىكى جانلىقلارنى بالىلىرىڭلار ئۇچۇن قوغداڭلار. چۇنكى بۇ دۇنيا مۇقەددەستۇر. ئاق ئادەملەرمۇ بىزنىڭ تەغدىرىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ. بەلكى بىز ھەممىمىز قېرىنداش. روھلىرى بۇ تۇپراقلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئاتىلىرىمىزنى ئەسلەپ قويۇڭلار.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ۋە ئەپسۇس ئاق ئادەم قىزىل تېرىلىك ھىندىيانلارنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمىدى. ئۆزىنى ھەممە نەرسىدىن ئۇستۇن تۇتۇشقا باشلىدى. يەرنى، كۆكنى، دېڭىزنى بۇلغىدى. ھەتتا ھازىر باشقا پىلانىتلارنىمۇ بۇلغىماقچى بولىۋاتىدۇ. يۇز ئەللىك يىل بۇرۇن پۇتۇن ياۋا كالىلارنى ئۆلتۇرگەن ئاق ئادەم. ھىندىيانلارنىمۇ يوق قىلدى ۋە نىھايەت ئاتوم بومبىسى بىلەن يۇزمىڭلىغان ئىنساننى، چوڭ-كىچىك، قېرى- ياش دىمەي قەتىل قىلدى. ھايۋانلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر ئىنسانلارنىڭمۇ بېشىغا كەلدى. ئاق ئادەم، قىزىل ئادەمنىڭ دىگىنىدەك يۇپراققا دۇشمەن بولدى. ئاچكۆزلىكى دۇنياغا بالا بولدى. يىلانغا ئوخشايدىغان قوللىرىنى ئافرىقىغا، ئاسىياغا، ئانتىراكتىكاغا ئۇزاتتى. ئاق ئادەم ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئاخىرىدا نېگىرلارنى ئېلىپ ساتتى، تويمىدى، ئاق ئاياللىرىنى ساتتى، يەنە تويمىدى. ئۆزىنى ساتتى.

ئەمدى ئاق ئادەم ئۆزىنىڭ ئەخلىتى ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قېلىۋاتىدۇ.
توغرا ئاق ئادەممۇ بىر ئۆتكۇنچى ھۇكۇمران. ئەمما بۇنى بىلمەيۋاتىدۇ.
بۇ ئىشلارنىڭ بولىشىنى يۇز ئەللىك يىل بۇرۇن بىلگەن ھىندىيانلارنىڭ باشلىقى بىر غايىپنى بىلگۇچى ئەمەس ئىدى. ئەمما تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلغان ئاق ئادەمنى ئىنتايىن ياخشى تونۇغان ئىدى !!!!

ئىسىت ساڭا ئاق ئادەم ئىسىت !!!!

سەن پۇتۇن دۇنيانى بۇلغۇغانلىقىڭنى ئاز دەپ، بالىلارنىڭ ساپ مىڭىلىرىنىمۇ بۇلغاۋاتىسەن. قەغەزنى بۇلغۇدۇڭ، مېڭىنى بۇلغۇدۇڭ... ئىسىت ! ئاق ئادەم سەن ئەسلىدە نىمىدىگەن قارا !

تولۇق ئوقۇش

ھەر بىرىمىزگە قاتتىق سىگنال

يېڭى بىر ئەسىر مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق. تارىخنىڭ ئاۋازى ئەسلىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى يادىمىزغا سالدى. بىز بۇ يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا تۇرۇپ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز ، كېلەچەك ۋە ئىقبالىمىز ھەققىدە سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلانمىساق بولمايدىغان باسقۇچقا توغرا كەلدۇق. ئەپسۇسكى، كىرزىسلىرىمىز شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ، بىراق بىز ئۆز كىرزىسلىرىمىزدىن يىراق ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ئۆزىمىزگە، تارىخمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە، مەۋجۇتلۇقىمىزغا بولغان مەسئولىيەتچانلىق روھىمىز دېگەندەك تىكلەنمىگەچكە، ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ ھەل قىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەڭ ئەقەللىي جاۋابكارلىق كۈنتەرتىپىمىزگىمۇ ئېلىنمىدى. بىز ئەڭ ئادەتتىكى مەسىلىلىرىمىزنى بىر ياقلىق قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ قوشۇلۇپ ، ئۆزىمىزمۇ ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولغاندەك ئەڭ زۆرۈر بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، سانسىز مەسىلىلەر قاتارى ئۆچرەت ساقلاش مالامىتىگە قالدۇق!...... ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ ئۆچرەت ساقلايمىزمۇ ياكى ............
ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچرەت قاتارىغا نەزەر سالدىم- يۇ ، كۆزلىرىم ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي گاڭگىراشقا پاتقان قىز - ئاياللار نىگاھىدا تېنەپ قالدى. بۇنىڭدىمۇ بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن قىز - ئاياللىرىمىز بىزنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق ئانىلىرىمىز سالاھىيىتىدە ئۆچرەتنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان . مەسىلە زادى كىمدە ؟

چەكسىز ئىزتىراپ ئىچىدە ئويلاندىم . نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ ؟ زادى نېمە ئۈچۈن بىز بۇ ھالغا مۇپتىلا ؟ « رېئاللىقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ تارىخنىڭ نۇرلۇق ئاسمىنىغا نەزەر سالدىم. ئاسمىنىمىزدا قىز - ئاياللارنىڭ يولتۇزى خىرەلىشىپ قاپتۇ . ئەدەپ بوستانىنىڭ زىبا غۇنچىلىرى ، ئائىلە گۈلىستانىنىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارلىرى سولىشىشقا باشلاپتۇ . بېغىمىز خازان بولمىسۇن ، ئاسمىنىمىز يۇلتۇزسىز قالمىسۇن ، بالىلىرىمىز بويۇن قىسىپ يۈرمىسۇن ، دەپ ئويلىدىم .... رېئاللىقىمىزدىكى نازۇك بىر مەسىلە ، يەنى ئاياللار مەسىلىسى مېنى ئويغا سالدى... شۇڭا توپا ئاستىدا ياتقان ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتى ئارقىلىق تىرىك ئانىلارنى ئويغىتاي دىدىم . ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە سۆيگەندە ، توپىدا ئويناۋاتقان مىڭلاپ بالىلارنىمۇ سۆيەي دىدىم...» .
مەقسەت ئۇلۇغمۇ بولىدۇ ، پەسكەشمۇ بولىدۇ ، مەقسەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بىر ئانىغا نىسبەتەن ئېتقاندا ، ئەڭ ئۇلۇغ مەقسەت پەرزەنت تەربىيلەش.
بىراۋ بىر دانىشمەندىن شۇنداق سوراپتۇ :
_ ئاياللارنىڭ قىممىتى قەيەردە ؟
_ ئانىلىق بۇرچى ۋە قۇربان بېرىشتە .
ھالبوكى ، ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلىق بۇرچى ۋە قۇربان بېرىش روھى كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . بۈگۈنكى دۇنيادا سۈپەت دۇنيانىڭ يولخېتى ! پەرزەنت ئىنسانغا خۇدايىتائالانىڭ بەخىش ئەتكەن سانسىز نېمەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل سوۋغات . ئانا پەرزەنتىنىڭ نۇقۇل ئانىسىلا بولماستىن بەلكى، ئەمەلىيەتتە تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى . شۇڭا ، « تەربىيە مەكتەپتە مۇئەللىمدىنلا ئەمەس ، مۇھىمى ئائىلىدە ئانىدىنمۇ باشلىنىشى كېرەك » ( سىتېنا خانىم ) . ئانا ئالىم بولسا پەرزەنتىنىڭ ئېسىل ئادەم ، ئىستېداتلىق ئادەم بولۇشىدىن ئەنسىرەش نەھاجەت ! بىلىش كېرەككى ، ئانا بېشارەتچى بولسا ، بالا قەھرىمان بولىدۇ !
« ئالىملىرىمىز ئۆز ئىملالىرىدا قىلنى قىرىق يېرىشىدۇ . لېكىن ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئاساسىي نەرسىنى بىلىشمەيدۇ » ( جالالىدىن رۇمى ).
بىز كرزىستا تۇرىۋاتىمىز . يەنە كېلىپ ھەر كۈنى يېڭى - يېڭى كرزىسلىرىمىز تۇغۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ . بىز ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك خرىس ۋە ئاساسىي مەسىلە مەۋجۇتلۇق ۋە سالاھىيەت كرزىسى مەسىلىسى بوپقالدى .
شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى ، قوۋمىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە سالاھىيىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە سالاھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . « بىر جەمئىيەتنىڭ ھالاكىتىنىڭ باشلىنىشى _ خوتۇنلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن باشلىنىدۇ . 80- يىللاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەرلەر ئۆلگەن ، 90- يىللاردا بالىلار ئۆلمەكتە » ( ئابدۇقادىر جالالىدىن ) . بىر جەمئىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئۆلۈشى شۇ جەمئىيەت مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئۇلىغا پالتا چېپىلغانلىقتىن بولسا ، بالىلارنىڭ ئۆلۈشى شۇ جەمئىيەت زاۋالىدىن بىر ئۇچۇر . ئۆلگەن ئەرلىرىمىزنى « تىرىلدۈرۈش»، ئەبەدىي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا قايتا ھاياتلىق بېرىش ئانىدىن ئۆزگە ھېچكىمنىڭ قۇلىدىن كەلمەيدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ئەيشى- ئىشرەت كوچىسىدا تىنەپ يۈرگەن، قايمۇققان ، ئۆلگەن ئانىلىرىمىز بولمىش خوتۇن _ قىزلىرىمىزنى «تىرىلدۈرۈش»، ئۇلارغا ھاياتلىق بېرىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىمىزنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كۆمۈلۈپ قالغان ئەقىل بولاقلىرىمىزنى يۈكسەك شىجائەت بىلەن ئېچىشىمىز كېرەك !
« گىرمان مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مائارىپ ئارمىيىدىن بەكرەك مۇھىم » ( كارىل ياسىپېرىس _گىرمانىيە پەيلاسوپى) بولغاچقا ،2- دۇنيا ئۇرۇشى مەغلۇبىيەت خارابىسىدىن ئۆملەپ ھاياتلىققا تەلپۈنگەن گىرمانلار بىلەن ياپۇنلار مائارىپ ئارقىلىق بۇرۇنقى سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى . دېمەك ، مۇنقەرز بولغان بىر مىللەت ئاسارەت، مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلماقچى ، مەۋجۇت بولماقچى بولىدىكەن ، بۇ ئاقىلانە تاللاشنىڭ پىلتىسى ئۆزىگە تايىنىش ۋە مائارىپتا !
ئەلۋەتتە ، بىز مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئوقۇمغا نىسبەتەن ئۇنداق ئاددى نەزەردە قارىماسلىقىمىز كېرەك . پەرزەنت تەربىيىسى نۇقۇل ھالدا مائارىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قاراش ، بۇ ئادىمىيلىكىمىز ۋە مائارىپ قارىشىمىزدىكى بىر يېگىلەش بولسا ، مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا قارىتا يېڭى باشتىن ئېنىقلىما بەرمەي ئامال يوق .
مائارىپ شۇنداق بىر جەريانكى ، ئۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشلا ئەمەس ، بەلكى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش جەريانى، بولۇپمۇ بىلىمنىڭ قېرىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تېز بولىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا تېخىمۇ شۇنداق . بىلىم بەخىت - سائادەتنىڭ ئاچقۇچى. « بىلىم - ھېكمەت بېرىلگەن كىشىگە كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ » (ھەدىس) . شۇڭا بۇ ھاياتىي دۇنيادا « سەن ئالىم ياكى ئوقۇغۇچى ۋە ياكى ئاڭلىغۇچى بولغىن ، ھەرگىزمۇ تۆتىنچىسى ( نادان ) بولۇپ قالما ، بولمىسا تۈگىشىسەن» ( ھەدىس ) . مەۋجۇتلۇق ئەنە شۇنداق تالاي سەۋەبلەرگە باغلىق ئاجايىپ جەريان . مەۋجۇتلۇق ھەر قانداق مىللەتكە ئورتاق تاللاش ھوقوقى، ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان تەبىئىي تاللاش ئەركىنلىكىدۇر . مەۋجۇتلۇقنىڭ شەكىللىرى خلمۇخىل بولىدۇ ، قايسى شەكىلدە مەۋجۇت بولۇشى ھەر كىمنىڭ شىجائىتىگە باغلىق . بىراۋ تۇغما ھالەتتە خار ياكى ئەزىز ، مەھكۇم ياكى ھۆر بولۇپ تۇغۇلمايدۇ . ئىنسان ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇزۇن بىر ھايات مىلودىيىسى . ھېچكىم كىمدىن تۇغۇلۇشى، كىم بولۇشنى، قاچان ئۆلۈشنى بىلىشكە قادىر ئەمەس . ئەمما سەۋەب بىلەن ( تۈۋرۈكسىز ) بىنا بولغان بۇ ئالەمدە سەۋەب قىلسا ، تۆشۈك سېۋەتتىمۇ سۇ توختاتماق تەس ئىش ئەمەس . شۇنىڭدەك ، ئىنسانىيەت ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئالدىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقلىي پەرۋىشكارلىقىدا ئۆز بۇرچىنى ئاڭلىق تەرزدە تونۇشتەك دادىل قۇربان بېرىش روھى بىلەن قەدىم ئەلمىساقتىن بويان زامان -ماكاندىن ئىبارەت بۇ « تۆشۈك سېۋەت»تە « سۇ» تۇختىتىپ كەلگەنلىكى قانداق ماختاشقا لايىق ؟!
دەرۋەقە ، ئانا ئۇلۇغ ، ئانا مۇقەددەس ! ئەمما ئانا ئانىلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلالىغانلىقى ، پەرزەنتىنى ئىنسانىيەت ۋە مىللەت بەختىگە ھەسسە قوشالىغۇدەك جەسۇر ، سورتلۇق پەرزەنت قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىغانلىقى بىلەن تېخىمۇ ئۇلۇغ !
تارىختىن بويان ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئانا ۋەتىنى بىلىپ كەلگەن ئاتا - بوۋىلىرىمىز تۇمارىس، تۈركەن خاتون، بۈۋى رابىيە ، ئاماننىساخان ، يەتتە قىزلىرىم ، ئىپارخان ، نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈل.......گە ئوخشاش شىرمەت ، ئالىپ قىز -ئانىلىرىمىزنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈپ كەلگەن . ئۇلار بۈگۈنگىچە خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ياد ئېتىلىپ تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئانىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇ ھۆرمەتكە تالىق ؟ بۇنىڭ سىرى بەكمۇ ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ئۆلۈم كۆرۈمدە ئەل - ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغانلارلا بولۇپ قالماي ، يەنە ئۆزى باسقان يوللارنى توختاۋسىز باسقۇچى سادىق ئىزباسار پەرزەنت- مەردۇ مەردانىلەرنى تەربىيلەپ چىققانلىقىدا ياكى شۇنىڭغا سەۋەبكارلىق قىلغانلىقىدا !
روشەنكى ، مەدەنىيەتسىز، ئۇنچە نادان ، باشقىلارنىڭ تاپا- تەنىسىگە قالغۇدەك خەلق ئەمەسمىز . بىراق پارلاق سەلتەنەتكە ، مەدەنىيەتكە ئىگە ئاتا- بوۋىلىرىمىز جەڭگىۋار مەدەنىي ھاياتىغا زاھىرلارچە ھەغدابولالمىغانلىقىمىز سەۋەب « ئاتىسىدىن قارغىش ئالغان بالا » نىڭ نەق ئۆزىگە ئايلىنىپ ، ئەھمەد شاھ قاراقاشنىڭ « ئات ھەققىدە قىسسە » ناملىق ئەسىرىدىكى « قاشاڭ ئات » ھالىتىگە كېلىپ قالغانلىقىمىز بىر ئەمەلىيەت. ئاتا- ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئادەم ئىلگىرى باسمايدىغان ئادەم ، ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلالمىغان مىللەت راۋاج تاپمايدىغان مىللەتتۇر
مىڭ يىللاردىن بويانقى تارىخنىڭ دەششەتلىك بوران - چاپقۇنلىرىدا راۋاج تېپىپ ، زورىيىپ ، تارىختا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان بۇ مىللەت قانداقچە « كەنجى مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرى» دىن كىيىنلا جاھالەت ، ئاسارەت ، مەھكۇملۇق پاتقىقىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن ناتىۋان ، نادان مىللەتكە ،« قاشاڭ ئات» ھالىتىگە كىلىپ قالىدۇ ؟ تارىختا مەدەنىيەت تەرەققىيات ، مەرىپەتنىڭ سىموۋلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئەمدى مەدەنىيەتسىزلىك ، قالاقلىق ، نادانلىقنىڭ سىموۋلى بولۇپ قالسا ، بۇنىڭدا يەنە قانداق باھانە- سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ؟ تارىخنىڭ ئۆزى گۇۋاھكى ، ئۇزاق ئەسىر - قەرنەلەردىن بۇيان ئىزچىللىق شەكلىدە ئەۋلادقا ئاتا ئۇدۇمى بولۇپ كەلگەن تالاي ئېسىل ئەنئەنە - ئادەتلىرىمىز ، شانلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرۈتكە بولغان تەۋەررۈك گۆھەر كەبى گۈزەل خىسلەتلىرىمىز ، قەھرىمانلىق دەۋرىمىز كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە جاھالەتنىڭ قارا تۇمانلىرىدا بەقۇۋۋەت جاسارىتىنى يوقاتتى . مەھمۇد قەشقىرىدەك دۇنياغا داڭلىق بىر كاتتا ئالىمنى يېتىشتۈرگەن بۈۋى رابىيە ئانىمىزدەك ئانىلار روھى قاتمۇ قات توپا-تۇمانلار ئاستىدا قالدى . ئۆزىمىزدە ئەسلىدە بار بولغان خىسلەت ، تەۋەررۈك ئادەت ، نۇرانە گۆھەر ،ماياك ، مەشئەل كەبىي ئەڭگۈشتەرلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ، مانا بۈگۈن تاشقى دۇنيادىن « ئەنگۈشتەر قوبۇل قىلىش» قا ،« نوم ئەكىلىش» كە مەجبۇر بولدۇق .
شۇنى سۆزلەش ھاجەتكى، قەدىمدىن بويان مائارىپ ئۇقۇمى مەدەنىي ھاياتىمىزنىڭ سۇنماس قانىتى بولۇپ كەلگەن . پەرزەنت تەربىيىسىگە قارىتا ئەزەلدىن چولتا قاراشتا بولۇپ كەلگەن خەلق ئەمەسمىز . بىزدە « يېقىندىكى موللام جا موللام، يىراقتىكى موللام دا موللام » بولۇشتەك ئادەت مەدەنىيەت پىسخىكىمىزغا ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى «ئەڭگۈشتەر» ئورنىدا قالدۇرۇپ كەتكەچكە ، « يىراقتىن كەلگەن دا موللام » لارنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى ئاۋارە پىچكىسىغا ئايلىنىپ قالدۇق ..... ئۆتكەن كۈنلەر يىللارغا مىڭ ئەپسۇس!.... ھېلىھەم سىرتتىن ئېنىرگىيە تولۇقلاش، باشقىلارغا ئوخشاش بولۇش ، دوراش، تەقلىدچىلىك ھايات دوقمۇشىدا گاڭگىراش ئىچىدە ئاۋارىمىز !
ئاتا- بوۋىلىرىمىز بالىلارنى سۆيگەنلىك _ كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك دېگەن مەنتىقىۋى قاراش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا ،« مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى» ..« قۇتادغۇبىلىك»، « تۈركىي تىللار دىۋانى» ... قاتارلىق مەشھۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ئابىدىلىرىدە بۇ ھەقتە يىتەرلىك تەلقىنلەر ، ئۈگۈت - نەسىھەتلەر بېرىلگەن . ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ پىرانىك بىكوندىن 600يىل بۇرۇن « بىلىم-كۈچ» دېگەن ئىلمىي يەكۈنىدە ئاللىقاچان يۈزلىنىپ بولغان بۇ مۇبارەك تۇپراقتا مەدەنىيەت ، مائارىپ جەھەتتە قانچىلىك يۈكسىلىشلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى جاھان ئەھلىگە سىر ئەمەستۇر!..... پەيغەمبىرىمىزنىڭ « تەربىيىنى زاكىدىن باشلاڭلار» دېگەن مەشھۇر سۆزى بويىچە دۇنيانى ساغلام ئەقلى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئادەتلەنگەن ئالىملار ،« مېنىڭ پىكىرىمچە ، ھەممە مۇتەپەككۇرلار تەربىيەنى زاكىسىدىن باشلاش كېرەك ، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن» ( پىروگوۋ). بىراق بىزنىڭ بۇ ئەڭگۈشتەرلىرىمىز ھازىر قەيەردە؟
ئابدۇقادىر داموللام بىر دىنىي ئالىم بولۇپلا قالماي ، قابىلىيەتلىك تەشكىلاتچى، مائارىپشۇناس ھەم ئىسلاھاتچى ،مۇتەپپەككۇر ئىدى . ئۇ گۈزەل ، يارقىن ، ھېكمەتكە تۇيۇنغان رىسالىلىرىدە پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە توختىلىپ بالىنى ئىككى ياش چېغىدىن باشلاپلا تەربىيلەشنى ئوتتۇرغا قويغان .پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ قانچىلىك زورلۇقى، زۆرۈرلىكى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ باققان ئاتا- ئانىلىرىمىز قانچىلىكتۇر ؟ مېنىڭچە يوقنىڭ ئورنىدا . كىچىك ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ يەسلىگە بېرىلىشى ، مىللىي تىل تۇپرىقىدا ئەمەس ، باشقا بىر تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ،ئۆزگە مىللەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشقا بولغان ئالاھىدە ھېرىسمەنلىك تۈپەيلىدىن قوۋمى ئۇيغۇر بولسىمۇ ، ئەمما ئۆزى «ئۇرغۇي» بولۇپ يېتىلىۋاتقان بالىلار توپىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى ، بالىلارنىڭ قىلچىلىك ئانىلىق مېھرى بېرەلمەيدىغان بالا باققۇچىلار( باۋمۇ لار) تەرىپىدىن بېقىلىشى، ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ بولسا خېرامان « رەڭلىك ئولتۇرۇش» ، قاتارچاي، ئۇ چاي بۇ چايدىن بېرى كېلەلمەي ھاياتلىق سەيناسىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشلىرى ئائىلە ۋە ئائىلە كىرزىسىغا پېتىۋاتقان جەمئىيىتىمىزنىڭ رېئال كۆرۈنۈشلىرى...... بۇ مەسئولىيەتسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلمىشى خەلقىمىزنىڭ ئەتىكى ئىز باسارلىرىغا قىلغان يۈزسىزلىكى ، قەتئىي كەچۈرگىلى بولمايدىغان قەبىھ جىنايەتتۇر !...... ھالبوكى ، رېئاللىقىمىز شۇنداق جىنايەتلەر بىلەن تولغان . مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، پەقەت مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىلا 15مىڭدىن 30 مىڭغىچە تۇل قالغان خوتۇن- قىزلىرىمىز «ياشايدىكەن». دېمەك ، تەڭ يېرىمىدىن ھېسابلىساقمۇ 10مىڭ پەرزەنت يىتىملىك ئىچىدە ياشايدۇ، دېگەن سۆز. شۇ خىل يۈزلىنىش بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى 85ناھىيە -ۋىلايەتتە 10 مىڭنى بىرلىك قىلغان ھالدا سىتاتېستىكا قىلىپ كۆرسەك ، 850 مىڭ پەرزەنت يىتىملىك سىپىگە قوشۇلغان بولىدۇ . دېمەك ، 1 مىليون يۈرەك پارىمىزنىڭ كەلگۈسى خىرە دېگەن سۆز ! بۇمۇ ئائىلە ئەخلاقى قاراشلىرىمىزنىڭ يىمىرلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان « ئىس - تۈتەكسىز ئۇرۇش» قىرغىنچىلىقى ئېلىپ كەلگەن رېئال ئاقىۋەتلىرىمىزنىڭ بىرى .
شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى ، پەرزەنتىنى چۈشىنىش_ كەلگۈسىنى چۈشىنىشتۇر ، كەلگۈسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پەرزەنتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش تېخىمۇ مۇھىم .
جاھان تارىخىدا باشقىلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان دۆلەت،مىللەت ھەم كاتتا ئىمپېرىيىلەرگە قارىغاندا ئۆزى تەرىپىدىن مۇنقەرز بولغان دۆلەت ، مىللەت ھەم ئىمپىرىيلەر ناھايىتى كۆپ .
« ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق ، كۆپ ساندىكى ئانىلار بالىسىنى بالا باققۇچىسىغا تاشلاپ قويىدۇ. مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئانىلارنى ئانا ھېسابلانمايدۇ ، دەپ قارايمەن . ئانىنىڭ مەسئولىيىتى يالغۇز بالىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىشلا ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى ئەتراپلىق تەربىيلەش . ئانا بولغۇچى بالىسىنى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاشلاپ قويماسلىقى ، بەلكى چوقۇم ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيلىشى كېرەك . پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتىنى باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ، ھايۋانلار قەتئىي بۇنداق قىلمايدۇ . رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇكى ، رىملىق ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان » .( سىتېنا خانىم) ئىبرەت بوسۇغىسىدا تۇرۇپ ئىبرەت قۇبۇل قىلمىغانلىقىمىز سەۋەب تەكرار خاتالىقلارغا يول قويۇۋەرسەك بىزنىڭمۇ بىر كۈنلەر ئۈتۈپ بۇ ھالاكەت بوسۇغىسىغا كېلىپ قىلىشىمىز مۇقەررەر ، ئەلۋەتتە!
ئاياللار مەسىلىسى بىزنىڭلا مەسىلىمىز بولماي ، نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق بىر مەسىلىسىگە ئايلانماقتا . دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن بۇ ئومۇمىيۈزلۈك مەسىلە بىزنىڭ بېشىمىزدىمۇ ياڭاق چېقىپ ھەم قارا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ.
روشەنكى ، خوتۇن_ قىزلىرىمىز بىزنىڭ ۋەتىنىمىز. بىز بۇ ۋەتەننىڭ پەرۋىشىدىكى سەغرە بالىلارمىز . بىراق بۇ ۋەتەننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ، ئۇ بىتاپ بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان ،رەنجىگە شىپا بولۇش، كىسىلىگە دىئاگنوز قويدۇرۇپ «داۋالىتىش» بىزنىڭ بالىلىق قەرزىمىز ۋە بالىلىق بۇرچىمىز ! ئەمدىكى مەسئولىيەت _ شۇ قەرزىمىز ۋە بۇرچىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ئادا قىلىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مۇسۇلمانلىق لەۋزىمىزدە « ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا- چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان ، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار» دېگەن ھۆكۈمدە تۇرۇپ قارىغاندىمۇ ئۆزىمىزنى ۋە بالا- چاقىمىزنى نادانلىق گۆرلىرىگە تىرىك كۆمۈپ تاشلاپ ، ئۇنى يورۇق دۇنيانىڭ نۇرىدىن بەھرە ئالدۇرماسلىق ئۆز يولىمىزغا ئورەك كولاپ ، پۇتىمىزغا كىشەن سالغانلىقتۇر. تۇپراق پاكىز ، مۇنبەت بولسا ، ئۇرۇق ھەم سورتلۇق ئېسىل بولسا ، ھوسۇلنىڭ قانداق بولۇشى ئىككىنچى مەسىلە. « شۇڭا پەرزەنت تەربىيلەشتە، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىدىن باشلاش كېرەك » ( داۋېنىچ). چۈنكى ، «مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا » ( بالزاك) . «نىيەت دۇرۇسلۇقى، ئەقىدە ساغلاملىقىدا ئۈمىدۋار بولۇپ تەلپۈنگەن جەننەت _ ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا»( ھەدىس). ئەمما نەپسىدە شەيتان قۇترايدىغان ، نىيىتى ، ئەقىدىسى ساغلام بولمىغان ئانىنىڭ تاپىنى ئاستىدا جەننەت ئەمەس، دوزاخنىڭ بارلىقىمۇ يادىمىزدا بولسۇن!


مەنبە : ئويغۇر ئىسلام تورى : ھەربىرىمىزگە قاتتىق سىگىنال ! ! !

تولۇق ئوقۇش

ئوبامانىڭ تولۇق نۇتۇقى


28-ئاۋغۇسىت،دىموكراتلار پارتىيسىنڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتيدا، قارا تەنلىكلەردىن بولغان كاندىدات باراك ئوباما دىموكراتلار پارتىيسنڭ رەسمى پىرىزىدىنت نامزاتى قىلىپ كۆرستىلدى.بۇ ئامرىكا دىموكراتىيە مۇساپىسىدىكى تارىخى خاراكتىرلىك ئش بولۇپ،ئوبامانىڭ شەخسى ئىقتىدارى ، تىرىشچان روھى كىشلەرگە ئۇمىت ۋە ئىلھام بىغىشلايدىغان نۇتۇقلىرى نۇرغۇن كىشلەرنى سايلامغا دىققەت قىلىشقا مايىل قىلغان بولسا،ئامرىكا سىياسى تۇزۇلمىسدىكى بۇ خىل باراۋەرلىك پاكىتى ۋە ئامرىكا خەلقىنڭ ئاڭ ئىلغارلىقنى ئىپادىلەش تىرىشچانلىقى كىشلەرنىڭ كۆپ قۇتۇپلاشقان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۇنۇشىگە ئىگە بۇ دۆلەتكە يەنە بىر رەت ئىتىبار ئاغدۇرۇشىغا تۇرتكە بولدى.ئوبامانىڭ بۇ نۇتۇقى مەزمۇنى ۋە ئۇنۇمدارلىقى جەھەتلەردە ھەر ساھە كۇزەتكۇچىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە ئىرشتى.گەرچە مەزكۇر سايلام بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.مۇشۇ سەۋەبتىن ئارىمىزدا ،بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئارىسدا سايلامغا دىققەتمەنلەر كۇنسايىن كۆپەيمەكتە.قوش تىللىق سىلىشتۇرۇپ پايدىلانغۇچىلار ۋە سايلامغا دىققەتمەن دوسىتلارنىڭ نەزىرىگە مەزكۇر نۇتۇقنڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى سۇندۇم.ئنگىلىز تىلىدىكى تەرتىپ ۋە نۇتۇق ئۇسلۇبى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قىلىندى.

نۇتۇقنڭ ئنگىلىزچە تىكىست ئادىرسى:http://www.nytimes.com/2008/08/28/us/politics/28text-obama.html

نۇتۇقنىڭ سىنئالغۇ لىنتىسى ئادىرسى: :http://www.youtube.com/watch?v=ato7BtisXzE


2008-يىلى 28-ئاۋغۇسىت ،دەنۋىر
دىموكراتلار پارتىيسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى زوڭتۇڭ نامزاتىنى كۆرستىش يىغىلىشى
(‹‹نيويۇرك ۋاقتى››تورىدىن ئىلىندى.1-سىنتەبىر كىچىسى تەرجىمە قىلىندى)





سىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت!
(چاۋاك)
ھەممىڭلارغا رەھمەت.
رەئىس دىئېنغا،ئەزىز دوستۇم دىك دۇربىن ۋە بۇيۇك دۆلىتىمىزنىڭ ھەر بىر پۇقراسىغا كۆپلەپ تەشەككۇر !مەن بۇگۇن چەكسز خۇشاللىق ۋە ئنتايىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ پىرىزدىنت نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدىم.
(ئالقش )
مەن بۇ سەپەردە ماڭا ھەمراھ بولۇشقان تارىخى خاراكتىرلىك كاندىدات ئابىدىلىرىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۇرىمەن.بولۇپمۇ بۇ سەپەرنى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان ،ئامرىكا ئشچىلىرى مەنپەئىتىڭ ۋەكىلى ،مىنڭ ۋە سىلەرنىڭ قىزلىرىمزغا ئىلھام بەخش ئەتكۇچى ھىلارى رودخام كىلىنتۇن خانىمغا رەھمتىمنى بىلدۇرىمەن.
(ئالقىش)
پىرىزدىنت كىلىنتۇنغا،تۇنۇگۇن كەچ ئۇنىڭدىن باشقا بىرى قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئۆزگىرىشنى روياپقا چىقارغان پىرىزدىنت بىل كىلىنتۇنغا رەھمەت!
(ئالقىش)
(ئامرىكا ئۇچۇن) خىزمەت قىلىش روھىغا ۋارسلىق قىلىپ كەلگەن تىد كنىنېدىغا رەھمەت.
(ئالقىش)
شۇنداقلا ،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ كىلەر نۆۋەتلىك ئورۇنباسار پىرىزدىنتى جوۋ بايدىنغا رەھمتىمنى بىلدۇرىمەن.
(ئالقىش)
مەن بۇ سەپەرنى زامانىمىزدىكى ئەڭ كاتتا سىياسئونلارنىڭ بىرى –ھەرقايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن باشلاپ ھەر كۇنى كەچتە ئۆيگە قايتشتا ئولتۇرىدىغان ئامرىكا تۆمۇر يول شىركىتى پويىزىدىكى خادىملارغىچە ئىجىل ئۆتۇپ كەلگەن بىر سياسىئون بىلەن بىرگە تۇگىتىدىغانلىقىمدىن ئنتايىن خۇرسەنمەن.
ھاياتىمىغا مىھرى-مۇھەببەت بىغىشلىغان ،دۆلىتىمىزنىڭ كىلەر قىتىملىق بىرىنچى خانىمى مايكىل ئوباماغا رەھمەت ئىيتىمەن.
(ئالقىش)
قىزلىرىم مالىيا ۋە ساشاغا رەھمەت!مەن سىلەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.ھەم سىلەردىن ئنتايىن پەخىرلىنىمەن.
(چاۋاك)
تۆت يىل ئىلگىرى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپ ئۆز ھىكايەمنى ئىيتىپ بەرگەن ،تۇرمۇشى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمىگەن ياكى باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان،ئەمما ئۆز ئوغلىنڭ كەلگۇسىدە ئامرىكىدا ئىرادە قىلغان نىشانىغا يىتەلەيدىغانلىقىغا ئشىندىغان كىنىيەلىك بىر ياش ئەر بىلەن كانزاسلىق بىر ئايالنىڭ قوشۇلۇش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم.
شۇنداق بىر ئەھدە بۇ دۆلەتنى ھەمىشە باشقىلاردىن پەرقلەندۇرۇپ تۇرىدۇكى ،جاپالىق تىرىشش ۋە ئۆزىنى بىغىشلاش بىلەن ھەربىرىمىز ئۆزىنڭ ئارزۇلىرىنى ئشقا ئاشۇرالايدۇ،ئەمما كەلگۇسى ئەۋلاتلارنىڭ ئۆز ئارزۇسى يولىدا ئىزلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن،مەزكۇر ئەھدە ھەمىشە مەلۇم بىر ئامرىكا ئائىلىسىگە مەركەزلىشدۇ.مەن دەل مۇشۇ مەقسەتتە ،بۇگۇن ئالدىڭلاردە تۇرۇپتىمەن.چۇنكى 232يىلدىن بىرى ئاشۇ ئەھدە خەتەرگە يولۇققان ھەر بىر مىنۇتتا ئادەتتىكى ئەر ۋە ئاياللار-ئوقۇغۇچى ۋە ئەسكەرلەر،دىھقانلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ،سستىرالار ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ئۇنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن غەيرەتلىك ياشاپ كەلگەن.
بىز ئەنە شۇنداق دەقىقىلەردە ئۇچراشتۇق، ،دۆلىتىمىز ئۇرۇش گىردابىغا پاتقان،ئىقتىسادىمىز چىكىنگەن،ئامرىكا ئەھدىسى قايتىدىن تەھدىتكە دۇچ كەلگەن چاغدا ئۇچراشتۇق.
مانا ھازىر تىخىمۇ كۆپ ئامرىكىلىقلار ئشسىز قالماقتا، تىخىمۇ كۆپ كىشلەر ئازغىنە ئش ھەققى ئۇچۇن تىخىمۇ جاپالىق ئشلىمەكتە. ئاراڭلاردىن نۇرغۇن كىشلەر ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشتى.ھەتتا بەزىڭلار ئۆز كۆزۇڭلار بىلەن ئۆيلىرىڭلارنىڭ پۇلغا يارىماس ھالىتىگە شاھىت بولۇشتىڭلار. نۇرغۇنلىرىمىز ماشنىسى تۇرۇقلۇق ھەيدەشكە چىقىش قىلالمىدى.ئامانەت قەرزلىرى، چىقىم ھىساباتىنى تۆلىيەلمىدى.مائارىپ راسخوتىنى ئۇستىگە ئالالمىدى.
بۇ مەسىللەرنىڭ ھەممىسنى ھۆكۇمەت كەلتۇرۇپ چىقارغانمۇ ئەمەس.ئەمما مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنالماسلىق-ۋاشىنگىتوندىكى ئاقماس سىياسەتنىڭ نەتىجىسى،جورجى بۇشنىڭ مەغلۇبىيەتلىك سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى.
ئامرىكا،بىز ئۆتۇپ كەتكەن سەككىز يىلدىن كۆپ ياخشىمىز،بىز ئۇنىڭدىن كۆپ ئەۋزەل دۆلەتمىز.
(ئالقىش)
بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز –ئوخىئو شىتاتىدىكى پىيىنسيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئايالنىڭ بىر ئۆمۇر جاپالىق ئەمگەكتىن كىين بالايى ئاپەتتىن قىلىپ قالغان كىسەلگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلگەن ھالىتىدىن كۆپ ياخشى.
بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز –ئندىئانا شىتاتىدىكى ئۆزى 20 يىل ئشلەتكەن ئۇسكۇننى يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ ،ئۇنى جوڭگۇغا يوللاپ بىرىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر كىشنڭ ئۆيىگە قايتقاندا ،كۆڭلنىڭ نەقەدەر بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى چۇشەندۇرگەندىكى ئۇمۇتسىز روھى ھالىتىدىن كۆپ ياخشى.
پشىقەدەم ئەسكەرلەرنى كوچىدا ئۇخلاشقا ،نۇرغۇن ئائىللەرنى نامراتلىق پاتقىغا ئتترىپ چىقارغان ھۆكۇمەتكە قارىغاندا ،ئۇلار ئۇچۇن بىز تىخىمۇ كۆپ ھىسداشلىق قىلغۇچىلارمىز!.
(ئالقىش سادالار)
شۇ ھۆكۇمەت،
شۇ ھۆكۇمەت ئامرىكنىڭ بىر چوڭ شەھىرى كۆزئالدىمىزدا گۆمۇرۇلۇشكە يۇزلەنگەندە قول قوشتۇرۇپ تۇردى.
(ئالقىش)
بۇگۇن كەچ ،بۇگۇن كەچ مەن ئامرىكا خەلقىگە،دىموكراتلارغا،جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ۋە بۇ بۇيۇك تۇپرىقىمىزدىكى بارلىق مۇستەقىل زاتلارغا شۇنى دىمەكچىمەنكى،بولدى ئەمدى يىتەر!
مۇشۇ دەقىقىلەر.،
(چاۋاك)،
..مۇشۇ دەقىقىلەر،مۇشۇ دەقىقىلەر دە،مەزكۇر سايلام بىزنىڭ-21-ئەسىردە ئامرىكا ئەھدىسنى تىرىك ساقلاپ قالالىشمىزدىكى پۇرسەتتۇر.
چۇنكى،كىلەر ھەپتە،مىننىسۇتا شىتاتىدا دا جورچى بۇش بىلەن دىك چىينىنى سىلەرگە ئىككى نۆۋەت چىقىرىپ بەرگەن ئاشۇ پارتىيە يەنە سىلەردىن بۇ دۆلەتنى ئۇچىنچى قىتىم سورايدۇ.
(ئەپسۇسلۇق ئاۋاز)
بىز بۇگۇن بۇ يەرگە جەم بولدۇق،بىز جەم بولۇشتۇق،چۇنكى بىز بۇ دۆلەتنى ئنتايىن ياخشى كۆرىمىزكى،بىز ئۇنىڭ كەلگۇسى تۆت يىلدا ئاخىرقى سەككىز يىللىق ھالىتىگە قايتسۇن ئۇچۇن جەم بولۇشتۇق..
(چاۋاك)
4-نو يابىر ،4-نو يابىردا بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ شۇنداق دىيەلىشىمىز كىرەك:يىتەر سەككىز يىل .
(ئالقىش)
ھازىر ،ھازىر،.مەن بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىتەي، جۇمھۇرىيەتچىلەر پىرىزدىنت نامزاتى بولمىش جون ماككايىن دۆلەت فورمىسنى باتۇرلۇق ۋە ئۆز ئىقتىدارلىرىغا تايىنىپ كىيگەن ،شۇڭا بىز ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۇرۇشكە ،ئىھتىرام بىلدۇرۇشكە قەرزدار.
(ئالقىش)
كىلەر ھەپتە،بىز ئۇنىڭ ئۆز پارتىيسى بىلەن يىغىلغاندا، ئۇ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بىز ئىھتىياجلىق ئۆزگىرىشلەردىن پاكىت سۇپىتىدە خەۋەر تاپىمىز. بىراق ئۇنىڭ شەخسى ئارخىۋى ئنتايىن ئىنق:جون ماككايىن جورجى بۇشقا 90پىرسەنت ۋاقىتتا ئاۋاز بىرىپ كەلگەن.
پارلامىنت ئەزاسى جون ماككايىن ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى ھەققىدە سۆز قىلىشقا بەك ئامراق ئادەم،لىكىن،شۇنداق بولسا ،جانابىڭىز ئىيتىپ باقسىا ،جورجى بۇشنى‹‹ 90پىرسەنتتىن كۆپ ۋاقىتتا توغرا ››دەپ ئويلىغان چىغىڭىزدىكى ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارىڭىزغا نىمە دىگۇلۇك؟
(ئالقىش)
مەن سىزنىڭ بۇ تەرىپڭىزنى بىلمىدىم ،ئەمما منىڭ پەقەت ئون پىرسەنتلا مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۆزگىرىشكە قوشۇلۇشقا تەييارلىقىم يوق!
(ئالقىش)
پاكىت ئنتايىن روشەنكى،سىلەرنىڭ تۇرمۇشڭلاردا ئۆزگىرىش ياسايدىغان سالامەتلىك پاراۋنلىقى،مائارىپ ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ھەممە مۇھىم ئشلاردا پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىن بىر چەتكە چىقىۋىلىشتىن باشقا ھىچ ئش قىلمىغان.
ئۇ:‹‹ بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز مەزكۇر پىرىزدىنت دەۋرىدە ئنتايىن روناق تاپتى›› دىدى.ئۇ يەنە ‹‹ئىقتىسادى ئاساسىمىز ئنتايىن پۇختا›› دىدى.ئۇنىڭ ئىقتىسادى پىلانىنى يازغان ،مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بولغان بىر كىشى ئامرىكا خەلقى ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ،ئۇ‹‹ بىز پەقەت روھى بىسىمغا دۇچ كەلدۇق›› دىدى.مەن ئۇنىڭ ئۆز گىپىنى دەپ بىرەي؛‹‹بىز ھازىر ۋايسىغۇچى دۆلەت بولۇپقالدۇق››
(ئەپسۇس ئاۋازلىرى)
ۋايسىغۇچى دۆلەت؟سىز مۇشۇ گەپنى- مىچىگاندىكى ئاپتومۇبىل ئشچىلىرىغا دەپ بىقىڭ ! ھەركۇنى جاپالىق ئشلەپ، ئشتىن چۇشكەندىن كىين ،خۇشال ھالدا كوچىلارغا چىقىپ ئۆزىنى كۆرستىپ قويىدىغان ئشچىلارغا دەپ بىقىڭ!.ئۇلار مەغرۇر ،چۇنكى ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان تورمۇزلارنىڭ سۇپىتىگە ئشنىدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.
سىز بۇ گەپنى- ياخشى كۆرىدىغان كىشلىرى ئۇچىنچى،تۆتىنچى ياكى بەشىنچى قىتىملىق ھەربى يۇرۇشكە ئاتلانسىمۇ، ئۆز مەسئۇلىيتنى ئۇن-تۇنسىز ئۇستىگە ئىلىپ كىلىۋاتقان ھەربىيلەرنڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا دەپ بىقىڭ!
ئۇلار –ۋايسىغۇچىلار ئەمەس،ئۇلار جاپالىق ئشلەيدۇ،ئۇلار بەھرىلەنگەننى قايتۇرىدۇ.ئۇلار قاخشىماستىن ئۆز ئشىغا مىڭىشدۇ.ئەنە شۇلار مەن بىلىدىغان ئامرىكا خەلقىدۇر.
(ئالقىش ساداسى)
مەن پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىننى ئامرىكا خەلقىنڭ تۇرمۇشدىكى مۇشكۇللەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ قارىمايمەن،بىراق منىڭچە ئۇ ،ئامرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە بىر نىمە بىلمەيدىكەن
(كۇلكە ئاۋازى)
نىمە ئۇچۇن ئۇ‹‹ ئوتتۇراھال تەبىقە››گە يىلىغا 5 مىلىيون دوللارغىچە پۇل تاپقان كىشى دەپ ئىنىقلىما بىرىدۇ؟ئۇ نىمىشقا چوڭ شىركەتلەر ۋە نىفىت گۇرۇھلىرىغا يۇز مىلىيارتلىغان ئىتىۋار باج سىياستى بەرمەكچى بولىدۇيۇ ،ئەمما 100 مىلىيوندىن كۆپ ئامرىكا خەلقىگە بىر پۇڭلۇق باجمۇ ئىتىۋار قىلمايدىغان بوپقالىدۇ؟
ئۇ نىمە ئۇچۇن يەنە خەلقنىڭ پايدىسدىن كەلگەن باجغا سالامەتلىك پاراۋانلىقى يولغا قويماقچى ياكى ئائىللەرگە مائارىپ راسخوتىنى تۆلەشكە ھىچقانداق ياردىمى بولمايدىغان مائارىپ پىلانىنى يۇرگۇزمەكچى ياكى جەمىئەت بىخەتەرلىكىنى خۇسۇسىيلاشتۇردىغان ۋە سىلەرنىڭ پىينسىيە پۇلۇڭلارنى دوغا تىكىدىغان پىلاننى يولغا قويماقچى بولۇپ قالىدۇ؟
(ئەپسۇس)
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،جون ماككايىننڭ بۇ ئشلار بىلەن كارى يوق.بۇ شۇنىڭ ئۇچۇنكى،جون ماككايىن بۇلارنى چۇشەنمەيدۇ.(ئالقىش)
ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىن بىرى ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاشۇ كونا ،ئىزىزەت-كۇچىنى يوقاتقان پەلسەپسى بويىچە يول تۇتۇپ كەلدى:ئۇ بولسىمۇ كاتتا بايلارغا كۆپ، تىخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىرىش ،باشقىلارغا بولسا پەقەت ئۇمىت ئۇچقۇنلىرىدىن بىشارەت بىرىپ قويۇش !
ۋاشىنگىتوندا ،ئۇلار بۇنى ‹‹ئىگىدارچىلىق جەمئىيتى››نىڭ ئىپادىسى دەپ ئاتايدۇ.بىراق ئۇنىڭ مەنىسى ‹‹سنڭ نىمەڭ بولسا-سەن شۇنىڭغا تەڭ››.خىزمەتتىن قالدىڭمۇ ؟تەلەيلىك كىشى،‹‹سنڭ نىمەڭ بولسا،سەن شۇنىڭغا تەڭ››.سالامەتلىك پاراۋانلىقى يوقمۇ؟ئۇنى بازار ئوڭشايدۇ.‹‹سىنڭ نىمەڭ بولسا،سەن شۇنىڭغا تەڭ››. نامرات ئائىلىدەتۇغۇلدۇڭ؟ئۇنداقتا يەنىلا كەشڭنڭ چەمى تىشلغۇچە چىڭ دەسسە!گەرچە كەشىڭ بولمىسمۇ.چۇنكى ‹‹سەن نىمەڭ بولسا-شۇ نىڭغا تەڭ››.
شۇڭلاشقا دەيمىزكى،ئۇلارنىڭ ئۆز مەغلۇبىيتگە ‹‹ئىگىدارچىلىق››قىلىدىغان ۋاقتى كەلگەن بولسا بىزنىڭ ئامرىكىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.مەن دەل مۇشۇ مەقسەتتە ،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ پىرىزىدىنتلىق رىقابىتىگە قاتنىشۋاتىمەن.
(ئالقىش)
سىلەر بىلىسلەر،سىلەر بىلىسلەركى،بىز دىموكراتلارنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ روناق تىپىش جەريانىغا باھا بىرىدىغان ئنتايىن ئالاھىدە بىر ئۆلچىمىمىز بار.
بىز دۆلەتنىڭ روناق تىپشنى قانچە كىشنڭ ئاي ئاخىرىدا،- كۇنلەرنىڭ بىرىدە بالىسنڭ ئالى مەكتەپ دىپلومى ئالغاندا ئشلىتىشى ئۇچۇن مەلۇم مىقداردىكى ئىشنچا پۇل ساقلىيالىسۇن ياكى ساقلىيالمسۇن ،-ئۆزىنڭ تۆۋەن تۇرمۇش چىقىملىرىنى قامدىغۇدەك خىزمەت تاپقان-تاپمىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيمىز.
بىز روناق تىپشنى بىل كىلىنتۇن پىرىزدىنىت بولغان چىغىدا يارىتىلغان 23 مىلىيون كىشىلىك يىڭى خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆلچەيمىز.
جورجى بۇش دەۋرىدىكىگە ئوخشاش نورمال تۇرمۇش سەۋىيسدىكى ئائىللەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 دوللارغا چۇشۇپ قالغانلىقى بىلەن ئەمەس،7500دوللارغا چىققان پاكىت بىلەن ئۆلچەيمىز!
(ئالقىش)
بىز ئىقتىسادىمىزنىڭ كۇچىنى مىلىياردىرلىمىزنىڭ سانى بىلەن ياكى 500كۇچلۇك بايلىرىمىزنىڭ تاپقان پايدىسى بىلەن ئۆلچىمەيمىز.ئەكسىچە،ياخشى نىيەتلىك بىر كىشنڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بىر يىڭى سودىنى باشلىيالايدىغان ياكى باشلىيالمايدىغانلىقى بىلەن ، ئازغىنا ئش ھەققىگە تايىنپ تۇرمۇش كەچۇرىۋاتقان بىر كۇتكۇچى قىزنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقمايلا بىرەر كۇن ۋاقىت چىقىرىپ كىسەلچان بىر بالىنى يوقلاش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالايدىغان –بولالمايدىغانلىقى بىلەن،مانا مۇشۇنداق خىزمەتچىنڭ غورۇرىنى قوغدايدىغان ئىقتىسادى تۇزۇلمە بىلەن ئۆلچەيمىز.
بىز ئىقتىسادى قۇدىرىتىمىزنى ئۆلچەشتە قوللىندىغان ئاساسى پىرىنسىپلاربولسا دۆلىتىمىزنى بۇيۇك ئورۇنغا ئىگە قىلغان،شۇنداقلا مەن بۇگۇن كۆرىشىۋاتقان ئاشۇ ئاساسى ئەھدىگە رىئايە قىلالىغان-قىلالمىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر.
ئىراق ۋە ئافغانستاندىن قايتىپ كەلگەن ئاشۇ ياش ئۇرۇش پىداكارلىرىنڭ يۇزىدە ،مەن ئەينى چاغدا پىيورل خاربور ۋەقەسىدىن كىين ئىرادىگە كىلىپ گىنرال پاتتوننىڭ ئارمىيسگە قوشۇلۇپ ،كيىن مىننەتدار دۆلىتىمىز تەرىپىدىن‹‹ گ ئاي بىل›› مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇش پۇرستىگە ئىرىشكەن چوڭ دادامنىڭ سىماسنى كۆرگەندەك بولدۇم.
كىچىلىك سمىنىدىن كىين پەقەت ئۇچ سائەتلا ئۇخلىيالايدىغان ئاشۇ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىدىن بىر چاغلاردا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ،بىر تەرەپتىن ئشلەپ مىنى ۋە ھەمشىرەمنى مىڭ بىر جاپادا بىقىپ چوڭ قىلغان ،تاشلاندۇق تاماق يەشىكلىرىنىمۇ ئاختۇرۇپ يۇرۇپ باققان،بىراق يەنىلا بىزنى ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە ئەۋەتەلىگەن ئاپامنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرىمەن.
(ئالقىش)
زاۋۇتى تاقىلىپ قالغان بىر ئشچىنڭ دەرد-ئازابىنى ئاڭلىغان چىغىمدا مەن يىگىرمە يىل ئىلگىرى ئۆزۇم قوللىغان ۋە ھىمايە قىلغان چىكاگونىڭ جەنۇبىدىكى پولات-تۆمۇر زاۋۇتىنڭ ئەر-ئايال ئشچىلىرىنى ئەسلەيمەن.
تىجارىتىنى باشلاشتا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ياكى تۇرمۇش كەچۇرۇشكە نائىلاج قالغان بىر ئايالنىڭ ھىكايسنى ئاڭلىغان چىغىمدا ،ئايال بولغانلىقى ئۇچۇن نەچچە قىتملىق ئۆستۇرۇلۇشلەردىن قالدۇرۇلۇپ ،ئاران تەسلىكتە كاتىپلار قاتارىدىن ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىككە ئۆسكەنگە قەدەر نەھايەت مۇشكۇلات بىلەن ئشلەپ چىققان چوڭ ئاپامنى ئەسلەيمەن.
ئۇ ماڭا جاپالىق ئشلەشنى ئۆگەتتى ،ئۇ مىنڭ ياخشراق تۇرمۇش كەچۇرۇشۇم ئۇچۇن يىڭى ماشنا ياكى يىڭى كىيم سىتىۋىلىش ئارزۇسىدىن كەچتى.ئۇ ئۆزىدە بار ھەممە نەرسسنى ماڭا بىغىشلىدى.ئۇ ھازىر بىر يەرلەرگە بارالمايدۇ.بىلىمەن،ئۇ مۇشۇ كەچدىكى مەنزىرىنى كۆرۇپ تۇرۇپتۇ.بۇگۇن كەچدىكى تەنتەنە –ئوخشاشلا ئۇنىڭغمۇ مەنسۇپ.
(ئالقىش)
مەن جون ماككايىن نىڭ قايسى خىل تۇرمۇش يولىنى تەبرىكلەپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.بىراق مىنڭكىسى دەل مۇشۇنداق.
(ئالقىش)
شۇلار –مىنڭ قەھرىمانلىرىم،دەل ئۇلارنىڭ ھىكايسى مىنڭ ھاياتىمغا سايە تاشلىغان.مەن شۇلار ئۇچۇن بولسىمۇ بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقشنى،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى سالاھىيتى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەھدىمىزنى قوغداپ قىلىشنى نىيەت قىلدىم.
(ئالقىش)
ئەھدە،ئامرىكا ئەھدىسى دىگەن نىمە؟ئۇ ئەھدە:،ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىز خالىغان ئۇسۇل بويىچە ياشاش ئەركىنلىكىمىز بار،شۇنداقلا بىر-بىرىمىزگە ئىززەت-ھۇرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيتىمىز بار دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
ئۇشۇنداق بىر ئەھدىكى،‹‹بازار –يىڭى تەشەببۇس ۋە ئسلاھاتلارنى تەقدىرلىيەلەيدىغان ،ئالغا بىسشقا مەدەت بىرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك،سودىگەرلەر ئامرىكا خەلقى ئۇچۇن خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىن ئىتش مەسئۇلىيتنى ئادا قىلالايدىغان ،ئامرىكا ئشچىلىرىنڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىيالايدىغان ،تۇزۇمنىڭ ئىچىدە ئىش ئىلىپ كىتەلەيدىغان بولۇشى كىرەك››دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
بىزئەنە شۇنداق ئەھدىگە ئەقىدە قىلىمىزكى:ھۆكۇمەت بىزنىڭ ھەممە مەسللىرىمىزنى ھەل قىلالمايدۇ،بىراق ھۆكۇمەت –بىز ئۆزىمىزلا قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئشلارنى قىلىپ بىرشى كىرك،بىزنىڭ مەنپەئىتىمىزنى قوغدىشى،ھەر بىر ئۆسمۇرگە ساغلام بولغان مائارىپتىن بەھرلىنش پۇرسىتى بىرەلىشى،ئىچىدىغان سۇيىمىزنى پاكىزە،ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمىزنى زەخمەتسز ساقلاپ بىرەلىشى،يىڭى مەكتەپ،يىڭى يول،يىڭى ئىلىم ۋە تىخنىكىلارغا مەبلەغ سالالايدىغان بولۇشى كىرەك››دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
بىزنىڭ ھۆكۇمىتمىز-بىزنىڭ زىيىنىمىز ئۇچۇن ئەمەس،بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى كىرەك،ئۇ بىزگە ئازا بەرمەستىن،بىزگە ياردەم بىرىشى كىرەك،بىزنىڭ ھۆكۇمىتىمىز پەقەت ناھايتى كۆپ پۇلى ۋە تەسىرى بار كىشلەر ئۇچۇنلار شارائىت ھازىرلاپ بەرمەستىن ،بەلكى ئەمگەك قىلىشنى خالايدىغان ھەر بىر ئامرىكا پۇقراسىغا باراۋەر پۇرسەتنى ئشقا ئاشۇرۇپ بىرىشى كىرەك.
مانا بۇ ئامرىكا ئەھدىسى :بىز ئۆز-ئارا مەسئۇل بولۇشىمىز كىرەك،بىز بىر دۆلەت سۇپىتىدە ئۆرلەيمىز ياكى چۆكىمىز،شۇڭا بىز شۇنداق بىر ئورتاق ئەقىدىگە كىلىشمىز كىرەككى،مەن بىر تۇققان قىرىندىشىم ياكى ھەمشرەمگە مەسئۇلمەن !
مانا بۇ بىز داۋاملاشتۇرۇشقا مۇھتاج بولىۋاتقان ئەھدىدۇر،مانا بۇ بىز مۇھتاج بولىۋاتقان ئۆزگىرىشتۇر!.
(ئالقىش)
شۇڭا،شۇ ڭا ئەگەر پىرىزىدىنت بولۇپ قالسام بارلىققا كەلتۇرمەكچى بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تەپسلى توختىلىشىمغا ئىجازەت قىلغايسلەر!
(ئالقىش)
ئۆزگىرىش شۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇكى،باج قانۇنى- ئۇنى يازغان پارلامىنىتتىكى سۆزمەنلەرگە ئەمەس،بەلكى تىگىشلىك ھەققى بار بولغان ئامرىكا ئشچىلىرى ۋە كىچىك كارخانىچىلارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
(ئالقىش)
بىلگەيسلەركى، جون ماككايىننڭ ئەكسىچە،مەن باج ئىتىۋار قىلشنى ئامرىكىلىقلارنىڭ خىزمەت پۇرستىنى چەتئەللىكلەرگە توشۇپ بىرىدىغان شىركەتلەرگە بىرىشنى توختىتىپ،دەل دۆلىتىمىز ئىچىدە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدىغان شىركەتلەرگە بىرىمەن.
(ئالقىش)
مەن كاپىتال كىرىم بىجىنى بىكار قىلىپ،كەلگۇسىدە يۇقىرى مۇئاشلىق ،يۇقىرى تىخنىكىلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولالايدىغان كىچىك كارخانىلار ۋە يىڭى تىجارەتلەرگە يول ئاچىمەن.
(ئالقىش)
مەن،-ئاڭلاپ قىلىڭلاركى-95%ئشچىلارئائىلىسنڭ بىجىنى قسقارتىمەن، چۇنكى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى شارائىتتا بىز قىلىشقا تىگىشلىك ئاخىرقى ئش-ئوتتۇرا تەبىقە ئاھالىنڭ بىجىنى ئۆستۇرۇشتۇر.
(ئالقىش)

ئىقتىسادىمىز ئۇچۇن،بىخەتەرلىكىمىز ئۇچۇن،شۇنداقلا پىلانتىمىزنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن،مەن پىرىزىدنىتلىق سالاھىيتىدە ئنتايىن روشەن بىر نىشان تۇرغۇزىمەنكى:كەلگۇسى ئون يىل ئىچىدە بىز ئوتتۇرا شەرقنىڭ نىفىتىغا بولغان بىقىنىشقا خاتىمە بىرىمىز.
(ئالقىش)
بىز چوقۇم شۇنداق قىلىمىز، ،ۋاشىنگىنتون 30يىلدىن بىرى بىزنىڭ نىفىتىقا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئىغىزدىن چۇشەرمەي كەلدى. قوشۇمچە قىلىپ دسەم،جون ماككايىن 26 يىلدىن بىرى دەل شۇلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ كەلدى.
(كۇلكە)
ئۇ ئەينى چاغدا ماشىنىلارغا يۇقىرى ئۇنۇملۇك يىقىلغۇ ئۆلچىمى بىكىتىشكە قارشى تۇرغان،يىڭىلاشقا بولىدىغان ئنىرگىيەگەمەبلەغ سىلىشقا،يىڭىلاشقا بولىدىغان يىقىلغۇغا مەبلەغ سىلىشقا قارىشى چىققان ،مانا بۇگۇن بىز نىڭ نىفىت ئستىمالىمىز پارلامىنت ئەزاسى جون ماككايىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شۇ چاغدىكىدىن 3 ھەسسە ئاشتى.
ھازىر بۇنداق خۇمارلىقنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى،نىفىت قىزشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنۇملۇك تەدبىر ئەمەس،بەلكى پەقەت ئارلىقنى قىسقارتىدىغان چارە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدىغان چاغ كەلدى.
پىرىزدىنت بولسام،پىرىزدىنت بولسام،دۆلىتىمىزنىڭ تەبئى گاز زاپىسدىن پايدىلىنىپ،ساپ كۆمۇر ئشلەپچىقىرىش تىخنىكىسغا ،يادرو ئنىرگىيەسنى بىخەتەر قوللىنىش ھەققىدە ئىزلىنىشكە مەبلەغ سالىمەن.ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ زاپچاس يىڭىلىشىغا ياردەم بىرىپ،كەلگۇسىدىكى يىقىلغۇ تىجەيدىغان ماشنىلارنى دەل مۇشۇ يەردە ،ئامرىكىدا بارلىققا كەلتۇرىمەن.
(ئالقىش)
ئامرىكا خەلقى ئۇچۇن يىڭى ماشنىلارنى سىتىۋىلىشنى تىخىمۇ ئاسانلاشتۇرىمەن.
كەلگۇسى ئون يىل ئىچىدە قايتا يىڭىلاشقا بولىدىغان ئنىرگيە مەنبەلىرى –شامال ئىنرگىيەسى،قۇياش ئىنىرگىيەسى ۋە يىڭى ئەۋلات بىئو يىقىلغۇلارغا 150مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىمەن.بۇ مەبلەغنى نۇرغۇن يىڭى كەسپ ئىچىشقا ،ياخشى مۇئاشلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇلۇپ قالمايدىغان 5 مىلىيون كىشلىك خىزمەت ئورنى يارىتىشقا ئشلىتىمەن.
(ئالقىش)
ھازىر ئامرىكىغا نىسبەتەن ئۇششاق پىلان تۇزىدىغان چاغ ئەمەس،ھازىر بىزنىڭ ھەر بىر پەرزەنتىمىزنى دۇنياۋى سەۋىيەدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت ئەخلاقى مەجبۇرىيتىمىزنى ئادا قىلىدىغان چاغ.چۇنكى بۇ كەلگۇسىدىكى يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادى رىقابەتكە يۇزلىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
(ئالقىش)
مەن بالىلىق مەزگىلىدىكى ئائىلە مائارىپغا مەبلەغ سالىمەن،مەن بىر يىڭى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەشىكىللەپ،ئۇلارغا يۇقىرى مۇئاش بەلگىلەپ ،ئۇلارنى ھەرجەھەتتىن قوللايمەن.بۇنىڭ بەدىلىگەئۇلاردىن تىخىمۇ يۇقىرى مائارىپ ئۆلچىمى ۋە تىخىمۇ كۆپ ئشەنچىلىك سۇپەتنى تەلەپ قىلىمەن.
بىز ھەر بىر ئامرىكىلىق ياش ئۇچۇن ئامرىكا ئەھدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز: ئەگەر سىز مۇشۇ جەمئىيەتكە ،ياكى مۇشۇ دۆلىتىمىزگە خىزمەت قىلىشنى ئويلىسىڭىز ،بىز سىزگە كىسپ ئىيتىمىزكى،سىز ئالى مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايسىز!
(ئالقىش)
ھازىر ،مانا ھازىر ھەر بىر ئامرىكا پۇقراسى ئۇچۇن زۆرۈر ۋە مۇمكىن بولغان ساغلاملىق پاراۋانلىقى ئەھدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چاغ.
ئەگەر سىز نىڭ سالامەتلىك پارۋانلىقىڭىز بولسا،مىنڭ پىلانىم سىزنىڭ ئاتچوت چىقىمىڭىزنى ئازايتىدۇ.ئەگەر بولمىسا،خاتىرجەم بولۇڭكى،سىز دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ئوخشاشلا داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز!
(ئالقىش)
بەزىلەر راك كىسلى سەۋەبىدىن ئۆلۇم گىرداۋىغا بىرىپ قالغان ئاپامنىڭ ئستىراخۇۋانىيە شىركەت خادىملىرى بىلەن جىدەللەشكەنلىكىنى كۆرگەندەك،مەن ئاشۇ شىركەتلەردىن شۇنى كەسكىن تەلەپ قىلىمەنكى،كىسەل ئازابى تارتىۋاتقان ،داۋالاشقا ئەڭ مۇھتاج ئاشۇ كىشلەرنى كەمستىدىغان قىلمىشڭلارنى توختىتىڭلار!
ھازىر ئائىلىسدە ساقىيالمايۋاتقان كىسەل بار،تۇرمۇشى ياخشى بولۇپ كىتەلمىگەن ئائىللەرگە ياردەم بىرىدىغان چاغ.چۇنكى،ئامرىكىدا ھىچقانداق بىر ئادەم ئالدىراش خىزمىتى بىلەن كىسەلچان بالىسى ياكى ياشىنپ قالغان ئاتا-ئانىسدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلانمايدۇ.
ھازىر بىزنىڭ -شىركەت ۋەيران بولۇش قانۇنىنى ئۆزگەرتىدىغان چاغ ،چۇنكى سىلەرنىڭ مۇئاشىڭلار باش ئىجرائىيە دىرىكتورلارنىڭ مۇكاپانى ئالدىدا قوغدىلىشى كىرەك،ھازىر كەلگۇسى ئەۋلاتلار ئۇچۇن ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغدايدىغان چاغ.
ھازىر ئوخشاش خىزمەت ۋاقتى ئۇچۇن ئوخشاش ئش ھەققى بىرىش ۋەدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چاغ.چۇنكى مەن قىزلىرىمنىڭ سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش پۇرسەتلەرگە ئىرشەلىشنى ئۇمىت قىلىمەن.
(ئالقىش)
ھازىر بۇ پىلانلارنىڭ ھەممسىگە نۇرغۇن پۇل كىتىدۇ، ھەر بىر پۇڭ پۇلنى جايىغا ئشلىتىش ئۇچۇن مەن ئىجتىمائى گۇرۇھلارنىڭ ئسراپخور تۇرخۇنلىرىنى ،ئامرىكا ئىقتىسادىغا ياردەم بىرەلمەيدىغان باج خەزىنىسنى تاقاشنى قارار قىلدىم.
بىراق مەن فىدراتسىيە مالىيەسىگە قۇرمۇ-قۇر تەپسىلى قاراپ چىقىپ ،ئۇزۇنغا قالماي رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان پىروگراممىلارنى بىكار قىلىپ،ئورنىغا ئۇنۇ ملۇك ۋە چىقىمى ئاز بولغان پىروگراممىلارنى بارلىققا كەلتۇرىمەن.چۇنكى بىز 21-ئەسىرگە 20-ئەسىردىكى بىيۇكراتلىق بىلەن قەدەم باسالمايمىز.
(ئالقىش)
دىموكراتلار،دىموكراتلار،ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن پۇلدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر لازىم .ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن،جون كنىندى‹‹ ئەقلى ۋە ئەخلاقى كۇچ ››دەپ ئاتىغان ئاشۇ ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەر بىر بىرىمىز ئۆزگىچە مەسئولىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىمىز لازىم.
شۇنداق،ھۆكۇمەت بىزنى ئنىرگىيە مۇستەقىللىقىغا يىتەكلىشى زۆرۈر بولغان بولسا،بىز ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆي ۋە خىزمەت-سودىلىرىمىزنى تىخىمۇ ئۇنۇمدارلىققا ئىگە قىلىشىمىز لازىمدۇر.
(ئالقىش)
شۇنداق ،بىز ئۇمۇتسىزلىك ۋە جىنايەت پاتقىقىغا پاتقان ياشلىرىمىزغا تىخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت پەلەمپىينى ھازىرلىشىمىز كىرەك.بىراق شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەككى،بۇ پىروگراممىلارنىڭ ئۆزىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ رولىنى ئالالمايدۇ،ھۆكۇمەت بىرىپ تىلىۋىزۇرنى ئۆچۇرۋىتىپ ،بالىڭىزغا تاپشۇرۇق ئشلەتكۇزەلمەيدۇ.شۇڭا ئاتىلار پەرزەنىتلىرىگە مىھرى-مۇھەببەت ۋە توغرا يول كۆرستىش ئۇچۇن تىخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك.
ئۆزىگە ۋە بىر-بىرىگە مەسئۇلىيەتچان بولۇش-ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇشنىڭ يادروسى.بىز خۇددى ۋەتىنىمىز ئىچىدە ئامرىكا ئەھدسنى ئشقا ئاشۇرۇشمىز كىرەك بولغاندەك،چەتئەللەردىمۇ كاپالەتكە قىلىشمىز كىرەك.
ئەگەر جون ماككايىن كىمنىڭ كىلەر نۆۋەتلىك باش قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالالىغۇدەك خاسلىقى ۋە ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلىش ئۇچۇن مۇنازىرە قىلماقچى بولسا،بۇ نداق مۇنازىرىگە مەن ھەر قاچان تەييار.
(ئالقىش)
11-سنتەبىر ۋەقەسى بولۇپ بىر نەچچە كۇندىن كىين،جون ماككايىن دىققىتىنى دەرھال ئىراققا قاراتتى. مەن بۇ ئۇرۇشقا قارشى چىقتىم.چۇنكى مەن بۇ ئۇرۇشنىڭ بىزنىڭ دىققەت ئىتىبارىمىزنى بىز دۇچ كىلىۋاتقان ھەقىقى تەھدىتتىن باشقا ياققا بۇراپ كىتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
ئەينى چاغدا جون ماككايىن ئافغانستان ئۇرۇشدا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۇپ كىتەلەيمىز دىگەندە ،مەن 11-سنتەبىر كۇنى بىزگە ئەمەلى ھۇجۇم قىلغان تىرورچىلارغا قارشى بولغان بۇ ئۇرۇشنى ئۇزۇل-كىسل غەلبىلىك تاماملاش ئۇچۇن تىخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە ئەسكەر تەلەپ قىلدىم.ئىمكانىيەت يار بەرسە ،ئوساما بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچى كۇچلىرىنى قولغا چۇشۇرۇش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
خەۋىرىڭلاردا باركى،جون ماككايىن ئۆزىنڭ بىن لادىننى دەۋزەخنىڭ ئشكىگە قەدەر قوغلاپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىشقا ئامراق،بىراق ئۇ بىن لادىن يوشۇرنىۋالغان ئۆڭكۇرگىچە بولسىمۇ قوغلاپ بىقىشنى خالىمىدى.
بۇگۇن،بۇگۇنكى كۇنلۇكتە،مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىراقتىن قوشۇن چىكىندۇرۇش ۋاقىت جەدىۋىلى ئىراق ھۆكۇمىتى ،ھەتتا بۇش ھۆكۇمىتى ئاۋاز قوشقان بىر پىلانغا ئايلاندى،لىكىن،ھەتتا ئىراقنىڭ 79 مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى ئشىنچىسى بارلىقى،ئەمما بىزنىڭ قەرزىمىز بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ جون ماككايىن مەزكۇر خاتا ئىلىپ بىرىلغان ئۇرۇشنى جاھىللارچە قوللاشنى توختاتمىدى.
بۇ بىز مۇھتاج بولىۋاتقان ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى ئەمەس،ئۇ ئامرىكىنى بىخەتەر قىلالمايدۇ.بىز ئۆتمۇشتىكى خىياللارغا ئسلىۋالىدىغان ئەمەس،بەلكى كەلگۇسى تەھدىتلەرگە يۇزلىنەلەيدىغان پىرىزدىنىتقا مۇھتاج.
(ئالقىش)
سىز 80 دۆلەتكە تارقالغان تىرورچىلار گۇرۇپپىسنى ئىراقنى ئشغال قىلىش بىلەن يوقىتالمايسىز!سىز ۋاشىنگىتوندا يوغان گەپ قىلىش بىلەن ئىراننى چەكلەپ،ئسرائىيلىنى قوغداپ كىتەلمەيسىز !سىز بىزنىڭ كونا ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ ،گىرۇزىيەنى قوللاپ كىتەلمەيسىز!
ئەگەر جون ماككايىن جورجى بۇشنىڭ يوغان گەپ قىلىش،ناچار سىتراتىگىيە بەلگىلەش سىياسىتىغا ئەگەشسە،بوپتۇ،بۇمۇ ئۇنىڭ مەيلى.ئەمما بۇ ئامرىكا مۇھتاج بولىۋاتقان ئۆزگىرىش ئەمەس .
بىز-دىموكراتچىلار روزىلىۋىتنڭ پارتىيسىدىن بولىمىز،بىز –جون كىنندىنىڭ پارتىيسىدىن بولىمىز.شۇڭا ماڭا ‹‹دىموكراتچىلار بۇ دۆلەتنى قوغدىيالمايدۇ >>دىمەڭ ! ماڭا <<دىموكراتچىلار بىزنى بىخەتەر قىلالمايدۇ >>دىگۇچى بولماڭ!
بۇش-ماككايىنلارنىڭ دىپلوماتىيە سىياستى دىموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئورناتقان نەچچە ئەۋلاتنىڭ قانۇنچىلىق ئەنئەنىسنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدى.بىز مانا شۇ قانۇن-تۇزۇمنى ئەسلىگە كەلتۇرمەكچىمىز.
(ئالقىش)
باش قوماندان بولۇش سۇپىتىم بىلەن،مەن بۇ دۆلەتنى قوغداشتا ھەر گىز ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايمەن.ئەمما مەن ئەسكەرلىرىمىزنى ئىنىق ھەرىكەت نىشانى،مۇقەددەس پىداركارلىق بىلەن سەپەرۋەر قىلىمەنكى،ئۇلار ئۇرۇشتا ئىھتىاجلىق زۆرۈر ئەسلىھەلەر بىلەن،ئۇرۇشتىن كىين ئۇلارغا تىگىشلىك بولغان كۆڭۈل بۆلۇش ۋە پاراۋانلىق بىلەن تەمىن ئىتىمەن.
مەن ئىراقتا بولۇۋاتقان بۇ ئۇرۇشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاياقلاشتۇرۇپ،ئافغانستاندىكى بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبان كۇچلىرىگە قارشى ئۇرۇشنى تاماملايمەن.مەن كەلگۇسىدىكى تۇرلۇك توقۇنۇشلارغا ئۇنۇملۇك يۇزلىنەلەيدىغان بولۇش ئۇچۇن، ئارمىيمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.بىراق مەن يەنە ئىراننى ياردو قوراللىرىغا ئىرىششتىن توسۇيدىغان ،رۇسيەنى تاجاۋۇزچىلىقتىن چەكلەيدىغان قاتتىق ۋە بىۋاستە دىپلوماتىيە سىياستىنى يىڭىلاپ چىقىمەن.
مەن 21-ئەسىردىكى تەھدىت ھىسابلانغان تىرورزىم،يادرو قوراللىرىنى كىڭەيتىش،نامراتلىق ،ئىرقى قىرغىنچىلىق ،كىلىمات ئۆزگىرىش ۋە يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر گە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن يىڭى ھەمكارلىق ئورنىتىمەن.
مەن يەنە بىزنىڭ ئەخلاقى مەيدانىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كىلىمەنكى ،ئامرىكا -ئەركىنلىككە تەشنا،تىنچ ياشاشقا تەقەززا ،تىخىمۇ گۇزەل كەلگۇسىگە تەلپۇنگەن كىشلەر ئۇچۇن يەنە بىر قىتىم ،ئاخىرقى شۇنداقلا ئەڭ ياخشى ئۇمىت بولالايدۇ.(ئالقىش)
مانا بۇلار مەن ئىزلىمەكچى بولغان سىياسەتلەردۇر،ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە مۇشۇلار ئۇستىدە مەن جون ماككايىن بىلەن مۇنازىرىلەشسەم دىگەن ئۇمىدتىمەن.
بىراق مەن قىلمايدىغان بىر ئش –پارلامىنىت ئەزاسىنىڭ مەيدانىنى سىياسى مەقسەتلەر ئۇچۇن ئۆزگەرتىۋىلىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشتۇر.چۇنكى،بىزنىڭ سىياسىتىمىزدىكى ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئشلارنىڭ بىرى –كىشلەر ئۆز-ئارا خاراكتىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە جەڭ ئىلان قىلماي تۇرۇپ ،يەنە ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ كىتىشتىن ئىبارەت.
(ئالقىش)
ۋاقىت ئنتايىن ئەستايىدىل كىلىدۇ.ئوخشاش پارتىيە ئىچىدىكى ئويۇن قائىدىسىمۇ ناھايتى كەسكىن.ئۇنداقتا بىز مۇنداق بىر ئورتاق تونۇشقا كىلىۋالايلى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ پارتىيەسى يوق،بۇ دۆلەتنى مەنمۇ سۆيىمەن،سىزمۇ سۆيىسىز،شۇنداقلا جون ماككايىنمۇ سۆيىدۇ.
جەڭگاھلاردا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەر-ئاياللىرىمىز بەلكىم دىموكراتچى بولۇشىمۇ مۇمكىن،جۇمھۇرىيەتچى بولۇشىمۇ مۇمكىن،مۇستەقىل زات بولۇشىمۇ مۇمكىن،بىراق ئۇلار بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشتى.بىر-بىرىنى يۆلەشتى.ھەتتا بەزىلىرى ئاشۇ ئىپتىخارلىق بايراق ئاستىدا بىرگە قۇربان بولۇشتى.ئۇلار بىر قىزىل ياكى كۆك ئامرىكا ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى ئوخشاش بىر ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۇچۇن خىزمەت قىلدى.
شۇڭا مەن سىزگە ،جون ماككايىنغا شۇنداق بىر ئۇچۇر بىرىمەنكى،بىز دۆلىتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز.
(ئالقىش)
ئامرىكا،بىزنىڭ ئىششمىز ئۇنچە ئاسان ئەمەس،بىز دۇچ كەلگەن خىرسىت بىزدىن ئنتايىن كەسكىن تاللاش تەلەپ قىلىدۇ.دىموكراتلار،شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر ،بىز پەقەت ئالالمىغان مۇئاش ياكى زور سوممىلىق سودا قەرزلىرى بىلەنلا ئەمەس ،بەلكى بىزنى ئورتاق نىشانىمىزدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرغان سەككىز يىللىق مەغلۇبىيەتنىڭ بىر قىسمى بولمىش ئاشۇ ئەتكەس ئىدىيە ۋە كونا سىياسىيەتلەرنى پۇتۇنلەي چۆرۈپ تاشلىشىمىز كىرەك.
بىز بەلكىم ،ھامىلە چۇشۇرۇش مەسلىسىدە بىرلىككە كىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن،ئەمما بىز دۆلىتىمىزدىكى زۆرۈر بولمىغان ھامىلەنىڭ سانىنى ئازلىتالايمىز.
(ئالقىش)
بەلكىم قورال ساقلاش ئوخئو شىتاتىدىكى ئوۋچىلارغا نسبەتەن كىلېلاند دىكى گۇرۇھۋازلىق زوراۋانلىقى پەيدا قىلغان پاتپاراقچىلىقتىن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.سىز ماڭا جىنايەتچىلەرنىڭ ئەي كى 47 (روسىيە قورالى)گە ئىرىشش يولىنى ئۇزىۋىتىدىغان ئىككىنچى قىتىملىق ئاساسى قانۇن تۇزتىش ھەرىكىتىنى ئىلىپ بارالمايسەن دەپ قالماڭ!
(ئالقىش)
چۇشىنىپ تۇرۇپتىمەن،بىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىش مەسلىسىدە كۆز قارىشمىز ئوخشىمايدۇ.ئەمما شۇنىڭغا ئىنىق جاۋاب بىرىمەنكى،بىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىق بۇرادەر-ھەمشىرىلىمىز دوختۇرخانىلاردىكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشنى يوقلاپ كەلسە بولىدۇ.ئۇلار دۆلىتىمىزدە ھىچكمنىڭ كەمستىشىكە ئۇچرىماي ياشاش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
سىلەرگە مەلۇم،كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە نۇرغۇنلىرىمىز ھاياجانلىنىپ قالىمىز.بىراق مەن ،بىر ئانا ئىمىتىۋاتقان بالىسىدىن ئايرىلسا ياكى بىر ئادەم ئشلەتكۇچى ئامرىكىلىقلارنىڭ ئش ھەققىنى تۆۋەنلىۋىتىدىغان قانۇنسىز ئشچىلارنى ياللىسا بۇنىڭ زادى كىمگە پايدا ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.
بىراق ،بۇ مۇ ئامرىكا ئەھدسنىڭ بىر قىسمى،دىموكراتىيە ئەھدسىنڭ بىر قىسمى ،بىز بۇ ئەھدە ئارقىلىق كۇچ-قۇۋۋەت تاپىمىز،ئوخشىماسلىقلارغا كەڭرى قۇچاق ئاچىمىز.شۇنداقلا ئورتاق تىرىشچانلىقمىز بىلەن بىرلىشمىز.
بەزى كىشلەرنىڭ بۇ ئەقىدىمىزگە خۇددى كۆڭۈل خۇش قىلىدىغان ۋەدە سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ماڭا ئايان.ئۇلار بىزنىڭ جامائەت ئشلىرىدىكى كۆلىمى تىخىمۇ چوڭ،تىخىمۇ كەسكىن،تىخىمۇ سەمىيمى بولغان قەتئىيلىكىمىزنى خۇددى يۇقىرى باج ۋە ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلاردىن ياتلىششقا قاراپ سۆرەپ ماڭغان ياغاچ ئاتقا ئوخشتىدۇ.
بۇنى بىز چۇشىنەلەيمىز،چۇنكى سىزنىڭ يىڭى ئىدىيەلىرىڭىز بولمىسا سىز بىلەت تاشلىغۇچىلارنى كونا قاراشلار بىلەن قورقۇتىسز.
(ئالقىش)
ئەگەر سىزنىڭ كۆرسەتكۇدەك شەخسى ئارخىۋىڭىز بولمىسا ،ئۇ چاغدا رەقىبىڭىزنى كىشلەر قاچىدىغان ئادەم قىلىپ سىزىپ چىقىسز.كىچىك ئشلارنى دەپ كاتتا سايلام ئىلىپ بارىسىز!
سىز نىمىنى بىلىسز؟ئۇ ئىلگىرى كارغا كەلگەن،چۇنكى ئۇ چاغدا ھەممىمىزنىڭ ھۆكۇمەت پەيدا قىلغان جاھاندىن تويۇش ھالىتىمىزگە بەرھەم بەرگەن.ۋاشىنگىتون خىزمەتتىن توختسا ،بۇ ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق سۆزگە ئايلىنىپ قالغان .ئەگەر ئۇمىدىڭىز قايتا-قايتا زەربىگە ئۇچرىسا،سىز ئاستا ئولتۇرۇپ،يەنە ئۇمىت باغلاشنى توختىتىپ ،بىلگىنىڭىز بويىچە ئش قىلغىنىڭىز ياخشىراق.
مەن چۇشەندىم.مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،مەن مەزكۇر ئشخانىغا كىرىشكە تەييارلانغان كاندىداتلار ئىچىدىكى ئەڭ يالغانچى كاندىداتلارغا ئوخشىمايمەن.مەن ئاشۇ كونا مۇقامغا توۋلاۋىرىشنى ياقتۇرمايمەن.مەن ۋاقتىمنى ۋاشىنگىتوننىڭ ھەشەمەتلىك زاللىرى ئىچىدە ئۆتكۇزمەيمەن.
مەن بۇگۇن كەچ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇشۇم شۇنىڭ ئۇچۇنكى،پۇتۇن ئامرىكا بويلاپ بىر ئش جانلىنىپ بارماقتا.ئنكارچىلارنىڭ چۇشىنەلمەي كلىۋاتقان بىر نۇقتا شۇكى-بۇ سايلام ئەزەلدىن مەن بىر ئادەم ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى سىلەر ئۇچۇندۇر.
(ئالقىش)
مەزكۇر سايلام –سلەر ئۇچۇندۇر.
(ئالقىش)
ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان 18 ئايدىن بىرى،سىلەر بىر-بىرلەپ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ ،‹‹ئۆتمۇشتىكى سىياسەتلەرگە بولدى بەس››دىدىڭلار،سىلەر چۇشەندىڭلاركى،بىز بۇ سايلامدا دۇچ كىلىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەرنىڭ دەل ئاشۇ ئوخشاش ،كونا سىياسەتلەرگە ،ئوخشاش ،كونا ئۇستاتلار بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ئۆزگىچە نەتىجە كۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.
سىلەر تارىخ بىزگە ئۆگەتكەن شۇنداق بىر تەجرىبنى نامايىن قىلدىڭلاركى،ھازىرقىغا ئوخشاش مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئۆزگىرىش ۋاشىنگىتوندىن ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.
ئەكسىچە بىز ۋاشنگىتونغا ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىمىز.
(ئالقىش)
ئۆزگىرىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ،ھامان ۋۇجۇتقا چىقىدۇ،چۇنكى ئامرىكا خەلقى ئۇنىڭغا مۇھتاج.چۇنكى ئامرىكا خەلقى دەس تۇرۇپ،يىڭى دەۋىر ئۇچۇن يىڭى ئىدىيە ،يىڭى رەھبەرلىك ،يىڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان يىڭى رەھبەر تەلەپ قىلماقتا.
ئامرىكا،مانا بۇ دەل ئاشۇنداق دەقىقىلەردىن ئىبارەت.
قانچىلىك مۇشەققەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،شۇنىڭغا قەتئى ئشىنىمەنكى،بىز مۇھتاج بولغان ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر رىئاللىققا ئايلىندۇ.چۇنكى مەن ئۇنى كۆردۇم.چۇنكى مەن ئۇنى ئۆز تۇرمۇشۇمدا باشتىن كەچۇردۇم.
چۇنكى،مەن ئۇنى ئىللىنويىس شىتاتىدا كۆردۇم،بىز تىخىمۇ كۆپ بالىلارنى سالامەتلىك پاراۋانلىقى بىلەن تەمىنلەپ،تىخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى تۇرمۇش كاپالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ،خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق.
مەن ئۇ ئۆزگىرشنى ۋاشنگىتوندا كۆردۇم،بىز پۇتۇن پارتىيە سىپى بويىچە ھۆكۇمەتنى تىخىمۇ ئىچىۋتىشكە ،پارلامىنىتتكى قانۇن تۇزگۇچىلەرنى تىخىمۇ ئشەنچىلىك بولۇشقا ،بىزنىڭ پىشقەدەم ئەسكەرلىرىمىز گە تىخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۇشكە ،يادرو قوراللىرىنى تىرورچىلارنىڭ قوللىرىدىن تارتىۋىلىشقا كۇچ چىقارغان خىزمىتىمىزنىڭ ئۇنۇمىدىن كۆردۇم.
مەن ئۆزگىرىشنى مەزكۇر سايلام پائالىيەتلىرىدە كۆردۇم.تۇنجى قىتىم سايلامغا قاتىنىشۋاتقان ياشلاردىن ،يۇرىكى ياش كىشلەردىن ،ئۇزۇن مۇددەت سايلامغا قاتناشماي ،بۇ قىتىم بىلەت تاشلاشقا نىيەت قىلغان كىشلەردىن ،ئەزەلدىن دىموكراتلارغا بىلەت تاشلىمايدۇ دەپ قارالغان ،ئەمما بۇ قىتىم راسىتلا بىزگە مايىل بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كۆردۇم
(ئالقىش).
مەن ئۆزگىرىشنى دوسىتلىرىنىڭ ئشسىز قىلىشغا كۆڭلى ئۇنىماي، ئۆزىنڭ خىزمەت ۋاقتىنى قسقارتىپ ،تەڭ ئشلىگەن ئشچىلارنىڭ يۇرىكىدىن كۆردۇم.مىيپناك بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ قايتا ئۇرۇشقا تىزىملاتقان ئەسكەرلەرنىڭ روھىدىن كۆردۇم.ئاپەتلىك قۇيۇن ۋە كەلكۇن كۆرۇلگەندە يات كىشلەرگە پاناھ بولغان ئاقكۆڭۈل ئۆي ئىگىلىرىنڭ ئاقكۆڭۈللۇكىدىن كۆردۇم.
سىلەرگە مەلۇملۇقكى،دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن باي،لىكىن بىزنى باي قىلىدىغان نەرسە ئۇ بايلىق ئەمەس،بىزنىڭ ئارمىيمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ كۇچلۇك،بىراق بىزنى كۇچلۇك قىلىدىغنى ئارمىيە ئەمەس،بىزنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتلىرىمىز ،بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز دۇنيانى ھەسەتتە قويىدۇ.بىراق جاھاننى بىزنىڭ ساھىللىرىمىزغا جەلىپ قىلىدىغىنى بۇ لار ئەمەس.
ئەكسىچە،ئامرىكا روھى ،ئامرىكا ئەھدسى بىزنى يولىمىز غۇۋا بولسىمۇ ئالغا يىتەكلەپ ماڭالايدۇ.بىزنىڭ نۇرغۇن ئوخشماسلىقىمىز بولسىمۇ ،ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ.دەل ئامرىكا روھى بىزنىڭ كۆزىمىزنى كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئەمەس،بەلكى كۆرۇنمەس ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا يوشۇرۇنغان نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۇرەلەيدۇ.

دەل ئاشۇ روھ–بىزنىڭ ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەت مىراسىمىزدۇر.دەل ئاشۇ ئەھدە ئۇچۇن مەن قىزلىرىمنى كىچىسى ئاۋايلاپ ئۇخلىتىمەن.
دەل مۇشۇ ئەھدىنى سىلەر ئۆز-ئارا تۇتقا قىلىسلەر.دەل مۇشۇ ئەھدە كۆچمەنلەرنى ئوكيان كىچىپ ،يول ئاچقۇچىلارنى داۋانلار ئىشپ غەربكە سەير قىلشكە تۇرتكە بولىدۇ.دەل مۇشۇ ئەھدە ئشچىلارنىڭ سىخلارغا قستىلىپ ئشلەشكە،ئاياللارنىڭ سايلامغا بىلەت تاشلىشىغا ئىلھام بولىدۇ.
(ئالقىش)
دەل مۇشۇ ئەھدە بۇندىن 45 يىل بۇرۇن ئامرىكىلىقلارنى مۇشۇ زىمننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدىن ۋاشىنگىتوندىكى بىر سارايغا ،لىنكولىن خاتىرە سارىيغا توپلىشپ،جورجىيە شىتاتىدىن كەلگەن بىر ياش دىن تارقاتقۇچىنڭ ئارزۇسنى ئاڭلاشقا تۇرتكە بولغان.
(ئالقىش)
بۇ يەرگە توپلاشقان ئەر ۋە ئاياللار ئىلگىرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاچچىقلايدىغان،سىلكشلەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.ئۇلار بەلكىم ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان نۇرغۇن ئارزۇلىرىغا يانداش ئۇمۇتسىزلىك ۋە قورقۇنچقا مۇپتىلا قىلمىش پاسسپ سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.
بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە،بىزنىڭ ئامرىكىدا-،قايسى ئىتىقادى گۇرۇپپا ،قايسى ئرق،قايسى ساھەدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر –بىزنىڭ تەقدىرىمىز چەمبەرچەس باغلانغان ،ئورتاقلىشالايدىغان ئارزۇلارنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.
‹‹بىز يالغۇز مىڭىپ بولالمايمىز،يولغا چىققاندا شۇنىڭغا ئشەنچىمىز بولسۇنكى،بىز ھەمىشە ئالدىمىزغا مىڭىشمىز،كەينىمىزگە يانماسلىقىمىز كىرەك.››-دىن تارقاتقۇچى شۇنداق خىتاب قىلغان ئىدى.
ئامرىكا،ئەمدى بىز كەينىمىزگە يانساق بولمايدۇ.
(ئالقىش)
بىز قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئشىمىز تۇرۇپ ،ئوقۇتۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن بالىلىرىمىز تۇرۇپ،ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن پشقەدەم جەڭچىلەر تۇرۇپ،ھەل قىلشقا تىگىشلىك ئىقتىسادى مەسىلىمىز تۇرۇپ،قايتا قۇرۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن شەھەر تۇرۇپ،ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن دىھقانچىلىق مەيدانى تۇرۇپ،قوغداشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئائىلىللەر تۇرۇپ،داۋالاشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ھايات ئىگىلىرى تۇرۇپ،بىز كەينىمىزگە قايتالمايمىز.
ئامرىكا ،بىز كەينىمىزگە قايتالمايمىز،بىز يالغۇز مىڭىپ بولالمايمىز.
مۇشۇ دەقىقىدە،بىز كەلگۇسىگە يۇرۇش قىلىشقا يەنە بىر قىتىم ئەھدە قىلىشمىز كىرەك.بىز ئەنە شۇ ئەھدىنى ،ئامرىكا ئەھدىسنى كۇچكە ئىگە قىلىشىمىز،ئۆزىمىزگە يۇز تۇتقان ئۇمۇتلۇك يولدىن قىلچە تەۋرەنمەي ،ئنجىلدىكى ھەر بىر سۆز-جۇملىگە مەھكەم ئسىلىپ كەلگۇسىگە قەدەم بىسىشىمىز كىرەك.
رەھمەت سىلەرگە.تەڭرى سىلەرگە بەخىت –سائادەت يار قىلغاي،تەڭرى ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئامەت يار قىلغاي.

(تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن )

تولۇق ئوقۇش

ناماز ئوقۇش قائىدىسى

نامازنى كامىل ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۇللۇق تاھارەت ئېلىشىمىز لازىم .
تاھارەت ئېلىش قائىدىسى ؛
-1بىسمىللەھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلىماق .
-2قولنى بېغىشىغىچە 3 قېتىم پاكىز يۇيمىز .
-3ئىستىنجا قىلماق . يەنى ،
ئىستىنجا قىلىش دىگەنلىك ئالدى پىشاپ بىلەن كەينى پىشاپنى ( ئەۋرەت ) نى سول قول بىلەن پاكىزسۇ بىلەن 3 قېتىمدىن يۇقىرى يۇيىمىز، ( كۇڭۇلدە پاكىز بولدى دېگىچە يۇيساق بولىدۇ(.
-4ئىككى قولنى بېغىشىغىچە 3 قېتىم پاكىز يۇيمىز ،
-5ئاغزىغا ئوڭ قول بىلەن 3 قېتىم سۇ ئېلىپ غار – غار قىلىپ چايقىماق . (رامزاندا ئۇنداق قىلمايمىز ، ئۇ ۋاقىتتا ئېغىزغا يەڭگىل سۇ ئېلىپ چاقايمىز (
-6 بۇرنىغا ئوڭ قول بىلەن 3 قېتىم سۇ ئېلىپ (مەزە – مەزە) قىلىپ سول قول بىلەن مىشقىرىش ،

-7يۈزىنى چاچ چىققان يەردىن باشلاپ ، ئوڭ – سول قۇلاقنىڭ يۇمشىغى بىلەن قوشۇپ ئىڭەكنىڭ ئاستىغىچە 3 قېتىمدىن يۇيماق . ساقىلى بار كىشى بولسا ساقالغا خەلەل قىلىدۇ يەنى قۇلىنى ھول قىلىپ ھول قۇلى بىلەن ساقالنى ئارىلايدۇ .
-8ئىككى قولنى جەينەك بىلەن قوشۇپ 3 قېتىم يۇيماق ، ئالدى بىلەن ئۇڭ قولنى يۇيىمىز ئاندىن سول قولنى يۇيىمىز .

-9باشقا مەسھى قىلماق ( باش ۋە قۇلاقنى ھۆل قول بىلەن سىلىماق ، ئالدى بىلەن ئىككى قولنى ھول قىلىمىز ئاندىن باشنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ ئىككى قول بىلەن سىلايمىز قول گەدەنگە بېرىپ بولغاندىن كىيىن كەينىگە ياندۇرۇپ يەنە باشنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كىلىمىز . بۇنى ئەڭ ياخشىسى بىرسى قىلغاننى كورگەن ياخشى . )

-10 ئىككى پۇتنى (ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتتىن باشلاپ ) ئۇشۇقى بىلەن قوشۇپ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى قول بىلەن ئۇۋلاپ 3 قېتىم يۇيماق .


1 - بامدات نامىزىنى ئوقۇش قائىدىسى

بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى سۇبھى يۇرىغاندىن باشلاپ كۇننىڭ توغىچى پەيدا بولغانغا قەدەر بولىدۇ .

بامدات نامىزى جەمئىي 4 رەكئەت بولۇپ ، ئىككى رەكئەت سۇننەت ئىككى رەكئەت پەرىز ، ئاۋۋال 2 رەكئەت سۈننەتنى ، ئۇنىڭدىن كېيىن 2 رەكئەت پەرىز نامازنى ئۇقۇيمىز .

سۈننەت نامازلار ئىچىمىزدە مەخپى ئۇقۇلۇدۇ ، يەنى ئاۋازنى چىقارماي ئۇقۇيمىز يېنىمىزدا تۇرغان ئادەم ئۇقۇۋاتقان سۈرىمىزنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى پەرىق ئىتىپ بولالمىغىدەك بولسا بولىدۇ .

ئەزان ئيتىلىپ بولغاندىن كېيىن ،ئىككى رەكئەت سۈننەت نامىزى ئۇقۇيمىز . ئالدىدا ئۇقۇپ سالغان بولساقمۇ بولىدۇ .

ئالدى بىلەن ئۇقۇماقچى بولغان نامازغا نىيەت قىلىمىز ( مەن مۇشۇ بامداتنىڭ سۇننىتىنى ئۇقۇماقچى دېگەننى كۇڭۇلگە پۇكسەك بولدى ، نىيەت دېگەن كۇڭۇلدە بولىدۇ ، ئاۋازلىق نىيەت قىلىشنى ئىبنى تەيمى رەھىمەھۇللا بىدئەت دېگەن ) ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر ، دەپ ئىككى قولنى قۇلاقنىڭ باراۋىرىدە كۈتۈرۈش بۇ ۋاقىتتا ئالقاننىڭ يۈزىنى قىبلىگە قارتىش بارماقلىرىنى بەك ھىملىۋەتمەسلىك ھەم بەك ئېچىۋەتمەسلىك لازىم .

ئۇنىڭدىن كېيىن سول قولنىڭ ئۈستىگە ئوڭ قولنى قۇيۇپ قولنى كىندىكنىڭ ئۈستىگە ( ئاياللار كۆكرەكنىڭ ئۈستىگە ) ئېلىشى لازىم .

ئۇنىڭدىن كېيىن ، سۇبھنكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋەتەئەلاجەددۇكە ۋەلائىلاھە غەيرۇك .دەپ ئاندىن سۈرە فاتىھەنى (ئەلھەمدۇ )نى ئۇقۇيمىز :

ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين . ئەررەھمانىرراھىيمى .مالىكىيوۋمىددىين . ئىيياكەنەئىبۇدۇ ۋائىيياكەنەستەئىيىن . ئىھدىنەس سىراتەل مۇستەقىيم . سەراتەل لەزىينە ئەنئەمتەئەلەيھىم . غەيرىل مەغزوبى ئەلەيھىم ۋەلەززالىين . ئاندىن ئامىين دەيمىز . سۈرە پاتىھە تامام بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا يەنە بىر سۈرە قۇشۇپ ئۇقۇلىدۇ ،تۆۋەندىكىدەك:

قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد . ئاللاھۇ سەمەد . لەم يەلىد ۋەلەم يۇلەد . ۋە لەم يەكۈن لەھۇ كۇفۇۋەن ئەھەد .

بۇنى ئۇقۇپ بولۇپ ئاللاھۇئەكبەر دەپ ئىككى تىزنى تۇتۇپ (90 گرادۇس ئىگىلىپ رۇكۇقىلىپ ئىچىمىزدە« سۇبھانە رەببىيەلئەزىم» نى 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ بولۇپ ، ئىچىمىزدە« سەمىئاللاھۇلىمەن ھەمىدە » دەپ ئۈرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە«رەببەنالەكەلھەمدۇ ھەمدەن كەسىيران تەييىبەن مۇبارەكەن پىيھى»نى ئۇقۇپ ئاللاھۇ ئەكبەر ( ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەن تەكبىر سۇنننەت نامازلىدا ئىچىدە دېيىلىدۇ ) دەپ سەجىدىگە باش قۇيۇپ « سۇبھانە رەببىيەلئەئىلا » 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجدىدىن تۇرۇپ ئولتۇرۇپ «رەببىغفىرلى» نى ئۇچ قېتىم ياكى بىر قېتىم دەپ ئىككىنچى سەجىدىگە يەنە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ باش قۇيىمىز سەجدىدە « سۇبھانە رەببىيەلئەئىلا» نى 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ ( ئۇچ قېتىم دېسىمۇ بولىدۇ ئەڭ توۋەن ئولچەم ئۇچ قېتىم دېيىش) ئىككىنچى رەكئىتىگە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سۈرە فاتىھەنى (ئەلھەمدۇ )نى ئۇقۇيمىز :

ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين . ئەررەھمانىرراھىيمى .مالىكىيوۋمىددىين .ئىيياكەنەئىبۇدۇ ۋائىيياكەنەستەئىيىن . ئىھدىنەس سىراتەل مۇستەقىيم . سەراتەل لەزىينە ئەنئەمتەئەلەيھىم . غەيرىل مەغزوبى ئەلەيھىم ۋەلەززالىين .(ئامىين) يەنە بىر سۈرە قوشۇپ ئۇقۇلىدۇ ،

تۈۋەندىكىدەك : قۇلئەئۇزۇبىرەببىلفەلەقى . مىن شەررى ماخەلەق . ۋە مىن شەررى غاسىقىن ئىزا ۋەقەب . ۋە مىن شەررىننەففاساتى فىلئۇقەدى . ۋە مىن شەررى ھاسىدىن ئىزا ھەسەد .

بۇ سۈرىنى ئۇقۇپ بولۇپ ئىككىنچى رەكئەتكە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى تىزنى تۇتۇپ (90 گرادۇس ئىگىلىپ رۇكۇقىلىپ ئىچىمىزدە« سۇبھانە رەببىيەلئەزىم »نى 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ بولۇپ ئىچىمىزدە«سەمىئاللاھۇلىمەن ھەمىدە» دەپ ئۈرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە «رەببەنالەكەلھەمدۇ ھەمدەن كەسىيران تەييىبەن مۇبارەكەن پىيھى » نى ئۇقۇپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجىدىگە باش قۇيۇپ « سۇبھانە رەببىيەلئەئىلا » 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئولتۇرۇپ «رەببىغفىرلى »دەپ ئىككىنچى سەجىدىگە باش قۇيۇمىز « سۇبھانە رەببىيەلئەئىلا» نى 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ ئەتتەھياتۇغا ئولتۇرمىز .ئەتتەھياتۇغا ئولتۇرغاندا ئىككى قۇلىمىزنى تىزىمىزنىڭ تۆپىسىگە قۇيۇپ ،ئوڭ پۇتنى تىكلەپ سول پۇتىمىزنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ :

ئەتتەھياتۇ لىللاھى ۋەسسەلاۋاتۇ ۋاتتەيىباتۇ ئەسسەلەمۇ ئەلەيكە ئەييۇھانەبىيۇ ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھۇ . ئەسسەلەمۇ ئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللىھىسسالىھىينە ئەشھەدۇئەنلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەراسۇلۇھۇ .

ئۇنىڭدىن كىيىن :

ئاللاھۇممە سەلىئەلا مۇھ ئەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد ، كەمە سەلەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھيىمە ئىننەكەھەمىدۇنمەجىيد .

ئۇنىڭدىن كىيىن :


ئاللاھۇممە بارىكئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد . كەمە بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ئىننەكەھەمىدۇنمەجىيد .

ئۇنىڭدىن كىيىن :

ئاللاھۇممەرەببەنا ئاتىنا فىدۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتىھەسەنەتەن ۋەقىينا ئەزابەننار . نى ئۇقۇپ بولۇپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ » دەپ ئوڭ تەرەپكە سالام بىرىمىز ، ئاندىن « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ »دەپ سول تەرەپكە سالام بىرىمىز . شۇنىڭ بىلەن ئىككى رەكئەت سۈننەت ناماز ئادا بولغان بۇلۇدۇ .

ناماز بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت پەرىز نامىزىنى ئوقۇش قائىدىسى :


ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن ، تەكبىر ئېيتىلىدۇ .يەنى «ئاللاھۇئەكبەر»نى 4 قېتىم دەيمىز ،

«ئەشھەدۇئەللە ئىلاھە ئىللەللاھۇ»نى 2 قېتىم دەيمىز ،

«ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدۇن رەسۇللىللاھ »نى 2 قېتىم دەيمىز .

« ھەييە ئەلەسسالا »نى 2 قېتىم دەيمىز .

« ھەييە ئەلەلفەلا » نى 2 قېتىم دەيمىز .


«قەددى قامەتىسسەلا » نى 2 قېتىم دەيمىز .


« ئاللاھۇ ئەكبەر »نى 2 قېتىم دەيمىز .


«لائىلاھە ئىللەللاھ » نى 1 قېتىم دەيمىز . تەكبىر ئەزانغا قارىغاندا تىز ئېيتىلىدۇ

ئۇقۇماقچى بولغان نامازغا نىيەت قىلىش كېرەك . نىيەت دېگەن ئېغىزدا ئەمەس بەلكى دىلدا بولىدۇ ، ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ

ئىككى قولنى قۇلاقنىڭ باراۋىرىدە كۈتۈرۈش بۇ ۋاقىتتا ئالقاننىڭ يۈزىنى قىبلىگە قارتىش بارماقلىرىنى بەك ھىملىۋەتمەسلىك ھەم بەك ئېچىۋەتمەسلىك لازىم . شۇنىڭ بىلەن نامازغا كىرگەن بولىمىز ، بۇ تەكبىرنى ئېيتىپ بولغاندىن كىيىن ئىككى تەرەپكە قاراشقا ، گەپ قىلىشقا باشقىلارنىڭ سالىمىغا جاۋاپ قايتۇرۇشقا بولمايدۇ . پەقەت سەجدە قىلىدىغان ئۇرۇنغا قاراپ تۇرىمىز .

ئۇنىڭدىن كېيىن سول قولنىڭ ئۈستىگە ئوڭ قولنى قۇيۇپ قولنى كىندىكنىڭ ئۈستىگە ( ئاياللار كۆكرەكنىڭ ئۈستىگە ) ئېلىشى لازىم .

ئۇنىڭدىن كېيىن ، سۇبھنكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋەتەئەلاجەددۇكە ۋەلائىلاھە غەيرۇك .دەپ سۈرە فاتىھەنى (ئەلھەمدۇ )نى ئۇقۇيمىز ،

( ئەرلەر جامائەت بىلەن ئۇقۇغان بولساق ئىمام ئاخۇنۇم ئۇقۇيدۇ بىز جىم تۇرىمىز . يالغۇز ئۇقۇغان بولساق پەرىز نامازنى ئۈنلۈكرەك ئۇقۇيمىز . ) ( ئاياللار پەرىز نامازلارنىمۇ ئىچىدە مەخپىرەك ئۇقۇيدۇ )

ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين . ئەررەھمانىرراھىيمى .مالىكىيوۋمىددىين . ئىيياكەنەئىبۇدۇ ۋائىيياكەنەستەئىيىن . ئىھدىنەس سىراتەل مۇستەقىيم . سەراتەل لەزىينە ئەنئەمتەئەلەيھىم . غەيرىل مەغزوبى ئەلەيھىم ۋەلەززالىين . (ئامىين) بۇ يەردىمۇ يەنە بىر سۈرە قوشۇپ ئۇقۇلىدۇ ،تۈۋەندىكدەك :
قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد . ئاللاھۇ سەمەد . لەم يەلىد ۋەلەم يۇلەد . ۋە لەم يەكۈن لەھۇ كۇفۇۋەن ئەھەد . نى ئۇقۇپ بولۇپ ئاللاھۇئەكبەر دەپ ئىككى تىزنى تۇتۇپ (90 گرادۇس ئىگىلىپ رۇكۇقىلىپ ئىچىمىزدە«سۇبھانە رەببىيەلئەزىم» نى 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ بولۇپ ئىچىمىزدە« سەمىئاللاھۇلىمەن ھەمىدە » دەپ ئۈرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە« رەببەنالەكەلھەمدۇ ھەمدەن كەسىيران تەييىبەن مۇبارەكەن پىيھى» نى ئۇقۇپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجىدىگە باش قۇيۇپ « سۇبھانە رەببىيەلئەئىلا» 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئولتۇرۇپ «رەببىغفىرلى » دەپ ئىككىنچى سەجىدىگە باش قۇيۇمىز «سۇبھانە رەببىيەلئەئىلا» نى 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ ئىككىنچى رەكئىتىگە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سۈرە فاتىھەنى (ئەلھەمدۇ )نى ئۇقۇيمىز :

ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين . ئەررەھمانىرراھىيمى .مالىكىيوۋمىددىين . ئىيياكەنەئىبۇدۇ ۋائىيياكەنەستەئىيىن . ئىھدىنەس سىراتەل مۇستەقىيم . سەراتەل لەزىينە ئەنئەمتەئەلەيھىم. غەيرىل مەغزوبى ئەلەيھىم ۋەلەززالىين.(ئامىين) يەنە بىر سۈرە قوشۇپ ئۇقۇيمىز تۈۋەندىكدەك :
قۇلئەئۇزۇبىرەببىلفەلەقى . مىن شەررى ماخەلەق . ۋە مىن شەررى غاسىقىن ئىزا ۋەقەب . ۋە مىن شەررىننەففاساتى فىلئۇقەدى . ۋە مىن شەررى ھاسىدىن ئىزا ھەسەد .
بۇ سۈرىنى ئۇقۇپ بولۇپ ئىككىنچى رەكئەتكە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى تىزنى تۇتۇپ (90 گرادۇس ئىگىلىپ رۇكۇقىلىپ ئىچىمىزدە«سۇبھانە رەببىيەلئەزىم » نى 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ بولۇپ ئىچىمىزدە« سەمىئاللاھۇلىمەن ھەمىدە » دەپ ئۈرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە « رەببەنالەكەلھەمدۇ ھەمدەن كەسىيران تەييىبەن مۇبارەكەن پىيھى» نى ئۇقۇپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجىدىگە باش قۇيۇپ « سۇبھانە رەببىيەلئەئىلا » 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ سەجدىدىن باش كوتۇرۇپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئولتۇرۇپ ، ئولتۇرغان ھالەتتە «رەببىغفىرلى » دەپ ئۇچ قىتىم دەيمىز ، ئەڭ بولمىدى دېگەندە بىر قېتىم دىسىمۇ بولىدۇ . ئاندىن ئىككىنچى سەجىدىگە باش قۇيۇمىز « سۇبھانە رەببىيەلئەئىلا»نى 3 قېتىمدىن يۇقىرى دەپ ئەتتەھياتۇغا ئولتۇرمىز .ئەتتەھياتۇغا ئولتۇرغاندا ئىككى قۇلىمىزنى تىزىمىزنىڭ تۆپىسىگە قۇيۇپ ،ئوڭ پۇتنى تىكلەپ سول پۇتىمىزنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ : ئەتتەھياتۇ لىللاھى ۋەسسەلاۋاتۇ ۋاتتەيىباتۇ ئەسسەلەمۇ ئەلەيكە ئەييۇھانەبىيۇ ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھۇ . ئەسسەلەمۇ ئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللىھىسسالىھىينە ئەشھەدۇئەنلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەراسۇلۇھۇ .

ئاللاھۇممە سەلىئەلا مۇھ ئەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد ، كەمە سەلەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھيىمە ئىننەكەھەمىدۇنمەجىيد .

ئاللھۇممە بارىكئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد . كەمە بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ئىننەكەھەمىدۇنمەجىيد .

ئاللاھۇممەرەببەنا ئاتىنا فىدۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتىھەسەنەتەن ۋەقىينا ئەزابەننار . نى ئۇقۇپ بولۇپ « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ » دەپ ئوڭ تەرەپكە سالام بىرىمىز « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ » دەپ سول تەرەپكە سالام بىرىمىز .

ئاندىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئۇقۇيمىز . يەنى :

ئەئۇۋزۇبىللەھىمىنەششەيتانىررەجىم

بىسمىللەھىررەھمانىررەھىم،

ئايتەلكۇرسنى ئۇقۇيمىز ؛

ئاللاھۇ لائىلاھە ئىللەھۇۋە ئەلھەييۇل قەييۇم لەتئەخۇزۇھۇ سىنەتۇ ۋەلانۆۋم . لەھۇمافىسسەماۋاتى ۋەمافىلئەرزىمەنزەللەزى يەشفەئۇ ئىندەھۇ ئىللەبىئىزنھى .يەئىلەمۇمابەينەئەيدىھىم ۋەماخەلفەھۇم ۋەلا يۇھيتۇنە بىشەيئىم مىنئىلمىھى ئىللەبىماشائە . ۋەسىئەكۇرسىيۇھۇس سەماۋاتى ۋەلئەرز . ۋەلەيەئۇدۇھۇ ھىفزۇھۇما . ۋەھۇۋەل ئەليۇلئەزىيم .

ئاندىن سۇبھانەاللا ، نى 33 قېتىم ئۇقۇيمىز ،

ئەلھەمدۇلىللا ، نى 33 قېتىم ئۇقۇيمىز ،

ئاللاھۇ ئەكبەر ، نى 33 قېتىم ئۇقۇيمىز . بۇنى ئۇقۇپ بولۇپ مۇنۇ دۇئانى ئۇقۇپ دۇئا قىلىمىز . ( باشقا ئۇزى خالىغان ياخشى دۇئالىنى قىلسىمۇ بولىدۇ ، ئەرەپچە قىلالمىسا ئۇيغۇرچە قىلسىمۇ بولىدۇ )


ئاللاھۇممە ئەنتەراببى لائىلاھە ئىللەئەنتە خالەقتەنى ۋەئەنا ئەبدۇكە ۋەئەلا ئەھدىكە ۋە ۋەھدىكە مەستەتەتۇ ئەئۇۋزۇبىكە مىنشەررى ماسەنەھتۇ ئەبۇئۇلەكە بىنىھمەتىكە ئەلەييە ۋەئەبۇئۇ بىزەنبى پەغپىرلى پەئىننەھۇ لايەغپىرۇز زۇنۇبى ئىللەئەنتە بىرەھمىتىكە يە ئا ئەرھەمەرراھىمىين . ( ئامىين )

يۇقىرىقى دۇئانى ئۇقۇپ بولغاندىن كېيىن نامازنى تاماملايمىز

تولۇق ئوقۇش

ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﺷﻰ

بوۋامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە ھەر قىتىملىق قۇتلۇق كۈنلەردىكى ( 11 - ئاينىڭ 12 كۇنى ۋە 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنلىرى ) تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە مىللى ئارمىيىنىڭ پىيادىلار قىسمى غۇلجىدا ھەربى پاراتتىن ئۆتەتتىكەن . پاراتتىن ئۆتكۈچى قىسىم ئالدىدا بىر ئوركىستىر قىسمى مۇشۇ مارىشنى چىلىپ ماڭاتتىكەن . كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان رىتىملىق مۇزىكا ، ئۆز پەرزەنت قىسىمنىڭ رەتلىك ، چەبدەس ، مەردانە ھالىتىنى كۆرگەن خەلىق كۆزىگە ئىسسىق ياشلار ئېلىشاتتىكەن .ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﺷﻰ



قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قېنىمىز،

سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز پىدا بولسۇن جىنىمىز.



قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى،

قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئەھدى-ئىمانىمىز.



يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،

ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بىزنىڭ نامىمىز.



يارۇ-ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،

شانۇ-شەۋكەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.



ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن،

نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.



چىقتى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،

ياشىسۇن! مىڭ ياشىسۇن!! گۈزەل ئىستىقبالىمىز..

تولۇق ئوقۇش

سۈكۈتتىكى ئۇيغۇرلار

كۇنمىڭدا يۈزبەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ بولغىنىغىمۇ بىر ھەپتە بولدى. گەرچە بۇ دېلو تېخى پاش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشى گۇمانىنى ئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى»غا قاراتتى. بۇ ئەسلىدىمۇ قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر «چەمبىرەك ئەپسۇنى» بولۇپ بېشىغا تاقالدى. ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق گۇمان قىلىشنىڭ رېئال سەۋەبى بار. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىك ئۇچۇرلىرىدا ئۇيغۇر "شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى" جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورچى ئۇنسۇرلار، بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن بولۇپ قالدى، ھەتتا "دېموكراتىيە، ئەركىنلىك"نىڭ ئۈلگىسى بولمىش ئامېرىكىمۇ "شەرقىي تۈركىستانچى" (توغرىسى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى --- تەرجىماندىن) لارنى تېررورىستلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئەمما، "شەرقىي تۈركىستانچى"لار پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، "شەرقىي تۈركىستانچى"لار پەيدا قىلغان تېررورلۇقمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى قىلغان تېررورلۇق ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، "شەرقىي تۈركىستانچى"لارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىك خەۋەرلىرىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى تامامەن ئالۋاستىلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى. ئومۇمەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر كىشىسى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقسا، مېھمانسارايلارغا چۈشسە، "ئالاھىدە ئېتىبار"دىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى.


مەن ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمگە، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپى بويىچە، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى لازىم، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولماسلىقى كېرەك، دېگەنىدىم. ئەمما ئۇ ماڭا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مۇستەقىل بولۇشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ھازىرقى ھالەتتىن بىرقەدەر رازى، مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلار ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، دېدى. مەن ھەيران بولدۇم، چۈنكى مەن جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇيغۇر "بۆلگۈنچى كۈچلىرى" دەپ ئەيىبلەشلىرىگە كۆنۈپ قالغانىدىم. ئېھتىمال نۇرغۇن كىشى دائىرىلەر پەيدا قىلغان ساختا ئەھۋالدىن ماڭا ئوخشاش قايمۇقۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەممىلا ئاشكارا ئۇچۇرلاردا كۆپچىلىككە: ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا تېررورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن بۇ مەقسىتىگە يەتمەكچى، دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەمما، ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇر مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتامدۇ ياكى بارلىق ئۇيغۇرمۇ، دېگەننى ئويلايدىغانلار ئىنتايىن ئازچىلىق.

جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىگە ۋە شىنجاڭ سىياسىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەر ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كونىراپ كەتكەن ئىجابىي خەۋەرلىرىدىن زېرىكىپ قالغان بولسا، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدىغان "شەرقىي تۈركىستان" قاتارلىقلارنىڭ تېررورلۇقىغا دائىر خەۋەرلەرگە قىزىقىپ قالىدۇ. ئەمما كەچۈرۈڭ، بۇ خىل خەۋەرلەر مەڭگۈ جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىدۇ، مەسئۇلىيەت مەڭگۈ ئۇيغۇرلارغا يۈكلىنىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا دائىر گەپلىرىنى ئاڭلىمىقىمىز، يازمىلىرىنى كۆرمىكىمىز بەكمۇ تەس.

ئۇيغۇر مىللىتى ئاسانلا بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولىدىغان، ئەمما ئۆزى سادا چىقارمايدىغان مىللەت. ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ مىللىي مەسىلە مۇنبىرىدە تۇرغان تىبەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنى گاس-گاچىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەكلا دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە سىرتتا تەنقىدلەش سادالىرى ئۈزۈلمىسىمۇ، بۇ مىللەت ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، خۇددى ئاشۇ تەنقىدلەردىن بىخەۋەردەك.

خەلقئارادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتى خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئاساسەن ئېرىشەلمەيدۇ، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسى» ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خرىستىئان (كاتولىك دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى دىنلار) غا ئېتىقاد قىلىدىغان غەرب جەمئىيىتى بارلىق مۇسۇلمانلارنى چەتكە قاقتى. شۇڭا، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئاساسەن ئېرىشەلمەيدۇ. تىبەتلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلار غەربتىكى بىرقىسىم ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. چەت ئەلدىكى تىبەتلەرمۇ غەرب جەمئىيىتىگە سىڭىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنى كىم قوللايدۇ؟ ياۋروپادىكى بىرقىسىم دۆلەتلەر ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ئومۇمەن ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىشتىن بولغان بولۇپ، بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. چەت ئەللەردە يۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ غەرب جەمئىيىتىگە سىڭىشمىقى ئىنتايىن تەس، غەربلىكلەرمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن ناھايىتى ئاز گەپ قىلىدۇ.

چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىشى توغرا كەلگەندە، تىبەتكە كىرىش ئۈچۈن ئىجازەتنەمە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، شىنجاڭغا بولسا ناھايىتى ئاسانچىلىق. بىراق، بىز چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە بېرىشقا شۇنچە قىزىقىدىغانلىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ناھايىتى ئاز بارىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ناھايىتى ئاز يازىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. كىشىلەر "جۇڭگوغا قارشى باشلامچى مەتبۇئات" دەپ ئاتايدىغان ببچ ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىقلارمۇ، بۇ تېررورلۇقلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا ئىزدەنمەيدۇ، ئۇيغۇرلارغا داىر مۇلاھىزە ۋە باھالىرىدا پەقەتلا جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەجەبا، شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىتى غەربنىڭ ئاساسلىق مەتبۇاتلىرىدا كۆرۈنسە بولمامدىكەن؟ "سۆز ئەركىنلىكى"نى مۇقەددەس بىلىدىغان غەرب دۆلەتلىرى، نېمىشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقمايدۇ؟

خەلقئارا مەتبۇاتنىڭ ئېتىبارسىز قارىشىدىنمۇ قورقۇنچلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئاشكارا ئىپادە قىلىدىغانلارنىڭ كەمچىللىكىدۇر، جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تىبەتنى قانداق تەشۋىق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، تىبەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاۋام ئارىسىدىكى بىرقىسىم كىشىلەر (ۋېيسې خانىمغا ئوخشاش) تىبەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ، تىبەت كۆچمە ھۆكۈمىتىمۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تىبەتنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى سىرتقى دۇنياغا تارقىتىپ تۇرىدۇ. لاسادا “14-مارت” ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن تىبەتلەر جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بولغان گۇمانىنى ئىپادىلىدى، باشقا كىشىلەر بولسا تۈرلۈك تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ياردىمىدە بۇ گۇمانلارغا داىر ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپتى. ئۇيغۇرلارچۇ؟ تېخنىكا قانچىلىك ئىلغار بولسۇن، ھازىرغىچە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تارقاتقان ئۇيغۇرنى كۆرمىدۇق، سىرتتا پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئانا تۇپرىقىدا نېمە ۋەقەلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىكى تولىمۇ قىيىن. گەرچە رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى سىرتقا ئاڭلىتىشقا بارلىق كۈچىنى چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تىبەتلەردىكى ۋېيسې خانىمغا ئوخشاش سىرتقى دۇنيانى تېخىمۇ ئەمەلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.

پۇقرالارنىڭ سۈكۈتى سىياسىي بېسىمدىن دېيىلسە، ئۇنداقتا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى بولمىش زىيالىيلار بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالماسلىقى كېرەك. خەنزۇلاردىكى بىرقىسىم ۋىجدانىي بۇرچقا تولغان زىيالىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنى ئاشكارا ياكى يېرىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقتا، تىبەتلەردىمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زىيالىيلار بار، بىراق، ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيلىرى نەگە كەتتى؟ بىز شىنجاڭ ئالىي ماارىپىنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىرمۇ زىيالىينى يېتىشتۈرۈپ بەرمىگەنلىكىگە ئىشىنەلمەيمىز. بۇنىڭ بىردىنبىر ئىزاھاتى زىيالىيلارنىڭ ۋىجدانىنى يوقاتقانلىقى، سىياسىي بېسىم ئاستىدا مىللەت مەنپەەتىنىڭ شەخسىي مەنپەەتتىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى دېمەي بولمايدۇ.

غەربلىكلەرنىڭ: «كۆزقارىشىڭغا قوشۇلمايمەن، ئەمما سۆز قىلىش ھوقۇقىڭنى جان تىكىپ قوغدايمەن» دەيدىغان ماقالى بار. بىر قانۇن-تۈزۈملۈك جەمئىيەتتە، ھەرقانداق ئادەم سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەر، تېخىمۇ ئاقلىنىشقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىراق جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتلاردا “شەرقىي تۈركىستان” تېررورلۇق دېلولىرىدا، بىز جىنايەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەشكىل قىلىنغان ۋە ئاقلاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان سوتقا ئەمەس، ئاقلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان سىياسىي سوت مۇنبىرىگە ئاپىرىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. جىنايەت گۇماندارىنى ئۆز مىللىتىنىڭ كىشىلىرى ئاشكارا ئاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.

ياخشى باشقۇرۇلغان بىر دۆلەتتە سۈكۈت ئىچىدە ئۆتىدىغان بىر توپ بولماسلىقى كېرەك. بىز جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بىراق، شىنجاڭ جۇڭگو سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدە بىر تۇپرىقى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۇدا تۆت قارار ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، بۇنى زامانىمىز جۇڭگوسىدىكى ئەپسانە دېمەي بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىشنىڭ ئەكسىچە، سىياسىي ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان نىشانى. 20-30 يىلنىڭ ئالدىدىكىگە ئوخشاش، “مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ” دېگەن سۆز بۇ يەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پرىنسىپى. سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ قولىدا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار خۇددى ئاشتاختا ئۈستىگە قويۇلغان بېلىققا ئوخشايدۇ، كىملا كېلىپ گۆشىنى شىلسا ۋايسىمايدۇ.

ئۇيغۇرلاردىن بىرقىسىم ئادەم تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقىدىغان ئادەم يوق. «ئىتمۇ غەزىپى تۇتقاندا تامدىن سەكرەيدۇ» دېگەن گەپ بار، تېررورچىلارغىمۇ باشقا تاللاش قالمىغان. «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، غەرب جەمئىيىتىمۇ تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى سىياسىي تەدبىرلىرى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. ئەمما جۇڭگو داىرىلىرى مەسىلىنى ئاددىي ھالدا “بۆلگۈنچى ئۇنسۇر”لارنىڭ رادىكاللىقىغا ئارتىشتەك سىياسىي ئۇقۇملار داىرىسىدىلا چۆرگىلىدى، ھەرگىزمۇ مەسىلىنى ئىجتىمائىي سىياسىي، ئىقتىسادىي سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئويلاشمىدى.

ئاجىزلارنىڭ كۈچى كۈچلۈكلەرگە بەس كېلەلمىگەندە، سۆز ئەركىنلىكى بولمىغاندا تېررورلۇق كېلىپ چىقىدۇ. تارىختا “شەرقىي تۈركىستان” دېگەن دۆلەت بولغانمۇ بولسۇن، ھازىرقى شىنجاڭدا تېررورچىلىق ۋەقەلىرى يۈزبېرىۋاتقانمۇ بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەسىلىنىڭ نېگىزى ئەمەس. مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، “شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى” دېيىلىۋاتقان بۇ توپنىڭ يېتەرلىك سۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقى، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئەركىن ھالدا ئاشكارا ئىپادە قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاۋامنىڭ چۈشىنىدىغان-چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇلار داۋاملىق سۈكۈت قىلىۋېرىشتىن ئۆزىنى تارتسا، تېخىمۇ كۆپ ئاۋام ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىدۇ، تېررورلۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەگەر شىنجاڭدىكى تېررورلۇق مەسىلىسىگە گۇمانىتار پوزىتسىيىدە تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزسە، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيىدە تۇرۇپ “بۆلگۈنچى كۈچلەر”بىلەن سۆھبەتلەشسە، شىنجاڭ مەسىلىسى ئاندىن ئاخىرقى ھېسابتا ھەل بولىدۇ، جۇڭگو دۇچ كەلگەن تېررورلۇق تەھدىتى ئاندىن بوشايدۇ.


لۇشۈن ئەپەندى: “سۈكۈت ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقمىساڭ، سۈكۈت ئىچىدە يوقىلىسەن” دېگەنىكەن. ساداسىز ئۇيغۇر مىللىتىگە ئەڭ ئاخىرىدا مانا مۇشۇ ئىككىلا تاللاش قالغان بولۇشى مۇمكىن

تولۇق ئوقۇش

مەن ھەقىقى ئۇيغۇر تۈرك

مەن مەغرۇر قىياپەتتە تۇرۇپ، دۇنياغا شۇنداق جاكالايمەنكى: مەن ھەقىقى تۈرك ! تۈرك بولغاندىمۇ پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئىپتىداسىدىكى ئۇيغۇر تۈركمەن !
ئىپتىدائى ئىنسان تۇركۈملىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا : مەن << تۇران زىنۇلىرى>> - تۇران تىل سېستىمىسى، تۇران ئېرقىغا تەۋە تۇران تىپىدىكى ئىنسان تۈركىمىمەن . مېنىڭ ئېرقى ۋە تىل لەۋھەسىمگە تارىم ۋە چوڭئار(جۇڭغار)نىڭ ئالتۇن تامغىسى بېسىلغان. بۇ ئالتۇن تامغا دەل مورگان ئېيىتقان: << ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى تارىم ئاستىغا كۆمىلگەن >> بىلەن تامامەن بىردەك. بۇ ئالتۇن ئاچقۇچنىڭ گۆھەرقۇلۇبى دەل تۇران يىلتىزى ئاساسىدىكى تۈركىي مىللەتلىرى مەدەنىيىتىدۇر . شۇ مۇناسىۋەتتە << تۇر>>، << تۇران>>،<< تۈركىي>>، << ئۇيغۇر>>، << ساك>>، << ھون>> مېنىڭ چەكسىز ئىپتىخارىمدا...... مەن << تۇر>> سالاھىتىدە: ئۆز ئانا تۇپرىقىمنىڭ مەڭگۈلىك خوجايىنىمەن... << تۇران>> يەنى << تۇرئانت>> سالاھىتىدە: ئۆز پۇشتۇمنىڭ شەرىق، غەرپ ۋە شىمالغا يۆتكىلىشىگە قارشى تۇرۇپ، تۇتىيا تۇپرىقىمدا مەڭگۈلىك تۇرۇشقا ئانت ئىچكەنمەن
..<< تۈرك>>سالاھىتىدە: تۇركىن – ئوتتۇرا يەرنىڭ خوجىسىمەن. <<ئۇيغۇر >> سالاھىتىدە، پەقەت 4000چەۋاداز بىلەن لاچىندەك ياۋغا پەنجە ئۇرغۇنۇمدا ئىسكەندەرنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغانمەن...<< ئۈغۇز>> سالاھىتىدە: بارلىق تۇران قەبىلە _ قەۋىملىرىنى ئانىلىق ئۇرۇق ھۆكۈمرانلىقىدىكى خان ئانامنىڭ كۆكسىدىن سىرغىپ چىققان تۇنجى ئوغۇز سۈتىگە يۈزكېلەلىشىگە ۋە ئەسلى زاتىنى ئۇنتىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغانمەن... << ساك >> سالاھىتىم بىلەن ئوغۇزخان يۈرۈشلىرىدە(ماڭا كۆپ ئالتۇن تەقدىم قىپسەن، شەھەرنى ياخشى ساقلاپسەن دېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا <<ساقلاپ>> دەپ ئات قويدى) بايانى بىلەن ئوخشاش ئۆزتۇپرىقىمنى جەڭگىۋار ھالەتتە قوغدىغانمەن... <<ھون>>سالاھىتىدە: مىلادىدىن4000يىللار بۇرۇن شەرىققە بىرىنچى قېتىم كۆچكەن << تۇر>>لارنىڭ غەربى خان ئانا سىياقىدىكى قاپلان قۇيرۇقلۇق،يولۋاس چىشلىق، ھوشقۇيتىدىغان(ئۇيغۇرچە تارىخى خاتىرىلەر 522-بەت) رەقىپلىرىگە ھوجۇم قىلغاندا ھۇشقۇيتۇپ، ھۇيت... ھۇيت چۇقانلىرى بىلەن( كىنولاردىكى ئامرىكا ھىندىيانلىرىنىڭ ئات ئۈستىدە ھۇجۇمغا ئۆتكەندىكى ھۇيت...ھۇيت غەزىپى بىلەن ئوخشاش) ھۇيت ...ھۇيت ئاۋازىغا تەققاس ھون... مۇبارەك نامىم بىلەن ئات ئۇستىدە قىلىچ ئويناتقانمەن... << تۇخارلار>>(تۇخرى، تۇقسى)سالاھىتىم بىلەن << تۈركىي تىللار دىۋانىي>> دىكى ئىسپىجاپتىن بالاساغۇنغىچە بولغان پۈتكۈل ئارغۇ شەھەرلىرى ئىككى تاغ ئارىسىدا بولغاچقا ئارغۇ شەھەرلىرى دېيىلىدۇ... ئىزاھاتى بىلەن تامامەن بىردەك بولغان << تۇران>>لارنىڭ تاغ ئارىسىدا ئولتۇرغان قىسمى << تۇرئار>>لار تەكرارى << تۇخار>>- مېنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا مەڭگۈلىك ھېرىسمەنلىكىم بىلەن ئات ئۆستى مەدەنىيىتىمنى يىپەك يولى ئارقىلىق جاھانغا تونتقانمەن... << خورلار>>سالاھىتىدە مىلادىدىن 2000يىللار بۇرۇن ئىككىنچى قېتىم شەرىققە سۈرۈلۈپ سەددىچىن(تاۋغاچ- تاۋغىچ- ئوتتا، تاۋدا پۇشۇرۇلغان خىچ) ۋە ئوردۇس يايلىقى ئەتراپىدا خەن سۇلالىسى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە قۇچاقلاشقىنىمدا ئات ئۈستىدىكى ئوقياسىم ھەيۋىتىدە، باشقا قەبىلە ۋارىيانتىمنىڭ ئوتتۇر تۈزلەڭلىككە تالاپەت يەتكۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغانمەن... ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى سالاھىتىم بىلەن ئۈچىنچى قېتىم شەرىققە سۈرۈلگىنىمدە گۈللەنگەن تاڭ دەۋرى بىلەن ھوزۇر – ھالاۋەتتە بىللە بولغانمەن...
<< تۈركىي تىللار دىۋانىي>>نىڭ ياغمىلار سەلتەنەتى بالاساغۇن بىلەن ئوردا كەنىتتە يېزىلىپ تاماملىنىشى، مېنىڭ ھەقىقى تۈركلىكىمنىڭ يىمىرىلمەس ۋە ئىنكارسىز تارىخى ئاساسى.
مەن ھەقىقى تۈرك بولغاندىمۇ - تۈركلەرنىڭ بارلىق قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى<< ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى>>( مىلادى 605-847)، << ئىدىقۇت خانلىقى>> ۋە << قاراخانىلار خانلىقى>>(مىلادى 840-1212)سەلتەنەتىدە ھەمجەھەت قىلغان، ئىتتىپاقلاشتۇرغان ۋە يېمىرىلمەس بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان ئۇيغۇر تۈركمەن!!!
تېخىمۇ كونكىرت ئېيتسام : مەن ئاتا تۈرك ھەم ئاناتۈركمەن.!!!!
مىنىڭ ئانا تۈرك سالاھىتىم: تۇران ۋە تۈركنىڭ ئاپىرىدىگاھى تەكتى ماكان ۋە جۇڭئار تۇتىيا تۇپرىقىمنىڭ ئىللىق ئۆچەكلىك خاسىيىتىدىن.
مىنىڭ ئاتا تۈرك سالاھىتم: << تۈركىي تىللار دىۋانىي>>(1-قىسىم 126-102-بەت)دىكى-
ئايدىم ئاڭار سەۋۈك،
بىزنى تابا نە ئەلۈك.
كەچتىڭ يازى كەرىك،
قىرلار ئەزىز بەزۈك.
ئەي سۆيۈملىكىم، شۇنچە كەڭ دالىلارنى كېزىپ، ئىگىز تاغلاردىن ئېشىپ بىز تەرەپكە قانداق كەلدىڭ ؟ مەناسىدىكى پۈتكۈل تۈركىي قەۋمىگە ھامىلىقىم بىلەن ئاتا تۈرۈكمەن...
قانچا باردىڭ ئەي ئوغۇل،
ئەردىڭ مۇندا ئىنچ ئامۇل.
ئەي ئوغۇل! نەگە كەتتىڭ، بۇ يەردە تىنىچ خاتىرجەم ئىدىڭ...مەزمۇنىدىكى كۆيىنىش، خەيرىخاھلىق ۋە بارلىق تۈرك قەبىلىلىرىگە تىنچلىق، ئاسايىشلىق تىلەش ۋەزنىم بىلەن ئاتا تۈركمەن...
مىنىڭ ساپلىقىم: ئىرسىيەت ۋە گىن خىرەلىكىم بەدىلىگە پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تارىخى كەچمىشلىرىنى قەغەز يۈزىدىكى يېزىق بىلەن ئەمەس، بەجايىكى تۈركىي قەۋىملىرىدىنمۇ كۆپ بولغان ھەر خىل چىرايلار ۋە ئىرسىيەت رەڭدارلىقىم ئارقىلىق خاتىرە قالدۇردۇرغانمەن... مىنىڭ ساپلىقىمنىڭ تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچى، ئوتتۇر ئەسىر مەدەنىيەت مۆجىزسىنىڭ تەۋەيىمىزدىكى يىتۈك ئالىملىرى مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپخاس ھاجىپ ۋە ئەل فارابىدۇر.

ئۇيغۇردىن باشقا تۈركىي مىللەتلىرى پەقەت بىر قەبىلە ۋە بىرنەچچە قەۋم ئارقىلىقلا ھازىرقى مۇبارەك مىللەت سالاھىتىگە ئىگە بولالىدى. ھازىرقى ئاتالمىش: پاكىز نەسەپ لەۋھەسىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى زىننەتلەپ پەخرى سالاپەت بىلەن خورىكىنى ئىگىز قىلىۋاتقانلار، قەبىلىنىڭ مىللەت دەرىجىسىگە كۆتىرىلىش پەشتاقسىمان چوقىسىغا چىقالىغانمۇ ؟....... ياق!!! ئۇيغۇرچۇ ؟ ئۇ تۈركىي مىللەتلىرى ئىچىدىكى بارلىق قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تارىختىن بۇيان ئۆز تېرىتورىيىسى دائىرىسىگە بىرلىك، ھەمدەملىك مۇناسىۋىتىدە جۈر قىلىپ، ئۇيۇشقان، ئىتتىپاقلاشقان(ئۇيغۇر) تۈركنى ھاسىل قىلدى. مەن تۈركىي نامىم بىلەن تارىختا كۆپ تالاپەت ۋە كۆپ رىيازەت چەكتىم . ئاتا ۋە ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھامىسى بولغىنىدەك- ئاتا تۈرك ۋە ئانا تۈرك ھامىلىقىم بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى يىمىرىلگەندە ئۆز قەۋمىمنى رەقىپ ۋە رەپىق دەپ ئايرىماي قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ساھىپخانى سۈپۈتىدە ئۇلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتىمغۇ !!! ؟ چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىنكى تۆتىنچى قېتىم شەرىققە سۈرۈلگەن قەۋمىمگە ئىرسىيەت ۋە گىن خىرەلىكىگە قارىماي غەرىپكە تەلپۈنگىنىدە ئىللىق قوينۇمنى ئاچتىمغۇ!!!؟ ...... ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ماڭا قېرىلىق يەتتى...... ئەمما مەن نەۋرە- چەۋرىلەردىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم......................................
ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا ئەۋلات تەقەززاسىدا بىر قوساق قېرىداشلارنى گېزەك ھالىتىدە ئەمەس، ياش پەرقىدە بىر ئائىلە قىلدى. ئۇ ئىنسانلار تۇركىمىنىڭ ئىپتىدائى(ئەقلى ئىختىدارى تۆۋەن)ئۆڭكۈر، ئورمان،سازلىق ساناتورىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاستا - ئاستا ھازىرقى تىببى ئىلىم تەكىتلەۋاتقان تۇققانلار ئارا نىكاھلىنىشتىن ساقلىنىش تەجىربىسىنى شەكىللەندۈرىپ ئۈلگۈردى. مانا بۇ تارىخى ئىلغارلىق.
بۇ ئىلغارلىقنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتكەن << تۇر>>لار، يات قەۋىملەرنى ئىلغار نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئويۇشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەقىللىق ئىنسان ئۆلگىللىرىدىن بولغان ساك، تۈركىي، ھون، ئوغۇز ۋارىيانتلىرىنى ئات ئۈستىگە چىقاردى. ئات ئۈستىگە چىقارغاندىمۇ قۇرۇقتىن – قۇرۇق ئەمەس، خۇددى << ئوغۇزمە>>دە تەسۋىرلەنگىنىدەك : << بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ كۆكسىدىن ئوغۇزنىلا ئەمدى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەممىدى>>دىگەن – ئانىلىق ئۇرۇق ھۆكۈمرانلىقىغا ئىسيانكارلىق ئەركەكلىكىدە ئات ئۈستىگە چىقاردى... << قىئات بۇغىنى يىدى، ئېيىقنى يىدى، نەيزەم ئۇنى ئۆلتۈردى...قىئاتنى شۇڭقار يىدى، يا-ئوقۇم ئۇنى ئۆلتۈردى>>دىگەن –قۇرال-جابدۇق ئىختىراسى، ئەقىل دانالىقى ۋە ھۈنەرسازلىق ماھىرلىقى بىلەن ئات ئۈستىگە چىقاردى...
ئىپتىخار جاكاسىمىز شۇكى: بىز تۇركىي مىللەتلىرى ئات ئۈستىدە جەۋلان قىلىۋاتقان، ئوقياسىمىزنى ئالدى- ئارقىمىزغا دەل تەككۈزۈپ ياۋغا زەربە بىرىۋاتقان، يىپەك يولىمىزدا ئىگىز ھارۋىلارنى<< قانقا-قانقا>>ئاۋازى بىلەن خۇددى دەۋىر چاقىدەك ئىلگىرلىتىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، باشقا ئىنسان تۈركۈملىرى ئۆڭكۈر، ئىپىتىدائى ئورمانلىقلاردا پاناھلىنىش ۋە جان ساقلاش ھەلەكچىلىگىدە ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدى مىللىتىنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك، تالانتلىق مىللەت بولالىشى، ئۇنىڭ يەرشارىغا كەڭ تارقىلىپ، ئېچىۋىتىلگەن دۇنيانىڭ تارىخى قىممىتىنى پۈتكۈل مىللەت ئومۇمى ئەزالىرى قوبۇل قىلغانلىقىدىنلا ئەمەس، تېخىمۇ موھىمى ئۆزىنىڭ يىراق تۇققان قەبىلە ئاۋۇندىللىرى ۋە دىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان چاڭلىشىشتەك دۇنياۋى مۇناسىۋەت ماھىرلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىدا. بىزنىڭ تەرەققىيات پەللىمىزنى كۆرۈڭ : ئاتۇشلىقلار ئەنجۈرىنى، قەشقەرلىكلەر ئانىرىنى، خوتەنلىكلەر ياڭىقىنى، غۇلجىلىقلار ئالمىسىنى، تۇرپانلىقلار ئۈزىمىنى، قۇمۇللىقلار قوغىنىنى 30يىل داڭلاشتۇق، ناخشا – ئۇسۇل، مەشرىپىمىزمۇ شۇ تەرىقىدە... زىيالىلىرىمىز چىراي، ئىرسىيەت ۋە گىن پەرقىمىز ھەتتا تۈركنىڭ قەبىلە ۋە قەۋم پەرقى نامايىشى بىلەن ئاۋارە...
تۈرك مىڭ يىل ئىلگىرىلا قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن خوشلاشقان تۇرۇقلۇق. بۈگۈنكى پەخرى زىيالىلىرىمىز ئورتاقلىقىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىشتە يوق ئاتالمىش ئىرقى ئايرىمىچىلىق ۋە ئىنسانىيەت بىرلىك مۇناسىۋىتىدە ئاللابۇرۇن ئىرغىتىپ تاشلىغان قەبىلە (مىللەتنىڭ يۇرتۋازلىق ۋە گوروھۋازلىق ئالامىتى )ماھىيەتلىرى پۈچەكلىكىدە: << رەھىمسىز تارىخ>>نىڭ ئىلمى ھەقىقەتلىرى ئارقىلىق ئەۋلاتلاردا ئپتىخار تۇيغۇسى ئاساسىدا ئىشەنچ، نۇمۇس تۇيغىسىدا جاسارەت پەيدا قىلىش مۇددائالىرىنى ئېغىر كىرزىسكە دۇچار قىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن60ياشتا كامالەت ماقامىغا يىتىپمۇ سەمىمىيەت دادىللىقى بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇر سەمەرىللىرىگە مەسخىرىلىك كۈلگەن. ئەقىدە، ئىزىملىرىنى ئىرغىتىپ تاشلىغان.

بىز رەھىمسىز رىياللىق ئالدىدا ئىرسىيەت ۋە گىن ئۇدۇمىمىزدىكى ئاتالمىش خىرەلىكنى تازىلامدۇق ؟ ياكى ئۇنىڭ تارىخى ئىلغارلىقىنى، بولۇپمۇ سىرىتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنى دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر قوللۇنۇپ، يىپەك يولى ئارقىلىق غەرپ بىلەن شەرىقنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى كۆۋرىكى(ۋاستىچىلىك) ئەۋزەللىكىدە يارىتىلغان مەدەنىيەت مۆجىزلىرىمىز ئارقىلىق ئەۋلاتلارنى تۈكىمەس روھىيەت ۋە ئىرسىيەت ئىمونت كۈچىگە ئىگە قىلامدۇق ؟
پارتىيىمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بىلەن بۇقېتىمقى يەرتەۋرەش ئاپىتىدە پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاپەتكە قارشى ئىرادىسىدىن سېپىل قۇرۇلغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى ۋە بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئەسلى يىلتىزىنى ئىزدەش ھېرىسمەنلىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقىنى ۋە ئەۋلاتلىرىنى پەرىقسىز قۇچاقلىشىشقا سازاۋەر قىلىدۇ. پەرىقسىز قۇچاقلىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى، ئۆزىمىزگە ئۇيغۇر تۈرك تامغىسى بېسىش بىلەن بىرگە، پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرىنى ھەقىقى تۈرك ئىپتىخارىدا ھەمجەھەتلىككە تۇتۇنماق يولىدۇر خالاس.

تولۇق ئوقۇش