2010年11月18日

تور مەشغۇلات سىستېمىسى ، بۇلۇت ۋە بىز

تور مەشغۇلات سىستېمىسى ، بۇلۇت ۋە بىز




































تور مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە بۇلۇت ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ بېقىش نىيتىم بار ئىدى، لىكىن سۆزنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي بۈگۈنگە قالدى. بۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا پايدىلانغان ماترىياللار ئۆزۈمنىڭ توردىن كۆرىۋالغان قىسقىچە مەزمۇنلار بىلەن بىر قانچە يىللىق ئۆگۈنۈش جەريانىدىكى ھىس قىلغانلىرىم، شۇڭا خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.






بىر قىسىم ئەقىللىق كىشىلەر شۇنداق بىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياساپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا تور مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ ئىسىم قويدى، ئۇلار بۇ سىستېمىنى تورغا قاچىلاپ قويۇپ كىشىلەرگە "ئەي كىشىلەر سىلەر ئەمدى كومپيۇتېر ئىشلەتمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ(مەشغۇلات سىستېمىسىنى كۆزدە تۇتماقچى)، بىز ياسىغان بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى سىلەرنى كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلايمەن، ۋىروس تازلايمەن، ھەقىقىي نۇسخدىكى دىتال سېتۋالىمەن، ئۇيغۇرچە تونىتىمەن، قاتتىق دېسكا ئالىمەن، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئاشۇرمەن دىگەندەك ئاۋارچىلىقلاردىن خالى قىلىدۇ" دەپ جار سالدى، بىز ۋاي توۋا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ دەپ ياقا تۇتۇشتۇق، ئاللا توۋا دېيىشتۇق، ئىشەنگىمىز كەلمىدى، لىكىن ئۇزاققا بارماي بۇ ئەقىللىق كىشىلەر بۇ سىستېمىسىنى خەقلەرنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشى ئۈچۈن سىرىتقا ئېچىۋەتتى، دەل مۇشۇ چاغدا بىز ئاندىن بۇنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىز بۇندىن ئىلگىرى ئاتاپ كەلگەن "تور" نىڭ خەقنىڭ ئۆيىدىكى بىر كومپيۇتېر ئىكەنلىكنى ھەقىقىي ھىس قىلىشتۇق.









شۇنداق "تور" ئۇ بىر خەقنىڭ كومپيۇتېرىدىكى قاتتىق دېسكا، تورغا ساقلانغان ھەممە نەرسە شۇ قاتتىق دېسكغا قاچىلانغان بولۇپ بۇ ئەمدى بىزدىن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، ئەگەر ھەممىمىز ئاشۇ "تور"غا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىگە بولساق بىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بوپ كىتىدۇ؟





















1- بىزدە سىستېمىغا كىرىدىغان بىرتال ئابونىت نۇمۇرى ۋە پارول بار بولىدۇ.









2-بىز تور كۆرگۈچكە تورىدىكى كومپيۇتېرىمىزنىڭ ئادىرىسنى كىرگۈزسەك ئابونىت نۇمىرى ۋە پارول تەلەپ قىلىدۇ، بىز تىزىملىتىپ كىرىمىز.









3- بىز بۇيەردە تورغا چىقىمىز، پاراڭلىشىمىز، خەۋەر كۆرىمىز، سىنلارنى كۆرىمىز، ناخشىلارنى ئاڭلايمىز، خالىساق ساقلىۋالىمىز، خالىساق ئۆچۈرىمىز.









بىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىمىز، مەشغۇلاتلىرىمىز، ئاشۇ تورىدىكى كومپيۇتېرىمىزدا ساقلىنىدۇ.(سىز ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر، ناخشىلار، رەسىملەر، ماقالىلەر ھەتتا ئويۇنلار ھەممىسى مۇشۇ يەردە)









3-بىزگە لازىملىق بارلىق دىتاللار ئاشۇ مەشغۇلات سىستېمىسىدا بار بولۇپ ئىشلىتىدىغانلىرىمىزنى "ئۈستەل" گە چىقىرىۋالىمىز، ئىشلەتمىسەك ئۆچۈرۋىتىمىز. دىتاللارنى دىتال مەركىزىدىن خالىغاندا قاچىلاپ خالىغاندا ئۈچىرەلەيمىز، بۇ شۇنداق بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ بەك پاكىز، بۇيەردە ۋىروس ئاساسەن بولمايدۇ، بوپ قالسا بۇ توردىكى كومپيۇتېرنىڭ ئىگىسى سىزگە تازىلاپ پاكىزلاپ بىرىدۇ.









4-ئەگەر جىددىي ئىشىمىز چىقىپ قېلىپ تور كۆرگۈچنى تاقاپلا چىكەتسەك، كىيىن قايتا كىرگەندە بىز كۆرىۋاتقان كىنو ۋە بارلىق مەشغۇلاتلار ئاشۇ قالغان پېتى ساقلانغانلىقىنى كۆرىمىز،بىز خىزمەتنى ئاشۇ توختىغان پەيىتتىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىمىز.









5- بىز خىزمەت بىلەن باش شىركەتكە دوكلاتقا باردۇق، لىكىن ھىچقانداق ماترىيال كۆتۈۋېلىشنىڭ ئورنى يوق، نىمىشقا چۈنكى تور بار ھەرقانداق ئورۇندا سىز بۇ تورىدىكى كومپيۇتېرىڭىزنى ئاچالايسىز، بارلىق ماترىياللىرىڭىزنى ئېچىپ كۆرەلەيسز، دوكلات بىرەلەيسىز، يىغىپ قويغان ئۇچۇرلارنى خەقكە يۆتكەپ بىرەلەيسىز.





















دىمەكچى بىز بۇ سىستېمىغا ئىگە بولساق تور بولغانلىكى ھەرقانداق ئورۇندا، ھەرقانداق ۋاقىتتا، تورغا كىرگىلى بولىدىغان ھەراقانداق ئۈسكىنىدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنى بىمالال قىلالايمىز.









مەسىلەن: ئۆيدىكى كومپيۇتېردا، تېلېفۇندا، تېلېۋىزوردا، لەپتوپتلاردا...









سىزنىڭ تېلېفۇنغا ساقلىغان بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىز تېلېفۇن كارتىڭىزغا ئەمەس مۇشۇ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ساقلىنىدۇ، تېلېفۇن خاتىرىسى، قىسقا ئۇچۇر،سۈرەت،سىن، ماترىياللار...









سىز ئۆيىڭىزدە تېلېۋىزوردا كۆرىۋاتقان كىنونىڭ ئاخىرىنى تېلېفۇنىڭىزدا كۆرگەچ ئىشقا بارىسىز، كەچلىك خەۋەرنى ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردا بېشىنى كۆرۈپ تېلېفۇندا ئوتتۇرسىنى كۆرۈپ ئۆيدىكى تېلېۋىزوردا ئاخىرىنى كۆرىسز...









يۇقىرىدا تور مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ نىمە ئىكەنلىكى قوللىنىش جەھەتتىن چۈشىنىپ ئۆتتۇق، ئەمدى ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.









بۇ سىستېمىنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشى Web operating system بولۇپ قىسقارتىلىپ Web OS دىيىلىدۇ، خەنزۇچە 网络操作系统 دىيىلىدۇ.









ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنگەن قىسىمى بولۇپ توردا بولىدىغان ھىسابلاش ۋە سىز ئىشلەتكەن تورغا چىقىش ئۈسكىنىسىدە بولغان ھىسابلاشدىن ئىبارەت.









توردا بولغان ھىسابلاش سىزنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىسىدا قىلغان مەشغۇلاتىڭىز سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان ھىسابلاشلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ھىسابلاشلار توردىكى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغان بېسىم چۈشۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ سىز ئىشلەتكەن تورغا چىققۇچى ئۈسكىنىگە بېسىم چۈشۈرمەيدۇ.





















تورغا چىقىش ئۈسكىنىسىدىكى ھىسابلاش بولسا تور مەشغۇلات سىستېمىسىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئىكراندا كۆرسىتىشكە كەتكەن ۋە تور ئۇزىتىشقا كەتكەن ھىسابلاشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا تور مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ سىزگە بولغان تەلىپى يۇقىرىراق بولغان كۆرسىتىش كارتىسى ۋە ئۇزىتىش سۈرئىتى تىز بولغان تور كارتىسى ھەم يۇقىرى تور سۈرئەت بولىدۇ.(بېسىم UCP غا ئەمەس GPU غا بەكرەك چۈشىدۇ)









دىمەكچى بىزنىڭ ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى قاتتىق دىتال ۋە تور سۈرئىتىگە بولغان تەلەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ، بىر قىسمىنى تور مەشغۇلات سىستېمىسى تەمىنلىگەن ئورۇننىڭ كومپيۇتېرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىر قىسمىنى بىزنىڭ تورغا چىقىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئۈسكىنىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ.









تور مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى دىتاللارغا كەلسەك ئۇلار بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان دىتاللارنىڭ تور نۇسخسى بولۇپ بۇنىڭغا "تور QQ "، "تور Photoshp"... دىگەندەك دىتاللارنى ئوخشىتىش مومكىن.









تور مەشغۇلات سىستېمىسىنڭ ئىجرا ۋاستىسى نىمە بولىدۇ؟









ئۇ بىر تور كۆرگۈ بولىدۇ، تور كۆرگۈ بولسىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىڭىزغا كىرەلەيسىز.









ئۇنداقتا بىز بۇيەردە ئاتاپ كىلۋاتقان تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ توربەتلەر بىلەن نىمە پەرقى بار ئۇ بىر تور قوللىنىلىشچان پىروگراممىسمۇ ياكى راستىنلا بىر مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ؟









بۇ ناھايىتى ۋەزىنى بار سۇئال، بۇنى مەشغۇلات سىستېمىسى دىمەيلى دىسەك بۇنىڭ ئۈستىدە ئىجرا بولىدىغان ئۆزىگە خاس پىروگرامملىرى بار، ئەمەسمىكى دىسەك توربەت زىيارەت قىلغانغا ئوخشاش زىيارەت قىلىپ كۆرىدىكەنمىز، شۇ كۆرۈنمە يۈزى بەلكىم بىز ھازىر كۆرۈپ كۆنگەن تور بەتلەردىن پەرىق قىلىشى مومكىن، ئەمسە بۇنى زادى نىمە دەيمىز؟ بۇنى تورداشلار ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزى تەبى ھالدا خۇلاسىلىۋالىدۇ.









بەزى ماترىياللاردا Web OS نى 3.0 Web بىلەن تەڭ ئورۇندا ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىسىز، بۇنداق بولغاندا سىز Web OS نى 2.0 Web نىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى دەپ چۈشىنىسىز، شۇنداق بىز 2.0 Web دەۋرىدە تۇرىۋاتىمىز، بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات 3.0 Webقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ، Web OS قا قاراپ ماڭىدۇ دىگەن گەپ.









بىزنىڭ ھازىرقى ئۇچۇر ساقلاش شەكلىمىز ھۆججەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاش شەكلى بولۇپ ئەگەر بۇ ھۆججەت، بوشلۇقتىكى بىر ئورۇندا بولسا مەڭگۈ ئۆچمىسە، سۈرئەت تىز بولسا بىز ئۇنىڭ ئادىرىسىنى كۆچۈرۋالساقلا كۇپايە بولىدۇ، بىكاردىن بىكار بوشلۇق ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق.(مەسىلەن يۇتۇبېدىكى سىن سۆججەتلەر)





















بۇ ھازىرقى دەۋىردىكى "ھەمبەھىرلەش"كە ئوخشايدۇ، دوستىڭىزغا بىر كىنونى ئېۋەتىپ بەرگندىن كۆرە ئاشۇ كىنونىڭ ئادىرىسىنى ئېۋەتىپ بەرگىنىڭىز ياخشىراق بولغىنىغا ئوخشاش.









شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ Web OS نىڭ نورمال يۈرشىنىڭ ئاڭ ئالدىنقى شەرتى يىتەرلىك تور سۈرئىتىنىڭ بولىشى، مۇشۇ شەرتنىڭ بۇلىشى بىزنىڭ ھۆججەت يوللىشىمىزنىڭ ئەمەس ئادىرىس يوللىشىمىزنىڭ كۇپايە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.









ھازىر تور مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەپ چىقارغان ئورۇنلاردىن بىزنىڭ بىلدىغىنىمىز بەلكىم تېڭشۇن شىركىتىلا بولىشى مومكىن، لىكىن خەلىقئارادا بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان ۋە مەھسۇلات يارتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس مەسىلەن: گوگېلنىڭ chrome os ، HP نىڭ Palm قاتارلىقلار، يەنە تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىكى بىر قاتار سىستېمىلارمۇ بار.









http://www.blueidea.com/news/soft/2008/5545_3.asp





















بۇ تورمەشغۇلات سىستېمىسى كىيىنكى بىر دەۋىردىكى تور تېخنىكىسنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر بىزنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىمىز ئاشۇ دەۋىرگە قەدەم قويسا بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ تورىدىكى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىغا بولغان قوللاشلىرى، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىشلىرى قانداق بولىدۇ؟ مەيلى بىز قايسى تور مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىلى ئۇنىڭغا كۆزقۇلاق بولۇپ تۇرمىساق بولمايدۇ. تېڭشۇن ياسىغان تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىزگە قانچىلىك نەپ ئېلىپ كىلدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لىكىن گوگېل ۋە HPقاتارلىق چوڭ شىركەتلەر ياسىغان تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كومپيۇتېر ئىشلىرىمىزغا قانچىلىك تەسىر بىردىغانلىقىنى ھس قىلالايمەن.





















چۈنكى گوگېل ئوتتۇرغا چىقارغان مۇلازىمەتلەر ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن :ئېلخەت، ھۆججەت، خەۋەر، سىن ... قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى.









ئەگەر بۇ مۇلازىمەتلەر تور مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلىتىلسە ۋە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تېلېفۇن نۇسخسىدا قوللىنىلسا كىشلەرنىڭ گوگېلنىڭ مۇلازىمىتىگە بولغان بېقىنىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.









يازمىنىڭ بېشىدا قاتتىق دېسكىنىڭ تورغا تەڭداش ئىكەنلىكىنى تىلغان ئالغان ئەمدى ئۇنى تۈۋەندىكىدەك ئۆزگەرتەي.









"تور"="قاتتىق دېسكا"="بۇلۇت"









بىز ئۇچۇرىمىزنىڭ قايسى كومپيۇتېردا ساقلانغانلىقىنى قانداق ساقلانغانلىقىنى بىلمەيمىز پەقەت ئاشۇ تور مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىقلا بىز ئۆزىمزنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئىگە بولالايمىز.









ئەگەر باشقا بىر ئورۇندا ئۇچۇرلىرىمىزغا ئىگە بولماقچى بولساق مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى ئورۇن تەمىنلىگەن "ئېچىش ئېغىزى" دىن پايدىنىلىپ ئىرىشەلەيمىز.









ئەگەر بىز بۇ "تور"دىكى"قاتتىق دېسكا" نىڭ ھەقىقى "بۇلۇت" ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماقچى بولساق گوگېلنىڭ ئاندرويىد تېلېفۇنىنى ئىشلىتىپ باقساق بولىدۇ.









تېلېفۇننىڭ تېلېفۇن خاتىرىسى، تېلېفۇن دەپتەر ئۇچۇرى، Gtalkتىكى پاراڭ خاتىرىسى، ھۆججەت يوللاش خاتىرىسى، يوللانغان ھۆججەتلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توردىكى ئاشۇ قاتتىق دېسكىدا ساقلىنىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى مەن كۆرەلمەيمەن، قايسى ئورۇندا ساقلانغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن، پەقەت تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىجرا ۋاستىسى بولغان تېلېفۇندا ۋە تور كۆرگۈچتە كۆرەلەيمەن،(ماقالىنىڭ بېشىدا تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىجرا ۋاسىسى تور كۆرگۈ دىيىلگەن، ئەمدى تېلېفۇنمۇ قېتىلىپ قالدىغۇ دىيىشىڭىز مومكىن، چۈنكى تېلېفۇن سىستېمىسى تورمەشغۇلات سىستېما مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى بولغان گوگېلنىڭ قالدۇرغان ئېچىش ئېغىزىنى ئىشلىتىپ ياسالغان، دىمەكچى ئاندرويىد بولسا chrome osنىڭ بىر ۋارىيانتى) ئۆزگەرتەلەيمەن ۋە ئۆچۈرەلەيمەن.









ماقالىدە مانا ئەمدى "ئېچىش ئېغىزى" نىڭ گەپلىرى چىققىلى تۇردى، بۇ نىمە گەپ؟





















دىتال ئاچقۇچى شىركەتلەر ئۆز مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ۋە كىشىلەرگە قولايلىق يارتىش ئۈچۈن ئۈچۈنچى تەرەپكە ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىگەن، ئۈچۈنچى بىر تەرەپ بۇ ئېغىزلاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسان قىلالايدۇ، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز پىروگراممىسىدا ئىشلىتەلەيدۇ، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ مەلۇم بىر قوللىنىلىشچان دىتالىنىڭ باشقا بىر سەھنىدىكى قوللانما دىتالىنى ياساپ چىقالايدۇ.









مەسىلەن: ئەگەر بىلىك تورى بىزگە بىز لازىملىق بولغان ئېچىش ئېغىزلىرىنى تەمىنلەپ بەرسە بىز بىلىك تورىنىڭ ئاندرويىد نۇسخسىنى(مەن بىلوگىمدە ئېلان قىلغان ۋوردپرېسنىڭ ئاندرويىد نۇسخسىغا ئوخشاپ كىتىدۇ) ۋە كومپيۇتېردىكى ۋىندوۋس نۇسخىسىنى ئۇبۇنتۇ نۇسخىسىنى ...دىگەندەك يەنە تورمەشغۇلات سىستېمىسى نۇسخىسىنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ. بىز بىلىكنىڭ ماقالىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن چۇقۇم بىلىك تورىغا كىرىشىمىز بىھاجەت بوپ قالىدۇ، بۇنداقتا ئىنتايىن قۇلايلىق ئەمەسمۇ؟









تور بەت پىروگراممىسىنى تۈزۈش كىشىلەرگە ھەمكارلىشىدىغان ئېغىز قويۇپ مېڭىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، web2.0تەرەققى قىلىپ web3.0 گە مېڭىۋاتىدۇ، web3.0تېخنىكىسىنى قوللىنىلىۋاتقان بۇ web os نىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغانسىرى "ئېچىش ئېغىزى" دىگەن بۇ نەرسىنىڭ قانچلىق ئىشلىتىلىشچانلىقى بارلىقىنى ۋە مۇھىملىقىنى ھىس قىلىمىز.





















بىز تور مەشغۇلات سىستېمىسى دىگەن بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ "بۇلۇت" دىگەن بىر يەرنى ساقلاش ئورنى قىلدىغانلىقىنى ئابونىتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە "ئېچىش ئېغىزى" دىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر يوللايدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.









ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىزنىڭ ئۈچۈنجى تەرەپ ئېچىشقا بولغان چۈشەنچىمىز ۋە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قىلغان ئىشلىرىمىز يوق دىيەرلىك، ئەگەر ئاشۇ ئۇچۇرلارنى "بۇلۇت" تا ساقلاپ مەشغۇلاتنى " chrome os"تا ياكى "ئاندرويىد"تا قىلدىغان پەيىت يىتىپ كەلسە بىز نىمە ئىشمۇ قىلالايمىز؟









بىزدە يۇمشاق دىتال ئېچىش جەھەتتە تېخى بالا، تور مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇياقتا تۇرسۇن بىرەر چوڭ تىپتىكى دىتالنىمۇ ئېچىپ باقمىدۇق، كىرگۈزگۈچ بىلەن لۇغەتتىن ئاتلاپ باقمىدۇق، ئۇيغۇرچە ئۆزىمىزنىڭ تور مەدەنىيىتىگە ماس بولغان، بىر تور مەشغۇلات سىستېمىسى ياساپ بولالىشىمىز ناتايىن، لىكىن بىز خەقنىڭ ياسىغىنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ تور مەدەنىيتىگە خاس قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقساق بولىدۇ، بىزدە تېڭشۈندەك دوراپ بولسىمۇ بىرەر نەرسە ياسىيالايدىغان شىركەتلەر، ياسىغان نەرسىگە چۇشلۇق قوللاپ بىردىغان بازار يوق بولىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتلەردە يېڭىدىن مەيدانغا كىلىۋاتقان تور مەشغۇلات سىستېمىسىدەك مەھسۇلاتلارغا كۆز قۇلاق بولۇپ تۇرۇپ ئۆزىمىزگە بىر كىشىلىك ئورۇن تەييارلاشمۇ ناھايىتى مۇھىم.









بىز يېزىقىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى كۆچمە ئۈسكىنلەردە نورمال كۆرىنىدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغانلىقىغا قاراپ تۇرۋالماي(بۇلار چۇقۇم ھەل بولىدۇ، بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىڭ)، ئاشۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان خەلقىمىز ئىھتىياجلىق بولىدىغان مۇلازىمەتلەرنى قانداق بەرپا قىلىشنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ قايسى "ئېچىش ئېغىزى" لىرىدىن پايدىلىنىشنى تەتقىق قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن، كونىلار سۇ كەلگۈچە تۇغان سال دەپ بىكارغا ئېيتمىغان، مەن ئالدىنقى يازمىللىرىمدا "بۇلۇت ئىنقىلابى" دەپ بىر نەرسىنى ئوتتۇرغا قويغان، بۇلۇت ئىنقىلابىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بۇ يازما ئارقىلىق ئازراق ھىس قىلالىشىڭىز مومكىن.









بۇ ئىنقىلاپ "بۇلۇت" تا ئۇچۇر ساقلاپ كۆچمە ئۈسكىنىلەردىن (شۇلاردىكى web osدىن)پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئالماشتۇردىغان جەرياندىكى بارلىق تېخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېخنىكىلار بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ھۇشيار تۇرمىساق بىزنىڭ نەچچە يىلنىڭ ياغى ياراتقان تور مەدەنىيتىمىزنى بىر تىيىنغا يارغۇسىز قىلىۋىتىدۇ.









(ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان تور مەشغۇلات سىستېمىسى، بۇلۇت ئۇقۇمى، ئېچىش ئېغىزى دىگەندەك ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى، دائىرىسى، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلىرى مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن خېلى كەڭ دائىرىدىكى بىلىملەر بولۇپ، مەن پەقەت ئۆزۈم ھىس قىلغان تەرەپلەرنىلا سۆزلىدىم، سۆزلىگەنلىرىمگە ئاددىي ھالدىكى بىلىم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش كۇپايە، رەسمىي ماترىيال قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ).




0 ئىنكاس:

发表评论