-1982يىلى مەلۇم بىر ئونۋېرىستىتنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىقتىساد ئىلمىدىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسكە كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى . شۇ ئارىدا قاتتىق قول ئۇستازىنىڭ قارىسى كۆرۈندى . ئۇ بالىلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويۇپ ، بور بىلەن دوسكىغا يوغان قىلىپ «1 » رەقىمىنى يازدى .
-قاراڭلار ، -دېدى ئۇ ۋەزىنلىك ئاھاڭدا ، - مانا بۇ رەقەم ئىنسانىيلىقنى بىلدۈرىدۇ . ئىنسانىيلىق - بۇ ھاياتلىقتا بىزگە «0» نىڭ قىممىتى
-1982يىلى مەلۇم بىر ئونۋېرىستىتنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىقتىساد ئىلمىدىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسكە كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى . شۇ ئارىدا قاتتىق قول ئۇستازىنىڭ قارىسى كۆرۈندى . ئۇ بالىلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويۇپ ، بور بىلەن دوسكىغا يوغان قىلىپ «1 » رەقىمىنى يازدى .
-قاراڭلار ، -دېدى ئۇ ۋەزىنلىك ئاھاڭدا ، - مانا بۇ رەقەم ئىنسانىيلىقنى بىلدۈرىدۇ . ئىنسانىيلىق - بۇ ھاياتلىقتا بىزگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدۇر .
ئاندىن ئۇ «1 » رەقىمىنىڭ ئارقىسىغا «0 » رەقىمىنى يېزىپ :
-مانا بۇ مۇۋەپىقىيەتنى بىلدۈرىدۇ . ئىنسانىيلىق مۇۋەپىقىيەت بىلەن بىرلەشسە ، «1» نى «10» غا ئايلاندۇرىدۇ ، دەپ چۈشەندۈردى . ئاندىن ئۇستاز دوسكىدىكى ساننىڭ كەينىگە يەنە بىر دانە «0 » رەقىمىنى قوشۇپ :
-مانا بۇ تەجرىبىدۇر . ئەگەر تەجرىبىڭىز مول بولسا قىممىتىڭىز «100 » ئايلىنىدۇ . ئاندىن بۇنىڭ ئارقىسىغا ئىجتىھات ، قابىليەت ، ئىنتىزام ، سۆيگۈ ۋەكازاغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «0» لەرنى قوشۇۋېرىڭ . قوشۇلۇپ مېڭىۋاتقان ھەر بىر «0 » ئىنسانىيلىقنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ ماڭىدۇ .دېدى .
ئاندىن ئۇ قولىغا ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ ئەڭ بېشىدىكى «1» نى ئۆچۈرىۋەتتى . بۇنىڭ بىلەن دوسكىدا بىر تالاي »0 » لەر قالدى .
ئۇستاز سۈكۈتكە چۆمگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن ، ناھايىتى سالماقلىق بىلەن :
- مانا قاراپ تۇرۇپسىلەركى ، ئىنسانىيلىق بولمىسا ، باشقىسىنىڭ ھەممىسى بىكار !!! - دېدى .
سىنىپتا ئېغىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە بولىدۇ .
ئەسلى مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى
ناچاروپنىڭ ئىشلىرى
-
ناچاروپنىڭ ئىشلىرى
ئاپتورى: ئابدۇۋېلى راخمان ھەققانى
% L5 n9 l/ y% Za$ M. e. Q8 q& ياخشىلارنى كۆرگەندە،غۇچۇرلايدۇ چىشلىرى،
تىنىم تاپماي غەيۋەتنى قىلۇ...
1 ئىنكاس:
سىناق ئىنكاس نورمال
发表评论